ماركۇس

گارسيا ماركۇس 1928-يىلى كولۇمبىيە دىكى بىر دوختۇر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ مومىسى چۆچەك ئېيتىشقا بەك ئۇستا بولۇپ، ئۇنىڭغا ناھايىتى زور تەسىر كۆرسەتكەن. باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە ئۇ نۇرغۇن ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئوقۇغان. 18 يېشىدا ئۇنىۋېرسىتېتقا كىرىپ قانۇن ئۆگەنگەن، ئەينى چاغدا ۋەزىيەت قالايمىقان بولغاچقا، ئوقۇشتىن توختاشقا مەجبۇر بولغان.

ئۇيغۇرچە ئىسمى ماركۇس
باشقا نامى Gabriel García Márquez،贾西亚·马奎斯
تۇغۇلغان ۋاقتى 1927-يىلى
كەسپى يازغۇچى، مۇخبىر
خەنزۇچە ئىسمى 加夫列尔·加西亚·马尔克斯
دۆلەت تەۋەلىكى كولۇمبىيە
ۋاپات بولغان ۋاقتى 2014-يىلى
ئاساسلىق نەتىجىسى 1982-يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ماركۇسگارسيا ماركۇس 1927-يىلى كولۇمبىيەدىكى بىر دوختۇر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ مومىسى چۆچەك ئېيتىشقا بەك ئۇستا بولۇپ، ئۇنىڭغا ناھايىتى زور تەسىر كۆرسەتكەن. باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە ئۇ نۇرغۇن ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئوقۇغان. 18 يېشىدا ئۇنىۋېرسىتېتقا كىرىپ قانۇن ئۆگەنگەن، ئەينى چاغدا ۋەزىيەت قالايمىقان بولغاچقا، ئوقۇشتىن توختاشقا مەجبۇر بولغان. كېيىن، گېزىتچىلىك ساھەسىگە كىرىپ، «كۆزەتكۈچى گېزىتى» دە مۇخبىر بولۇپ، ئەدەبىي ئىجادىيەتنى باشلىغان. 1982-يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

يۈز يىل غېرىبلىقماركۇسنىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى 18 يىل غۇلغۇلا قىلىنىپ، 1967-يىلى نەشر قىلىنغان «يۈز يىل غېرىبلىق» بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ روماندا پولكوۋنىك بوئېندىيە جەمەتىدىكى بىرنەچچە ئەۋلاد كىشىنىڭ ئاجايىپ ئەگرى-توقاي كەچۈرمىشلىرى يىپ ئۇچى قىلىنىپ، كارپ دېڭىزى بويىدىكى بىر كىچىك بازار ماكاندونىڭ گۈللەنگەن ۋە خاراب بولغان 100 يىلدىن ئۇزاق تارىخى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنىپ، 16-ئەسىردىن كېيىنكى كولۇمبىيەنىڭ جەمئىيەت قۇرۇلمىسى، ئىدىيە، ئېتىقادى، ئۆرپ-ئادەتلىرى جەھەتلەردە يۈز بەرگەن چوڭقۇر ئۆزگىرىشلەر ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. روماندا كولۇمبىيە نىڭ مۇستەملىكىچىلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلۇپ، مۇستەقىللىققا ئېرىشكەندىن كېيىن، چوڭ پومېشچىك، چوڭ سودىگەرلەر ھاكىمىيەتنى ئىگىلىۋېلىپ، دۆلەت ئىچىدە سىياسىي ئۆزگىرىشلەر ئۈزۈلمەي بولۇپ تۇرغان، ئىچكى ئۇرۇش بېسىلمىغان، ئىجتىمائىي تۇرمۇش ئەنسىز بولغان چىن مەنزىرىسى تەپسىلىي ئىپادىلىنىپ، ھۆكۈمرانلارنىڭ شەپقەتسىزلىكى ۋە سىياسەتۋازلارنىڭ چاكىنا، رەزىل قىلمىشلىرى تەلتۆكۈس ئېچىپ تاشلانغان؛ خالايىقنىڭ ئاڭسىزلىقى ھادىسىسىمۇ ئېچىپ تاشلانغان ۋە تەنقىد قىلىنغان. ئەسەردە نۇرغۇن سەھىپە ئاجرىتىلىپ، بوئېندىيە جەمەتىنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد غېرىبلىقتا ئۆتكەنلىكى، ئائىلە ئىچىدە ئەر-خوتۇن، ئاتا-بالا، ئانا-قىز، ئاكا-ئۇكا، ئاچا-سىڭىللارنىڭ كۆڭلى بۆلەك بولۇشى، مېھىرسىزلىكى، بىر-بىرىگە ئىشەنمەسلىكى سۈرەتلەپ بېرىلگەن. يازغۇچى بۇ غېرىبلىق ھالىتىنى چۆچەك، رىۋايەت، خىيال بىلەن يۇغۇرۇپ، ئوقۇرمەنلەرنى بۇ غېرىبلىقنىڭ تۈپ سەۋەبى توغرىسىدا ئويغا سالىدۇ، كىشىلەرنى بۇ غېرىبلىق ھالەتنى بۇزۇپ تاشلاپ، تەقدىر سالغان بۇ يولدىن قۇتۇلۇشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ. روماندا نۇرغۇن ئاجايىپ-غارايىپ ۋەقەلەر ۋە پېرسوناژلار، قويۇق ئەپسانىۋى تۈس ۋە سىمۋوللۇق پۇراق، ئۆزگىچە ئۇسلۇب بولغاچقا، «سېھرىي رېئالىزم» نىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى دەپ ئاتالغان. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

خەتكۈچلەر:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#