لوفاھ

بۇ پىدىگەن ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك ئاترۇپانىڭ پۈتۈن چۆپى بولۇپ، يوپۇرماق يۈزى سارغۇچ يېشىل رەڭلىك، ئۈستى يۈزىنىڭ رەڭگى توقراق، ئىككىلا يۈزىدە ئاز ساندا تۈكلىرى بار.

ئۇيغۇرچە نامى لوفاھ
خەنزۇچە ئاتىلىشى 颠茄草

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بۇ پىدىگەن ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك ئاترۇپانىڭ پۈتۈن چۆپى بولۇپ، يوپۇرماق يۈزى سارغۇچ يېشىل رەڭلىك، ئۈستى يۈزىنىڭ رەڭگى توقراق، ئىككىلا يۈزىدە ئاز ساندا تۈكلىرى بار. گۈلى توق سۆسۈن رەڭلىك بولىدۇ. ئۆزى نېپىز ھەم چۈرۈك، تەمى ئاچچىق، پۇرىقى ئاجىز.

بېللادۇننانىڭ تەركىبىدە تەخمىنەن %0.5 گىچە ئالكولوئىد تۇتىدۇ. بۇنىڭ ئاساسلىق تەركىبى بەزىرۇلبەنجى ئالكولوئىدى، ھىئوسسىيامىن (Hyoscyamine) ۋە ئاز مىقداردا شكوپولامىندىن (scopolamine) ئىبارەت. ھىئوسسىيامىن ساقلاش، پىششىقلار، تەييارلاش جەريانىدا تەدرىجىي ئاتروپىنغا (Atropine) ئايلىنىدۇ. يەنە ئاز مىقداردىكى ئالىكوئىد ئاپوئاتىرو ئاتروپىن (Atropine)، بېللادونىن (Belladonine)، نۇرھئوسىيامىن (Norhyoscyamine)، نۇرئاتروپىن (Noratropine) قاتارلىقلار بار. بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئاز مىقداردا ئۇچۇچان مەنبەلىك تۇز ئاساسلىرى بار.

بېللادۇننانىڭ ئاساسلىق ئۈنۈملۈك تەركىبى ھىئوسىيامىن بولۇپ، بۇنى ئېلىش جەريانىدا ئاتروپىنغا ئايلىنىدۇ. بۇنىڭ تەسىرى تۆۋەندىكىچە:

(1) سىلىق يوللۇق مۇسكۇلنىڭ تارىيىشىنى تورمۇزلايدۇ، ئاتروپىن نۇرغۇنلىغان سىلىق مۇسكۇللارنى بوشاشتۇرۇپ، ئاشقازان - ئۈچەي يوللىرى سىلىق مۇسكۇللىرىنىڭ قاتتىق لۆمۈلدىشى ياكى قىسقىرىۋېلىشىنى تورمۇزلايدۇ. ئاشقازان - ئۈچەي سانجىقىنى يەڭگىلىتىدۇ. سۈيدۈك چىقىرىش نەيچىسى ۋە دوۋساق، سۈيدۈك كەلتۈرۈش مۇسكۇلغا نىسبەتەنمۇ تەشەننۇجنى بوشاشتۇرۇش تەسىرى بار. كىلىنىكىدا ھەر خىل ئىچكى ئەزالار سانجىقى، مەسىلەن: ئاشقازان - ئۈچەي سانجىقى، بۆرەك سانجىقى ۋە دوۋساقنىڭ غىدىقلىنىش ئالامەتلىرى، سۈيدۈك تامچىلاپ كېلىش، سۈيدۈك قىستاش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلسە ئۈنۈمى خېلى ياخشى.

(2) بەز تەنچىلىرىنىڭ ئاجرىتىپ چىقىرىشىنى تورمۇزلايدۇ، ئاتروپىن شۆلگەي بېزى ۋە تەر بېزىنى تورمۇزلاپ، ئېغىز قۇرۇش ۋە تىل قۇرغاقلىشىش پەيدا قىلىدۇ. شۇنداقلا ياش بېزى ۋە نەپەس يولى سېكرىتسىيىسىنىمۇ زور دەرىجىدە ئازايتىدۇ. ئاتروپىن پۈتۈن بەدەن ناركوز قىلىشتىن بۇرۇن بېرىلسە، نەپەس يولى، سىروتسىيىسىنى ئازايتىدۇ. ئاجىراتمىلىرىنى توختىتىپ، نەپەس يولىنى قۇرۇتىدۇ ۋە سۈمۈرلۈش مەنبەلىك ئۆپكە ياللۇغى يۈز بېرىشنى توسۇش ئۈچۈنمۇ ئىشلىتىلىدۇ.

(3) كۆز سىلىق مۇسكۇلىغا بولغان تەسىرى: ئاتروپىن كۆز قارچۇقى، پۈركىمە مۇسكۇلى ۋە كىرپىكسىمان مۇسكۇلنىڭ قىسقىرىشىنى تورمۇزلاپ كۆز قارچۇقىنى كېڭەيتىدۇ. كۆز بېسىمىنى ئۆرلىتىدۇ ۋە پالەچلىنىشىنى تەڭشەيدۇ. بۇ رەڭدار كىرپىكسىمان تەن ياللۇغىغا ئىشلىتىلسە، رەڭدار تەن بىلەن كىرىستال تەننىڭ چاپلىشىپ قېلىشى ۋە كۆز قارچۇقى، توسۇلۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. گلائوكۇما كېسىلى بىمارلىرى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.

(4) بۆرەك قان تومۇر قىسىمىغا بولغان تەسىرى: 

① داۋالاش دوزمىسىدىكى ئاتروپىن بىر قىسىم كېسەللەرنىڭ يۈرەك رىتىمى ۋاقىتلىق ئاستىلىدۇ. چوڭراق مىقدارى (1~2 مىللىگىرام) يۈرەك رىتىمىنى تېزلىتىدۇ.

② ئاداشقان نېرۋا ئارتۇقچە قوزغىلىشتىن كېلىپ چىققان ئۆتكۈزۈش توسۇلۇش ۋە يۈرەك رىتىمىنى بۇزۇشقا قارشى تۇرالايدۇ. نورمال كىشىلەر بەدەنگە نىسبەتەن سۇس، دالانچە تۈگۈنىنىڭ ئۆزىنى تۇتۇشىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. يۈرەك دالانچىسىنى تەسىرلەنمەسلىك دەۋرىنى قىسقارتىپ يۈرەك دالانچىسى ئىچكى ئۆتكۈزۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئاداشقان نېرۋا ئارتۇقچە قوزغىلىش كەلتۈرۈپ چىقارغان سىنۇس دالانچىسى توسۇلۇش، دالانچە توسۇلۇش قاتارلىق ئاستا خۇسۇسىيەتلىك يۈرەك رىتىمى قالايمىقانلىشىشلارغا ئىشلىتىلىدۇ. يەنە ئىككىلەمچى سىنۇس دالانچە تۈگۈنىنىڭ خىزمىتى تۆۋەنلەپ كېتىش بىلەن پەيدا بولغان قېرىنچە مەنبەلىك غەيرى رىتىم قاتارلىقلارنى داۋالايدۇ.

(5) مەركىزى نېرۋا سىستېمىسىغا بولغان تەسىرى: چوڭراق مىقداردا (1~2 مىللىگىرام) ئىشلىتىلسە ئۇزۇنچاق مېڭە ۋە چوڭ مىڭىنى يەڭگىل دەرىجىدە قوزغىتىدۇ،  5~2 مىللىگىرامنىڭ غىدىقلاش تەسىرى كۈچلۈكرەك بولۇپ، تاقەتسىزلىك،بىئاراملىق، كۆپ سۆزلەش، خۇدىنى يوقىتىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرىلىدۇ. زەھەرلەش مىقدارى ئادەتتە خىيالى تۇيغۇ، يۆنىلىش، توسالغۇغا ئۇچراش، ھەرىكەت يوقىلىش ۋە تارتىشىپ قېلىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى پەيدا قىلىدۇ.

(6) كىلىنىكىدا شۇك كېسىلىگە چوڭ مىقداردا ئاتروپىن ئىشلىتىلىدۇ. مەسىلەن: ئۆتكۈر تارقىلىشچان مېڭە يۇلۇن پەردە ياللۇغى، زەھەرلىنىش مەنبەلىك باكتېرىيەلىك تولغاق، زەھەرلىنىش مەنبەلىك ئۆپكە ياللۇغى قاتارلىقلار پەيدا قىلغان يۇقۇملىنىش مەنبەلىك كېسەللىكلەر قاتارلىقلار.

شۈك، ئاتروپىن قان تومۇرنىڭ قىسقىرۋېلىشىنى يوقىتىپ، ئەتراپ قان تومۇرلارنى كېڭەيتىدۇ، مىكرو قان ئايلىنىشنى ياخشىلايدۇ. لېكىن تەسىرى پىرىنسىپى ھازىرغىچە ئېنىق ئەمەس، ئۇنىڭدىن باشقا ئورگانىك فوسفاتازا تورلىرى بىلەن زەھەرلىنىشنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. دورا ياساش سانائىتىدە لوفاھ ئىكستراكىنى ۋە تىنكتورىسى تەييارلىنىدۇ. بۇ ياسالمىلار تارتىشىشنى قايتۇرۇش، ئاغرىق توختىتىش، بەز ئاجرالمىلىرىنى چىقىرىش خىزمىتىنى توختىتىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.

ئۈچىنچى دەرىجىدە قۇرۇق سوغۇق.

ئاغرىق توختىتىش، تىنچلاندۇرۇپ مەست قىلىش، تېرىنى قىزارتىش، ئىششىق قايتۇرۇش، سۈيدۈك ھەيدەش، تەرلەشنى توختىتىش، سۈتنى كېمەيتىش.

چوڭ — كىچىك بوغۇم ئاغرىقى، يانپاش ئاغرىقى، بەل ئاغرىقى، ئاقكېسەل، كونا يۆتەل، زىققا، دوۋساقنىڭ ئېچىشىپ ئاغرىشى، كۆپ ئېھتىلام بولۇش، كۆپ تەرلەش، سۈتنىڭ كۆپلۈكى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

1. سۆرۈنجان، سانا، بەدىيان، ئىزخىرلارنىڭ ھەر بىرىدىن 10 گىرامدىن، بېللادوننا بىر گىرام ئېلىپ زىمات تەييارلاپ، يەرلىك ئورۇنغا چاپسا پۇت - قول ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

2. بېللادوننا ئۈچ گىرام، گۈل يېغىدىن 10 مىللىگىرام ئېلىپ، مەلھەم تەييارلاپ يەرلىك ئورۇنغا چاپسا مۈچە ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

3. بەزىرۇلبەنجى، كەندىر 10 گىرام، ئەپىيۇن 0.1 گىرام، بېللادوننادىن 0.5 مىللىگىرام ئېلىپ تالقان تەييارلاپ بىر گىرامدىن ئىچىپ بەرسە ھەر خىل جىددىي خاراكتېرلىك ئاغرىقلارنى توختىتىدۇ.

1 ~ 0.5 مىللىگىرام.

باش ئاغرىتىدۇ.

سۇمبۇل، لاچىندانە.

بەزىرۇلبەنجى، ئەپىيۇن.

ئېلىمىزنىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدىن ھەم ھىمالايا تاغ ئېتەكلىرىدىن چىقىدۇ.

مەجۈنى بەرشىشا، ھەببى ئىمساك.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

خەتكۈچلەر:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#