تەبىئىي گاز

تەبىئىي گاز دېگىنىمىز تەبىئەت دۇنياسىدا مەۋجۈد بولۇپ تۇرىۋاتقان بارلىق گاز جىسىملار، يەنى ئاتموسفىرا، گېدروسفىرا، لېتوسفىرا ئىچىدىكى ھەرخىل تەبئىي ھادىسىلەر جەريانىدا شەكىللەنگەن گاز جىسىم ، (نېفىتلىك گازى ،گاز مەيدانلىرى گازى ،لاي-لاتقىلىق يانار تاغ گازى، كۆمۈر قاتلىمى گازى ،جانلىقلادىن شەكىللەنگەن گاز قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ) 

ئۇيغۇرچە نامى تەبىئىي گاز
باھاسى 4.68 يۈەن
خەنزۇچە نامى 天然气

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

        تەبىئىي گاز يەرئاستىدىكى تاش قاتلاملىرىدا ساقلانغان گىدروكاربوننى ئاساس قىلغان ئارلاشما گازنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى، نىسبتى 0.65 ، ھاۋادىن يىنىك ، رەڭسىز ،پۇراقسىز ،زەھەرسىز گاز جىسىم .  تەبىئىي گازنىڭ ئاساسلىق تەركىبى ئالكان ،ئىچىدە مېتان كۆپ سالماقنى ئىگەللەيدۇ ،يەنە ئاز مىقداردىكى ئېتان ،پروپان ،بۇتان قاتارلىقلار بار ،ئۇنىڭدىن باشقا ئادەتتە گىدروسۇلفىد ،كاربون تۆت ئوكسىد ،ئازود ،سۇ گازى ،ئازئۇچرايسىغان گاز جسىملار يەنى گېلىي ئارگون قاتارلىقلار بار ،تەبىئىي گازنى ئەڭ ئاخىرقى يەتكۈزۈشتىن بۇرۇن ، تەكشۈرۈشكە پايدىسى بولسۇن ئۈچۈن ،تئو ئىسپىرىت ، تېتراخلوروتىئوفېن قاتارلىقلارنى ئىشلىتىپ تەبىئىي گازغا پۇراق قوشىمىز . 

       تەبىئىي گاز بولسا بىرقەدەر بىخەتەر بولغان يېقىلغۇ گازنىڭ بىرتۈرى ،ھاۋادىن يىنىك ،تارقاپ كەتسە يۇقىرىغا ئۆرلەيدۇ ،يىغىپ پارتىلىتىش خارەكتىرىدىكى گاز جىسىمنى  شەكىللەندۈرۈش تەس ،بىخەتەرلىكى بىرقەدەركۈچلۈك .تەبىئىي گازنى ئېنىرگىيە ئورنىدا ئىشلەتسەك ،كۆمۈر ۋە نېفىتنىڭ ئىشلىتىلىش مىقدارىنى ئازايتقىلى بولىدۇ ،ھەمدە مۇھىت بۇلغىنىش مەسىلىسىنى زور كۆلەمدەياخشىلىغىلى بولىدۇ ،تەبىئىي گاز بىر خىل پاكىز بولغان ئېنىرگىيە مەنبەسى ،گۈڭگۈرت ئوكسىدى ۋە چاڭ توزانلارنىڭ قويۇپ بېرىلىش مىقدارنى ئازايتىشى %100 كە يېقىنلاشتى،كاربون تۆت ئوكسىدىنىڭ قويۇپ بېرىلىش مىقدارىنى ئازايتىشى %60 كە يېقىنلاشتى،ھەمدە كېسلاتالىق يامغۇرنىڭ پەيدا بولۇشىنى ئازايتىدۇ ، ،تۈپ يىلتىزىدىن مۇھىت سۈپىتىنى ياخشىلايدۇ .

   تەبىئىي گازنى ماشىنىلارغا يېقىلغۇ قىلغىلى بولىدۇ ،بىرلىك ئىسسىقلىق قىممىتى يۇقىرى ،قويۇپ بېرىدىغان بۇلغىما ئاز ،باھاسى تۆۋەن بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ ، تەبى گازلىق ماشىنىلارنىڭ تەرەققىياتى ئەڭ تېز ،ئىشلىتىلىش مىقدارى ئەڭ كۆپ بولماقتا .

  ئىقتىسادى نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا تەبىئىي گازبىلەن ئادەم كۈچى ئارقىلىق پەيدا قىلغان كۆمۈر گازىنى سېلىشتۇرغاندا ،تەبىئىي گازپاكىز ،ئاشخانا سايمانلىرىنىڭ ئۆمرىنى ئۇزارتالايدۇ ،ھەمدە رېمونت ھەققى ئۈچۈنئىشلىتىدىغان چىقىمنى تۆۋەنلىتىدۇ ،شۇنداقلا تەمىنلىشى مۇقىم ، ھاۋا سۈپىتىنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ ،رايون ئىقتىسادىنى تەرەققى قىلدۇرۇشتىكى يېڭى ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچ بولالايدۇ .

    بىخەتەرلىك نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا تەبىئىي گاز زەھەرسىز ،ھاۋادىن يىنىك ،پارتلىتىش خارەكتىرىدىكى گازنى شەكىللىەندۈرۈش تەس،بىرقەدەر بىخەتەر بولغان يېقىلغۇ گازى .

      تەبىئىي گازنىڭ ھاۋا تەركىبىدىكى مىقدارى مەلۇم چەككە يەتكەندىن كېيىن ئادەمنى تۇنجۇقتۇرۇپ قويىدۇ، تەبىئىي گاز كاربون (2) ئوكسىدىغا ئوخشاش زەھەرلىك ئەمەس،ئەسلىدىنلا ئادەم بەدىنىگە زىيانسىز ،بىراق تەبىئىي گاز يۇقىرى قويۇقلۇقتا  تۇرغاندا ، ھاۋا تەركىبىدىكى ئوكسىگىن يېتەرلىك بولماي ئادەملەرنىڭ ئۆلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ،تەبىئىي گازنى ئادەملەرنىڭ نەپەسلىنىشى ئۈچۈن ئىشلىتىشكە بولمايدۇ ،يېلقىلغۇ قىلغاندا ، تەبىئىي گازمۇ پارتلاپ ئۆلۈم پەيدا قىلىشى مۇمكىن .

   تەبىئىي گاز گەرچە ھاۋادىن يىنىك ھەمدە ئاسان تارقىلىشچان بولسىمۇ ،ئۆي ئېتىك ئەھۋالدا ، مەلۇم بىر نىسبەتكە بارغاندا تېگىشكەن ھامان پارتىلاش يۈز بېرىدۇ.

        تەبىئىي گازنىڭ ئاساسلىق ئىشلىتىلىشى يېقىلغۇ قىلىش ،قۇرۇم ياساش ،خىېمىيۋى دورىلارنى ياساش ،سۇيۇقلاندۇرۇلغان نېفىت گازى قاتارلىقلار ،تەبىئىي گازدىن شەكىللەنگەن پروپان، بۇتان بولسا زامانىۋىي سانائەتنىڭ مۇھىم خام –ماتىريالى  سانائەت يېقىلغۇسى قىلىپ ئىشلىتىلىدۇ ، تەبىئىي گاز كۆمۈرنىڭ ئورنىدا سانائەتتە ئىسىتىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ ،تەبىئىي گاز ئارقىلىق توك چىقارغاندا ئېنىرگىيە قىسلىق  مەسىلىسىنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ ،مۇھىت بۇلغىنىشنى ئازايتقىلى بولىدۇ،ئىقتىسادى ئۈنۈم جەھەتتىن تەبى گاز ئارقىلىق توك چىقارغاندا قۇراشتۇرۇلغان سىغىمچانلىق ئۈچۈن كېتىدىغان مەبلەغ ئاز بولىدۇ ،تەننەرخ تۆۋەن ،قۇرۇلۇش ۋاقتىقىسقا بولىدۇ ،بىر قەدەر يۇقىرى بولغان رىقابە كۈچىگە ئىگە . 

 شەھەرلەردىكى يېقىلغۇ گاز ساھەسىدە ؛ بولۇپمۇ ئاھالىلىكلەرنىڭ تۇرمۇشىدىكى يېقىلغۇ ،ئاساسەنتەبىئىي گازنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ ،خەلنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنىڭ ئۆسىشىگە ئەگىشىپ كىشلەرنىڭ مۇھىت ئېڭىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلدى ،كۆپلىگەن شەھەر ئاھالىلىرنىڭ تەبىيگازنى ئىشلىتىش ئېھتىياجى كۈنسىرى ئېشىۋاتىدۇ ،تەبىئىي گازنىڭ ئىقتىسادى مەنپەئەتىسانائەت يېقىلغۇسىدىن ئېشىپ كەتتى .

  پېرىسلاپ زىچلاشتۇرۇلغان تەبىئىي گاز ماشىنىللىرى ؛ تەبىئىي گازنى ماشىنىلارغاماي ئورنىدا ئىشلىتكەندە ،باھاسى تۆۋەن ،بۇلغىلما ئاز ،بىخەتەرلىكى يۇقىرى بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلىرى بار ،نۆۋەتتە تەبىئىي گاز ئىشلىتىدىغان ماشىنىلار يىللىق ئېشىشىش سۈرئىتى %20.8 ، پۈتۈن دۇنيادا تەخمىنەن 12 مېليۇن 700 مىڭ دانە تەبىئىي گازلىق ماشىنىلار بار .[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#