دىغار يېزىسى

دىغار يېزىسى

 دىغار يېزىسى- شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنلۇق تۇرپان شەھىرى پىچان ناھىيەسىدىكى ئىدىقۇت تېغىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە جايلاشقان.

ئۇيغۇرچە نامى دىغار يېزىسى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
يەر مەيدانى 1 مىليۇن 580 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر
خەنزۇچە ئاتىلىشى 迪坎乡
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنى
تەۋە رايون تۇرپان شەھىرى پىچان ناھىيىسى
نوپۇسى 4818 ئادەم

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

دىغار يېزىسىدىغار يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنىدىكى تۇرپان شەھىرى پىچان ناھىيەسىدىكى  ئىدىقۇت تېغىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە جايلاشقان. ناھىيە بازىرىنىڭ جەنۇب بۇرجىكى بىلەن بولغان ئارلىقى 65 كىلومېتىر، شىمال تەرىپى لۈكچۈن بازىرى بىلەن، غەربى دالانكارىز بىلەن، شەرقتە قۇمتاغ بىلەن تۇتاشقان. لوپنۇر كۆلىگە ۋە كانغا كىرىدىغان ئەڭ ئاخىرقى بىر كەنت.

دىغار يېزىسىدا دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىدىن ئاساسلىقى، ئۈزۈم، قوغۇن ئاساس بار، جەنۇبىي تاغ كان رايونىدا بىر قەدەر مول بولغان كان بايلىقلىرىدىن ئاساسلىقى، مەرمەر تاش، مىس، ئالتۇن قاتارلىق كان بايلىقلىرى بار.

پىچان ناھىيەسىدىكى دىغار يېزىسىدا يېزا بويىچە خىزمەتتىكى خادىملارنىڭ ئومۇمىي سانى 230 ئادەم، بۇنىڭ ئىچىدە پىچان ناھىيىسى دىغار يېزىلىق ھۆكۈمەتتىكى  خىزمەتچى خادىملارنىڭ سانى 51، دەم ئېلىشقا، پېنسىيىگە چىققان خادىملار 10غا يەتكەن، پۈتۈن يېزا ئومۇمىي ئاھالىسىنىڭ نۇپۇسى 7107 ئادەم، ساپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي ئائىلە سانى 1412 ئائىلىلىك، بۇنىڭ ئىچىدە ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئومۇمىي سانى 2450 نەپەر، ئەرلەر 1633 ئادەم، ئاياللار 817 كىشى، ئالىي تېخنىكوم سەۋىيەسىدىكىلەر 181 ئادەم، ئوتتۇرا تېخنىكوم سەۋىيەسىدىكىلەر 328 ئادەم، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ سەۋىيەسىدىكىلەر 2003 ئادەم.

دىغار يېزىسى دىغار يېزىسى قارمىقىدا دىغار كەنتى، كارىز كۆل كەنتى، تۆت كارىز كەنتى، يۇرمېن كەنتى، يېزا كارىزى كەنتى قاتارلىق بەش مەمۇرىي كەنت، 24 تەبىئىي كەنت، 11 پونكىت، بىر ئوتتۇرا مەكتەپ، بىر باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە بىر دېھقان-چارۋىچىلار مەكتىپى، ئىككى « قوش تىللىق » بالىلار باغچىسى بار.

پۈتۈن يېزىغا قاراشلىق پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ ئومۇمىي سانى 14، بۇنىڭ ئىچىدە پارتىيە ياچېيكا ئەزاسىنىڭ سانى 13، دەم ئېلىشقا، پېنسىيىگە چىققان پارتىيە ياچېيكا ئەزاسى بىر، بۇنىڭ ئىچىدە « بەشتە ياخشى » كەنت پارتىيە ياچېيكىسى بەش، « تۆت ياخشى ئامما رازىي پونكىت» ئۈچ، «بەشتە ياخشى مەكتەپ پارتىيە ياچېيكىسى » ئىككى، يېزىنىڭ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق سايلاپ چىقىلغان كەنت پارتىيە ياچېيكا شۇجىسى 6 ئادەم، ئەزاسى 12 ئادەم، پارتىيە ئەزاسى  366 ئادەم.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#