تۇغما خاراكتېرلىك جىنسىي يول پۈتەيلىكى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
پەيدا قىلغۇچى قۇۋۋەت (قۇۋۋىتى مەۋەللىدە) ۋە شەكىللەندۈرگۈچى قۇۋۋەت (قۇۋۋىتى مۇسەۋۋىرە) نىڭ خىزمىتى قالايمىقانلىشىشتىن كېلىپ چىقىدۇ.
ھەيز يىغىلىپ قالىدۇ ياكى بۇ خىل غەيرىيلىككە كۆپىنچە بالىياتقۇ تولۇق يېتىلمەسلىك ياكى تۇغما بالىياتقۇ بولماسلىق قوشۇلۇپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن ياشلىق دەۋرىگە كەلگەندىمۇ ھەيز كەلمەسلىك بولىدۇ. شۇڭا ھەيز قېنى يىغىلىپ قېلىشتەك ئالامەتمۇ بولمايدۇ. ياشلىق دەۋرىدە ھەيز كەلمەسلىك ۋە توي قىلغاندىن كېيىن جىنسىي مۇناسىۋەت قىلالماسلىق شىكايىتى بولىدۇ. جىنسىي ئەزانى تەكشۈرگەندە تاشقى جىنسىي ئەزادا بىر تېيىز ئويمان بولىدۇ. ئەگەر بالىياتقۇنىڭ يېتىلىشى نورمال بولسا دەسلەپتە كەلگەن ھەيز قېنى چىقىپ كېتەلمەي، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى بالىياتقۇ، تۇخۇم توشۇش نەيچىلىرىگە يىغىلىپ قالىدۇ. ھەتتا ھەيز قېنى داس بوشلۇقىغا ئېقىپ كىرىپ قورساقنىڭ تۆۋەنكى قىسمىدا قاتتىق ئاغرىشنى پەيدا قىلىدۇ.
تىپىك كېسەللىك ئالامەتلىرىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ. ھەيز يىغىلىپ قېلىش، بالىياتقۇ تولۇق يېتىلمەسلىك ياكى تۇغما بالىياتقۇ بولماسلىق قوشۇلۇپ كەلگەندە ھەيز كەلمەسلىك، توي قىلغاندىن كېيىن جىنسىي مۇناسىۋەت قىلالماسلىق، جىنسىي ئەزانى تەكشۈرگەندە جىنسىي ئەزادا بىر تېيىز ئويمان بولۇش، ھەيز قېنىنىڭ داس بوشلۇقى ۋە تۇخۇم توشۇش نەيچىلىرىدە يىغىلىپ قېلىش سەۋەبىدىن قورساقنىڭ تۆۋەنكى قىسمى قاتتىق ئاغرىش ئالامەتلىرى بولىدۇ.
ئوپېراتسىيە ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ.
جىنسىي يولى ۋە بالىياتقۇسى بولمىغان ياكى بالىياتقۇ يېتىلىشى تولۇق بولمىغانلارغا سىناق تەرىقىسىدە جىنسىي يولنى كېڭەيتىش ئوپېراتسىيىسى ئىشلىنىدۇ. ئەگەر بۇنىڭ ئۈنۈمى بولمىسا توي قىلىشنىڭ ئالدى-كەينىدە جىنسىي يولنى شەكىللەندۈرۈش (ياساش) ئوپېراتسىيىسى ئىشلىنىدۇ.
ئوپېراتسىيە قىلغاندىن كېيىنكى ئارام ئېلىش ۋە كۈتۈنۈشكە ئەھمىيەت بېرىش ھەمدە ئاسان ھەزىم بولىدىغان، ئوزۇقلۇق قۇۋۋىتى يۇقىرى بولغان يېمەك-ئىچمەك ۋە دورا-دەرمەكلەرنى ئىستېمال قىلىشى، ئېغىر ھەرىكەت قىلىشتىن ۋە قەۋزىيەت بولۇپ قېلىش قاتارلىقلاردىن ساقلىنىش لازىم.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.