ئافېنا
ئافىنا گرېتسىيىنىڭ پايتەختى، ياۋروپادىكى بالقان يېرىم ئارىلىنىڭ قىسمىدىكى ئەڭ جەنۇبىي قىسمىغا، گرېتسىيىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسمىدىكى ئاتتىكا يېرىم ئارىلىنىڭ جەنۇبىي دېڭىز ياقىسىغا جايلاشقان.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
گرېتسىيىنىڭ پايتەختى، ياۋروپادىكى بالقان يېرىم ئارىلىنىڭ قىسمىدىكى ئەڭ جەنۇبىي قىسمىغا، گرېتسىيىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسمىدىكى ئاتتىكا يېرىم ئارىلىنىڭ جەنۇبىي دېڭىز ياقىسىغا جايلاشقان. دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتسادىي، مەدەنىيەت مەركىزى، ئاھالىسى شەھەر رايونى بىلەن قوشۇلۇپ(پرېپىسى شەھىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان) 3 مىليون 16 مىڭدىن ئاشىدۇ(1981) ، شەھەرنىڭ ئۈچ تەرىپى ھاك تاشلىق تاغلار بىلەن قورشالغان. ئۇقەدىمىي گرېك مەدەنىيىتىنىڭ شەكىللەنگەن مەنبەلىرىنىڭ بىرى. ئاتاقلىق تارىخى شەھەر.
ئافېنا قەدىمدىنلا مەشھۇر قۇللۇق تۈزۈمىدىكى شەھەرنىڭ بىرلەشمىسى ئىدى. رىۋايەتلەرگە قارىغاندا شەھەرنىڭ نامى ئايال ئەۋلىيا ئافېنا نامىغا بېرىلگەنىكەن. ئافېنا شەھىرىنىڭ ئەتراپىدا مىلادىدىن بۇرۇنقى 447-يىلى سېلىنغان ئايال ئەۋلىيا ئافېنانىڭ قەبرىسى بار. ئافېنا مىلادىدىن بۇرۇنقى 4-ئەسىردىلا سەنئەت، رەسامچىلىق، تارىخ، ئەدەبىيات، پەلسەپە ۋە مېتال ئېرىتىش، كېمىچىلىق، قورال ياساش، فارفور، قۇرۇلۇش بىناكارلىق قاتارلىق سانائەتلەر خېلى تەرەققىي قىلغان. قەدىمىي شەھەر ئەڭ دەسلەپ ئاكروپولس تېغىدا قۇرۇلغان، كېيىن تەدرىجىي كېڭەيگەن. ھازىر ئۇ گرېتسىيىنىڭ مۇھىم سانائەت مەركىزى ھېسابلىنىدۇ. بۇ جايدىكى سانائەت مەھسۇلاتلىرى قىممىتى پۈتۈن دۆلەتتىكى سانائەت مەھسۇلاتلىرى ئومۇمىي قىممىتىنىڭ % 45 نى ئىگىلەيدۇ. دۆلەتنىڭ تاشقى سودىسىنىڭ خېلى بىر قىسمىنى ئافېنا شەھىرىدە ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلار ئىگىلەيدۇ. شەھەرنىڭ كېمىسازلىق، ماشىنىسازلىق، مېتاللۇرگىيە، توقۇمىچىلىق، يېمەك-ئىچمەك، خىمىيە، تاماكا، فار فور قاتارلىق سانائەتلىرى تەرەققىي قىلغان. پۈتۈن دۆلەتتىكى زاۋۇت-فابرىكىلارنىڭ تەخمىنەن يېرىمى دېگۈدەك ئافېنا شەھىرىگە مەركەزلەشكەن. ئافېنا گرېتسىيىنىڭ ئاتاقلىق مەدەنىيەت مەركىزى. بۇ جايدا ئېسخىت سونكلىسى، يېۋرىپىت، ئاىستوفىن، گرىدوت، فوكىدىت، فىدىياس، سوقرات، پلاتون، ئارستوتىل قاتارلىق يازغۇچىلار، تارىخچىلار، ھەيكەلتىراشلار، پەيلاسوپلار ياشىغان. ئافىنادا ئەڭ قەدىمىي گرېك، رىم ۋە ۋېزانتىيە دەۋرلىرىدە قۇرۇلغان خارابىلار(ئافىنا قەبرىستانلىقى، قەدىمىي شەھەر) ، دۆلەتلىك كۇتۇپخانا، كىچىك شەھەرلەر، مۇزېيى، دۆلەتلىك گۈزەل سەنئەت مۇزېيى، 1837-يىلى قۇرۇلغان ئافېنا داشۆسى، رەسسام، تىياتىر، مۇزىكا قاتارلىق ئالىي بىلىم يۇرتلىرى، نۇرغۇنلىغان پەن-تەتقىقات ئورۇنلىرى بار. ئافېنا گرېتسىيىنىڭ ئەڭ چوڭ سۇ، قۇرۇقلۇق، ھاۋا قاتناش تۈگۈنى. شەھەرنىڭ يېنىدىكى پىرىئېس شەھىرى ئافېنانىڭ ئاتاقلىق سىرتقى پورتى ھېسابلىنىدۇ. ئافېنا شەھىرىدە دۆلەتنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىنى تۇتاشتۇرىدىغان بىر قانچە تارماق تۆمۈر يول، تاشيوللار بار. ئافېنا شەھىرى ھاۋا ئارقىلىق دۇنيادىكى چوڭ شەھەرلەر بىلەن بېرىش-كېلىش قىلىدۇ. شەھەر ئىچىنىڭ قاتناش ترانسپورتىمۇ تەرەققىي قىلغان. ئافېنا شەھىرىدىكى يەر ئاستى تۆمۈر يولى 1925-يىلى ياسالغان، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 25.7 كىلومېتر كېلىدۇ. ئۇ يەر ئۈستىدىكى قاتناش جىددىيلىكىنى ھەل قىلىشتا مۇھىم رول ئوينىماقتا.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.