غەربكە ساياھەت
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
بۇرۇنقى دەۋىردە چىمەنتاغدىكى بىر خىسلەتلىك تاشتىن بىر مايمۇن دۇنياغا كەپتۇ. ئۇ شۇ جايدىكى مايمۇنلارنى توپلاپ چىمەنتاغدىكى سۇ پەرىسى غارىغا كىرىپتۇ ۋە مايمۇنلارغا باش بولۇپ ئۆزىنى مايمۇن شاھ دەپ ئاتاپتۇ. ئۇ مەڭگۈ ئۆلمەسلىك ئۈچۈن ئۇزۇن يول بېسىپ بىر ئىبادەتخانىدىكى بىر راھىپنى ئۆزىگە ئۇستاز تۇتۇپتۇ. ئۇستازى ئۇنىڭغا سۈن ۋۇكۇڭ دەپ نام بېرىپتۇ ۋە ئۇنىڭغا 72خىل ماھارەتتىن تەلىم بېرىپتۇ. كېيىن سۈن ۋۇكۇڭ يەنە چىمەنتاغقا قايتىدۇ. كېيىن ئۇ ئۆز سېھرى كۈچىگە تايىنىپ شەرقى دېڭىز ئەجدار شاھىنىڭ ئوردىسىدىكى ئالتۇن گۈرزىسىنى ئېلىپ كېتىدۇ. كېيىن يەنە ياماراجانىڭ دەرگاھىغا كېلىپ مايمۇنلارنىڭ بارلىق ھايات مامات خاتىرىسىنى بويىۋىتىدۇ.
ياماراجا بىلەن ئەجدەرشاھ يۇرۇن سۇلتاننىڭ ھۇزۇرىغا كېلىپ بۇ ئەھۋالنى بايان قىلىپ مايمۇن جىننى تۇتۇشقا تەلەپ قىلىدۇ. يۇرۇن سۇلتاننىڭ تارىق تەكلىپى بويىچە سۈنۋۇكۇڭنى ئەرشكە چاقىرىپ چىقىپ مىراخورلۇققا تەيىنلەيدۇ. ئەمما بۇنىڭ ئەرزىمەس خىزمەت ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن ئەخمەق قىلىنغانلىقىنى بىلىپ چىمەنتاغقا قايتىپ كېتىدۇ ۋە «ئەرشكە تەڭداش ئەۋلىيا ئەزەم»دەپ تۇغ تىكلەيدۇ. كېيىن يۇرۇن سۇلتان مۇنارچى پەلەك شاھ بىلەن ناجانى ئەرش لەشكەرلىرىنى باشلاپ بېرىپ سۈنۋۇكۇڭغا ھۇجۇم قىلىشقا ئەۋەتىدۇ. بىراق مەغلۇپ بولىدۇ. كېيىن سۈنۋۇكۇڭ قايتىدىن چاقىرىلىپ توغاچزارلىققا قاراشقا بۇيرۇلدى. سۈنۋۇكۇڭ شاپتۇلزارلىقتىكى شاپتۇللارنى ۋە قاپاقتىكى ئىسكىرنايالارنىڭ ھەممىسى يەۋىتىدۇ.
يۇرۇن سۇلتان بۇنىڭدىن قاتتىق غەزەپلىنىپ 100مىڭ ئەرش لەشكىرىنى ئۇنى تۇتۇپ كېلىشكە بۇيرۇيدۇ.ئۇ جەڭ قىلىۋاتقاندا ئۇنىڭ بېشىغا چەمبەر تېگىپ يىقىلىدۇ. يۇرۇن سۇلتان ئۇنى ئۆلتۈرمەكچى بولسىمۇ لېكىن ئۇ بەك كۆپ ئىسكىرنايا يەۋالغاچقا ئاسانلىقچە ئۆلمەيدۇ.كېيىن ئۇ داڭقاندا يەتتە يەردە يەتتە 49كۈن كۆيدۈرۈلىدۇ. لېكىن ئۇ داڭقاندىن چىقىپ تېخىمۇ ئەسەبىيلىشىپ پۈتۈن ئەرش ئوردىسىنى مالىمان قىلىپ قىلغان. يۇرۇن سۇلتان تاتىھاگاتونى چاقىرىپ كېلىدۇ. سۈنۋۇكۇڭ ئۇنىڭغا تەڭ كېلەلمەي قالىدۇ. تاتىھاگاتو سۈنۋۇكۇڭنى شۇ چاغدا ئاناسىر تاغ ئاستىغا 500 يىل باستۇرۇپ قويىدۇ. كېيىن تاڭ ئېلىدىكى تاڭ سىڭ بۇ جايدىن ئۆتكەچ سۈنۋۇكۇڭنى كۆرۈپ ئۇنى قۇتقۇزۋالىدۇ. سۈنۋۇكۇڭ تاڭ سىڭ بىلەن بىرلىكتە غەربكە نوم ئېلىشقا بارىدۇ. يول بوبى يەنە شاسىڭ ۋە باجيې قاتارلىقلارنىمۇ سېپىگە قوشۇۋالىدۇ. ئۈچ شاگىرت تاڭ سىڭنى قوغداپ 81 مۈشكۈلاتنى تۈگىتىپ 11يىلدىن ئاشقاندا نومنى تاڭ دىيارىغا ئېلىپ كېلىدۇ
پىرسوناژ | رولدا | ئاۋاز بەرگۈچى |
سۈنۋۇكۇڭ | لىيۇ شاۋلىنتوڭ | يالقۇن سەپەر |
باجيې | مادېخۇا | پەرھات تالىپ |
شاسىڭ | شۈشاۋخۇا | غەيرەت ئوسمان |
تاڭ سېڭ | يەنخۇەنلى | ئابدۇقەييۇم ئىمىن |
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.