يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ھادىسىسىنى بىر تەرەپ قىلىش چارىسى

يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ھادىسىسىنى بىر تەرەپ قىلىش چارىسى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى نىڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ھادىسىسىنى بىر تەرەپ قىلىش چارىسى 2000-يىلى 7-ئاينىڭ 6-كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق 9-نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتى دائىمىي كېڭىشىنىڭ 11-يىغىنىدا ماقۇللانغان.  2000-يىلى 8-ئاينىڭ 24-كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 95-نومۇرلۇق پەرمانى ئارقىلىق ئېلان قىلىنىپ، 2000-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان.

ئۇيغۇرچە نامى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ھادىسىسىنى بىر تەرەپ قىلىش چارىسى
ماقۇللانغان ۋاقتى 2000-يىلى 7-ئاينىڭ 6-كۈنى
يولغا قويۇلغان ۋاقتى 2000-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى
خەنزۇچە نامى 新疆维吾尔自治区农业机械事故处理办法
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى 2000-يىلى 8-ئاينىڭ 24-كۈنى
ھۆججەت ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 95-نومۇرلۇق پەرمانى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

1-باب   ئومۇمىي پىرىنسىپ

1-ماددا  بۇ چارە يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ھادىسىسىنى ئادىل، توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، ئالاقىدارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش مەقسىتىدە، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش نىزامى»غا ئاساسەن تۈزۈپ چىقىلدى.  

2-ماددا  بۇ چارە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەمۇرىي رايونى تەۋەسىدە يۈز بەرگەن يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ھادىسىسىنى بىر تەرەپ قىلشقا تەتبىقلىنىدۇ.  

3-ماددا  يېزا دەرىجىلىكتىن تۆۋەن تاشيول (يېزا تاشيولىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) ۋە يېزىلاردىكى باشقا مەشغۇلات سورۇنلىرىدا يۈز بەرگەن يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ھادىسىسىنى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى قارمىقىدىكى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى بىخەتەرلىكى نازارەتچىلىك ئاپپاراتى (تۆۋەندە يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى نازارەتچىلىك ئاپپاراتى دېيىلىدۇ) بىر تەرەپ قىلىدۇ.  

يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى يولدا كېتىۋاتقاندا يۈز بەرگەن  قاتناش ھادىسىلىرىنى ج خ ئورگىنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىدۇ.  

يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى تۆمۈر يول ئېغىزىدا پويىزغا سوقۇلۇپ كېتىپ يۈز بەرگەن ھادىسە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلمىسى بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.  

4-ماددا  يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى نازارەتچىلىك ئاپپاراتى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ھادىسىسىنى بىر تەرەپ قىلىشتا، پاكىتقا ئاساسلىنىپ، جاۋابكارلىقنى ئېنىق ئايرىپ، خاراكتېرىنى توغرا بېكىتىپ، ئادىل بىر تەرەپ قىلىشى لازىم.  

2-باب  نەق مەيداندا بىر تەرەپ قىلىش

5-ماددا  يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ھادىسىسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، شوپۇر ۋە مەشغۇلات قىلغۇچى ماشىنىنى دەرھال توختىتىپ، نەق مەيداننى قوغدىشى، يارىلانغانلار ۋە مال-مۈلۈكنى قۇتقۇۇۋېلىشى (يۆتكەش زۆرۈر بولسا، بەلگە قويۇپ قويۇشى) ھەمدە شۇ جايدىكى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى نازارەتچىلىك ئاپپاراتىغا ۋاقتىدا مەلۇم قىلىشى لازىم.  

6-ماددا  يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى نازارەتچىلىك ئاپپاراتى دېلونى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، نەق مەيدانغا دەرھال ئادەم ئەۋەتىپ، يارىلانغانلار ۋە مال-مۈلۈكنى قۇتقۇزۇۋېلىشى، نەق مەيداننى تەكشۈرۈپ، دەلىل-ئىسپات توپلىشى ھەمدە تەدبىر قوللىنىپ، نورمال ئىشلەپچىقىرىش تەرتىپىنى تېزرەك ئەسلىگە كەلتۈرۈشى لازىم.

7-ماددا  ئالاقىدار يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى نازارەتچىلىك ئاپپاراتىغا يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ھادىسىسىنىڭ جەريانىنى ئەينەن بايان قىلىشى لازىم، ئەھۋالنى بىلىدىغان باشقا كىشىلەرنىڭمۇ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى نازارەتچىلىك ئاپپاراتىغا مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى ئېيتىپ بېرىش مەجبۇرىيىتى بار.  

8-ماددا  يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى نازارەتچىلىك ئاپپاراتى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ھادىسىسىگە مۇناسىۋەتلىك ماشىنا، سايمان، بۇيۇم، جەسەت، نەق مەيدان ئەھۋالى، ئالاقىدارنىڭ فىزىئولوگىيىلىك ئەھۋالى ۋە روھىي ھالىتىدىن تەكشۈرۈش ياكى باھالاشقا تېگىشلىكلىرىنى تەكشۈرۈش ياكى باھالاشقا كەسپىي خادىم ئەۋەتىدۇ ياكى كەسپىي بىلىمى بار خادىملارنى تەكلىپ قىلىدۇ.  تەكشۈرۈش ياكى باھالاشتىن يازما خۇلاسە چىقىرىلىدۇ.  

9-ماددا  يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ھادىسىسىدە يارىلانغانلارنى دوختۇرخانىدا داۋالاپ قۇتقۇزۇشقا توغرا كەلسە، داۋالاش پۇلىنى شوپۇر، مەشغۇلات قىلغۇچى ۋە ئۇلارنىڭ ئورنى ياكى يېزا ئىگىلىك ماشىنىسى ئىگىدارى ئالدىن تۆلەپ تۇرىدۇ، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى نازارەتچىلىك ئاپپاراتى بېكىتكەن بىر تەرەپ ياكى بىر قانچە تەرەپ تۆلەپ تۇرسىمۇ بولىدۇ، دېلو ئاياغلاشقاندىن كېيىن، تېگىشلىك خىراجەتنى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ھادىسىسى جاۋابكارلىقى بويىچە ئۈستىگە ئالىدۇ.  

10-ماددا  يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ھادىسىسىدە قازا قىلغۇچىلارنىڭ جەسىتى تەكشۈرۈلگەندىن كېيىن، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى نازارەتچىلىك ئاپپاراتى قازا قىلغۇچىنىڭ ئائىلە تەۋەسىگە ۋاقىتىدا ئۇقتۇرۇش قىلىشى؛ قازا قىلغۇچىنىڭ ئائىلە تەۋەسى دەپنە ئىشلىرىنى 10كۈندە تۈگىتىشى كېرەك. 

3-باب  ھادىسىنىڭ تۈرگە ئايرىلىشى ۋە ھادىسە جاۋابكارلىقنىڭ بېكىتىلىشى

11-ماددا  يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ھادىسىسى تالاپەت دەرىجىسى ياكى مال-مۈلۈك زىيىنىنىڭ سوممىسىغا قاراپ، يېنىك ھادىسە، ئادەتتىكى ھادىسە، زور ھادىسە ۋە ئالاھىدە زور ھادىسە دەپ تۆت تۈرگە ئايرىلىدۇ: 

(1) يېنىك ھادىسە: 2-1 ئادەم يېنىك يارىلانغان ياكى بىۋاسىتە ئىقتىسادىي زىيان 500 يۈەندىن ئاز بولغانلىرى؛  

(2) ئادەتتىكى ھادىسە: 2-1 ئادەم ئېغىر يارىلانغان ياكى 10-3 ئادەم يېنىك يارىلانغان ۋە ياكى بىۋاسىتە ئىقتىسادىي زىيان 500 يۈەندىن يۇقىرى 5000 يۈەندىن تۆۋەن بولغانلىرى؛ 

(3) زور ھادىسە: 2-1 ئادەم ئۆلگەن ياكى 10-3 ئادەم ئېغىر يارىلانغان ۋە ياكى 10 دىن كۆپ ئادەم يېنىك يارىلانغان ۋە ياكى بىۋاسىتە ئىقتىسادىي زىيان 5000 يۈەندىن يۇقىرى 20 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن بولغانلىرى؛

(4) ئالاھىدە زور ھادىسە: 3 تىن كۆپ ئادەم ئۆلگەن ياكى 10 دىن كۆپ ئادەم ئېغىر يارىلانغان ۋە ياكى بىۋاسىتە ئىقتىسادىي زىيان 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى بولغانلىرى. 

12-ماددا  يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى نازارەتچىلىك ئاپپاراتى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ھادىسىسىنىڭ سەۋەبىنى ئېنىقلغاندىن كېيىن، ئالاقىدارنىڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ھادىسىسىدىكى جاۋابكارلىقىنى ئۇنىڭ قائىدىگە خىلاپ قىلمىشى بىلەن يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ھادىسىسى ئوتتۇرىسىدىكى سەۋەب-نەتىجە مۇناسىۋىتى ھەمدە قائىدىگە خىلاپ قىلمىشىنىڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ھادىسىسىدە ئوينىغان رولىغا ئاساسەن بېكىتىدۇ.  

13-ماددا  يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ھادىسىسى جاۋابكارلىقى تولۇق جاۋابكارلىق، ئاساسلىق جاۋابكارلىق، ئوخشاش جاۋابكارلىق، قوشۇمچە جاۋابكارلىق ۋە جاۋابكارلىقى يوق دەپ بەشكە بۆلۈنىدۇ: 

(1) ئالاقىدار بىر تەرەپ قائىدىگە خىلاپلىق قىلىپ، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ھادىسىسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا، قائىدىگە خىلاپ قىلمىشنى سادىر قىلغان تەرەپ تولۇق جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ، يەنە بىر تەرەپتە جاۋابكارلىق بولمايدۇ؛

(2) يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ھادىسىسىنى ئالاقىدار ئىككى تەرەپ قائىدىگە خىلاپلىق قىلىپ، تەڭ كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا، قائىدىگە خىلاپ قىلمىشى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ھادىسىسىدە چوڭراق رول ئوينىغان تەرەپ ئاساسلىق جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ، يەنە بىر تەرەپ قوشۇمچە جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ. قائىدىگە خىلاپ قىلمىشنىڭ رولى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ھادىسىسىدە تەڭ رول ئوينىغان بولسا، ئىككى تەرەپ ئوخشاش جاۋابكارلىقنى ئۈسىتىگە ئالىدۇ.

(3) ئۈچ تەرەپتىن ئارتۇق ئالاقىدارنىڭ قائىدىگە خىلاپ قىلمىشى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ھادىسىسىنى تەڭ پەيدا قىلغان بولسا، ئۇلار قائىدىگە خىلاپ قىلمىشنىڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ھادىسىسىدە  ئوينىغان رولىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى بويىچە جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ. 

14-ماددا يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ھادىسىسى  يۈز بەرگەندىن كېيىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، جاۋابكارلىق ئايرىم-ئايرىم بېكىتىلىدۇ:

(1) ئالاقىدارنىڭ نەق مەيداندىن قېچىپ كېتىشى، نەق مەيداننى بۇزۇۋېتىشى، ئويدۇرۇپ چىقىرىشى ياكى دەلىل-ئىسپاتلارنى يوقىتىۋېتىشى سەۋەبىدىن ھادىسە جاۋابكارلىقىنى بېكىتكىلى بولمىسا، شۇ ئالاقىدار تولۇق جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ 

(2) يېزا ئىگىلىك ماشىنىسىغا زورمۇ زور چىقىۋېلىش، ئېسىلىۋېلىش ۋە يۆلىنىۋېلىش سەۋەبىدىن يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ھادىسىسى كېلىپ چىققان بولسا، چىقىۋالغان، ئېسىلىۋالغان ۋە يۆلىنىۋالغان كىشى تولۇق جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ 

(3) شوپۇرلۇق، مەشغۇلاتچىلىقنى ئۆگەنگۈچىلەر تەربىيىچىنىڭ يېتەكچىلىكىدە قائىدىگە خىلاپ ھالدا يول يۈرۈپ ياكى مەشغۇلات قىلىپ، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ھادىسىسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا، تەربىيىچى ئاساسلىق ياكى تولۇق جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ 

(4) شوپۇر ۋە مەشغۇلاتچىنى قائىدىگە خىلاپلىق قىلىشقا مەجبۇرلاش سەۋەبىدىن يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ھادىسىسى كېلىپ چىققان بولسا، مەجبۇرلىغۇچى ئاساسلىق جاۋابكارلىقنى، شوپۇر ۋە مەشغۇلاتچى قوشۇمچە جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

15-ماددا  ئالاقىدار بىر تەرەپنىڭ دېلو مەلۇم قىلىش شارائىتى بار تۇرۇقلۇق دېلو مەلۇم قىلماسلىقى سەۋەبىدىن يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ھادىسىسى جاۋابكارلىقنى بېكىتكىلى بولمىسا، شۇ تەرەپ تولۇق جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ. ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ دېلو مەلۇم قىلىش شارائىتى بار تۇرۇقلۇق دېلو مەلۇم قىلماسلىقى سەۋەبىدىن يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ھادىسىسى جاۋابكارلىقىنى بېكىتكىلى بولمىسا، ئۇلار ئوخشاش جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ.  

16-ماددا  ئالاقىدار يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ھادىسىسىدىكى بېكىتىلگەن جاۋابكارلىققا قايىل بولمىسا، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ھادىسىسى جاۋابكارلىقى بېكىتمىسىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 15كۈن ئىچىدە بىر دەرىجىدە يۇقىرى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى نازارەتچىلىك ئاپپاراتىغا قايتا بېكىتىپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. بىر دەرىجە يۇقىرى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى نازارەتچىلىك ئاپپاراتى قايتا بېكىتىش ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە، ساقلاپ قېلىش، ئۆزگەرتىش ياكى بىكار قىلش قارارى چىقىرىدۇ.  

4-باب  مۇرەسسە ۋە تۆلەم

17-ماددا  يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى نازارەتچىلىك ئاپپاراتى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ھادىسىسى جاۋابكارلىقىنى بېكىتىپ، زىياننى ئېنىقلىغاندىن كېيىن، زىيانغا تۆلەم بېرىش ھەققىدە مۇرەسسە قىلىدۇ.

18-ماددا  يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ھادىسىسى جاۋابكارى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ھادىسىسىدىن بولغان زىياننى تۆلەش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ، دەمال تۆلەشكە قۇربى يەتمىسە، ئىشلەيدىغان ئورنى  ياكى يېزا ئىگىلىك ماشىنىسى ئىگىدارى تۆلەپ تۇرىدۇ.  يېزا ئىگىلىك  ماشىنىلىرى ھادىسىسى جاۋابكارىنىڭ ئىشلەيدىغان ئورنى ياكى يېزا ئىگىلىك ماشىنىسى ئىگىدارى تۆلەپ تۇرغان تۆلەم پۇلىنى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ھادىسىسى جاۋابكارىدىن تۆلىتىۋالسا بولىدۇ.

19-ماددا  زىيان تۆلىمىنى مۇرەسسە قىلىش مۇددىتى 30 كۈن بولىدۇ، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى نازارەتچىلىك ئاپپاراتى زۆرۈر دەپ قارىسا، 15 كۈن ئۇزارتىشقا بولىدۇ. يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ھادىسسىدە يارىلانغانلار بولسا، مۇرەسسە داۋالاش ئاخىرلاشقان ياكى مېيىپلىك بېكىتىلگەن كۈندىن ئېتىبارەن باشلىنىدۇ؛ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ھادىسسىدە قازا قىلغانلار بولسا، مۇرەسسە دەپنە كۈنى ئاياغلاشقان كۈنىدىن ئېتىبارەن باشلىنىدۇ؛  يېزا ئىگىلىك ماشىنىللىرى ھادىسسىدە مال-مۈلۈك زىيانغا ئۇچرىغان بولسا، مۇرەسسە زىيان بېكىتىلگەن كۈندىن ئېتبارەن باشلىنىدۇ.

20-ماددا  مۇرەسسسە ئارقىلىق كېلىشتۈرگىلى بولسا، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى نازارەتچىلىك ئاپپاراتى مۇرەسسەنامە تەييارلاپ، ئالاقىدار مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر ۋە مۇرەسسە خادىمى ئىمزا قويدۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك ماشنىلىرى نازارەتچىلىك ئاپپاراتىنىڭ تامغىسىنى باسقاندىن كېيىن، ئالاقىدارغا ۋە مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرگە يەتكۈزۈپ بېرىلىدۇ. 

مۇرەسسە مۇددىتى توشقاندىمۇ كېلىشتۈرگىلى بولمىسا، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى نازارەتچىلىك ئاپپاراتى مۇرەسسە تامامنامىسى چىقىرىدۇ. 

21-ماددا  مۇرەسسە قىلىپمۇ كېلىشتۈرگىلى بولمىسا ياكى مۇرەسسەنامە كۈچكە ئىگە بولغاندىن كېيىن بىرەر تەرەپ ئىجرا قىلمىسا، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى نازارەتچىلىك ئاپپاراتى قايتا مۇرەسسە قىلمايدۇ، ئالاقىدارلار خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ. 

22-ماددا  يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ھادىسىسىنىڭ زىيان تۆلىمى داۋالىنىش ھەققى، ئىشتىن قېلىش ھەققى، بالنىستا ياتقان مەزگىلدىكى تاماق يادەم پۇلى، كۈتۈش ھەققى، مېيىپلەنگۈچىنىڭ تۇرمۇش ياردەم پۇلى، مېيىپلەنگۈچىگە كېرەكلىك سايمان پۇلى، دەپنە پۇلى، ئۆلۈم-يېتىم تۆلىمى، بېقىلغۇچىنىڭ تۇرمۇش خىراجىتى، قاتناش پۇلى، ياتاق پۇلى ۋە بىۋاسىتە مۈلۈك زىينىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن زىيان تۆلىمى ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ بېكىتىلىدۇ، ھادىسە بىر تەرەپ قىلىنپ دېلو ئاخىرلاشقاندا، تۆلەم پۇلىنى ھادىسە جاۋابكارى مۆھلەت ئىچىدە بىر قېتىمدىلا بېرىپ بولىدۇ. 

زىيان تۆلىمىنىڭ كونكرېت ئۆلچىمىنى ئاپتونۇم رايونلۇق يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە بېكىتىپ ئېلان قىلىدۇ. 

23-ماددا  يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ھادىسىسىدە ئالاقىدار يارلىنىپ مېيىپ بولۇپ قالغان بولسا، داۋالاش ئاياغلاشقاندىن كېيىن 15 كۈن ئىچىدە دۆلەت بەلگىلىگەن مېيىپلىكنى باھالاش ئاپپاراتىغا بېرىپ مېيىپلىكنى باھالىتىدۇ. مېيىپلىكنى باھالاش ئاپپاراتىنىڭ باھالاش يەكۈنى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى نازارەتچىلىك ئاپپاراتىنىڭ زىيان تۆلىمىنى بېكىتىشتىكى ئاخىرقى ئاساسى بولىدۇ. 

24-ماددا  يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ھادىسسىدە بۇزۇلغان ماشىنا، سايمان، بۇيۇملار شۇ جايدا رېمونت قىلىش پىرىنسىپى بويىچە رېمونت قىلىنىدۇ، رېمونت قىلغىلى بولمىسا، باھاغا سۇندۇرۇپ تۆلىتىلىدۇ. چارۋىلار يارلىنىپ پايدىلىنىش قىممىتىنى يۇقاتسا ياكى ئۆلسە، باھاغا سۇندۇرۇپ تۆلىتىلىدۇ.

25-ماددا  يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ھادىسسى سەۋەبىدىن تالاپەت كۆرۈلسە ياكى مال-مۈلۈك زىيانغا ئۇچرىسا، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى نازارەتچىلىك ئاپپاراتى تەكشۈرۈپ، ئۇنىڭ قائىدىگە خىلاپ قىلمىشتىن پەيدا بولغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرەلمسە، ئالاقىدارلار زىياننى تۆلىتىش ماجراسى ھەققىدە خەلق سوت مەھكىمىسگە دەۋا قىلىدۇ. 

5-باب  قانۇن جاۋابكارلىقى

26-ماددا  بۇ چارىگە خىلاپلىق قىلغان يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ھادىسسى  جاۋابكارىغا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى نازارەتچىلىك ئاپپاراتى تۆۋەندىكىچە جازا بېرىدۇ:

(1) ئالاھىدە زور ھادىسە جاۋابكارى ياكى زور ھادىسىدە تولۇق جاۋابكارلىق، ئاساسلىق جاۋابكارلىق ياكى ئوخشاش جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالغۇچىلارغا 150 يۈەندىن يۇقىرى 200 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛

(2) زور ھادىسىدە قوشۇمچە جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالغۇچىلار ياكى ئادەتتىكى ھادىسىدە تولۇق جاۋابكارلىق، ئاساسلىق جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالغۇچىلارغا 50يۈەندىن يۇقىرى 150 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛

(3) ئادەتتىكى ھادىسىدە ئوخشاش جاۋابكارلىق، قوشۇمچە جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالغۇچىلار ياكى يېنىك ھادىسە جاۋابكارلىرىغا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلىدۇ ياكى 20يۈەندىن يۇقىرى 50 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ. 

27-ماددا  يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى نازارەتچىلىك ئاپپاراتى زور ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ھادىسسى جاۋابكارلىرىنىڭ شوپۇرلۇق كىنىشكىسى ياكى مەشغۇلات كىنىشكىسىنى بىكار قىلىۋەتسە بولىدۇ.

شوپۇرلۇق كىنىشكىسى، مەشغۇلات كىنىشكىسى بىكار قىلىۋېتىلگەنلەرنىڭ ئىككى يىلغىچە قايتا كىنىشكا ئېلىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ. 

28-ماددا  بۇ چارىگە خىلاپلىق قىلغان يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ھادىسسى جاۋابكارلىرىدىن ئامانلىق باشقۇرۇش بويىچە جازالاش نىزامىغا ئاساسەن جازا بېرىلدىغانلىرىغا ج خ ئورگىنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ ئامانلىق باشقۇرۇش بويىچە جازالاش نىزامى»غا ئاساسەن جازا بېرىدۇ. جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. 

6-باب  قوشۇمچە پىرىنسىپ

29-ماددا  بۇ چارە 2000-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. [0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#