تۈۋەت يېزىسى

تۈۋەت يېزىسى

تۈۋەت يېزىسى قاراقاش ناھىيەسىنىڭ شەرىق تەرىپىگە جايلاشقان بۇلۇپ،مەرھۇم گىتتار ماھىرىمىز ئەخمەتجان مەمتىمىننىڭ يۇرتى.جەنۇب تەرىپى قاراقاش بازىرىغا، غەرىب تەرىپى قوچى يېزىسى، پۇرچاقچى يېزىلىرى قىرىق يەتتىنچى تۇەننىڭ 1-2-لىيەنى، شىمال تەرىپى يىڭىيەر يېزىسىغا تۇتىشىدۇ. شەرىق تەرىپى قاراقاش دەرياسى ئارقىلىق خوتەن ناھىيەسىنىڭ يېڭىئاۋات يېزىسى بىلەن ئايرىلىپ تۇرىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى تۈۋەت يېزىسى
دۆلىتى جوڭگۇ
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
يەر مەيدانى 24كىۋادرات كىلومىتىر
كىلىماتى قۇرغاق چۆل كىلىمات
خەنزۇچە ئاتىلىشى 吐外特乡
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايونى
تەۋە رايون خوتەن ۋىلايىتى قاراقاش ناھىيەسى
نوپۇسى 34310 (2016)
چەتئەلچەنامى Tuwet County

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

تۈۋەت يېزىسى قاراقاش ناھىيەسىنىڭ شەرىق تەرىپىگە جايلاشقان بۇلۇپ، مەرھۇم گىتتار ماھىرىمىز ئەخمەتجان مەمتىمىننىڭ يۇرتى.

جەنۇب تەرىپى قاراقاش بازىرىغا، غەرىب تەرىپى قوچى يېزىسى، پۇرچاقچى يېزىلىرى قىرىق يەتتىنچى تۈەننىڭ 1-2-لىيەنى، شىمال

 تەرىپى يىڭىيەر يېزىسىغا تۇتىشىدۇ. شەرىق تەرىپى قاراقاش دەرياسى ئارقىلىق خوتەن ناھىيەسىنىڭ يېڭىئاۋات يېزىسى بىلەن ئايرىلىپ تۇرىدۇ. 

يېزىلىق ھۆكۈمەتتىن ناھىيە بازىرىغىچە 7.3كىلومىتىر كېلىدۇ. يېزا تەۋەلىكىدە 21مەمۇرى كەنت بار. ئۇلار : تۈۋەت كەنتى، ئويئېرىق كەنتى، قۇمئېرىق كەنتى، سوپلا كەنتى، توقماقكەنتى، سېرىغتوغراق كەنتى، مۇغال كەنتى، چاۋاغ كەنتى، سايات كەنتى، كۆتىرەم كەنتى، ئوي كەنتى، قۇمبۇي كەنتى، چوڭكۆل كەنتى، خانلىقئېرىق كەنتى، سۆگەتلەك كەنتى، ھەلدوس كەنتى، ئاياغئەسكى كەنتى، يالغۇزتوغراق كەنتى، ناغرا كەنتى، ئوجۇنئېرىق كەنتى قاتارلىقلار. 

تۈۋەت يېزىسىنىڭ كىلىماتى ئىللىق مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق چۆللۈك كېلىماتقا تەۋە بولۇپ ، تۆت پەسىل ئېنىق , يازدا تومۇز ئىسسىق بولىدۇ.ئەتىيازدا ھاۋا بالدۇر ئىسسىيدۇ ، كۈز پەسلىدە تېمپراتۇرا تېز ، ھۆل-يېغىن مىقدارى ئاز ، كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈشى تولۇق ، قىروسىز مەزگىلى ئۇزاق ، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ . يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 11.6، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 40.6، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى 12.5-. كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى 2829.9 سائەت. 10 يىغىندا تېمپېراتۇرىسى 4360.9. قىروسىز مەزگىلى 217 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل-يېغىن مىقدارى 41.3 مىللىمېتىر. سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 1736.1 مىللىېمتىر. 1- ئايدىكى ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ℃ -6.5، ،قىروسىز مەزگىل  177 كۈن ، يىللىق يورۇتۇش ۋاقتى 2250 سائەت.

تۈۋەت يېزىسىنىڭ يېزا ئىگىلىكى بىرقەدەر تەرەققىي قىلغان. دېھقانچىلىق قىلىشقا باب كېلىدىغان قاقاس يەر ۋە ئورمان يېتىشتۈرۈشكە باب كېلىدىغان قاقاس يەر بار. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، كېۋەز، شال، كۆممىقوناق، مېۋە-چېۋە قاتارلىقلار بار. قەغەز ياڭاق ئالاھىدە مەھسۇلات ھېسابلىنىدۇ.  دېھقانچىلىق رايونى دېھقانچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ. چارۋىسىدىن كالا، قوي، ئېشەك قاتارلىقلار بار. يېزا ئىگىلىكىمۇ ماشىنىلاشقان.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#