چىڭگىزخان
بۈيۈك مۇڭغۇل ئۇلۇسىنىڭ قۇرغۇچىسى چىڭگىزخان تەخمىنەن 1162-يىلى تۇغۇلغان. ئاتىسى ئۇنىڭغا تېمۇچىن دەپ ئىسىم قويغان؛ بۇ مەغلۇپ بولغان بىر قەبىلە باشلىقىنىڭ ئىسمى ئىدى. تېمۇچىن توققۇز ياشقا كىرگەندە ئۇنىڭ ئاتىسى دۈشمەنلىرى تەرىپىدىن زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ئائىلە كىشىلىرى يېتىم-يېسىرلىق ۋە خېيىم-خەتەر ئىچىدە كۈن كەچۈرىدۇ.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
چىڭگىزخانبۈيۈك مۇڭغۇل ئۇلۇسىنىڭ قۇرغۇچىسى چىڭگىزخان تەخمىنەن 1162-يىلى تۇغۇلغان. ئاتىسى ئۇنىڭغا تېمۇچىن دەپ ئىسىم قويغان؛ بۇ مەغلۇپ بولغان بىر قەبىلە باشلىقىنىڭ ئىسمى ئىدى. تېمۇچىن توققۇز ياشقا كىرگەندە ئۇنىڭ ئاتىسى دۈشمەنلىرى تەرىپىدىن زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ئائىلە كىشىلىرى يېتىم-يېسىرلىق ۋە خېيىم-خەتەر ئىچىدە كۈن كەچۈرىدۇ.
تېمۇچىننىڭ دەسلەپكى ئەھۋالى ئانچە ياخشى ئەمەس ئىدى. ياش ۋاقتىدا بىر دۈشمەن قەبىلىگە ئەسىرگە چۈشۈپ قالىدۇ، قېچىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن كىشىلەر ئۇنىڭ بوينىغا تاۋاق سېلىپ قويىدۇ. مانا مۇشۇنداق جاپالىق ئەھۋال ئاستىدا، بۇ قەيسەر قاراتۈرۈك پادىچى ئاخىرى قەد كۆتۈرۈپ، دۇنيادا ئەڭ قۇدرەتلىك شەخس بولۇپ يېتىشىپ چىققانىدى.
ئەسىرلىكتىن قۇتۇلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ كۈنى ياخشىلىنىشقا باشلىدى. ئۇ دادىسىنىڭ بىر دوستى، يەنە بىر قەبىلىنىڭ ئاقساقىلى تەيجى ئېرىل بىلەن بىرلەشتى. ئۇ نەچچە يىللىق قەبىلىلەر ئۇرۇشىنى بېشىدىن كەچۈرۈپ، ئاخىرى قانداق قىلغاندا يۇقىرى ئۆرلىگىلى بولىدىغانلىقىنى بىلىپ يەتتى.
چىڭگىزخانموڭغۇللار ئاتلىق ئۇرۇش قىلىشقا ماھىر كېلىدۇ. تارىختا ئۇلار كۆپ قېتىم ئەسكەر چىقىرىپ، جۇڭگونىڭ شىمالىي چېگرىسىغا ھۇجۇم قىلغان. تېمۇچىندىن بۇرۇن، ئۇلار دائىم ئۆزئارا ئۇرۇش قىلاتتى، ھەربىي ۋە سىياسىي توقۇنۇشلار ئۈزۈلمەيتتى. تېمۇچىن ئاخىرى ئۇلارنى ئۆزىنىڭ بايرىقى ئاستىغا ئىتتىپاقلاشتۇردى. 1206-يىلى موڭغۇل ئاقسۆڭەكلىرى ۋە سەركەردىلىرى قۇرۇلتاي ئۆتكۈزۈپ، تېمۇچىنغا «دۇنيا ئىمپېراتۇرى» دېگەن مەنىدە «چىڭگىزخان» دەپ نام بەردى.
چىڭگىزخان ئۇرۇش تىغىنى سىرتقا قارىتىپ، خوشنا ئەللەرگە تاجاۋۇز قىلىشقا باشلىدى. ئالدى بىلەن ئۇ جۇڭگونىڭ غەربىي شىمالىدىكى تاڭغىتلار بىلەن جۇڭگونىڭ شىمالىدىكى جىن خانلىقىغا تاجاۋۇز قىلدى. مۇشۇ ئۇرۇشلار بولۇۋاتقان مەزگىلدە، چىڭگىزخان بىلەن ئىران(پارس) ۋە ئوتتۇرا ئاسىياغا ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان خارەزىم شاھى ئالاۋۇددىن مۇھەممەد ئوتتۇرىسىدا ئىختىلاپ يۈز بەردى. 1219-يىلى چىڭگىزخان قوشۇن تارتىپ، خارەزىمنى مۇنقەرز قىلدى؛ شۇنىڭ بىلەن بىرۋاقىتتا، موڭغۇللارنىڭ يەنە بىر قوشۇنى روسىيىگە ھۇجۇم قىلدى. چىڭگىزخان ئۆزى قوشۇن تارتىپ، ئاۋغانىستان ۋە ھىندىستاننىڭ شىمالىي قىسمىغا باستۇرۇپ كىردى. 1225-يىلى، چىڭگىزخان موڭغۇلىيىگە قايتىپ كەلدى. 1227-يىلى ۋاپات بولدى.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.