ۋىستىنگخوۋس

ۋىستىنگخوۋس

يەل تورمۇزنى كەشىپ قىلغۇچى ۋىستىنگخوۋس ئامېرىكىلىق بولۇپ، 1846-يىلى 10-ئاينىڭ 6-كۈنى نيۇيوركنىڭ بىر يېزىسىدا تۇغۇلغان.

ئۇيغۇرچە ئىسمى ۋىستىنگخوۋس
دۆلەت تەۋەلىكى ئامېرىكا
تۇغۇلغان ۋاقتى 1846-يىلى 10-ئاينىڭ 6-كۈنى
كەسپى كەشپىياتچى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 乔治·威斯汀豪斯
يۇرتى نيۇيورك
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1914-يىل 3-ئاينىڭ 12-كۈنى
چەتئەلچە نامى George Westinghouse, Jr.

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ۋىستىنگخوۋسيەل تورمۇزنى كەشىپ قىلغۇچى ۋىستىنگخوۋس ئامېرىكىلىق بولۇپ، 1846-يىل 10-ئاينىڭ 6-كۈنى نيۇيوركنىڭ بىر يېزىسىدا تۇغۇلغان. ئۇنىڭ دادىسى دېھقانچىلىق سايمانلىرىنى ياسايدىغان كىچىك ھۈنەرۋەن بولۇپ، ۋىستىنگخوۋس 15 ياشقا كىرگەندە، ئامېرىكىدا جەنۇب-شىمال ئۇرشى پارتلاپ، ئۇ دېڭىز ئارمىيىسى قىسىملىرىدا ئەسكەر بولغان. ھەربىي خىزمەت ئۆتەش ۋاقتى توشقاندىن كېيىن، يۇرتىغا قايتىپ كېلىپ ئۇنىۋېرسىتېتكە كىرگەن. 

ۋىستىنگخوۋس 1914-يىل 3-ئاينىڭ 12-كۈنى 67 يېشىدا ۋاپات بولغان.

ئۇ ئۇنىۋېرسىتېتتا تىل ۋە ماتېماتىكىغا ئانچە قىزىقىپ كەتمىگەن، پەقەت ئىشچى بولۇپ، بەزى ماشىنلارنى ئىشلەپ، ئىنسانلار ئۈچۈن بەخت يارىتىپ بېرىشنىلا ئويلايدۇ. بىر قېتىم ئۇ پويىزغا ئولتۇرۇپ بوستونغا ماڭىدۇ. پويىز كېتىۋاتقاندا، ئالدى تەرەپتە يېقىنلا يەردە بىر ئات ھارۋىسىنىڭ پويىز يولىدا كېتىۋاتقانلىقىنى بايقايدۇ، شوپۇر ئۇنى سەزگەن بولسىمۇ، لېكىن پويىزنى توختىتىشقا ئۈلگۈرەلمەي ئېغىر پاجىئە يۈز بېرىدۇ. ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن پاجىئە ۋىستىنگخوۋسقا ناھايىتى قاتتىق تەسىر قىلىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ بىرەر ئەپلىك تورمۇز قىلىش ئەسۋابىنى تەتقىق قىلىپ چىقىشقا بەل باغلايدۇ.

ئۇ چاغدىكى پويىز پار بىلەن ھەرىكەتلىنىدىغان بولغاچقا، ۋىستىنگخوۋس دەسلەپ پويىزنى پار بىلەن تورمۇزلىماقچى بولىدۇ. نۇرغۇن كۈنلەر تەجرىبە قىلىش ئارقىسىدا، تورمۇز قىلىش ئەسۋابىنى ياساپ چىقىدۇ. بىرىنچى قېتىم سىناق قىلغاندا، بۇ پار بىلەن تورمۇز قىلىش ئەسۋابىنىڭ كۈچى بەك ئاجىز بولۇپ چىقىدۇ، سىلىندىرنى كەڭلىتىپ پارنىڭ كۈچىنى ئاشۇرۇشمۇ زادى مۇمكىن بولماي بۇ تەجرىبىدىن ۋاز كېچىدۇ. مەغلۇبىيەت غالبىيەتنىڭ ئانىسى بولغاچقا، ۋىستىنگخوۋس باشقا يول تېپىش قارارىغا كېلىدۇ. 1868-يىل ئەتىيازدا، ئۇ بىر ژۇرنالنى كۆرۈپ قالىدۇ. ئۇنىڭغا: شىۋېتسارىيەدىكى ئالپىس تۆمۈر يولىدىكى چوڭ تونىللارنى ئېچىشتا قىسىلغان ھاۋا كۈچىدىن پايدىلىنىلغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر بېسىلغان ئىدى. ۋىستىنگخوۋس بۇنىڭدىن ئىلھاملىنىپ، نېمىشقا ھاۋانى قىسىش قائىدىسىدىن پايدىلىنىپ پويىزنى تورمۇزلىغىلى بولمايدىكەن؟ دەپ ئويلايدۇ-دە، يۈز كېچە-كۈندۈز تىرىشىپ كۆرەش قىلىش ئارقىسىدا، يەل تورمۇزنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. بۇ كىچىككىنە ئەسۋابنىڭ ئۆزىدىن نەچچە يۈز ھەسسە چوڭ بولغان پويىزنى تورمۇزلىيالايدىغانلىقىنى ھېسابلاپ چىقىدۇ. لېكىن دادىسى ئۇنىڭ ئىجادىيىتىدىن گۇمان قىلىپ، ئۇنى قوللىمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ دەرھال تەجرىبە قىلىش پۇرسىتىگە ئىگە بولالمايدۇ.

ئوت يۈرەك ۋىستىنگخوۋس بۇنى سىرتقا تەشۋىق قىلىشقا مەجبۇر بولۇپ، ئاخىرى باشقىلارنىڭ قوللىشى بىلەن سىناق قىلىش پۇرسىتىگە ئىگە بولىدۇ. 1868-يىل 10-ئايدا ۋىستىنگخوۋس ھەر قايسى تۆمۈر يول شىركەتلىرىدىكى تېخنىكلار ۋە مۇتەخەسىسلەرنىڭ يەل تورمۇزنى بىرلىكتە سىناق قىلىشقا تەكلىپ قىلىدۇ، ئۇ پويىزنى ئۆزى ھەيدەيدۇ. تورمۇز بېرىشنى سىناق قىلىدىغان بېكەتنىڭ يېرىمىغا كەلگەندە، ئالدى تەرەپتىن 8-9 مېتىر يىراقلىقتا بىر دېھقاننىڭ ئاشلىق بېسىلغان بىر ھارۋىنى رېلىس ئۈستىدە ئىتتىرىپ يۈرگەنلىكىنى كۆرىدۇ، بۇ كۈتۈلمىگەن ئىشتىن پويىزدىكى يولۇچىلار بەك ئالاقزادە بولۇپ كېتىدۇ. يەنە بىر پاجىئە يۈز بېرىدىغان بولدى! ۋىستىنگخوۋس ناھايىتى ھودۇقۇش بىلەن مۇبادا تورمۇز كارغا كەلمەي قالسا قانداق قىلىش كېرەك دەپ ئويلايدىيۇ، لېكىن ئۇ بىراقلا تورمۇز بېرىدۇ، پۈتۈن سۈرئىتى بىلەن كېتىۋاتقان پويىز شۇ زامات توختايدۇ. يولۇچىلار ئالمان-تالمان سىرتقا قارىسا، پويىز ھېلىقى دېھقاننىڭ ھارۋىسىدىن 2-3 مېتىر بېرىسىدە ئامان-ئېسەن تۇرغان، شۇنىڭ بىلەن سىناق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇپ چىقىدۇ. شۇ چاغدا ئۇ ئاران 22 ياشتا ئىدى. 1871-يىلى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى پۈتۈن ئامېرىكا بويىچە پويىزلارغا يەل تورمۇز ئورنىتىش قانۇنىنى تۈزۈپ چىقىدۇ. ۋىستىنگخوۋس ئۆزىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىدىن قانائەتلىنىپ قالماي، ئۇنى ياخشىلاشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. 1888-يىلىغا كەلگەندە، يەنە بىر تېخىمۇ مۇكەممەل بولغان يەل تورمۇز دۇنياغا كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، پۈتۈن دۇنيا بويىچە پويىزلارنىڭ ھەممىسىدە يەل تورمۇز ئىشلىتىشكە باشلايدۇ. [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/8229762.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#