تايلاند

تايلاند

تايلاند شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى پادىشاھلىق ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈمدىكى دۆلەت. تولۇق ئاتىلىشى ‹‹تايلاند پادىشاھلىقى›› يەنى ‹‹ئەركىن دۆلەت›› دېگەن مەنىدە. تايلاند يەنە ‹‹بۇدلار دۆلىتى›› دەپمۇ ئاتىلىدۇ .

ئۇيغۇرچە نامى تايلاند پادىشاھلىقى
قىسقارتىلغان نامى تايلاند 泰国
پايتەختى باڭكوك
نوپۇسى 65 مىليون 440 مىڭ
چەتئەلچە نامى Kingdom of Thailand
خەنزۇچە نامى 泰王国
قىتئە تەۋەلىكى ئاسىيا قىتئەسى
دۆلەت تىلى تايلاند تىلى
يەر مەيدانى 513 مىڭ 100 كۇۋادىرات كىلومېتىر
دۆلەت بايرىمى كۈنى 12-ئاينىڭ 5كۈنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

تايلاندتايلاند شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى پادىشاھلىق ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈمدىكى دۆلەت. تايلاند ھىندى يېرىم ئارىلىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان، غەربىي ۋە شىمالىي قىسمى ۋە بىرما، ئاندامان دېڭىزى بىلەن، شەرقىي شىمال تەرىپى لائوس، شەرقىي جەنۇب تەرىپى كامبودژا بىلەن تۇتشىدۇ، جەنۇب تەرىپى تار ھەم ئۇزۇنچاق يېرىم ئارال ھەم  مالايسىيا بىلەن تۇتىشىدۇ. 

تايلاندنىڭ كونا نامى سىيام ، 1949-يىلى 5-ئاينىڭ 11-كۈنى  تايلاندلىقلار ئۆزلىرىنىڭ مىللىي نامىنى «تايلاند» دېگەن نامغا ئۆزگەرتكەن، «تايلاند» سۆز «تەي» بولۇپ، ئاساسلىقى «ئەركىنلىك» دېگەن مەنىدە. تايلاندنىڭ تولۇق ئاتىلىشى ‹‹تايلاند پادىشاھلىقى›› يەنى ‹‹ئەركىن دۆلەت›› دېگەن مەنىدە. تايلاند يەنە ‹‹بۇدلار دۆلىتى›› دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

تايلاند دۇنيا بويىچە ئەڭ داڭلىق ساياھەت رايونىنىڭ بىرى. تايلاند بۇددا دىنى دۆلىتى بولۇپ ، كۆپىنچە تايلاندلىقلار تۆت بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ . بۇددا دىنى مۇخلىسلىرى پۈتۈن مەملىكەت ئاھالىسىنىڭ %90 يۇقىرى  تايلاندلىقلار بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. 

 تىلى: تايلاندنىڭ دۆلەت تىلى خەن-تېبەت تىللىرى سېستىمىسى -تاي تىللىرى ئائىلىسىگە تەۋە تاي تىلى، ھەر قايسى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۆزىنىڭ تىلىدا سۆزلىشىدۇ. ئەنگىلىز تىلى تايلاندتا كەڭ ئۇمۇملاشقان چەتئەل تىلى ھىساپلىنىدۇ. 

دۆلەت بايرىمى: تايلاندنىڭ مۇقىم دۆلەت بايرىمى يوق. تەختىىكى پادىشاھنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئادەتتە تايلاندنىڭ دۆلەت بايرىمى ھىساپلىنىدۇ. ھازىرقى پادىشاھ پۇمىپون 1927-يىلى 12-ئاينىڭ5-كۈنى تۇغۇلغان.

تايلاندنىڭ پۇلى باخت. 2002-يىلى 42.96 = بىر دوللار، 2004-يىلى 40.22 باخت = بىر دوللار، 2006-يىلى 3 7.88 باخت -بىر دوللار.

نوپۇسى 

تايلاندنىڭ نوپۇسى 65 مىليون 440 مىڭ، تايلار ئۇمۇمى ئاھالىسىنىڭ %35 نى، لائۇسلار %40 نى ئىگىلەيدۇ. تايلاندتا دۆلەتنىڭ ئاساسلىق ئىقتىسادى تارماقلىرىغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقان 6 مىليون  جۇڭگولۇق مۇھاجىر بار. تايلاندتىكى يەرلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئىچىدە كامبودژا چېگرىسىدىكى 2 مىليون كىخمېر، مالايسىيا چېگرىسىدىكى 4 مىليون مالاي (پاتتانى مالاي دەپ ئاتىلىدۇ)، بېرما چېگرىسىدىكى 1 مىليۇن ئەتراپىدا كايىن ۋە مونلار بار. بۇددا دىنى دۆلەت دىنى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بوددىستلار ئاھالىسىنىڭ %90 نى تەشكىل قىلىدۇ. ئىسلام دىنى تايلاندتىكى 2-چوڭ دىن بولۇپ، مالايلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان مالايسىيا بىلەن چېگرىلىنىدىغان پاتتانى رايونىدىكى 4مىليون مۇسۇلماندىن باشقا يەنە تايلاندنىڭ جەنۇبىدىكى يېرىم ئارال رايونى ۋە پايتەخت بانكوكتا ئولتۇرۇشلۇق تاي تىلىدا سۆزلەيدىغان 2 مىليون مۇسۇلمان بار.

تايلاندتايلاند ئەسلىدە مالاي تىلىدىكى مىللەتلەرنىڭ زىمىنى بولۇپ مىلادىنىڭ ئالدى كەينىدە بۇ يەرگە جۇڭگۇدىكى جۇاڭزۇ ۋە تەيزۇلار ئولتۇراقلاشقان رايونلاردىن خەن-تېبەت تىلىدىكى مىللەتلەر كۆچۈپ كېلىپ ئۇششاق بەگلىكلەرنى قۇرغان. مىلادى 1238-يىلى، تايلاندتىكى مىكون دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدىكى سۇكخوتخاينى مەركەز قىلغان زىمىنى بىر قەدەر چوڭ بولغان تۇنجى خاندانلىق-سوكخوتخاي دۆلىتى قۇرۇلغان. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن تايلاند تارىخىدا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئايۇتىيە خاندانلىقى (1350-1767)، تۇنبۇرى خاندانلىق(1767 - 1782) ۋە بانكوك پادىشاھلىقى بارلىققا كەلگەن. 

19-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن كېيىن غەرب مۇستەملىكىچىلىرى، بولۇپمۇ فرانسىيە بىلەن ئەنگلىيە تايلاندقا كەينى-كەنيىدىن تاجاۋۇز قىلغان. 1912-يىلى، يېڭىدىن گۈللەنگەن بۇرژۇئازىيە سىنىپى پادىشاھلىق تۈزۈمىنى ئاغدۇرۇپ، جۇمھۇرىيەت قۇرۇشقا ئورۇنغان بولسىمۇ، ئەمما ئاقىۋەتتە يەنىلا مەغلۇپ بولغان. 1932- يىلى 6-ئاينىڭ 24-كۈنى، خەلق پارتىيىسى ھەربىيلەر ھىمايىسى ئاستىدا سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ، پادىشاھنى «سىئام مەمۇرىي قانۇنى» نى ئېلان قىلىشقا مەجبۇر قىلغان. بۇنىڭ بىلەن، پادىشاھلىق ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈم ئورنىتىلغان. 1939-يىلى 6-ئېينىڭ 24-كۈنى، سىئام دۆلىتى نامىنى تايلاند پادىشاھلىقىغا ئۆزگەرتكەن. 

1941-يىلى، ياپونىيە تايلاندقا تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ، تايلاند بىلەن دوستلۇق-ئىتتىپاقلىق شەرتنامىسى ئىمزالىغان ھەمدە تايلاندنى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرگە ئۇرۇش ئېلان قىلىشقا مەجبۇرلىغان. 2-دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلىشىپ، ياپونىيە تەسلىم بولغاندىن كېيىن تايلاندتا ئۈزلۇكسىز ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش يۈز بەرگەن. 1971-يىلى ئىچكى كابىنېت مىنىستىرى تانون ھاكىمىيەتنى ئىگىلەپ، پارلامېنتنى تارقىتىۋېتىپ،  ئالاھىدە مەزگىل قانۇنىنى يولغا قويغان. ئەمما، ئىككى يىلدىن كېيىن ئۇ ئامېرىكىنىڭ تايلاند زېمىنىدىكى ھەربىي بازىلارنى ئىشلىتىشكە يول قويغانلىقى ئۈچۈن، تايلاند ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ قارشىلىق ساداسى ئىچىدە، ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشكە مەجبۇر بولغان. ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە كۆپ قېتىم سىياسىي ئۆزگىرىش يۈز بەرگەن. 1978-يىلى 12-ئايدا يېڭى ئاساسىي قانۇن ئېلان قىلىنىپ، تايلاند يەنە دېموكراتىيە يولىغا قايتىپ كەلگەن. ئۇنىڭدىن كېيىن ھەربى ئەمەلدارلارنىڭ تەختتىكى باش مىنىستىردىن رازى بولماسلىقى تۈپەيلىدىن پادىشاھ نامى بىلەن يەنە بىر نەچچە قېتىم سىياسىي ئۆزگىرىش يۈز بەردى. ئالدىنقى باش مىنىستىر-تايلاندلىق كاتتا مىليونىر تاكسىن ھەربى قوماندان سيۇتتىنىڭ سىياسى ئۆزگىرىش قوزغىشى بىلەن چەئەلدە سەرگەردان بولۇپ يۈرمەكتە.  

دۆلەت بايرىقى

دۆلەت بايرىقىئۇدۇلىسىغا تۈز كەتكەن بەش بالداق تىك تۆت بۇلۇڭ شەكىلىدىن تەشكىل قىلىنغان، قىزىل،ئاق، كۆكتىن ئىبارەت ئۈچ خىل رەڭ بېرىلگەن. قىزىل رەڭ مىللەتكە، ئاق رەڭ دىنغا، كۆك رەڭ پادىشاھ جەمەتىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. پادىشاھ جەمەتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان كۆك رەڭ قىزىل ۋە ئاق رەڭلىك تىك تۆت بۇلۇڭ شەكىلىنىڭ ئوتتۇرىغا ئېلىنغان بولۇپ ئۇ پادىشاھ جەمەتىنىڭ ھەر مىللەت خەلقى ۋە پاك دىننىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرغانلىقىنڭ سىمۋولى. 

دۆلەت گېربى

دۆلەت گېربىتوق قىزىل رەڭلىك سۇمۇرۇغ بولۇپ، ئۇ تايلاد خەلق رىۋايەتلىرىدە قۇش يۈزلۈك، ئادەم بەدەنلىك ئىلاھ. ئۇ بېشىغا تاج كىيگەن، بويۇن، قول ۋە بىلەكلىرىگە ئالتۇن زىبۇ-زىننەتلەرنى تاقىغان، ئىككى قانات ۋە قۇيرۇقلىرى ئالتۇن ساۋۇت بىلەن قاپلانغان، بۇلار قۇيۇق مىللىي ئالاھىدىلىكنى گەۋدىلەندۈرىدۇ.

تايلاندتايلاند پادىشاھ ئاساسىي قانۇنلۇق تۈرۈمىدىكى دۆلەت. پادىشاھ-دۆلەت باشلىقى، قوراللىق قىسىملارنىڭ نامىدىكى ئەڭ ئالىي قوماندانى، بۇددا دىنىنىڭ داھىسى ئادەتتە ھۆكۈمەت ئىشلىرنغا بىۋاسىتە قول تىقمايدۇ. قانۇن چىقىرىش ھوقۇقى يۇقىرى، تۆۋەن ئىككى پالاتادىن تەركىب تاپقان پارلامېنتقامەنسۇپ. يۇقىرى پالاتا ئەزالىرىنى زۇڭلى كۆرسىتىدۇ، پادىشاھ تەيىنلەيدۇ، ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئالتە يىل. يۇقىرى پالاتانىڭ ھوقۇقى پەقەت قانۇننى قاراپ چىقىش بىلەنلا چەكلىنىدۇ. تۆۋەن پالاتا ئەزالىرى بىۋاسىتە سايلام ئارقىلىق بارلىققا كېلىدۇ. ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى تۆت يىل، زۇڭلى تۆۋەن پالاتا ئەزالىرى ئىچىدىن بارلىققا كېلىدۇ، ئۇنى پادىشاھ تەيىنلەيدۇ، پارلامېنتقا مەسئۇل بولىدۇ. بىراق يىللاردىن بۇيان پادىشاھ ئۆزىنىڭ ئابرويىغا تايىنىپ دۆلەتنىڭ سايلام ۋە مەمۇرى ئىشلىرىغا تەسىر كۆرسىتىپ كەلمەكتە.  تايلاند  شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئىتتىپاقىنىڭ ئەزاسى. مالايسىيا بىلەن چېگرىلىنىدىغان رايوندىكى پاتتانى مالاي مۇسۇلمانلىرىنىڭ مورو ئازاتلىق تەشكىلاتىدىن ئۈلگە ئېلىپ دۇنيا ئىسلام تەشكىلاتىغا كىرىشكە ئىنتىلىشى نەتىجىسىدە تايلاندمۇ دۇنيا ئىسلام تەشكىلاتىنىڭ كۈزەتكۈچى ئەزاسىلىق سالاھىيىتىگە ئىلتىماس قىلىپ ئېرىشتى. 

تايلاند شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ۋە قۇرغۇچى دۆلەتلىرىنىڭ بىرى ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، شۇنداقلا ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى، ئاسىيا-ياۋروپا يىغىنى ۋە دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرى.

تايلاندتايلاند ئەركىن ئىقتىساد سىياسىتىنى يولغا قويغان. 20-ئەسىرنىڭ 90-ئىقتىسادىي تەرەققىياتى بىر قەدەر تېز بولغان. «ئاسىيادىكى تۆت كىچىك يولۋاس» نىڭ بىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالغان. لېكىن 1998-يىلى  ئىقتىسادىي كرىزىس ئېغىر ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغان.

تايلاند دۇنيادىكى يېڭىدىن گۈللەنگەن سانائەت دۆلەتلىرى ۋە دۇنيادىكى يېڭىدىن گۈللەنگەن بازار ئىقتىسادىي گەۋدىسى بىرى. ياسىمىچىلىق، يېزا ئىگىلىكى ۋە ساياھەتچىلىك ئىقتىسادىنىڭ ئاساسلىق تارمىقى. دۇنيادىكى بەش چوڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورت دۆلىتى بىرى. ئېلېكترون سانائىتى قاتارلىق سانائىتى تېز تەرەققىي قىلغان، كەسىپ قۇرۇلمىسىنىڭ ئۆزگىرىشى روشەن ، ماشىنا ساھەسىنىڭ تۈۋرۈك كەسپىگە ئايلاندۇرۇشى يۇقىرى، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئاپتوموبىل ياساش مەركىزى ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئەڭ چوڭ ئاپتوموبىل بازىرى .[0] 

تايلاندنىڭ 2006-يىللىق ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئۇمۇمى قىممىتى197 مىلىيارد دوللار بولۇپ كىشى بېشىغا 9200 دوللار توغرا كېلىدۇ. تايلاندنىڭ 200-يىلىدىن بۇيانقى يىللىق ئىقتىسادى ئېشىش نىسبىتى ئىزچىل %5 بولۇۋاتىدۇ.

2006-يىلى تايلاندتا تېلېفون ئابونتى 7 مىليون، يانفون ئابونتى 41 مىليون، ئىنتېرنېت ئابونتى 8 مىليون 466 مىڭ بولغان.

 يېزا ئىگىلىك

تايلاندتايلاند ئەسلى دۇنيادىكى گۈرۈچ ئىكىسپورتىنىڭ %80 نى كونتىرۇل قىلغان، بېلىقچىلىقتا ياپونىيەدىن قالسىلا ئاسىيادا 2-ئورۇندا تۇرىدىغان، بانان ئىكىسپورتىدا دۇنيادا 3-ئورۇندا، قوناق ئىكىسپورتى 4-ئورۇندا، شېكەر ئىكىسپورتى دۇنيادا5-ئورۇندا تۇرىدىغان داڭلىق يېزائىگىلىك دۆلىتى ئىدى. ئەمما، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تايلاند ئۆزىنىڭ ياۋروپا ۋە ئامېرىكا بىلەن بولغان ئىتىپاقداشلىق مۇناسىۋىتىنى پىشاڭ قىلىپ، ئوتتۇرىھال كىرىملىك دۆلەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئېلىش نىشانىغا قاراپ  ئىلگىرىلىمەكتە. نۆۋەتتە  گەرچە يېزا ئاھالىسى ئۇمۇمى ئاھالىسىنىڭ يېرىمىنى ئىگەللىسىمۇ،  ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسىدا زور ئۆزگىرىش بولۇپ ئىقتىسادىدا يېزا ئىگىلىك %10، سانائەت %45 ، مۇلازىمەت %45 نى ئىگەلەيدىغان زامانىۋى دۆلەتكە ئايلاندى. 

 سانائىتى

تايلاندنىڭ ئاساسلىق سانائىتى تۇقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك،ئالماس ئىشلەپچىقىرىش،زىبۇ زىننەت بۇيۇملىرى ياساش، بىرىكمە توك يوللىرى (ئىنتېگرل سخېما) ۋە چەتئەل مەبلىغى بىلەن قۇرۇلغان يۇقىرى تېخنىكا-ئېلىكتىر سانائىتىدىن ئىبارەت. تايلاندنىڭ ئاپتوموبىل ياساش سانائىتىمۇ ناھايىتى گۈللەنگەن بولۇپ دۆلەت ئىچىدە پاي چېكى خەلقارا بازارغا سېلىنغان ئاپتوموبىل ياساش شىركىتىدىنلا 15 بار. [1]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.
1.

ئوكيان قامۇس تورى 

http://qamus.okyan.com/index.php?doc-view-1144

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#