بويلۇق ساياھەت رايونى

بويلۇق 1981-يىلى رەسمىي ساياھەت رايونى بولۇپ قۇرۇلغان بولۇپ، بۇ ئورۇننى ۋىلايەت يولغا قويغان ‹‹ بىر قولدا ئۈزۈمچىلىكنى، يەنە بىر قولدا ساياھەتچىلىكنى تۇتۇش ›› تەدبىرى بارلىققا كەلتۈرگەن ئابىدە دەپ سۈپەتلەشكە بولىدۇ. 

نامى بويلۇق
قاراشلىق رايون شىنجاڭ تۇرپان
تەۋە دۆلەت جۇڭگو
قۇرۇلغان ۋاقتى 1981-يىلى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بويلۇق 1981-يىلى رەسمىي ساياھەت رايونى بولۇپ قۇرۇلغان بولۇپ، بۇ ئورۇننى ۋىلايەت يولغا قويغان ‹‹ بىر قولدا ئۈزۈمچىلىكنى، يەنە بىر قولدا ساياھەتچىلىكنى تۇتۇش ›› تەدبىرى بارلىققا كەلتۈرگەن ئابىدە دەپ سۈپەتلەشكە بولىدۇ. يېقىنقى 10 يىلدىن، بولۇپمۇ يېڭى ئەسىر كىرگەندىن بويان بويلۇقنىڭ تەرەققىيات سۈرئىتى ناھايىتى تېز بولدى. يەرلىكنىڭ يېقىندىن قوللىشى، سىرتتىن كېلىپ مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئىزدىنىشى، ھەر يىلى ئۆتكۈزۈلىۋاتقان ئۈزۈم سەيلىسىنىڭ تۈرتكىسىدە بويلۇقنىڭ دۆلەت ئىچى سىرتىدىكى تونۇشلۇق دەرىجىسى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، تۇرپانغا كەلگەن ساياھەتچىلەر بويلۇقنى كۆرمىسە تۇرپانغا كەلگەن ھېسابلانمايدىغان ۋەزىيەت شەكىللەندى. 

تۇرپان ۋىلايىتىدىكى ساياھەت تارماقلىرى بويلۇقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا مۇھىم نۇقتىنى قۇيۇق يەرلىك مەدەنىيەتنى قېزىش، ئۇنى تۇرپاننىڭ كوزىر مەھسۇلاتى ئۈزۈم بىلەن جانلىق بىرلەشتۈرۈشكە قاراتتى. ئىچكى قىسىمدىكى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش بىلەن بىرگە، ئىجارىگە بېرىش، سېتىۋېتىش، قۇيۇۋېتىشتەك ئاكتىپ ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، ساياھەت بايلىقىنى بىرىكتۈرۈشنى تىزلەتتى. ساياھەت رايونىنى باشقۇرۇش كومىتېتى قۇرۇپ باشقۇرۇشنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇردى. كۆپلەپ مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق ساياھەت رايونى ئىچىگە جايلاشقان دېھقانلارنىڭ ئۆيلىرىنى بېزەپ، ئائىلە ساياھەتچىلىكىنىڭ مۇناسىپ گۈللىنىشىگە تۈرتكە بولدى. 2006-يىلدىن بۇيان ساياھەت رايۇنىنى دۆلەت 5A دەرىجىلىك ساياھەت نۇقتىسىغا ئىلتىماس قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى. بۇ رايوندىكى مەنزىرە نۇقتىلىرىنىڭ قاتتىق، يۇمشاق دېتال قۇرۇلۇشىنى ياخشىلاپ، ياشانغانلار، مېيىپلار، بالىلارغا قۇلايلىق ھاسا ھارۋا، ھاجەتخانا، تازلىق سايمانلىرىنى قويدى. نۆۋەتچى ئاپتوبۇس تەسىس قىلدى. ساياھەت رايونىنىڭ كىرىش ئېغىزى ۋە كۆزنەك ئورۇنلارغا ئاپتۇماتىك چۈشەندۈرۈش، نازارەت قىلىش سېستىمىسى، ئەرىز-شىكايەت قىلىش مۇنبىرى، پاش قىلىش تېلېفونى ئورناتتى. ئاۋازلىق يول ياساش مۇلازىمەتلىرى بىلەن ساياھەتچىلەرگە ئەتراپلىق مۇلازىمەت قىلدى. ۋېلسىپىت ئىجارىگە بېرىشتەك يېڭى تىجارەت تۈرلىرىنى يولغا قويدى. باج، سودا-سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى بىلەن ماسلىشىپ، ساياھەت رايونى ئىچىدىكى تىجارەتچىلەرنى باشقۇرۇش، نازارەت قىلىش سالمىقىنى ئاشۇردى.

 دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى 300 دىن ئارتۇق ساياھەت كوپراتىپى بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، ساياھەتچىلەرنى يىلمۇ-يىل كۆپەيتتى. ھەممە تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشىشى نەتىجىسىدە، يېقىنقى بىر نەچچە يىلدا بويلۇققا كەلگەن ساياھەتچىلەر بىر مىليون 300 مىڭ ئادەمدىن، چەتئەللىك ساياھەتچىلەرلا 100 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى. نۆۋەتتە بويلۇق ساياھەت رايونىنىڭ مۇقىم مۈلىكى 200 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بويلۇق تۇرپان ساياھەتچىلىكىنىڭ داڭلىق ماركىسىغا، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ سەركىسىگە ئايلاندى. بۇ يىلى ‹‹ 1-ماي ›› ساياھەت ئالتۇن ھەپتىلىكىدە بويلۇقتا ساياھەتتە بولغان بىر فۇجيەنلىك خادىم مۇنداق دېدى: بويلۇق مەن تەسەۋۋۇر قىلغىنىمدىنمۇ نەچچە ھەسسە گۈزەل ۋە سىرلىقكەن. مېنىڭچە مۇشۇ دۇنيادا ياشاۋاتقان ئادەم ئۆمرىدە بۇ يەرنى بىر قېتىم كۆرمىسە ئارماندا قالغۇدەك. 

بويلۇق تۇرپاننىڭ كۆزى. ئۈزۈم بىلەن جىلغا ئىچىدىكى سۈزۈك ئېقىن، بۇلاقلار، قىز كەبى ياسانغان ئۆيلەر، ئارزۇ-ئارمانلىرىنى ئۈزۈمگە باغلىغان دېھقانلارنىڭ كۆپ قىرلىق، كۆپ قاتلاملىق مەدەنىيەت ئامىللىرىدىن مۇجەسسەم بولغان ھايات تۇرمۇشى ساياھەتچىلەر ئاڭلىسا-ئاڭلىسا قانمايدىغان ناخشا، سېھىرلىك چۆچەك، ‹‹ تۇرپانغا كەل ››، ‹‹ بويلۇق باغرى ›› دېگەن ناخشىلار ئۇنىڭ تۈگىمەس سېھرىي كۈچىنى يىراقلارغا ئېلىپ بارىدىغان سۇنماس قانات. بويلۇقنىڭ ئەتىسى تېخىمۇ پارلاق. 

تۇرپان دېسە نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىغا بويلۇق كېلىدۇ. ئۈزۈم تىلغا ئېلىنسىمۇ يەنە بويلۇقنى ئېسىگە ئالىدۇ. ئەلۋەتتە بۇندا بولۇشىغا بويلۇقنىڭ تۇرپان ساياھەتچىلىكىدىكى كوزىرىغا ئايلانغانلىقى، ئۈزۈمنى بويلۇق بىلەن بىرلىشىپ، مۇشۇ زېمىننىڭ ھەقداسى بولغان تۇرپانلىقلارنى مول نېمەتكە ئىگە قىلغانلىقى سەۋەپ بولغان. دېمىسىمۇ قۇرۇق تاغ، يېشىل يۇپۇرماق، راھەتبەخش ئېقىن، سۈپسۈزۈك سۇ، تاغ يامزىلىغا جايلاشقان دېھقان ئۆيلىرى، بۇ ئۆيلەردىكى قەدىمىيلىك بىلەن زامانىۋىلىق بىر گەۋدىلەشكەن تۇرمۇش ۋە ئۆزگىچە ئۆرۈپ-ئادەتلەر 5A دەرىجىلىك ساياھەت نۇقتىسى دېگەن شەرەپكە يېقىندىلا ئېرىشكەن بويلۇقنىڭ ساياھەتچىلەرنى ماگنىتتەك تارقىتىشىدىكى سېھرىي كۈچى ئىدى. [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#