جېف لۇكاس

(Jeff Lucas) جېف لۇكاس Snap نىڭ مۇئاۋىن لېدىرى، قوشۇمچە يەر شارى بويىچە سېتىشنى ئاساسلىق باشقۇرغۇچىسى.

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

(Jeff Lucas) جېف لۇكاس Snap نىڭ مۇئاۋىن لېدىرى، قوشۇمچە يەر شارى بويىچە سېتىشنى ئاساسلىق باشقۇرغۇچىسى.

3-ئايدا، Snapنىڭ IPO (تۇنجى قېتىم ئاشكارا پاي توپلاش)سى ھازىرغىچە كۆلىمى 3-چوڭ بولغان پەن-تېخنىكا IPOسىغا ئايلىنىپ، 3 مىليارد 400 مىليون ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ يۈرۈشتۈردى. ئۇ بۈگۈنكى كۈندە پۇل تېپىشقا ناھايىتى ئېھتىياجلىق بولۇپ قالدى. 2017-يىلى 1-ئايغا قەدەر، ئۇنىڭ 6 يىللىق تارىخقا ئىگە كۆپ ۋاسىتىلىك ئەپ دېتالى 1 مىليارد 200 مىليون ئامېرىكا دوللىرى زىيان تارتتى، بۇنىڭ ئىچىدە يېرىمغا يېقىنى 2016-يىلىدا كۆرۈلدى. ئۇنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىمۇ ھازىر ئاستىلاش كۆرۈلۈۋاتىدۇ، چۈنكى 2016-يىلىنىڭ ئالدىنقى 3 پەسلىدە، ئۇنىڭ ھەر پەسىلدە يېڭىدىن كۆپەيگەن كۈندە ھەرىكەتچان ئابۇنتلىرىنىڭ سانى 15 مىليوندىن ئېشىپ كەتكەن، لېكىن 4-پەسىلگە كەلگەندە بۇ سان زور ھەجىمدە ئازىيىپ پەقەت 5 مىليونغا چۈشۈپ قالغان.

شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇ شىركەت بۇلتۇر يازدا ئاخبارات كەسپىدىكى نوپۇزلۇق زات، سابىق ۋىياكومنىڭ سېتىشنى ئاساسلىق باشقۇرغۇچىسى جېف لۇكاسنى تەكلىپ قىلىپ كەلدى. Snapنىڭ پاي چېكى بازارغا سېلىنغاندىن كېيىن، شىركەت ئۇنىڭغا كۆرۈنەرلىك پايدا يارىتىش ئارقىلىق شىركەتنىڭ نەچچە ئون مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق بازار قىممىتىگە تىرەك بولۇشتەك ئېغىر ۋەزىپىنى يۈكلىگەن.

بۇ نۇقتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئۇ Snapنى ھەدەپ ئوغرىلىقچە كۆچۈرگەن رىقابەتچىلىرىنى، مەسىلەن، Instagramنىڭ Stories ۋە WhatsAppنىڭ Status قاتارلىق رەقىبلىرىنى چېكىندۈرۈشكە مۇھتاج بولغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە فېيسبۇك ۋە تېلىۋىزىيە تورىنىڭ قولىدىن ئېلان بازىرى ئۈلۈشىنى تارتىۋېلىش ئېھتىياجى تۇغۇلغان. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، ئۇ پۇبلىكىس گۇرۇھى، WPP ۋە ئومنىكوم گۇرۇھى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ئېلان ۋاكالەت سودىگەرلىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق باھاسى 100 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن 200 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغىچىلىك سودا پۈتۈمى ھاسىل قىلماقچى بولغان. لۇكاس ئىنتايىن كەسكىن رەقەملىك ئېلان بازىرىدا Snap ئۈچۈن ئېلان ئىگىلىرىنىڭ خام چوتىنى قولغا كەلتۈرۈش جەھەتتە ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدۇ.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

خەتكۈچلەر:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#