سۈنئىي ھەمراھ

سۈنئىي ھەمراھ

سۈنئىي ھەمراھ راكېتا ئارقىلىق ئاسمان بوشلۇقىغا ئېتىپ چىقىرىلىدىغان ۋە مۇئەييەن ئوربىتا بويىچە يەر شارى ياكى باشقا سەييارىلەرنى ئايلىنىپ ھەرىكەت قىلىدىغان جىسىمى.

ئۇيغۇرچە نامى سۈنئىي ھەمراھ
باشقا نامى سۈنئىي يەر شارى
خەنزۇچە نامى 卫星
چەتئەلچە نامى Satellite

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

رازۋېدكا سۈنئىي ھەمراھ

رازۋېدكا سۈنئىي ھەمراھھازىرقى زامان ھەربىي ئىشلار رازۋېدكىسىدا ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان، ماھارىتى ئەڭ زور رازۋېدكا يارىغى ھەربىي رازۋېدكا سۈنئىي ھەمراھى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ ئاساسەن سۈرەتكە ئېلىش رازۋېدكا سۈنئىي ھەمراھى، ئېلېكترونلۇق رازۋېدكا سۈنئىي ھەمراھى، باشقۇرۇلىدىغان سىنارەددىن ئالدىن مەلۇمات بېرىش سۈنئىي ھەمراھى، دېڭىز-ئوكيان كۆزىتىش سۈنئىي ھەمراھى دەپ تۆت خىلغا ئايرىلىدۇ. ھازىر ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەر ئىستراتېگىيىلىك ئاخباراتلارنىڭ %70 تىن كۆپرەكىگە سۈنئىي ھەمراھ رازۋېدكىسى ئارقىلىق ئېرىشىدۇ.

رازۋېدكا سۈنئىي ھەمراھىنىڭ ئاخبارات رازۋېدكا قىلىش سۈرئىتى تېز. يەر شارىغا يېقىن ئوربىتىدىكى سۈنئىي ھەمراھ سېكۇنتىغا 7 −8 كىلومېتىر ئۇچۇپ، يەر شارىنى بىر يېرىم سائەت ئۆپچۆرىسىدە بىر قېتىم ئايلىنىپ چىقىدۇ. بۇ سۈرئەت ھازىرقى زامان ئاۋازدىن تېز رېئاكتىپ ئايروپىلاننىڭكىدىن 10 −20 ھەسسە يۇقىرى.

رازۋېدكا سۈنئىي ھەمراھى ئېگىزدە تۇرغاچقا، ئۇنىڭ كۆرۈش ۋە رازۋېدكا دائىرىسى كەڭ، ئېرىشىدىغان ئاخباراتلىرىمۇ كۆپ بولىدۇ. ئوخشاش نۇقتىدا سۈنئىي ھەمراھ كۆزەتكەن يەر يۈزى ئايروپىلاننىڭكىدىن نەچچە 10 مىڭ ھەسسە چوڭ بولىدۇ. ئەگەر ئېگىز بوشلۇقتا ئۇچىدىغان ئايروپىلان ئارقىلىق ئېلىمىزنى بىر قېتىم سۈرەتكە ئېلىشقا توغرا كەلسە، 1 مىليون پارچە سۈرەت تارتىش ئۈچۈن، 10 يىل ۋاقىت كېتىدۇ، ھالبۇكى، سۈنئىي ھەمراھتا 500 نەچچە پارچە رەسىم تارتسىلا كۇپايە، بۇنىڭغا بىرنەچچە كۈنلا ۋاقىت كېتىدۇ.

سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق رازۋېدكا قىلىش دۆلەت چېگرىسى، جۇغراپىيىلىك ئورۇن ۋە كىلىمات شارائىتىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ، ئۇ يەر شارىنىڭ ھەرقانداق بىر رايونىدا، جۈملىدىن، ھازىرقى زامان قاتناش قوراللىرىنىڭ بېرىشى قىيىن بولغان تاغ ئىچى، قويۇق ئورمان، چۆل-جەزىرە، جەنۇبىي، شىمالىي قۇتۇپ ۋە بىپايان دېڭىز-ئوكيانلار ئۈستىدە ئەركىن ئۇچۇپ يۈرەلەيدۇ. شۇڭا، ھەرقانداق مۇھىم يەر ئۈستى نىشانى ۋە ھەربىي ھەرىكەتنىڭ سۈنئىي ھەمراھنىڭ كۆزىدىن قېچىپ قۇتۇلالىشى ئىنتايىن تەس.

ئالاقىلىشىش سۈنئىي ھەمراھ

ئالاقىلىشىش سۈنئىي ھەمراھتېلېۋىزىيە ئۇچۇرلىرىنى تارقىتىشتا يۇقىرى چاستۇتىلىق ئېلېكترو ماگىنىت دولقۇنى قوللىنىلىدۇ. يۇقىرى چاستۇتىلىق ئېلېكترو ماگىنىت دولقۇنىنىڭ كېسىپ ئۆتۈش ئىقتىدارى بىر قەدەر كۈچلۈك، ئەمما، ئۇ ئاتموسفېرادىكى ئىئونلۇق قەۋەتنى كېسىپ ئۆتكەندىن كېيىن، يەر شارىنىڭ سىرتىغا تارقىلىدۇ، يەر يۈزى شار شەكىللىك يۈز بولغانلىقتىن تېلېۋىزىيە تارقىتىش ئىستانىسىغا نىسبەتەن يىراق جايلاردا تېلېۋىزىيە سىگنالى قوبۇل قىلىنمايدۇ. يۇقىرى بوشلۇقتىكى ئالاقىلىشىش سۈنئىي ھەمراھى ئېلېكترو ماگىنىت دولقۇنىنى قوبۇل قىلىپ تارقىتىدىغان ئىستانىسىدىن ئىبارەت. بۇ قوبۇل قىلىپ تارقىتىش ئىستانىسى يەر يۈزىدىن تارقىتىلغان ئېلېكترو ماگنىت دولقۇنىنى كۈچەيتىش، چاستوتىسىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق يەنە يەر يۈزىگە تارقىتىلىدۇ. يەر يۈزىدە بىر قەدەر چوڭ دائىرىدە، ئۇ قوبۇل قىلىپ تارقاتقان سىگنالنى قوبۇل قىلغىلى بولىدۇ.

ئالاقىلىشىش سۈنئىي ھەمراھى بىلەن يەر شارى ماس قەدەمدە ئايلىنىدۇ. ئالاقىلىشىش سۈنئىي ھەمراھى ئېكۋاتوردىن تەخمىنەن 36 مىڭ كىلومېتىر يىراقلىقتىكى بوشلۇققا جايلاشقان. بىر سۈنئىي ھەمراھ تارقاتقان مىكرودولقۇن سىگنالى يەر شارى كۆلىمىنىڭ ئۈچتىن بىرىنى قاپلايدۇ. شۇڭا، ئالەم بوشلۇقىغا نىسبەتەن پەقەت، ئارىلىقى تەڭ، سۈرئىتى ئوخشاش بولغان ئۈچ سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىلسىلا، پۈتۈن يەر شارىنىڭ سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىلسىلا، پۈتۈن يەر شارىنىڭ سۈنئىي ھەمراھ بىلەن ئالاقىلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ. سۈنئىۇ ھەمراھنىڭ ئالاقىلىشىش سىغىمچانلىقى ئىنتايىن چوڭ بولۇپ، ئالاقىلىشىش سۈنئىي ھەمراھى ئارقىلىق 60 مىڭ ئادەم بىرلا ۋاقىتتا دۆلەت ھالقىپ تېلېفوندا سۆزلىشەلەيدۇ ھەمدە كۆپلىگەن تېلېۋىزىيە، سانلىق مەلۇمات، يېزىق، سۈرەتلىك ئالاقىلىشىشنى ئېلىپ بارالايدۇ.

نۆۋەتتە، يەر شارى يۇقىرى بوشلۇقىدا تېلېفون قوبۇل قىلىش، تېلېۋىزىيە سىگنالى ۋە سانلىق مەلۇمات ئۇچۇرلىرىنى قوبۇل قىلىپ تارقىتىش قاتارلىق ئىقتىدارلارغا ئىگە ئالاقىلىشىش سۈنئىي ھەمراھىدىن باشقا يەنە نۇرغۇن مەخسۇس سۈنئىي ھەمراھلار، مەسىلەن، پاراخوتنىڭ مېڭىشىدا ئىشلىتىلىدىغان دېڭىز-ئوكيان ئالاقىلىشىش سۈنئىي ھەمراھى، ئاۋىئاتسىيىسىگە ئىشلىتىلىدىغان ئاۋىئاتسىيە سۈنئىي ھەمراھى، ھاۋا رايىنى كۆزىتىش سۈنئىي ھەمراھى ۋە باشقا كۆپ ئىقتىدارلىق سۈنئىي ھەمراھ قاتارلىقلار بار. نۆۋەتتە، ئىنسانلار ئوخشاش ئوربىتىغا 100 دىن ئارتۇق ئالاقىلىشىش سۈنئىي ھەمراھىنى قويۇپ بېرەلەيدىغان بولدى. يەنە 1000 دىن ئارتۇق كۆچمە ئالاقىلىشىش سۈنئىي ھەمراھى تۆۋەن ئوربىتىدا ئايلىنىپ يۈرمەكتە.

ئالاقىلىشىش سۈنئىي ھەمراھئالاقىلىشىش سۈنئىي ھەمراھىنى ئارىلىق تۇتاشتۇرغۇچ پونكىت قىلىپ، رادىئو سىگناللىرى ئالماشتۇرۇلىدۇ ۋە تارقىتىلىدۇ، ئىككى ياكى ئىككىدىن ئارتۇق يەر يۈزى پونكىتى ئوتتۇرىسىدا ئالاقىلىشىش ئېلىپ بېرىلىدۇ، بۇ خىل ئالاقىلىشىش شەكلى سۈنئىي ھەمراھ ئالاقىلىشىشى دەپ ئاتىلىدۇ. سۈنئىي ھەمراھ ئالاقىلىشىشى يىراق ئارىلىقتىكى ھەتتا پۈتۈن يەر شارى دائىرىسىدىكى ئالاقىلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۇچۇرنى تېزلىكتە ئوكيانلاردىن ھالقىتىپ تارقىتالايدۇ. سۈنئىي ھەمراھنىڭ ئالاقىلىشىش شەكلىنى «يەر يۈزى-بوشلۇق-يەر يۈزى» دەپ يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ.

قۇتقۇزۇش سۈنئىي ھەمراھ

قۇتقۇزۇش سۈنئىي ھەمراھئۇزاقتىن بېرى، ۋەقەگە ئۇچرىغان ئايروپىلان ۋە پاراخوتلار رادېئو دولقۇنىدىن پايدىلىنىپ، خەلقئارادا ئورتاق ئىشلىتىلىدىغان قۇتقۇزۇش سىگنالى. ئەمما زامان، ماكان ۋە ئالاقىلىشىشتىكى توسالغۇ قاتارلىق ئامىللارنىڭ چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن، دائىملىك رادىئو ئالاقىلىشىشى بىلەن دېڭىزدا ۋە ئالەم بوشلۇقىدا ۋەقەگە ئۇچرىغاندا، قۇتقۇزۇش ياردىمىگە ئېرىشكلى بولمايدۇ. 

قۇتقۇزۇش سۈنئىي ھەمراھى بۇ چەكلىمىلەرگە ئۇچرىمايدۇ. ئۇ يەر يۈزى بىلەن بولغان ئارىلىقى 850-1000 كىلومېتىرغىچە بولغان ئېلىپسىمان ئوربىتىدا ھەرىكەت قىلىدۇ، دىئامېتىرى 5000 كىلومېتر كېلىدىغان كەڭ رايوننىڭ ھەر قانداق ئورۇندىكى قۇتقۇزۇش ياردىمىگە چاقىرىش سىگنالىنى قوبۇل قىلالايدۇ. سۈنئىي ھەمراھنىڭ يەر شارىنى بىر قېتىم ئايلىنىپ چىقىشىغا پەقەت بىر سائەتلا ۋاقىت كېتىدۇ. شۇڭا پۈتكۈل يەر شارى يۈزىنى بىر قېتىم تېزلىكتە چارلاپ چىقالايدۇ.

ئۇنداقتا قۇتقۇزۇش سۈنئىي ھەمراھى قانداق «خىزمەت» قىلىدۇ؟ ئايروپىلان، پاراخوتلار ۋەقەگە ئۇچرىغاندا، ۋەقەگە ئۇچرىغۇچىلار جىددىي قۇتقۇزۇش سىگنالىنى توختاتماستىن تارقىتىدۇ، ۋەقە يۈزبەرگەن ھاۋا بوشلۇقىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان سۈنئىي ھەمراھ سىگنالنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، سىگنالنى يەر يۈزىدىكى ئۇچۇر قوبۇل قىلىش پونكىتىغا تارقىتىدۇ. يەر يۈزىدىكى ئۇچۇر قوبۇل قىلىش پونكىتى قۇتقۇزۇش، ياردەم بېرىش قوماندانلىق قىلىش مەركىزىگە بۇ ئاخباراتنى ئەۋەتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن قۇتقۇزۇش، ياردەم بېرىش قوماندانلىق مەركىزى ۋەقە يۈز بەرگەن رايوندىكى قۇتقۇزۇش، ياردەم بېرىش تەشكىلاتىغا ئۇقتۇرۇش قىلىپ، قۇتقۇزۇشنى باشلايدۇ. 

توسۇغۇچى سۈنئىي ھەمراھ

ئالەم بوشلۇقى تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، كەلگۈسى ئۇرۇش ساھەسى ئالەم بوشلۇقىغا كېڭىيىدۇ. ئالەم بوشلۇقى ياراغلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز بارلىققا كېلىشىگە ئەگىشىپ، ئالەم ياراغلىرىغا قارشى ياراغلارمۇ بارلىققا كەلدى، توسۇغۇچى سۈنئىي ھەمراھ مانا شۇلارنىڭ بىر خىلى.

توسۇغۇچى سۈنئىي ھەمراھتوسۇغۇچى سۈنئىي ھەمراھ دۈشمەن تەرەپنىڭ ئالەم ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ھەرىكىتىنى توسىدۇ ۋە ئۇنى ۋەيران قىلىدۇ، بۇ ئايروپىلانلارنىڭ ھاۋا ئۇرۇشىغا ئوخشىمايدۇ. ئايروپىلان بولسا قانىتى ئۇچرايدىغان ھاۋانىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنىڭ تەسىرى بىلەن ھاۋادا ئۇچۇش لىنىيىسىنى ئۆزگەرتەلەيدۇ. ھالبۇكى، يەر شارىنىڭ سىرتىدىكى بوشلۇقتا ئاتموسفېرا بولمىغاچقا، سۈنئىي ھەمراھ يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن سۈرئىتىنى ئۆزگەرتىشكىلا تايىنىدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن ئېنېرگىيە سەرپ قىلىشقا توغرا كېلىدۇ، ھالبۇكى، سۈنئىي ھەمراھتىكى ئېنېرگىيە چەكلىك بولىدۇ.

توسۇغۇچى سۈنئىي ھەمراھنىڭ بوشلۇقتىكى بىر قېتىملىق توسۇپ زەربە بېرىشىنى تەشكىللەشتە، ئۈچ جىسىم − قويۇپ بېرىش سۇپىسى، نىشان ۋە توسۇغۇچى ئارىلىقىدىكى نىسپىي ھەرىكەتنى نەزەرگە ئېلىش كېرەك، بۇ ئايروپىلاننى ئېتىپ چۈشۈرۈشتىن خېلى مۇرەككەپ. بۇنىڭدا يادرو پارتلىغاندا ھاسىل بولغان رادىئاتسىيە ئېففېكتى ئارقىلىق سۈنئىي ھەمراھنىڭ قۇرۇلمىسىنى گۇمران قىلىپ، سۈنئىي ھەمراھتىكى توك يوللىرىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش ئەڭ ئۈنۈملۈك ۋاسىتە. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى تەجرىبە قىلىپ ياسىغان توسۇغۇچى سۈنئىي ھەمراھ نىشان سۈنئىي ھەمراھىغا يېقىنلاشقاندا ئۆزلۈكىدىن پارتلاپ، زور مىقداردىكى پارچىلارنى ھاسىل قىلىپ، نىشان سۈنئىي ھەمراھىنى يوقىتىدۇ. توسۇغۇچى سۈنئىي ھەمراھ نىشاننى نازۇك يېتەكلىنىدىغان راكېتا قويۇپ بېرىپ يوقاتسىمۇ بولىدۇ، ئۇ مۇئەييەن ئوربىتا ھەرىكەت ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ، °5 − °10 لۇق دائىرىدە ئوربىتىدىكى ئېغىش بۇلۇڭىنى ئۆزگتىپ، 150 −2000 كىلومېتىر ئېگىزلىك دائىرىسىدىكى سۈنئىي ھەمراھنى توسۇيالايدۇ.

ئامېرىكا، بىر تەرەپتىن، سۈنئىي ھەمراھ توسۇغۇچى لازېرنى تەتقىق قىلىپ، يەنە بىر تەرەپتىن، سۈنئىي ھەمراھقا قارشى باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدنى تەتقىق قىلىپ ياساۋاتىدۇ. بۇ خىل سۈنئىي ھەمراھقا قارشى باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد ئەمەلىيەتتە قاتتىق يېقىلغۇلۇق باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد بولۇپ، نىشاننى يۇقىرى سۈرئەتتە سوقۇلۇش ئارقىلىق ۋەيران قىلىدۇ.

سۈنئىي ھەمراھيېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئالەمگە ئۇچۇش تېخنىكىسىنىڭ ئۈزۈلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، يەر شارى سۈنئىي ھەمراھى، ئالەم كېمىسى كەينى-كەينىدىن ئالەم بوشلۇقىغا چىقتى. رادىئو ئالاقىسىنىڭ دائىرىسىمۇ ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى، بەزىلەر سۈنئىي ھەمراھ ئالاقىلىشىشى بىلەن ئالەملىك ئالاقىلىشىشنى ئوخشاش دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇلار ئوتتۇرىسىدا پەرق بار. 

ئالاقىلىشىش سۈنئىي ھەمراھىنى ئارىلىق تۇتاشتۇرغۇچ پونكىت قىلىپ، رادىئو سىگناللىرى ئالماشتۇرۇلىدۇ ۋە تارقىتىلىدۇ، ئىككى ياكى ئىككىدىن ئارتۇق يەر يۈزى پونكىتى ئوتتۇرىسىدا ئالاقىلىشىش ئېلىپ بېرىلىدۇ، بۇ خىل ئالاقىلىشىش شەكلى سۈنئىي ھەمراھ ئالاقىلىشىشى دەپ ئاتىلىدۇ. سۈنئىي ھەمراھ ئالاقىلىشىشى يىراق ئارىلىقتىكى ھەتتا پۈتۈن يەر شارى دائىرىسىدىكى ئالاقىلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۇچۇرنى تېزلىكتە ئوكيانلاردىن ھالقىتىپ تارقىتالايدۇ. سۈنئىي ھەمراھنىڭ ئالاقىلىشىش شەكلىنى «يەر يۈزى-بوشلۇق-يەر يۈزى» دەپ يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ. ئەمما ئالەملىك ئالاقىلىشىش بولسا ئالەم كېمىسى ئارقىلىق ئالاقىلىشىش ئېلىپ بارىدۇ، بولۇپمۇ ئادەم ئۆلتۈرىدىغان ئالەم كېمىسىنىڭ بارلىققا كېلىشى بىلەن «يەر يۈزى-بوشلۇق-يەر يۈزى» شەكلىدىكى ئالاقىلىشىش ئۆزگىرىپ، «يەر يۈزىدىن بوشلۇققا» ، «بوشلۇقتىن يەر يۈزىگە» قارىتا ئېلىپ بېرىلىدىغان ئالاقىلىشىش شەكلى بارلىققا كەلدى. كىشىلەر سۈنئىي ھەمراھ ئالاقىلىشىشى(يەر يۈزى-بوشلۇق-يەر يۈزى) ، يەر يۈزى بىلەن ئالەم پونكىتى (يەنە بوشلۇق پونكىتى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىلىشىش (يەنى يەر يۈزى-بوشلۇق) ، ئالەم پونكىتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا ئالاقىلىشىش(يەنى بوشلۇق-بوشلۇق) ، ئالەم پونكىتى بىلەن يەر يۈزى ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىلىشىش (يەنى بوشلۇق-يەر يۈزى) ۋە ئالەم پونكىتى ئايلاندۇرغان ياكى تارقاتقان رادىئو سىگنالى بىلەن يەر يۈزى ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان ئالاقىلىشىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى ئالەملىك ئالاقىلىشىشى دەپ ئاتىدى. ئالەملىك ئالاقىلىشىشتا ئىشلىتىشكە ئەڭ مۇۋاپىق بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بېرى، سۇب مىللىمېتىرلىق دولقۇن، مىللىمېتىرلىق دولقۇن ئىشلىتىلىشكە باشلىدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە كىشىلەر رادىئو دولقۇنىدىن باشقا يەنە ئېلېكتر ماگنىت دولقۇنى مەسىلەن، ئىنفرا قىزىل نۇر، ئۇلترا بىنەپشە نۇر قاتارلىقلارنى ئىشلىتىش ئۈستىدە ئىزدەنمەكتە.

سۈنئىي ھەمراھسۈنئىي ھەمراھ ئادەتتە راكېتا بىلەن ئالەم بوشلۇقىغا ئېلىپ كىرىلىدۇ . ئۇ راكېتانىڭ ئىتتىرىشى بىلەن ، راكېتا بىلەن بىرلىكتە يەر شارى ئاسمىنىغا قاراپ ئۇچۇپ ، ئالدىن بېكىتىلگەن سۈنئىي ھەمراھ ئوربىتىسىغا يەتكەندىن كېيىن راكېتادىن ئايرىلىپ ، ئۆزى ئايلىنىشقا باشلايدۇ . ھەر بىر سۈنئىي ھەمراھنىڭ ئۆز ئايلىنىش ئوربىتىسى بولىدۇ ، ئىشلىتىلىش ئورنى ھەر خىل سۈنئىي ھەمراھلار ھەر خىل ئېگىزلىك ۋە ئورۇندا ئايلىنىدۇ . ئۇنداقتا ، ئالەم بوشلۇقىدا شۇنچە كۆپ سۈنئىي ھەمراھ تۇرسا ، ئۇلار نېمە ئۈچۈن ئۆز ئارا دەخلى قىلىشىپ سوقۇشۇپ كەتمەيدۇ ؟ ئەسلىي بۇ سۈنئىي ھەمراھلارنىڭ ئوربىتىسىنى ئالىملار بۇرۇنلا لايىھىلەپ قويغان . گەرچە ئۇلار ئالەم بوشلۇقىدا بولسىمۇ ، لېكىن بىز ئىنسانلار يەنىلا ئۇلارنىڭ ئۇچۇش يۆنىلىشىنى كونترول قىلالايمىز .[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

4 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    0%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    100%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#