قەشقەر چوڭ بازىرى

قەشقەر چوڭ بازىرى

قەشقەر چوڭ بازىرىنىڭ تولۇق نامى ئوتتۇرا-غەربىي ئاسىيا خەلقئارا سودا بازىرى، قەشقەر شەھىرى نىڭ شەرقىي شىمالىي بۇرجىكىدىكى تۈمەن دەرياسىنىڭ شەرقىگە جايلاشقان.

ئۇيغۇرچە نامى قەشقەر چوڭ بازىرى
باشقا نامى شەرقىي چوڭ بازىرى
تولۇق نامى ئوتتۇرا-غەربىي ئاسىيا خەلقئارا سودا بازىرى
خەنزۇچە نامى 喀什大巴扎
كۆلىمى 250 مو

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

قەشقەر چوڭ بازىرىقەشقەر چوڭ بازىرىنىڭ تولۇق نامى ئوتتۇرا-غەربىي ئاسىيا خەلقئارا سودا بازىرى، قەشقەر شەھىرى نىڭ شەرقىي شىمالىي بۇرجىكىدىكى تۈمەن دەرياسىنىڭ شەرقىگە جايلاشقان، شەرقىي چوڭ بازىرى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. كۆلىمى 250 مو، ئىچىدە 21 كەسپىي بازار بار، ئېلىمىزنىڭ غەربىي شىمال رايونىدىكى ئەڭ چوڭ خەلقئارا سودا بازىرى.

قەشقەر چوڭ بازىرى قەشقەر شەھىرىنىڭ شەرقىي دەرۋازىسى، ئېلىمىزنىڭ غەربىي شىمال رايونىدىكى ئەڭ چوڭ خەلقئارا سودا بازىرى. قەشقەر قەدىمكى يىپەك يولىدىكى تارىخىي مەدەنىيەتكە ئىگە داڭلىق شەھەر، تاۋار يىغىش-تارقىتىش ئورنى، شۇ يىلى شىئەندىن يولغا چىققان سودا كارۋانلىرى، مەيلى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىدا ياكى تەڭرىتاغ شىمالىي يولىدا ماڭسۇن، ھەممىسى بۇ يەرگە كېلىپ يىغىلغان.

بۇ يەردىكى بازار ھازىرغىچە ئىككى مىڭ يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە، قەدىمكى «ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ بازار» دېگەن نامى بار. بازاردا 5000 دىن ئارتۇق يايما ئورنى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، مىڭ خىل تاۋار بار، ھەر كۈنلۈك ئادەم ئېقىم مىقدارى 100 مىڭدىن ئارتۇق. 

قونجىراپ قىرغىقى ۋە تورغات چېگرا ئېغىزى ئارقا-ئارقىدىن سىرتقا ئېچىۋىتىلگەندىن كېيىن، خەلقئارا تاۋار يولى ئېچىلغان، نۇرغۇن چەت ئەللىك ساياھەتچى ۋە سودىگەر سودا ئۆمىكىنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىگەن، زور مىقداردىكى چەت ئەل تاۋارلىرىنى ئېلىپ كىلىپ ساتقان، چوڭ بازاردى يەنە نۇرغۇن جۇڭگو تاۋار-ماللىرىنى سېتىۋالغان. 

1992-يىلىدىن ئىلگىرى، بۇ بازاردا پەقەت يەكشەنبە كۈنىلا تىجارەت قىلىنغان، شۇڭا ھازىرغىچە يەنىلا چەت ئەللىك ساياھەتچىلەر بۇ بازارنى «يەكشەنبە  چوڭ بازار» دەپ ئاتايدۇ، ھازىر بۇ بازار ھەر كۈنى تىجارەت قىلىدۇ، ئەمما پەقەت يەكشەنبە كۈنىلا بازارنىڭ ئاۋاتلىقى ۋە مىسلىسىز كۆلەمىنى ئاندىن ئەڭ كۈچلۈك ھېس قىلغىلى بولىدۇ.

قەشقەر چوڭ بازىرىداڭلىق قەشقەر چوڭ بازىرى بولسا ئۇزاق تارىخىي تەرەققىيات نەتىجىسىدە شەكىللەنگەن، ئۇ ئىككى مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە بولغان ئەنئەنىۋى سودا بازىرى، مىلادىدىن بۇرۇنقى 128-يىلى جاڭ چيەن غەربىي يۇرتقا ئەلچىلىككە بارغاندا، غەربىي يۇرتتىكى 36 دۆلەتنىڭ بىرى بولغان سۇلى دۆلىتى، يەنى بۈگۈنكى قەشقەر شەھىرىگە كەلگەن، ئىلگىرى قەشقەر توغۇرلۇق مۇنداق بايانلار بولغان، سۇلى  ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك بىلەن ئوخشاش بولغان شەھەر، ئوخشىغان كوچا ۋە بازار دۇكانلىرى بار، ئەينى چاغدا شەھەرنىڭ، سانجاق-سانجاق تۆگە ئەترىتى، كارۋانلىرى بولغان، جانلانغان، ئاۋاتلاشقان، ھەممىلا يەردە مىلىچ ماللار بولۇپ، چىرايلىق ۋە قىممەتلىك نەرسىلەر ناھايىتى كۆپ بولغان. تېخىمۇ قىزىقارلىق يېرى شۇكى، بازاردىكى كىشىلەرنىڭ كىيىم-كېچەكلىرى بىر-بىرىدىن رەڭگا-رەڭ بولغان، ھەرخىل ۋاريانتلاردا سۆزلەشكەن، ئاللىقاچان بىر ئاۋات سودا بازىرى بولغان.

قەشقەر چوڭ بازىرىقەشقەر چوڭ بازىرى قەدىمدىن تارتىپلا كەسپلەر بويىنچە بازىرى ئايرىلغان. مەسىلەن ئوتۇن بازىرى، گىلەم بازىرى، گەزمال بازىرى، چارۋا بازىرى، ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى بازىرى، پىچاق بازىرى، قۇرۇق مېۋە بازىرى قاتارلىقلار، بولۇپمۇ چارۋا بازىرى ئادەتتە پەقەت يەكشەنبە كۈنى ئېلىپ بېرىلىدۇ، بۇ كۈنى كىشىلەر تەرەپ-تەرەپتىن بۇ يەرگە چىقىپ چارۋا ئېلىپ ساتقان، بۇ يەردە قەدىمكى يىپەك يولىدىكى بۇ خىل قەدىمىي سودا شەكلى، مالنى ئالماشتۇرۇشنى كۆرگىلى بولىدۇ، بولۇپمۇ يەڭ ئىچىدىكى سودىلارنى ھەقىقى ھېس قىلغىلى بولىدۇ.

قەشقەر ئاسىيا ـ ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ مەركىزى، «بەش چېگرا ئېغىزى، بىر يولى ئاسىياغا تۇتىشىش»تەك ئۆزگىچە رايون ئەۋزەللىكى، قەشقەر ۋە ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنىڭ خەلقئارا سودا تارىخى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە قىلغان، ئالاقە كۈندىن-كۈنگە كۆپەيگەن، چوڭ بازاردىكى پاكىستان نىڭ ھۈنەر-سەنئەت بويۇملىرى، تۈركىيە نىڭ يىپەك ياغلىقلىرى، قىرغىز دۇربۇنلىرى، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ قۇرۇق مېۋىلىررىنى سېتىۋالغىلى بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە باھاسى مۇۋاپىق. 90-يىللىرى چوڭ بازاردا يەنە مەخسۇس قىرغىزىستان ماللىرىنى ساتىدىغان بازار تەسىس قىلىنغان. شۇنىڭ ئۈچۈن جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك ساياھەتچىلەر بۇ بازارنى «ئوتتۇرا ئاسىيا ماددىي ئەشيا كۆرگەزمىسى» دەپ ئاتىغان. بۇ يەر كۆپچىلىكنىڭ مال سېتىۋېلىش تەلىپىنى قاندۇرالايدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#