رانبىر كاپور

رانبىر كاپور
1982-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى ھىندىستاندا تۇغۇلغان . ھىندىستان بوللىۋود ئەر ئاكتىيورى . ھازىر ھىندىستان مىقياسىدا ئۇتۇق قازانغان ئەر ئاكتىيورلارنىڭ بىرى . رانبىر ھىندىستاندىكى ئاتاقلىق سەنئەتكار ئائىلىسى ھېسابلىنىدىغان كاپور جەمەتىنىڭ ئەزاسى بولۇپ ، دادىسى بولسا رىشى كاپور ، كارىسما كاپور ۋە كارىنا كاپور ئۇنىڭ نەۋرە ئاچىسى بولىدۇ .

ئۇيغۇرچە ئىسمى رانبىر كاپور
باشقا نامى रणबीरकपूर\RanbirKapoor
يۇرتى ھىندىستان بومباي
كەسپى ئارتىس ، ئاكتىيور
خەنزۇچە ئاتىلىشى 兰比尔·卡普尔
دۆلەت تەۋەلىكى ھىندىستان
تۇغۇلغان ۋاقتى 1982.9.28

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

1982-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى ھىندىستاندا تۇغۇلغان . ھىندىستان بوللىۋود ئەر ئاكتىيورى . ھازىر ھىندىستان مىقياسىدا  ئۇتۇق قازانغان  ئەر ئاكتىيورلارنىڭ بىرى . رانبىر ھىندىستاندىكى ئاتاقلىق سەنئەتكار  ئائىلىسى ھېسابلىنىدىغان كاپور جەمەتىنىڭ ئەزاسى بولۇپ ،  دادىسى بولسا رىشى كاپور ، كارىسما كاپور ۋە كارىنا كاپور ئۇنىڭ نەۋرە ئاچىسى بولىدۇ .

رانبىر دائىم ئاتا-ئانىنىڭ نىكاھ مۇناسىۋىتىنىڭ بىر بالىغا قانچىلىك تەسىر قىلىدىغانلىقىنى سۆزلەيتتى :«بەزىدە  ئۇلار بەك قاتتىق سوقۇشۇپ كېتىدۇ ، مەن پەلەمپەيدە بېشىمنى تۆۋەن سېلىپ ئولتۇرىمەن ئەتتىگەن سائەت بەش-ئالتىلارغىچە ، تا ئۇلار سوقۇشۇپ بولغۇچە . » بۇ ھەم  رانبىرنىڭ بارلىق ھېسىياتىنى سىرتقا چىقارماسلىقىغا سەۋەبچى بولغان ،بۇ ئۇنىڭ كىنوغا بولغان قىزىقىشىنى يېتىلدۈرىشىگە سەۋەبچى بولغان .

 دەسلەپتە ئۇنىڭ ئانىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى تولىمۇ ياخشى ئىدى ، لېكىن دادىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى نورمال دېيىشكە  بولمايتتى . ئونىنچى قېتىملىق ئۆلچەملىك  ئىمتىھاننى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن ، 1999-يىلى«مۇھەببەت يولىدا(Aa Ab Laut Chalen寻爱旅途)» فىلىمىدە دادىسىنىڭ ياردەمچى رېژىسسورى بولغاندىن كېيىنلا ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتىدە تۈپتىن ئۆزگۈرۈش بولغان . 

رانبىر ئالىي مەكتەپتىكى ئوقۇشىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن ، نيۇيوركقا قايتىپ كىنو ئىشلەشنى ئۆگىنىدۇ . ھەم كىنو ئىنستىتۇتىدا «مۇھەببەتنى قىزغىن سۆيۈش»،«ھىندىستان 1946-يىلى»قاتارلىق قىسقا فىلىملەرنى ئىشلەيدۇ . يالغۇز نيۇيوركتا تۇرۇش كەچۈرۈش ، كىنو ئىنىستىتۇتىدا تەجرىبە توپلاش ئۇنىڭ نەزىرىدە «كېرەكسىز »ئىدى . بۇ ئۇنىڭ كىنو ساھەسىدە داۋاملىق ئىزدىنىشىگە سەۋەبچى بولاتتى . 2005-يىلى ئۇ «قارا»دېگەن فىلىمدە ياردەمچى رېژىسسور بولدى ،  ئۇ باشىتىن كەچۈرگەنلىرىنى ئېيتتى :« مەن دۇمبالاندىم ، خورلاندىم ، ھەممىنى قىلاتتىم ، پول سۈرتىشتىن باشلاپ چىراقنى  مۇقىملاشتۇرۇشقىچە ،  چۈشتىن بۇرۇن سائەت يەتتىدىن ئەتىسى  ئەتتىگەن سائەت تۆتكىچە ئىشلەيتتىم ، لېكىن مەن ئۆگىنىۋاتاتتىم .» ئۇ كېيىن مۇنداق قىلىشىنىڭ سەۋەبىنىڭ بىر مۇۋەققەت خىزمەت تېپىش ئىكەنلىگىنى دېگەن . 

2007-يىلى رانبىر كاپور سونام كاپور ھەم رانى بىلەن «سۆيگىنىم)(爱人)»فىلىمىدە رول ئالغان بولۇپ ، ۈۇ فىلىم تېراگىدىيە بىلەن ئاخىرلىشاتتى ، فىىلىمدە  بىر سەرگەرداننىڭ  ئاشىىقىنى ساقلاۋاتقان قىزنى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقى سۆزلەنگەنىدى .  زىيارەت قىلىنغاندا رانبىر بۇ فىلىمدە سەرگەردان رولىنى ئېلىش ئارقىلىق بوۋىسىغا چوققۇر ھۆرمەت بىلدۈرمەكچى بولغانلىقى ئېيتقان . بۇ فىلىم  تۇنجى بولۇپ ھىندىستان فىلىم ئىشلەش شىركىتى ئىشلىگەن ھىندىستان فىلىمى ، شۇڭا بەك چوڭ ئۈمىدلەر باغلانغان . گەرچە بېرىلگەن  باھالار  ياخشى بولمىسىمۇ ، كۆرىنەرلىك كىرىم يارىتالمىغان بولسىمۇ لېكىن فىلىمفار فېستىۋالىدا ئەڭ  مۇنەۋۋەر ئەر باش پېرسۇناژ مۇكاپاتىغا  ئېرىشكەن.

گەرچە ئالدىنقى فىلىمدە ئۇتۇق قازىنالمىغان بولسىمۇ ، لېكىن رانبىر يەنىلا راج كىنو شىركىتى بىلەن توختاملىشىپ ، 2008-يىلى رومانتىك كومىديە«ھەممىسى مەندىن(爱情你我他) »فىلىمىدە رول ئېلىپ تۇنجى قېتىم سودا قىممىتى ياراتقان . ئۇ ئوخشىمىغان ئۈچ ئايال رومانتىك مۇناسىۋەت  ساقلىغان ،  ئاياللارنى ئوينىتىدىغان ئەرنىڭ رولىنى ئالغان ، بۇ فىلىمدە ئۇ دېپىكا پادۇكون بىلەن ھەمكارلاشقان. 

2007-يىلى«سۆيگىنىم (爱人)» فىلىمىدە رانى بىلەن ھەمكارلاشقان .

2008-يىلى«ھەممىسى مەندىن )(爱情你我他)» ئوخشىمىغان ئۈچ ئايال رومانتىك مۇناسىۋەت  ساقلىغان ،  ئاياللارنى ئوينىتىدىغان ئەرنىڭ رولىنى ئالغان .

2009-يىلى ھىرتىك روشەن بىلەن ھەمكارلىشىپ «تەلەي(偶然运气) »فىلىمىدە رول ئالغان .يەنە «يىللىق مال ساتقۇچى(年度推销员)»فىلىمىدە رول ئالغان ،«غەلىتە يىگىتنىڭ غارايىپ ھېكايىسى(古怪小子的神奇故事)»فىلىمىدە سالمانخان ،كەترىنا كېيىف بىلەن ھەمكارلاشقان .«ئويغان» فىلىمىدىمۇ باش رول ئالىدۇ.

2010-يىلى«يەر-زېمىن土地»فىلىمىدە يەنە بىر قېتىم كەترىنا كېيىف بىلەن ھەمكارلىشىدۇ .«پەرز سەپىرى还愿之旅»دېگەن فىلىمدە رول ئالغان .

2011-يىلى «شىلانىڭ ئولتۇرىشى 茜拉派对» فىلىمىدە رول ئالغان .

2012-يىلى پىرىيانكا چوپرا بىلەن «بارفى»فىلىمىدە رول ئالغان .فىلىمدىكى بارفى كىچىكىدىن گاس-گاچا بولۇپ چوڭ بولغان ، باينىڭ قىزى شۇرۇتىنى ياخشى كۆرۈپ قېلىپ ، ئۇلارنىڭ ئۆيىدىكىلىرىنىڭ قارشى تۇرىشى ھەم شۇرىتىنىڭ ئاسىيلىقىغا ئۇچرايدۇ . كېيىن بۇرۇقتۇرمىلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان جىلمىل بىلەن يۈرۈش جەريانىدا ئۆزئارا مۇھەببەت باغلاپ بىللە بولىدۇ .

بارفى

2013-يىلى «بومباي ئاۋازى孟买之声»فىلىمىدە رانى بىلەن ھەمكارلىشىدۇ . «بىزنىڭ ياشلىقىمىز那些年我们疯狂的青春» فىلىمىدە دېپىكا پادۇكون بىلەن ھەمكارلىشىدۇ .«نومۇسسىز无耻之徒»فىلىمىدە دادىسى راشى كاپور بىلەن ھەمكارلىشىدۇ .

2014-يىلى ئامىتاب باچچان بىلەن «غېرىپ ئەرۋاھ قايتىپ كەلدى\鬼纳特归来»فىلىمىدە ھەمكارلاشقان. ئامىرخاننىڭ «پ ك »فىلىمىدە دوستانە رولغا چىققان .«روي»فىلىمىدە رولغا چىققان .

2015-يىلى «بومبايدىكى مامۇق\孟买天鹅绒»فىلىمىدە ئانۇشكا شارما بىلەن ھەمكارلاشقان . «تاماشا » فىلىمىدە دېپىكا پادۇكون بىلەن ھەمكارلاشقان .

2016-يىلى «دىلغا چۈشتى مۈشكۈل» فىلىمىدە ئانۇشكا شارما بىلەن باش رول ئالغان . فىلىمدە شاھرۇھخان بىلەن ئاشۋارىيا راي دوستانە رولغا چىققان .

2017-يىلى كەترىنا كېيىف بىلەن «جاسوس» دېگەن فىلىمنى ئىشلىگەن. 

2018يىلى ھىرتىك روشەن ، كەترىنا كېيىف بىلەن ئىشلىگەن يېڭى فىلىم قويۇلۇش ئالدىدا . 

رانبىر دائىم تۇرمىشى توغرىسىدا سۆزلەيتتى ، ئاتا-ئانىسىنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇنىڭغا نىكاھنىڭ نەقەدەر مۇرەككەپلىكىنى ھېس قىلدۇرغان ئىدى.
2008-يىلى رانبىر دېپىكا پادۇكون بىلەن مۇناسىۋەت باغلىغان ، ھىندىستاندىكى ھەر قايسى ئاخبارات تاراتقۇلار بۇنى تارقاتقان ھەم ئۇلارنىڭ چاي ئىچكۈزىدىغانلىقىنى پەرەز قىلغان ، ئەپسۇز ، ئۇلار بىر يىلدىن كېيىنلا ئايرىلىپ كەتكەن . رانبىر بۇقېتىملىق ئايرىلىشنى دوستانە ئايرىلىش دەپ بىلەتتى ،  نۇرغۇن تاراتقۇلار بۇنىڭ سەۋەبىنى رانبىرنىڭ ئۈجمە كۆڭۈللىكىدىن بولدى دېگەن، رانبىرمۇ :«پىشىپ يېتىلمىگەنلىكىم ، تەجرىبەمنىڭ كەملىكى ، مەندىن پايدىلانماقچى بولغانلارنى پەرق ئېتەلمىگەنلىكىم ، بىخۇد بولغانلىقىم سەۋەبلىك بولدى .»دەپ جاۋاب بەرگەن .
2015-يىلى ئۇلار ئۇقۇشماسلىقلارنى يەشكەنلىكى ھەم كىشىلىك تۇرمىشىنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئېيتقان . ئۇلار ئايرىلغاندىن كېيىن  شەخسىي تۇرمىشىنى ئاشكارلاشنى خالىمايدىغان بولغان . 
2009-يىلى تاراتقۇلار رانبىر بىلەن كەترىنا كېيىفنىڭ مۇناسىۋىتى بارلىقىنى تارقاتقان ، ھەم ئۇلارنىڭ ئۇچراشقانلىق سۈرىتىنى تورغا چىقارغان . 2015-يىلى رانبىر :«مۇناسىۋىتىمىزنى ئاشكارلىمىساق بىر-بىرىمىزگە بولغان ھۆرمەتسىزلىك دەپ » مۇھەببەتلەشكەنلىكىنى ئاشكارلىغان . 2016-يىلى تاراتقۇلارنىڭ ئاشكارلىشىچە ئۇلار ئايرىلىپ كېتىپتۇ .

2017-يىلى رانبىر بىلەن پاكىستانلىق ئارتىس ماھىرە خاننىڭ يۈرىۋاتقانلىقى توغرۇلۇق خەۋەرلەر كۆپىيىپ قالدى. ئۇلار بۇلتۇر مۇكاپات مۇراسىمىدا ئۇچراشقان شۇنىڭدىن كېيىن مۇناسىۋىتى يېقىن بولغان، يېقىندا رانبىر ۋە ماھىرەنىڭ نيو يوركتا سەيلە قىلىۋاتقان سۈرىتىنى توردا  ئاشكارلانغان .

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#