قۇتقۇزۇش سۈنئىي ھەمراھ
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
قۇتقۇزۇش سۈنئىي ھەمراھىئۇزاقتىن بېرى، ۋەقەگە ئۇچرىغان ئايروپىلان ۋە پاراخوتلار رادېئو دولقۇنىدىن پايدىلىنىپ، خەلقئارادا ئورتاق ئىشلىتىلىدىغان قۇتقۇزۇش سىگنالى. ئەمما زامان، ماكان ۋە ئالاقىلىشىشتىكى توسالغۇ قاتارلىق ئامىللارنىڭ چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن، دائىملىك رادىئو ئالاقىلىشىشى بىلەن دېڭىزدا ۋە ئالەم بوشلۇقىدا ۋەقەگە ئۇچرىغاندا، قۇتقۇزۇش ياردىمىگە ئېرىشكلى بولمايدۇ.
قۇتقۇزۇش سۈنئىي ھەمراھى بۇ چەكلىمىلەرگە ئۇچرىمايدۇ. ئۇ يەر يۈزى بىلەن بولغان ئارىلىقى 850-1000 كىلومېتىرغىچە بولغان ئېلىپسىمان ئوربىتىدا ھەرىكەت قىلىدۇ، دىئامېتىرى 5000 كىلومېتر كېلىدىغان كەڭ رايوننىڭ ھەر قانداق ئورۇندىكى قۇتقۇزۇش ياردىمىگە چاقىرىش سىگنالىنى قوبۇل قىلالايدۇ. سۈنئىي ھەمراھنىڭ يەر شارىنى بىر قېتىم ئايلىنىپ چىقىشىغا پەقەت بىر سائەتلا ۋاقىت كېتىدۇ. شۇڭا پۈتكۈل يەر شارى يۈزىنى بىر قېتىم تېزلىكتە چارلاپ چىقالايدۇ.
قۇتقۇزۇش سۈنئىي ھەمراھ قۇتقۇزۇش خىزمىتى جەريانىئۇنداقتا قۇتقۇزۇش سۈنئىي ھەمراھى قانداق «خىزمەت» قىلىدۇ؟ ئايروپىلان، پاراخوتلار ۋەقەگە ئۇچرىغاندا، ۋەقەگە ئۇچرىغۇچىلار جىددىي قۇتقۇزۇش سىگنالىنى توختاتماستىن تارقىتىدۇ، ۋەقە يۈزبەرگەن ھاۋا بوشلۇقىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان سۈنئىي ھەمراھ سىگنالنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، سىگنالنى يەر يۈزىدىكى ئۇچۇر قوبۇل قىلىش پونكىتىغا تارقىتىدۇ. يەر يۈزىدىكى ئۇچۇر قوبۇل قىلىش پونكىتى قۇتقۇزۇش، ياردەم بېرىش قوماندانلىق قىلىش مەركىزىگە بۇ ئاخباراتنى ئەۋەتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن قۇتقۇزۇش، ياردەم بېرىش قوماندانلىق مەركىزى ۋەقە يۈز بەرگەن رايوندىكى قۇتقۇزۇش، ياردەم بېرىش تەشكىلاتىغا ئۇقتۇرۇش قىلىپ، قۇتقۇزۇشنى باشلايدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
بەيدۇ قامۇسى
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.