فېڭ زىسەي

جۇڭگو-فرانسىيە ئۇرۇشى دا، دۈشمەننى يۈرەكزادە قىلىپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ جاسارىتىنى نامايان قىلغان بىر پېشقەدەم سەركەردە بار، ئۇ دەل ۋەتەنپەرۋەر قەھرىمان فېڭ زىسەي (1818-1903-يىللار) دۇر. 

ئۇيغۇرچە ئىسمى فېڭ زىسەي
خەنزۇچە ئىسمى 冯子材
باشقا نامى 冯宫保
مىللىتى خەنزۇ
تۇغۇلغان ۋاقتى 1818-يىل 7-ئاينىڭ 29-كۈنى
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1903-يىل 9-ئاينىڭ 18-كۈنى
ياشىغان زامان جۇڭگو (چىڭ سۇلالىسى)

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

فېڭ زىسەي چىنجۇ (ھازىر گۇاڭشىغا تەۋە) دىكى نامرات ئائىلىدە تۇغۇلغان. ياش ۋاقتىدا تيەندىخۇي قوزغىلىڭىغا قاتناشقان. 1862-يىلى، گۇاڭشىنىڭ ياساۋۇل بەگلىكىگە تەيىنلەنگەن. ئۇ قورال كۈچى ئارقىلىق چەت ئەللەرنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى تۇرۇشنى ئىزچىل تەشەببۇس قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن چىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ چەت ئەللەرگە قارىتا تەسلىمچىلىك سىياسىتىنى يولغا قويۇشى ئارقىسىدا، ئۇ ئارمانغا تۇشلۇق دەرمان يوق ھالەتكە چۈشۈپ قالغان، يەنە كېلىپ، ئۇ ئەمەلدارلار سورۇنىدىكى چىرىكلىك، بۇزۇقچىلىقلارغا تاقەت قىلىپ تۇرالمىغان، شۇنىڭ بىلەن، 1882-يىلى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىپ يۇرتىغا قايتىپ كەتكەن.

 1884-يىلى جۇڭگو-فرانسىيە ئۇرۇشى پارتلىغاندا، چىڭ ھۆكۈمىتى ئۇنى تەكلىپ قىلىپ ئەكېلىپ ئۇرۇشقا قاتناشتۇرغان. ئۇ گۇاڭشى ئارمىيەسىنىڭ ياردەمچى نازارەتچى ئامباللىقىغا تەيىنلەنگەندىن كېيىن، ئۆزىدىكى كېسەللەر ۋە ياشىنىپ قالغىنىغا قارىماي، فرانسىيە ئارمىيەسىگە قارشى ئۇرۇشنىڭ ئالدىنقى سېپى − جۇڭگو بىلەن ۋيېتنامنىڭ گۇاڭشىدىكى چېگرىسى بولغان جېننەنگۇەن (ھازىرقى يۇيىگۇن) گە باتۇرلۇق بىلەن ئاتلىنىپ جەڭ قىلغان ھەمدە ئالدىنقى سەپنىڭ سەركەردىلىكىگە تەيىنلەنگەن. ئۇ ھەرقايسى قىسىملارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئۇرۇشقا پائال تەييارلىق قىلىپ، ئۆتكەل ئىچىگە زەمبىرەك سۇپىلىرىنى ياساتقان، سېپىل سوقتۇرغان، خەندەك كولاتقان. 1885-يىل 3-ئاينىڭ 23-كۈنى، فرانسىيە ئارمىيەسى جېننەنگۇەنگە شىددەت بىلەن ھۇجۇم قوزغىغان، بەزى دۈشمەن ئەسكەرلىرى سېپىلغا يامىشىپ چىقىشقا باشلىغان، دۇڭلىڭدىكى ئۈچ زەمبىرەك سۇپىسى قولدىن كېتىپ، ۋەزىيەت ئىنتايىن جىددىيلەشكەن. مۇشۇنداق ئەھۋالدا، فېڭ زىسەي قاتتىق نەرە تارتقىنىچە خەندەكتىن سەكرەپ چىقىپ، قىلىچىنى ئويناتقىنىچە دۈشمەن ئەسكەرلىرىگە قاراپ ئېتىلغان. قول ئاستىدىكىلىرىمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ھۇجۇمغا ئاتلىنىپ، دۈشمەن بىلەن قۇچاقلاشما جەڭ قىلىپ، دۈشمەن قوشۇنىنى چېكىندۈرگەن. 3-ئاينىڭ 25-كۈنى، فېڭ زىسەي ئومۇميۈزلۈك ھۇجۇمغا ئۆتۈش بۇيرۇقى چۈشۈرۈپ، قوشۇننى باشلاپ فرانسىيە ئارمىيەسىگە كۈچلۈك ھۇجۇم قوزغاپ، ئۇلارنى تىرىپىرەن قىلىۋەتكەن، فرانسىيە ئارمىيەسى 1000 دىن ئارتۇق جەسەتنى تاشلاپ لياڭشەن تەرەپكە قاچقان. فېڭ زىسەي غەلىبە پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ دۈشمەنگە قوغلاپ زەربە بېرىپ، لياڭشەن قاتارلىق مۇھىم بازىلارنى قايتۇرۇۋېلىپ، زور نۇسرەت قازىنىپ، ۋەزىيەتتە تۈپ بۇرۇلۇش ھاسىل قىلغان. مانا بۇ مەشھۇر جېننەنگۇەن-لياڭشەن زور غەلىبىسىدۇر. لېكىن، يۇمشاق باش چىڭ ھۆكۈمىتى فرانسىيە ئارمىيەسى بىلەن مۇرەسسەلىشىشنى تەلەپ قىلىپ، فېڭ زىسەينىڭ ۋيېتنامدىن قايتىپ كېلىشى ھەققىدە كەسكىن بۇيرۇق چۈشۈرگەن. ئۇ چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىگە كۆپ قېتىم تېلېگرامما يوللاپ مۇرەسسە قىلغۇچىلارنىڭ كاللىسىنى ئېلىشنى تەلەپ قىلىپ، جەڭنى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ چىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق ئەيىبلىشى ئارقىسىدا، زار-زار يىغلىغىنىچە قوشۇننى چېكىندۈرۈپ قايتىپ كېلىشكە مەجبۇر بولغان. 

ئۇ ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، يۈننەننىڭ ياساۋۇل بېگى، گۈيجۇنىڭ ياساۋۇل بېگى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن، 1903-يىلى 86 يېشىدا ھەربىي لاگېردا قازا قىلغان.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#