شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت نىزامى

نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت نىزامى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت نىزامى (2002-يىل 11-ئاينىڭ 28-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 31-يىغىنىدا ماقۇللانغان.

ئۇيغۇرچە نامى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت نىزامى
خەنزۇچە نامى 新疆维吾尔自治区人口与生育计划条例

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

(2002-يىل 11-ئاينىڭ 28-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 31-يىغىنىدا ماقۇللانغان. 2004-يىل 11-ئاينىڭ 26-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 13-يىغىنىنىڭ « ‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت نىزامى› غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى» غا ئاساسەن 1-قېتىم تۈزىتىلگەن. 2006-يىل 5-ئاينىڭ 25-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 24 –يىغىنىنىڭ « ‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت نىزامى› غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى» غا ئاساسەن 2-قېتىم تۈزىتىلگەن. 2010–يىل 6-ئاينىڭ 3-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 18-يىغىنىنىڭ « ‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت نىزامى› غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى» غا ئاساسەن 3-قېتىم تۈزىتىلگەن. 

1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

1-ماددا بۇ نىزام نوپۇس بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت، بايلىق، مۇھىتنى ماسلاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇش، پىلانلىق تۇغۇتنى يولغا قويۇش، پۇقرالارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش ، ئائىلىنىڭ بەختى، مىللەتنىڭ گۈللىنىشى، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش مەقسىتىدە، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت قانۇنى» ۋە ئالاقىدار قانۇن، نىزاملارغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ چىقىرىلدى.

2-ماددا بۇ نىزام نوپۇسى ياكى ئولتۇرۇشلۇق جايى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەمۇرىي تەۋەسىدە بولغان جۇڭگو پۇقرالىرى ۋە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەمۇرىي تەۋەسىدىكى ئورگان، ئىجتىمائىي تەشكىلات، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ۋە باشقا تەشكىلاتلارغا تەتبىقلىنىدۇ.

3-ماددا پىلانلىق تۇغۇتنى يولغا قويۇش دۆلەتنىڭ تۈپ سىياسىتى، ھەر بىر پۇقرا ۋە پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى، پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىدە تەشۋىق-تەربىيە، ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش، دائىملىق خىزمەتلەرنى ئاساس قىلىش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇلىدۇ، ئۇ ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئاممىنىڭ ئەمگەك ئارقىلىق بېيىش، بەختلىك ئائىلە قۇرۇشىغا ياردەم بېرىش بىلەن بىرلەشتۈرۈلىدۇ؛ ھەر تەرەپلىمە تەدبىر قوللىنىپ، پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى، ھەر تەرەپلىمە مۇلازىمەت، مۇكاپات ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تۈزۈمىنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تايىنىپ، يېزىلاردا پىلانلىق تۇغۇتنى يولغا قويغان ئائىلىلەرنى مۇكاپاتلاش، ئۇلارغا مەدەت بېرىش تۈزۈمى ۋە يېزىلاردىكى يالغۇز پەرزەنتى ئۆلۈپ كەتكەن، مېيىپ بولغان ئائىلىلەرگە ياردەم بېرىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، تۇغۇت نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىپ، ئاھالىنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.

4-ماددا نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىدە نىشانلىق باشقۇرۇش مەسئۇلىيەت تۈزۈمى، ئورۇننىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەكىلى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمى، تۇغۇت، تۇغۇت چەكلەش ۋە كۆپىيىش سىستېمىسى ساغلاملىقىنى توختام بويىچە باشقۇرۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ.

5-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت مەمۇرىي تارمىقى ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىگە ۋە پىلانلىق تۇغۇتقا ئالاقىدار نوپۇس خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ. مالىيە، خەلق ئىشلىرى، سەھىيە، ئەمگەك-ئىجتىمائىي كاپالەت، ج خ، سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار ھەر تەرەپلىمە تۈزەش پىرىنسىپى بويىچە، نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىگە ئالاقىدار خىزمەتلەرگە مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە مەسئۇل بولىدۇ.

6-ماددا ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى، ئاياللار بىرلەشمىسى ۋە پىلانلىق تۇغۇت جەمئىيىتى قاتارلىق ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ۋە پۇقرالار خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىگە مەدەت بېرىشى ۋە ماسلىشىشى كېرەك.

7-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجە ياراتقان تەشكىلات ۋە شەخسلەرنى مۇكاپاتلايدۇ.

2-باب نوپۇس تەرەققىياتى يىرىك پىلانىنى تۈزۈش ۋە يولغا قويۇش

8-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى تۈزگەن نوپۇس تەرەققىياتى يىرىك پىلانىغا ئاساسەن، ئۆز جايىنىڭ نوپۇس تەرەققىياتى ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ نوپۇس تەرەققىياتى يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ، خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىغا كىرگۈزىدۇ ھەمدە نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇتنى يولغا قويۇش لايىھەسىنى تۈزۈپ چىقىدۇ ۋە يولغا قويىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى پىلانلىق تۇغۇت مەمۇرىي تارمىقى نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇتنى يولغا قويۇش لايىھەسىنىڭ كۈندىلىك خىزمەتلىرىگە مەسئۇل بولىدۇ. يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتى ۋە كوچا باشقارمىسى تەۋەسىدىكى نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ، نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇتنى يولغا قويۇش لايىھەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ.

9-ماددا ئورگان، ئىجتىمائىي تەشكىلات، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەكىلى (مەسئۇلى) تۇرۇشلۇق جايدىكى پىلانلىق تۇغۇت باشقۇرۇش ئاپپاراتى بىلەن نىشانلىق باشقۇرۇش مەسئۇلىيەتنامىسى ئىمزالاپ، مۇكاپاتلاش ۋە ئېتىبار بېرىش تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. كەنت ئاھالە كومىتېتى، شەھەر ئاھالە كومىتېتى نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇتنى كەنت ئاھالىلىرى، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىش مەزمۇنىغا كىرگۈزۈپ، پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىدە كەنت ئىشلىرىنى، مەمۇرىي ئىشلارنى ئاشكارا ئىشلەش، دېموكراتىك باھالاش ۋە نازارەت قىلىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىنى قانۇن بويىچە ياخشى ئىشلىشى كېرەك. شەھەرلەرنىڭ نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىدە مەھەللىلەرگە تايىنىپ، ئائىلىلەرگە يۈزلىنىپ، پىلانلىق تۇغۇت ئۇنىۋېرسال مۇلازىمىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇش كېرەك.

10-ماددا پىلانلىق تۇغۇت، مائارىپ، پەن-تېخنىكا، مەدەنىيەت، سەھىيە، خەلق ئىشلىرى، ئاخبارات-نەشرىيات، رادىيو-تېلېۋىزىيە تارماقلىرى ۋە مەكتەپلەر كۆپ خىل شەكىللەرنى قوللىنىپ، ساغلام تۇغۇش، ئوبدان بېقىش، فىزىيولوگىيەلىك گىگېنا تەربىيەسى، بالاغەت مەزگىلىدىكى ساغلاملىق ۋە جىنسىي ساغلاملىق تەربىيەسى قاتارلىق نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت تەشۋىق-تەربىيەسىنى قاراتمىلىقى بولغان ھالدا قانات يايدۇرۇشى لازىم. ئاممىۋى تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىنىڭ نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇتقا ئائىت ئىجتىمائىي پاراۋانلىق تەشۋىقاتىنى قانات يايدۇرۇش مەجبۇرىيىتى بار.

11-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت خىراجىتىنى مالىيە خامچوتىغا كىرگۈزۈپ، خىراجەت سېلىنمىسى ئومۇمىي سەۋىيەسىنى تەدرىجىي ئۆستۈرۈپ، پىلانلىق تۇغۇت خىراجىتىنىڭ ئېشىش نىسبىتىنى شۇ دەرىجىلىك مالىيە كىرىمىنىڭ ئېشىش نىسبىتىدىن يۇقىرى قىلىشى ھەمدە چەت-ياقا، نامرات جايلارنىڭ نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىگە نۇقتىلىق يار-يۆلەك بولۇشى لازىم.

12-ماددا نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت ئىستاتىستىكىسىدا قانۇن، نىزاملاردىكى ئىستاتىستىكىغا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرنى ئىجرا قىلىش كېرەك. ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت سانلىق مەلۇماتلىرىنى يالغان مەلۇم قىلىشى، يوشۇرۇشى، ئويدۇرۇپ چىقىرىشىغا، ئۆزگەرتىۋېتىشىگە ياكى يوللىماسلىقىغا يول قويۇلمايدۇ.

13-ماددا پىلانلىق تۇغۇت مەمۇرىي تارماقلىرى پىلانلىق تۇغۇت بەلگىلىمىلىرىنى ۋە ئىش تەرتىپىنى ئاشكارا قىلىشى، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشى، قانۇننى مەدەنىي ئىجرا قىلىشى، پۇقرالارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزمەسلىكى كېرەك.

3-باب تۇغۇت تەڭشەش

14-ماددا پۇقرالارنىڭ تۇغۇش ھوقۇقى ۋە قانۇن بويىچە پىلانلىق تۇغۇتنى يولغا قويۇش مەجبۇرىيىتى بار. كېچىكىپ توي قىلىش، كېچىكىپ پەرزەنتلىك بولۇش، ئاز ۋە سۈپەتلىك تۇغۇش تەشەببۇس قىلىنىدۇ.

خەنزۇ پۇقرالىرىدىن ئوغۇللار 25 ياشقا، قىزلار 23 ياشقا، ئاز سانلىق مىللەت پۇقرالىرىدىن ئوغۇللار 23 ياشقا، قىزلار 21 ياشقا توشقاندا تۇنجى توي قىلغانلىرى كېچىكىپ توي قىلغان ھېسابلىنىدۇ. كېچىكىپ توي قىلىپ تۇنجى پەرزەنت كۆرگەنلەر كېچىكىپ پەرزەنت كۆرگەنلەر بولىدۇ.

15-ماددا شەھەر-بازارلاردىكى خەنزۇ ئەر-خوتۇن بىر پەرزەنتلىك بولسا، ئاز سانلىق مىللەت ئەر-خوتۇن ئىككى پەرزەنتلىك بولسا بولىدۇ. خەنزۇ دېھقان-چارۋىچى ئەر-خوتۇن ئىككى پەرزەنتلىك بولسا، ئاز سانلىق مىللەت دېھقان-چارۋىچى ئەر-خوتۇن ئۈچ پەرزەنتلىك بولسا بولىدۇ.

16-ماددا پۇقرالاردىن قانۇن بويىچە نىكاھ تىزىملاتقاندىن كېيىن، بەلگىلەنگەن پەرزەنت كۆرۈش شەرتىگە توشىدىغانلىرى پەرزەنت كۆرۈشنى تەلەپ قىلسا، ئەر-خوتۇن خوتۇننىڭ نوپۇسى بار جايدىكى يېزا دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ياكى كوچا باشقارمىسىغا بېرىپ تۇغۇت رەسمىيىتى ئۆتەپ، تۇغۇت مۇلازىمەت كىنىشكىسى ئالغاندىن كېيىن پەرزەنت كۆرسە بولىدۇ.

17-ماددا تۆۋەندىكى شەرتلەرنىڭ بىرىگە توشىدىغانلار ناھىيەلىك (شەھەرلىك) پىلانلىق تۇغۇت مەمۇرىي تارمىقى تەكشۈرۈپ تەستىقلىغاندىن كېيىن يەنە بىر پەرزەنت كۆرسە بولىدۇ.

(1) 2-A دەرىجىلىكتىن يۇقىرى مېيىپ ھەربىيلەر ياكى خىزمەت ئۈستىدە شۇنىڭغا باراۋەر دەرىجىلىك مېيىپ بولغانلار؛

(2) نىكاھلىنىپ پەرزەنت كۆرمىگەن، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بېقىۋېلىش قانۇنى» دىكى بەلگىلىمىگە توشىدىغان خەنزۇ ئەر-خوتۇنلاردىن بىر بالا بېقىۋالغاندىن كېيىن، ئاز سانلىق مىللەت ئەر-خوتۇنلاردىن ئىككى بالا بېقىۋالغاندىن كېيىن ھامىلىدار بولغانلىرى؛

(3) ئەر-خوتۇندىن بىرى قۇدۇق ئاستىدا بەش يىلدىن ئارتۇق ئىشلىگەنلەردىن ھازىرمۇ قۇدۇق ئاستىدا ئىشلەۋاتقانلىرى؛

(4) ئەر-خوتۇن ھەر ئىككىسى يالغۇز پەرزەنتلىك بولغانلىرى؛

(5) ئەر-خوتۇندىن بىرى قۇربان بولغانلارنىڭ يالغۇز پەرزەنتى بولغانلىرى؛

(6) ئوبلاستلىق (ۋىلايەتلىك، شەھەرلىك) پىلانلىق تۇغۇت مەمۇرىي تارمىقى بەلگىلىمە بويىچە تۇغۇلغان پەرزەنتلىرى ئىچىدىكى كېسەل، مېيىپ پەرزەنتى يېتىلگەندىن كېيىنمۇ نورمال ئەمگەك كۈچى بولالمايدۇ دەپ بېكىتىلگەن، ئەمما تېببىي پەندە قايتا پەرزەنت كۆرۈشكە بولىدۇ دەپ قارالغان ئەر-خوتۇن.

18-ماددا قايتا نىكاھلانغان ئەر-خوتۇن (يارىشىۋالغانلار بۇنىڭ سىرتىدا) لاردىن تۆۋەندىكى شەرتلەرنىڭ بىرىگە توشىدىغانلىرى ناھىيەلىك (شەھەرلىك) پىلانلىق تۇغۇت مەمۇرىي تارمىقىنىڭ تەستىقى بىلەن، يەنە بىر پەرزەنت كۆرسە بولىدۇ:

(1) شەھەر-بازارلاردىكى قايتا نىكاھلىنىشتىن بۇرۇن جەمئىي بىرلا پەرزەنت كۆرگەن خەنزۇ ئەر-خوتۇنلار؛ قايتا نىكاھلىنىشتىن بۇرۇن جەمئىي ئىككىلا پەرزەنت كۆرگەن ئاز سانلىق مىللەت ئەر-خوتۇنلار؛

(2) يېزىلاردىكى قايتا نىكاھلىنىشتىن بۇرۇن جەمئىي ئىككىلا پەرزەنت كۆرگەن خەنزۇ ئەر-خوتۇنلار؛ قايتا نىكاھلىنىشتىن بۇرۇن جەمئىي ئۈچلا پەرزەنت كۆرگەن ئاز سانلىق مىللەت ئەر-خوتۇنلار؛

(3) قايتا نىكاھلانغان ئەر-خوتۇننىڭ بىرىنىڭ پەرزەنت سانى مۇشۇ نىزامنىڭ (1)، (2) تارماقچىسىدا بەلگىلەنگەن پەرزەنت سانىغا يەتكەن، يەنە بىرى پەرزەنتلىك بولمىغانلار.

19-ماددا 17–، 18-ماددىدىكى بەلگىلىمىگە توشىدىغانلار يەنە بىر پەرزەنت كۆرۈشنى تەلەپ قىلسا، تەستىقلىغۇچى ئورگان ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە قارار چىقىرىشى ھەمدە ئوبلاستلىق (ۋىلايەتلىك، شەھەرلىك) پىلانلىق تۇغۇت مەمۇرىي تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك.

20-ماددا بەلگىلىمە بويىچە پەرزەنت كۆرسە بولىدىغان ئەر-خوتۇنلاردىن ئۆز پەرزەنتىنى قانۇنىسز ھالدا باشقىلارغا بېرىۋەتكەنلەر ياكى تاشلىۋېتىش، سېتىشتەك قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى سادىر قىلغانلىرىنىڭ قايتا پەرزەنت كۆرۈشىگە يول قويۇلمايدۇ.

21-ماددا قوشكېزەك ياكى كۆپ كېزەك پەرزەنت كۆرگەن ئەر-خوتۇنلاردىن پەرزەنتى بەلگىلەنگەن پىلانلىق تۇغۇت سانىغا يەتكەنلىرىنىڭ قايتا پەرزەنت كۆرۈشىگە يول قويۇلمايدۇ.

22-ماددا ئىككىدىن ئارتۇق پەرزەنت كۆرىدىغانلارغا پەرزەنت كۆرۈش ئارىلىقى بولۇش تەشەببۇس قىلىنىدۇ.

23-ماددا ئەر-خوتۇندىن بىرى شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەنلىك قېرىنداش ياكى چەت ئەل تەۋەلىكىدىكى پۇقرا بولغانلىرىنىڭ پەرزەنت كۆرۈشى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە بولىدۇ.

4-باب مۇكاپاتلاش ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت

24-ماددا ئاپتونوم رايون ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، تۇغۇت سۇغۇرتىسى ۋە ئىجتىمائىي پاراۋانلىق قاتارلىق ئىجتىمائىي كاپالەت تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پىلانلىق تۇغۇتقا تۈرتكە بولىدۇ.

25-ماددا دۆلەت ئورگىنى خادىملىرى ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلات، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلاردىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەردىن كېچىكىپ توي قىلغانلىرىغا دۆلەت بەلگىلىگەن توي دەم ئېلىش كۈنىگە يەنە 20 كۈن قوشۇپ بېرىلىدۇ. ئايال ئىشچى-خىزمەتچىلەردىن كېچىكىپ پەرزەنت كۆرگەنلىرىگە دۆلەت بەلگىلىگەن تۇغۇت دەم ئېلىش كۈنىگە يەنە 30 كۈن قوشۇپ بېرىلىدۇ، ئەرگە 15 كۈن قاراش دەم ئېلىشى بېرىلىدۇ. توي دەم ئېلىشى، تۇغۇت دەم ئېلىشى ۋە قاراش دەم ئېلىشى مەزگىلىدە مائاشى، مۇكاپات پۇلى تولۇق بېرىلىدۇ.

كېچىكىپ توي قىلغان، كېچىكىپ پەرزەنت كۆرگەن دېھقان-چارۋىچى ئەر-خوتۇنلارنىڭ بىر يىللىق كوللېكتىپ ئىشلەپچىقىرىش، جامائەت پاراۋانلىق ئەمگىكى كېمەيتىلىدۇ، كەچۈرۈم قىلىنىدۇ ياكى ئۇلارنى شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتى لايىقىدا مۇكاپاتلايدۇ.

26-ماددا پۇقرالاردىن پىلانلىق تۇغۇت ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرغانلىرىغا دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە دەم ئېلىش بېرىلىدۇ، مائاشى ۋە مۇكاپات پۇلى تولۇق بېرىلىدۇ.

27-ماددا ئەر-خوتۇنلاردىن ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئۆمۈرۋايەت بىرلا پەرزەنت كۆرىدىغانلىرى ياكى ئۆمۈرۋايەت بىرلا بالا بېقىۋېلىپ قايتا بالىلىق بولمايدىغانلىرى «يالغۇز پەرزەنتلىك ئاتا-ئانا شەرەپ گۇۋاھنامىسى» ئېلىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ؛ ئاز سانلىق مىللەت ئەر-خوتۇنلاردىن ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئۆمۈرۋايەت ئىككىلا پەرزەنت كۆرىدىغانلىرى ياكى ئۆمۈرۋايەت ئىككى بالا بېقىۋېلىپ قايتا بالىلىق بولمايدىغانلىرى «پىلانلىق پەرزەنت كۆرگەن ئاتا-ئانا شەرەپ گۇۋاھنامىسى» ئېلىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

«يالغۇز پەرزەنتلىك ئاتا-ئانا شەرەپ گۇۋاھنامىسى»، «پىلانلىق پەرزەنت كۆرگەن ئاتا-ئانا شەرەپ گۇۋاھنامىسى(تۆۋەندە «شەرەپ گۇۋاھنامىسى» دېيىلىدۇ)» نى ئايال نوپۇسقا ئېلىنغان جايدىكى يېزىلىق (بازارلىق) خەلق ھۆكۈمىتى، كوچا باشقارمىسى بېرىدۇ.

28-ماددا شەھەر-بازارلاردىكى «شەرەپ گۇۋاھنامىسى» ئالغان ئائىلىلەر تۆۋەندىكى تەمىناتتىن بەھرىمەن بولىدۇ؛

(1) گۇۋاھنامە ئالغان ئايدىن باشلاپ پەرزەنتى 16 ياشقا توشقىچە ھەر ئايدا ئون يۈەندىن كەم قىلماي سالامەتلىك ئاسراش پۇلى بېرىلىدۇ. ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ سالامەتلىك ئاسراش پۇلىدىن بەھرىمەن بولۇش مۇددىتى جەمئىي 16 يىلدىن ئاشمايدۇ؛

(2) ئەر-خوتۇن پېنسىيەگە چىققاندا ئۆز ئورنى ھەر ئىككىسىنىڭ مائاشىنىڭ %5 ى بويىچە مۇكاپات پۇلى قوشۇپ بېرىدۇ ياكى ھەر ئىككىسىگە 2000 يۈەندىن كەم قىلماي بىر يولىلا مۇكاپات بېرىدۇ؛

(3) ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش ئوبيېكتىغا كىرگەن ئائىلىلەرگە ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش پۇلى ياكى تۇرمۇش قىيىنچىلىقى ياردەم پۇلى ئالدىن بېرىلىدۇ.

29-ماددا «شەرەپ گۇۋاھنامىسى» ئالغان دېھقان-چارۋىچى ئائىلىلىرى 28-ماددىنىڭ (3) تارماقچىسىدا بەلگىلەنگەن تەمىناتتىن بەھرىمەن بولغاندىن سىرت، يەنە تۆۋەندىكى تەمىناتتىن بەھرىمەن بولسا بولىدۇ.

(1) ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى 2000 يۈەندىن كەم قىلماي بىر يولىلا مۇكاپات بېرىدۇ؛

(2) ئەر-خوتۇننىڭ بىر يىللىق كوللېكتىپ ئىشلەپچىقىرىش ۋە جامائەت پاراۋانلىق ئەمگىكى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ؛

(3) يەر ھۆددە بېرىش ۋە ئۆي يېرى بېرىشتە ئالدىن ئېتىبار بېرىلىدۇ؛

(4) گۇۋاھنامە ئالغان ئائىلىلەرنىڭ پەرزەنتى مېيىپ بولغان ياكى ئۆلۈپ كەتكەندە، قايتىدىن پەرزەنت كۆرمىگەن ياكى بالا بېقىۋالمىغان، يەنە كېلىپ تۇرمۇش مەنبەسى بولمىغان ياكى ئەمگەك ئىقتىدارىدىن قالغان ئەر-خوتۇنلارنى شۇ جايدىكى يېزىلىق (بازارلىق) خەلق ھۆكۈمىتى بەشتە كاپالەتلىك ئائىلىلەر قاتارىغا كىرگۈزىدۇ؛

(5) ئالدىن نۇقتىلىق يۆلەش ئوبيېكتى قىلىنىپ، تېخنىكا، ئۇچۇر، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى جەھەتتىن ئاۋۋال مۇلازىمەت قىلىنىدۇ؛

(6) نامرات ئائىلىلەرگە نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغى ۋە قەرز پۇل ئاۋۋال بېرىلىدۇ، نامراتلارنى يۆلەش تۈرى ئاۋۋال ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ ۋە ئۇلار ئەمەلىي پەن-تېخنىكا بويىچە تەربىيەلىنىدۇ؛ نامراتلارنى يۆلەشكە دائىر باشقا ئېتىبار سياسەتلىرىدىن ئاۋۋال بەھرىمەن بولىدۇ؛

(7) شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتى بېكىتكەن ئېتىبار بېرىشكە دائىر باشقا تەمىناتلار.

يېزىلاردىكى پىلانلىق پەرزەنت كۆرگەن ئائىلىلەر ئالدىنقى تارماقنىڭ (5)، (6)، (7) تارماقچىسىدىكى بەلگىلىمىلەردىكى پىلانلىق پەرزەنت كۆرگەن ئائىلىلەرگە تەتبىقلىنىدىغان ئېتىبار سىياسەتلىرىدىن بەھرىمەن بولسا بولىدۇ.

30-ماددا سالامەتلىك ئاسراش پۇلى ئالىدىغان ئەر–خوتۇننىڭ ھەر ئىككىسى ئىشلەيدىغان بولسا، ئىككى تەرەپنىڭ ئىشلەيدىغان ئورنى ئۇنى %50 تىن ئۈستىگە ئالىدۇ؛ بىر تەرەپ ئىشلىمەيدىغان بولسا ياكى ئۆلۈپ كەتكەن بولسا، يەنە بىر تەرەپنىڭ ئىشلەيدىغان ئورنى ھەممىنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ يەككە تىجارەتچىلەرنىڭكى سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ھەققىدىن كۆتۈرۈۋېتىلىدۇ؛ شەھەر ئاھالىسىدىن ئەر–خوتۇن ھەر ئىككىسىنىڭ ئىشلەيدىغان ئورنى بولمىغانلىرىغا شۇ جايدىكى يېزىلىق (بازارلىق) خەلق ھۆكۈمىتى، كوچا باشقارمىسى بېرىدۇ.

31-ماددا پىلانلىق تۇغۇتنى يولغا قويغان تۇغۇت يېشىدىكى ئاياللارنىڭ ھامىلىدار بولۇش، تۇغۇش ۋە بالا ئېمىتىش مەزگىلىدىكى ئەمگەك مۇھاپىزىتى، سالامەتلىك ئاسراش ۋە تۇغۇت تەمىناتى قاتارلىقلار دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە بولىدۇ.

32-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت مەخسۇس مۇكاپات خىراجىتى ئاجرىتىپ، پىلانلىق تۇغۇتنى يولغا قويغان پۇقرالارنى مۇكاپاتلاشقا ۋە ئىجتىمائىي كاپالەتكە ئىشلەتسە بولىدۇ. بۇ خىراجەت ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مالىيە سېلىنمىسى، ئىجتىمائىي تەربىيەلەش ھەققى شۇنداقلا ئىجتىمائي تەشكىلات، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار، باشقا تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەر ئىئانىسىدىن كېلىدۇ.

5-باب پىلانلىق تۇغۇت تېخنىكا مۇلازىمىتى

33-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى پىلانلىق تۇغۇت بويىچە كۆپىيىش سىستېمىسى ساغلاملىقى ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش، تۇغۇت چەكلەش، ساغلام تۇغۇپ سۈپەتلىك تەربىيەلەش، كۆپىيىش سىستېمىسى ساغلاملىقىغا دائىر پەننىي بىلىملەرنى ئومۇملاشتۇرۇپ، پىلانلىق تۇغۇت بويىچە كۆپىيىش سىستېمىسى ساغلاملىقى مۇلازىمىتى قىلىپ، پۇقرالارنىڭ كۆپىيىش سىستېمىسى ساغلاملىقى سەۋىيەسى ۋە بوۋاقلارنىڭ ساغلاملىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشى لازىم.

34-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى پىلانلىق تۇغۇت مۇلازىمەت تورىنى بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، گوۋۇيۈەننىڭ «پىلانلىق تۇغۇت تېخنىكا مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش نىزامى» دىكى تەلەپ بويىچە، پىلانلىق تۇغۇت تېخنىكا مۇلازىمىتى ئاپپاراتى ۋە پىلانلىق تۇغۇت تېخنىكا مۇلازىمتى قىلىدىغان داۋالاش، ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتى قۇرۇش ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھازىرقى سەھىيە بايلىقىدىن پايدىلىنىپ، مۇلازىمەت شارائىتىنى ياخشىلىشى، مۇلازىمەت ئۆلچىمىنى قېلىپلاشتۇرۇشى، مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشى لازىم.

35-ماددا پىلانلىق تۇغۇت تېخنىكا مۇلازىمىتى ئاپپاراتى ۋە پىلانلىق تۇغۇت تېخنىكا مۇلازىمىتى قىلىدىغان داۋالاش، ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتى تۇغۇت يېشىدىكىلەرگە نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت ئاساسىي بىلىملىرى بويىچە تەشۋىق-تەربىيە ئېلىپ بېرىپ، ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش، تۇغۇت چەكلەش، تېببىي تەكشۈرۈش جەھەتتە قەرەللىك مۇلازىمەت قىلىپ، ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش ۋە تۇغۇت چەكلەش بىخەتەرلىكى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشى لازىم. نىكاھلانغان تۇغۇت يېشىدىكى ئاياللارنىڭ ھامىلىدارلىقىنى تەكشۈرۈپ، سەييارە مۇلازىمەت خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، خالىمىغان ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش ۋە ئۇنى ئازايتىش لازىم.

36-ماددا پىلانلىق تۇغۇتنى يولغا قويغان ئەر-خوتۇنلار دۆلەت ھەقسىز تارقاتقان ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورا-سايمىنىنى ئىشلىتىدۇ.

شەھەردىكى پىلانلىق تۇغۇتنى يولغا قويغان ئەر-خوتۇنلار دۆلەت بەلگىلىگەن ئاساسىي تۈردىكى پىلانلىق تۇغۇت تېخنىكا مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ، تەكشۈرۈش ۋە ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش، تۇغۇت چەكلەش خىراجىتىنى تۇغۇت ياكى تېببىي داۋالاش قاتارلىق ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندىدىن بىر تۇتاش چىقىم قىلىشقا بولىدۇ. ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا قاتناشمىغانلارنىڭكىنى ئۆز ئورنى ياكى كوچا باشقارمىسى پىلانلىق تۇغۇت كەسپىي خىراجىتىدىن چىقىم قىلىدۇ.

يېزىدىكى پىلانلىق تۇغۇتنى يولغا قويغان ئەر-خوتۇن دۆلەت بەلگىلىگەن ئاساسىي تۈردىكى پىلانلىق تۇغۇت تېخنىكا مۇلازىمىتىدىن ھەقسىز بەھرىمەن بولىدۇ.

37-ماددا پىلانلىق تۇغۇت تېخنىكا مۇلازىمىتى ئاپپاراتى ۋە پىلانلىق تۇغۇت تېخنىكا مۇلازىمىتى قىلىدىغان داۋالاش، ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتى پۇقرالارنىڭ ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش ۋە تۇغۇت چەكلەشتە بىخەتەر، ئۈنۈملۈك، مۇۋاپىق تەدبىرنى تاللىشىغا يېتەكچىلىك قىلىشى، ئوپېراتسىيە قىلدۇرغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈشى لازىم.

38-ماددا تۇغۇت يېشىدىكى ئەر–خوتۇنلار ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش، تۇغۇت چەكلەش تەدبىرلىرىنى ئاڭلىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پىلانلىق تۇغۇت تېخنىكا يېتەكچىلىكىنى قوبۇل قىلىشى لازىم.

پەرزەنت كۆرگەن ئەر–خوتۇنلارنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تەدبىر ئاساس قىلىنغان ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش ئۇسۇلىنى تاللىۋېلىشىنى تەشەببۇس قىلىش ۋە ئۇنىڭغا ئىلھام بېرىش لازىم. نىكاھلىنىشتىن بۇرۇنقى تېببىي تەكشۈرۈشتە ئېغىر ئىرسىي كېسىلى بولغانلىقتىن پەرزەنت كۆرۈشكە بولمايدۇ دەپ قارالغانلار نىكاھلانغاندىن كېيىن، ئۇزاق مۇددەتلىك ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش تەدبىرى قوللىنىش كېرەك. خالىماي ھامىلىدار بولۇپ قالغان ياكى قانۇندا بەلگىلەنگەن تۇغۇت شەرتىگە خىلاپ ھالدا ھامىلىدار بولۇپ قالغانلارغا ۋاقتىدا تەدبىر قوللىنىش لازىم.

39-ماددا پىلانلىق تۇغۇت ئوپېراتسىيەسى قىلىدىغانلار قانۇن بويىچە «پىلانلىق تۇغۇت مۇلازىمەت ئاپپاراتى كەسىپ ئىجازەتنامىسى»ياكى «داۋالاش ئاپپاراتى كەسىپ ئىجازەتنامسى(تۆۋەندە «ئىجازەتنامە» دېيىلىدۇ) ئېلىشى كېرەك، «ئىجازەتنامە»دە بەلگىلەنگەن مۇلازىمەت تۈرى دائىرىسىدىن ھالقىپ، پىلانلىق تۇغۇت ئوپېراتسىيەسى قىلىش مەنئى قىلىنىدۇ.

ھەر قانداق ئاپپارات ۋە شەخسنىڭ ئۇلترا ئاۋازلىق دىياگنوز ئەسۋابى، خىروموسوما تەكشۈرۈش ۋە باشقا زامانىۋى پەن–تېخنىكا ۋاسىتىسى ئارقىلىق تېببىي زۆرۈرىيىتى بولمىسىمۇ ھامىلىنىڭ جىنسىنى ئېنىقلىشى ۋە جىنس تاللاش مەقسىتىدە ھامىلىنى چۈشۈرۈۋېتىشى قەتئىي مەنئى قىلىنىدۇ.

40-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورا-سايمانلىرىنى ھەقسىز تارقىتىش، بازاردا پارچە سېتىش ۋە جىنسىي ساغلاملىق بۇيۇملىرىنى سېتىشىنى نازارەت قىلىش ۋە باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى لازىم.

6-باب قانۇن جاۋابكارلىقى

41-ماددا بۇ نىزامنىڭ 15–، 17–، 18–، 20- ۋە 21-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، بىر پەرزەنتنى ئارتۇق كۆرگەنلەردىن تۆۋەندىكى بەلگىلىمىگە بىنائەن قانۇن بويىچە ئىجتىمائىي تەربىيەلەش ھەققى ئېلىنىدۇ:

(1) شەھەر-بازار ئاھالىلىرىدىن تۇرۇشلۇق ناھىيە (شەھەر) ئالدىنقى يىلى ئېلان قىلغان ئاھالىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمنىڭ بىر ھەسسىسىدىن سەككىز ھەسسىسىگىچە ئېلىنىدۇ.

(2) يېزا ئاھالىلىرىدىن تۇرۇشلۇق ناھىيە (شەھەر) ئالدىنقى يىلى ئېلان قىلغان دېھقانلارنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن سەككىز ھەسسىسىگىچە ئېلىنىدۇ.

42-ماددا بۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، نىكاھسىز پەرزەنت كۆرگەن ئالاقىدارلاردىن تۇرۇشلۇق ناھىيە (شەھەر) ئالدىنقى يىلى ئېلان قىلغان شەھەر ئاھالىسىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى ياكى يېزا ئاھالىسىنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى ئۆلچەم قىلىنىپ، بىر ھەسسىسىدىن سەككىز ھەسسىسىگىچە ئىجتىمائىي تەربىيەلەش ھەققى ئېلىنىدۇ، ئالاقىدار ئىككى تەرەپتىن جەمئىي ئېلىنىدىغىنى ئون ھەسسىسىدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ.

43-ماددا مۇشۇ نىزامنىڭ 41–، 42– ماددىسىدىكى بەلگىلىمىنى ئىجرا قىلىشتا، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان ئالاقىدارلارنىڭ ئەمەلىي كىرىمى شۇ جاينىڭ ئالدىنقى يىلدىكى ئوتتۇرىچە كىرىم سەۋىيەسىدىن تۆۋەن بولغانلىرىدىن بىر ھەسسىسىدىن ئۈچ ھەسسىسىگىچە، شۇ جاينىڭ ئالدىنقى يىلدىكى ئوتتۇرىچە كىرىم سەۋىيەسىگە تەڭ كېلىدىغانلىرىدىن ئۈچ ھەسسىسىدىن ئالتە ھەسسىسىگىچە، شۇ جاينىڭ ئالدىقى يىلدىكى ئوتتۇرىچە كىرىم سەۋىيەسىدىن يۇقىرى بولغانلىرىدىن ئالتە ھەسسىسىدىن سەككىز ھەسسىسىگىچە ئىجتىمائىي تەربىيەلەش ھەققى ئېلىنىدۇ.

قانۇنغا خىلاپ ھالدا ئىككىدىن ئارتۇق پەرزەنت كۆرگەنلەردىن پەرزەنت سانىغا قاراپ ئىجتىمائىي تەربىيەلەش ھەققى ھەسسىلەپ ئېلىنىدۇ.

44-ماددا قانۇنغا خىلاپ ھالدا كۆپ پەرزەنت كۆرگەن ياكى نىكاھسىز پەرزەنت كۆرگەن ئىككى تەرەپ ياكى بىر تەرەپنىڭ ئەمەلىي كىرىمى شۇ جاينىڭ ئالدىقى يىلدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمىنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن ئېشىپ كەتكەن بولسا، مۇشۇ نىزامنىڭ 41–، 42– ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئىجتىمائىي تەربىيەلەش ھەققى ئېلىنغاندىن سىرت، ئېشىپ كەتكەن قىسمى ئۈچۈن بىر ھەسسىسىدىن ئىككى ھەسسىسىگىچە ئىجتىمائىي تەربىيەلەش ھەققى قوشۇپ ئېلىنىدۇ.

45-ماددا قانۇنغا خىلاپ پەرزەنت كۆرگەنلەرنىڭ نوپۇسى بىر ناھىيە (شەھەر) دە بولمىسا، ئالدىنقى يىلدىكى ئوتتۇرىچە كىرىم سەۋىيەسى يۇقىرى بولغان تەرەپ تۇرۇشلۇق ناھىيە (شەھەر) نىڭ پىلانلىق تۇغۇت مەمۇرىي تارمىقى ئىجتىمائىي تەربىيەلەش ھەققى ئالىدۇ. بۇ نىزامنىڭ 42-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئىككى تەرەپتىن بىرلا ۋاقىتتا ئىجتىمائىي تەربىيەلەش ھەققى ئېلىشتىن سىرت، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغۇچىلاردىن بىرى تۇرۇشلۇق ناھىيە (شەھەر) نىڭ پىلانلىق تۇغۇت مەمۇرىي تارمىقى ئىجتىمائىي تەربىيەلەش ھەققى ئالغان بولسا، يەنە بىر تەرەپ تۇرۇشلۇق ناھىيە (شەھەر) ئۈستىلەپ ئالسا بولمايدۇ.

46-ماددا ئىجتىمائىي تەربىيەلەش ھەققى ئېلىشتا، قانۇنغا خىلاپ ھالدا پەرزەنت كۆرگەنلەر تۇرۇشلۇق ناھىيە (شەھەر) نىڭ پىلانلىق تۇغۇت مەمۇرىي تارمىقى يازما قارار چىقىرىدۇ؛ ناھىيە (شەھەر) نىڭ پىلانلىق تۇغۇت مەمۇرىي تارمىقى ئالاقىدارلار تۇرۇشلۇق جايدىكى يېزىلىق (بازارلىق) خەلق ھۆكۈمىتى ياكى كوچا باشقارمىسىنىڭ يازما قارار چىقىرىشىغا ھاۋالە قىلسىمۇ بولىدۇ.

47-ماددا ئىجتىمائىي تەربىيەلەش ھەققىنى ناھىيە (شەھەر) نىڭ پىلانلىق تۇغۇت مەمۇرىي تارمىقى ئالسا ياكى ھاۋالە قىلىنغان ئورۇن، يېزىلىق (بازارلىق) خەلق ھۆكۈمىتى، كوچا باشقارمىسى ۋاكالىتەن ئېلىپ تاپشۇرسا بولىدۇ، بېكىتىلگەن بانكا ياكى يېزا ئامانەت-قەرز كوپىراتىپى ۋاكالىتەن ئېلىپ تاپشۇرسىمۇ بولىدۇ. ئالغۇچى ئورۇن ئالاقىدارلارغا ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە تارمىقى بىر تۇتاش باستۇرغان ئىجتىمائىي تەربىيەلەش ھەققى تالونى بېرىشى كېرەك. كونكرېت ئېلىش-تاپشۇرۇش ئۇسۇلىنى ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە تارمىقى بەلگىلەيدۇ.

48-ماددا بۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ پەرزەنت كۆرگەنلەردىن بەلگىلىمە بويىچە ئىجتىمائىي تەربىيەلەش ھەققى ئېلىشتىن سىرت، ئۇلار يەنە تۆۋەندىكى بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىشى كېرەك:

(1) دۆلەت ئورگانلىرى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلاردىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر تۇغۇت ھەققىنى ئۆزى كۆتۈرىدۇ، ئۈچ يىل ئىچىدە دەرىجىسى، ۋەزىپىسى ئۆستۈرۈلمەيدۇ، ئىلغارلىققا سايلانمايدۇ ھەم ئۇلارغا ئىشلەيدىغان ئورنى ئىنتىزام چارىسى كۆرىدۇ؛

(2) يېزا ئاھالىسى كوللېكتىپ پاراۋانلىقتىن ئۈچ يىلغىچە بەھرىمەن بولسا بولمايدۇ.

(3) «شەرەپ گۇۋاھنامىسى» ئېلىپ بولغاندىن كېيىن پەرزەنت كۆرگەنلەرگە پەرزەنت كۆرگەن ئايدىن باشلاپ بۇ نىزامدا بەلگىلەنگەن ئېتىبار ۋە مۇكاپات توختىتىلىدۇ ھەم «شەرەپ گۇۋاھنامىسى» ۋە ئىلگىرى بەھرىمەن بولغان سالامەتلىك ئاسراش پۇلى ۋە مۇكاپات پۇلى قايتۇرۇۋېلىنىدۇ.

49-ماددا تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارنى ناھىيە (شەھەر) دىن يۇقىرى پىلانلىق تۇغۇت مەمۇرىي تارمىقى ياكى سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى خىزمەت ھوقۇقىغا ئاساسەن تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى بولغانلارغا قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ ئىككى ھەسسىسىدىن يۇقىرى، ئالتە ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بولمىغان ياكى قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى 10 مىڭ يۈەنگە يەتمىگەنلەرگە 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 30 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ كەسىپكارلىق گۇۋاھنامىسىنى گۇۋاھنامە بەرگەن ئورگان بىكار قىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ:

(1) قانۇنسىز ھالدا باشقىلار ئۈچۈن پىلانلىق تۇغۇت ئوپېراتسىيەسى قىلىش؛

(2) تېببىي زۆرۈرىيىتى بولمىسىمۇ، باشقىلارغا ھامىلىنىڭ جىنسىنى ئېنىقلاپ بېرىش ياكى ھامىلىنى جىنس تاللاش مەقسىتىدە سۈنئىي ئۇسۇلدا چۈشۈرۈۋېتىش؛

(3) قانۇنلۇق سالاھىيەتكە ئېرىشمەي تۇرۇپ، پىلانلىق تۇغۇت ئوپېراتسىيەسى قىلىش؛

(4) ساختا تۇغۇت چەكلەش ئوپېراتسىيەسى قىلىش، ساختا تېببىي ئىسپات، ساختا پىلانلىق تۇغۇت ئىسپاتى چىقىرىپ بېرىش.

50-ماددا پىلانلىق تۇغۇت ئىسپاتىنى ياسىۋالغان، ئۆزگەرتىۋالغان، ئېلىپ ساتقانلارنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى ناھىيە(شەھەر)دىن يۇقىرى پىلانلىق تۇغۇت مەمۇرىي تارمىقى مۇسادىرە قىلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى 5000 يۈەندىن يۇقىرى بولغانلارغا قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ ئىككى ھەسسىسىدىن يۇقىرى، ئون ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بولمىغان ياكى قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى 5000 يۈەنگە يەتمىگەنلەرگە 5000 يۈەندىن يۇقىرى، 20 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

نامۇۋاپىق ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىپ پىلانلىق تۇغۇت ئىسپاتى ئالغانلارنىڭ پىلانلىق تۇغۇت ئىسپاتىنى پىلانلىق تۇغۇت مەمۇرىي تارمىقى بىكار قىلىدۇ، ئىسپات چىقىرىپ بەرگەن ئورۇننىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇلىغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ.

51-ماددا پىلانلىق تۇغۇت تېخنىكا مۇلازىمەتچىلىرىدىن قائىدىگە خىلاپ مەشغۇلات قىلىپ ياكى قۇتقۇزۇشنى، داۋالاشنى كېچىكتۈرۈپ ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىرى ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە مۇناسىپ قانۇن جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

52-ماددا دۆلەت ئورگىنى خادىملىرىدىن پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىدە تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلىپ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلىرىگە قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بارلىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ:

(1) بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن ھالدا پەرزەنت كۆرۈشنى تەلەپ قىلغان ئەر-خوتۇنلارغا تۇغۇت مۇلازىمىتى گۇۋاھنامىسى بەرمەي ياكى قەستەن تەڭلىكتە قويۇپ، پۇقرالارنىڭ جىسمانىي ھوقۇقى، مال-مۈلۈك ھوقۇقىغا ۋە باشقا قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزگەنلەر؛

(2) خىزمەت ھوقۇقىدىن ياكى خىزمىتىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، پىلانلىق تۇغۇت بەلگىلىمىسىنى قايرىپ قويۇپ، ھامىلىدار بولغۇچى، پەرزەنت كۆرگۈچىلەرگە شارائىت يارىتىپ بەرگەنلەر ياكى ئۇلاردىن پارا سورىغان ۋە ئالغانلار؛

(3) پىلانلىق تۇغۇت خىراجىتى، ئىجتىمائىي تەربىيەلەش ھەققىنى قىسىپ قالغان، تۇتۇپ قالغان، باشقا ئىشقا ئىشلىتىۋالغان ياكى جەرىمانە قويغانلار؛

(4) نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت سانلىق مەلۇماتىنى يالغان مەلۇم قىلغان، يوشۇرغان، ئويدۇرۇپ چىقارغان، ئۆزگەرتىۋالغان ياكى مەلۇم قىلمىغانلار؛

(5) قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى پاش قىلغان، شىكايەت قىلغان پۇقرالاردىن ئۆچ ئالغانلار؛

(6) خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلانغان، خىزمەتتە بىپەرۋالىق، نەپسانىيەتچىلىك قىلغانلار.

53-ماددا يىللىق نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت نىشانى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغان ئورۇنلارنى ئىككى يىلغىچە ئىلغار ئورۇن، ئۈلگىلىك ئورۇن، مەدەنىي ئورۇن قىلىپ باھالاشقا بولمايدۇ، ئىلغار (مەدەنىي) ئورۇن دەپ باھالانغانلارنىڭ سالاھىيىتى بىكار قىلىنىدۇ؛ شۇ ئورۇننىڭ جاۋابكار مەسئۇلى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا يۇقىرى دەرىجىلىك تەشكىل قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ ياكى ئۈچ يىلغىچە ۋەزىپىسىنى، دەرىجىسىنى ئۆستۈرمەيدۇ.

ئالاھىدە ئەھۋال بولمىسىمۇ، بۇ نىزامدىكى مۇكاپاتلاشقا ئالاقىدار بەلگىلىمىنى ئەمەلىيلەشتۈرمىگەنلەرنى ياكى پىلانلىق تۇغۇتنى باشقۇرۇشقا ھەمكارلىشىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغانلارنى يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ ياكى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىد قىلىدۇ؛ تۈزىتىشنى رەت قىلغانلارنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇلىغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ.

54-ماددا تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارغا پىلانلىق تۇغۇت مەمۇرىي تارمىقى تەنقىد، تەربىيە بېرىدۇ ھەم توسىدۇ؛ ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپلىق قىلغانلارغا قانۇن بويىچە ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ:

(1) پىلانلىق تۇغۇت خادىملىرىنىڭ قانۇن بويىچە ۋەزىپە ئىجرا قىلىشىنى رەت قىلغانلار، توسقانلار؛

(2) پىتنە-ئىغۋا تارقىتىپ ئاممىنى قايمۇقتۇرۇپ، قۇتراتقۇلۇق قىلىپ جېدەل چىقىرىپ، پىلانلىق خىزمەت تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرغانلار؛

(3) پىلانلىق تۇغۇت ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىۋاتقان ھۆكۈمەت خادىمىنى ھاقارەتلىگەن، تۆھمەت قىلغان، ئۇرغان ياكى ئۇلاردىن ئۆچ ئالغانلار؛

(4) تۇغۇت سەۋەبىدىن ئاياللارنى ئېغىر خورلىغان ياكى قىز بوۋاقلار، مېيىپ بالىلارنى تاشلىۋەتكەنلەر؛

(5) پاش قىلغانلاردىن ئۆچ ئالغانلار؛

(6) باشقىلارنىڭ ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش تەدبىرىنى قوللىشىغا ئارىلىشىۋالغانلار، توسقۇنلۇق قىلغانلار؛

(7) پىلانلىق تۇغۇتقا خىلاپلىق قىلغانلارنى يوشۇرغانلار، قانات ئاستىغا ئالغانلار.

55-ماددا پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلاردىن مەمۇرىي ئورگان ۋە ئۇنىڭ خادىملىرىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت باشقۇرۇش خىزمىتىدىكى كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكىتى قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزگە زىيان يەتكۈزدى دەپ قارىغانلىرى قانۇن بويىچە مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا ياكى مەمۇرىي دەۋا قىلسا بولىدۇ.

7-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

56-ماددا كۆچمە ئاھالىنىڭ پىلانلىق تۇغۇتىنى باشقۇرۇش دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە بولىدۇ.

57-ماددا بۇ نىزام 2003-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ


(تەرجىمىسىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى قانۇن-نىزاملارنىڭ تەرجىمىسىنى بېكىتىش گۇرۇپپىسى بېكىتكەن).[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (3 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    66.7%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    33.3%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#