قارا كۆل دىگەن سۆزلۈك كۆپ خىل مەنە تۈرىنى ئىپادىلىگەن، تۆۋەندىكى مەنە تۈرلىرى بويىچە كۆرۈڭ:
  1. قارا كۆل (ئاقتۇ ناھىيەسىدىكى كۆل)
  2. قارا كۆل (گۇچۇڭ ناھىيەسىكى كۆل )
ئاقتۇ ناھىيەسىدىكى كۆل

قارا كۆل

ئاقتۇ ناھىيەىسىدىكى بۇ قارا كۆلنى چوڭ دەپ كەتكىلى بولمىسىمۇ، سۈيىنىڭ چوڭقۇر ھەم سۈزۈكلىكى، مەنزىرىسىنىڭ گۈزەللىكى بىلەن مەشھۇردۇر. 

ئۇيغۇرچە نامى قارا كۆل
تەۋە رايون جۇڭگو شىنجاڭ
خەنزۇچە نامى 黑湖
جۇغراپىيەلىك ئورنى ئاقتۇ ناھىيەسى بۇلۇڭكۆل يېزىسىنىڭ سۇ باش كەنتى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

قارا كۆل ئاقتۇ ناھىيەىسى بۇلۇڭكۆل يېزىسىنىڭ سۇ باش كەنتىدە بولۇپ، قەشقەر شەھىرىگە 200 كىلومىتىر كېلدىغان پامىر ئىگىزلىكىگە  يەنى دېڭىز يۈزىدىن 3652 مېتىر ئېگىزلىككە جايلاشقان، دائىرىسى 60 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، جۇڭگو پاكىستان تاش يولى كۆلنىڭ غەربىي جەنۇب تەرىپىدىن ئۆتىدىغان بولغاچقا، قاتناش ئىنتايىن قولايلىق. قارا كۆل شىنجاڭدىكى دېڭىز يۈزىدىن ئەڭ ئېگىز كۆل بولۇپ، بۇغدا كۆلىدىنمۇ 1672 مېتىر ئېگىز. قاراكۆل مۇزتاغ ئاتا چوققىسى، گوڭگىر چوققىسى بىلەن ئورالغان بولۇپ، بۇنداق ئالاھىدە مۇھىت كۆلنىڭ جەلپكارلىقىنى تېخىمۇ ئاشۇرغان. كۆل سۈيىنىڭ رەڭگى ھاۋا رايىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، ھەر خىل رەڭدە بولىدۇ، ھاۋا بۇلۇتلۇق مەزگىلدە كۆل سۈيى قارا رەڭگە ئۆزگەرگەچكە ‹‹قاراكۆل›› دەپ ئاتالغان. 

يىللارنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، تۈرلۈك ئاپەت سەۋەبىدىن، تارىم دەرياسىنىڭ سۈيى ئازيىپ، لوپنۇر كۆلى قۇرۇپ، نىيە، كىرورەن ۋە ئىدقۇت قەدىمى شەھەرلىرى يوقلىپ كەتكەن بولسىمۇ، قارا كۆل قەشقەر شەھىرىدە مۇكەممەل ساقلىنىپ، جەنۇبى شىنجاڭنىڭ سىياسى، ئىقتىسادى، مەدەنىيەت مەركىزىگە ئايلىنىپ، غەربىي دىيارنىڭ مەۋجۇتلىقىنىڭ بەلگىسى ھەم شىنجاڭ تارىخىنىڭ تىرىك تاشقاتمىسى بۇلۇپ قالغان. 

قەشقەر شەھىرىدىن يولغا چىقىپ، ياپيېشىل بوستانلىقلارنى كىسىپ ئۆتسە، ئاپپاق قار بىلەن قاپلانغان پامىر ئېگىزلىكى نامايەن بولىدۇ. 

قەشقەرنىڭ نەزىرىدە، پامىر ئىگىزلىكى مۇئەللەقتىكى تاش ئوردىغا، مۇز تاغ چوققىسى ئۇنىڭ بېشىدىكى تاجىغا ئوخشايدۇ. قار -مۇزلار قاپلاپ تۇردىغان 7509 مېتىر كېلدىغان مۇز تاغ چوققىسى قۇڭۇر چوققىسى ۋە چۇگىر چوققىسى بىلەن قۇشۇلۇپ، پامىر ئىگىزلىكىدىكى ئۈچ چوققا دەپ ئاتالغان. بۇ چوققىنى يىل بويى قار قاپلاپ تۇردۇ. مۇز تاغ چوققىسا چوڭ-كىچىك 16 مۇزلۇق بار بۇلۇپ، داڭلىق ئىكىسپىدىيەچى سىۋىن ھېدىن مۇز تاغنى ‹‹ مۇز تاغ ئاتا›› دەپ ئاتىغان. رىۋايەتلەردە ئېيتىلىشچە، مۇز تاغ ئاجايىپ گۈل-گىياھلار بىلەن ئورالغان جەننەتتەك گۈزەل جاي.

بەزىلەر قارا كۆلنى ‹‹ سۈيى قارا كۆل›› دىسە؛ بەزىلەر ‹‹ئۇلۇغ كۆل›› دەيدۇ، يەنە بەزىلەر قارا كۆلنى ‹‹ قوش كۆل ››دەيدۇ، چۈنكى ئۇ تۇتاش ئىككى كۆل بۇلۇپ، خۇددى قول تۇتۇشۇپ تۇرغان بىر جۈپ ئاچا-سىڭىلغا ئوخشايدۇ. مۇشۇ كۆل بولغاچقا قەشقەر بوستانلىقى ھازىرغىچە كۆكرىپ ياشناپ تۇرغان. 

ئەمەلىيەتتە، شىنجاڭدىكى باشقا ئىگىزلىكتىكى كۆللەرگە ئوخشاش قارا كۆلمۇ قەدىمىي مۇزلۇقنىڭ ئىرىشىدىن شەكىللەنگەن. قىرغىز چارۋىچىلارنىڭ ئېيتىلىشىچە، ھەر قېتىم ئاسماننى قارا بۇلۇت قاپلاپ، چاقماق چېقىپ ھاۋا گۈلدۈرلىگەندە، كۆل سۈيى بىردىنلا قارا رەڭگە ئۆزگىرىپ، ئىسمى-جىسمىغا لايىق قارا كۆلگە ئايلىندىكەن. ئەمما  ھاۋا سۈزۈك كۈنلىرى ئەتگەن ۋە كەچتە، قارا كۆلنىڭ سۈيى سۈزۈكلىشىپ، بەزىدە كۆك، بەزىدە سۇس سېرىق رەڭگە ئۆزگەرسە، يەنە بەزىدە قىزغۇچ سېرىق رەڭگە ئۆزگىرىپ، كىشىنى ھەيران قالدۇردىكەن. شۇڭا بەزىلەر بۇنى ‹‹ئۆزگىرىشچان كۆل›› دەپمۇ ئاتايدىكەن. 

بۇ كۆلدىكى رەڭ ئۆزگىرىشى بۇ قاينىڭ مۇرەككەپ گىئولوگىيىلىك شارائىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. قارا كۆل مۇز تاغ چوققىسى ئېتكىدە بۇلۇپ، پامىر ئىگىزلىكىدىكى سىرلىق ئاسترونومىيەلىك ھادىسىلەر ۋە كىلمات ئۆزگىرىشىمۇ ئۇنىڭغا ئازدۇر-كۆپتۇر تەسىر كۆرسەتكەن. شۇڭا بۇ كۆلدىكى ئۆزگىرىش گىئولوگىيىلىك ۋە جۇغراپىيەلىك مۇھىتنىڭ مەھسۇلاتىى دەپ قارالغان.[0] 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#