ۋاڭ فۇجى

ۋاڭ فۇجى

ۋاڭ فۇجى(1619-1692-يىللار) خۇنەننىڭ خېڭياڭ دېگەن يېرىدىن. ئۇ ئۆمرىنىڭ ئاخىرلىرىدا خۇنەننىڭ غەربىدىكى شىچۇەنشەن تېغى باغرىدا ياشىغان بولغاچقا، ئالىملار ئۇنى چۇەنشەن ئەپەندى دەپ ئاتىغان. مىڭ سۇلالىسى نىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا، ئۇ ئەمەلدارلىق ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ، خەتمەكەردە بولغان.

ئۇيغۇرچە ئىسمى ۋاڭ فۇجى
باشقا نامى 王船山
يۇرتى خۇنەننىڭ خېڭياڭ
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1692-يىلى
خەنزۇچە ئىسمى 王夫之
مىللىتى خەنزۇ
تۇغۇلغان ۋاقتى 1619-يىلى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ۋاڭ فۇجىمىڭ سۇلالىسى نىڭ ئاخىرلىرى ۋە چىڭ سۇلالىسى نىڭ باشلىرىدا بىر مۇتەپەككۇر ئۆتكەن بولۇپ، ئەينى چاغدا ئانچە نام چىقارمىغان، بىرنەچچە يۈز يىل ئۆتكەندىن كېيىنلا، ئاندىن زور داڭق چىقارغان. بۇ مۇتەپەككۇر دەل خۇاڭ زۇڭشى، گۇ يەنۋۇ قاتارلىقلار بىلەن بىر قاتاردا تۇرىدىغان ۋاڭ فۇجىدۇر. 

ۋاڭ فۇجى(1619-1692-يىللار) خۇنەننىڭ خېڭياڭ دېگەن يېرىدىن. ئۇ ئۆمرىنىڭ ئاخىرلىرىدا خۇنەننىڭ غەربىدىكى شىچۇەنشەن تېغى باغرىدا ياشىغان بولغاچقا، ئالىملار ئۇنى چۇەنشەن ئەپەندى دەپ ئاتىغان. مىڭ سۇلالىسى نىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا، ئۇ ئەمەلدارلىق ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ، خەتمەكەردە بولغان. چىڭ قوشۇنى جەنۇبقا بېسىپ كىرگەندە، ئۇ خۇنەننىڭ خېڭشەن دېگەن يېرىدە ئەسكەر توپلاپ چىڭ قوشۇنلىرىغا قارشى جەڭ قىلغان. جەڭدە مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، جەنۇبىي مىڭ ھاكىمىيىتىنى پاناھ تارتىپ، ئۇ يەردە پەرمان مەھكىمىسىنىڭ پەرمانچىسى بولغان. جەنۇبىي مىڭ ھاكىمىيىتى يىمىرىلگەندىن كېيىن، ۋاڭ فۇجى خۇنەننىڭ غەربىي قىسمىغا جايلاشقان ياۋزۇ تاغلىق رايونىدا يوشۇرۇنۇپ يۈرگەن، كېيىن يەنە شىچۇەنشەن تېغى باغرىدا گەمە ياساپ، شۇ يەردە تەركىدۇنيا بولۇپ ياشاپ، 40 يىل ئەسەر يازغان. بۇ مەزگىلدە، ۋاڭ فۇجى ئىنتايىن جاپالىق تۇرمۇش كەچۈرگەن، كېرەكسىز قەغەزلەرنى يىغىپ كېلىپ، ماقالە قەغىزى ئورنىدا ئىشلەتكەن. شۇنداق تۇرۇقلۇقمۇ، ۋاڭ فۇجى 100 پارچىدىن ئارتۇق، 8 مىليون خەتلىك ئەسەر يېزىپ، بىزگە قىممەتلىك مەنىۋى بايلىق مىراس قالدۇرغان. 

ۋاڭ فۇجىۋاڭ فۇجى پەلسەپە جەھەتتە جۇڭگونىڭ قەدىمكى دەۋرىدىكى ساددا ماتېرىيالىزملىق ئىدىيەسىگە ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، تەبىئىي پەن ئالىملىرىنىڭ ئېدىئالىزملىق ئىدىيەسىنى تەنقىد قىلغان. ئۇ كائىناتتىكى مەۋجۇداتلارنىڭ ھەممىسى «ھاۋا» دەپ ئاتىلىدىغان ماددىدىن تۈزۈلگەن، ھەرگىزمۇ سۇبيېكتىپ ئاڭ ئارقىلىق مۇستەقىل مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايدۇ، دەپ قارىغان. بىلىش نەزەرىيىسى جەھەتتە، ئۇ بىلىش ئەمەلىيەتتىن ئايرىلالمايدۇ، دەپ قارىغان ھەمدە ئەمەلىيەت بىرىنچى دەيدىغان نۇقتىئىنەزەردە چىڭ تۇرغان. مەسىلەن، ئۇ: شاھمات ئويناشنى ئۆگىنىۋېلىش ئۈچۈن، باشقىلارنىڭ ئوينىشىغا قاراپ ئۆگىنىش ئەسقاتمايدۇ، ئۆزى باشقىلار بىلەن ئويناپ ئەمەلىيىتىدىن ئۆتكۈزگەندىلا، ئاندىن تەدرىجىي ئۆگىنىۋالالايدۇ، دەپ قارىغان. ۋاڭ فۇجى ئوتتۇرىغا قويغان نەزەرىيىلەر ساددا دىئالېكتىكا ئىدىيەسىگە ئىگە بولۇپ، ئۇ كائىناتتىكى تۈرلۈك-تۈمەن شەيئىلەر كۈنسېرى يېڭىلىنىپ، ھەرىكەت قىلىپ ۋە ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، جەمئىيەت تارىخىمۇ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ تۇرىدۇ، شۇڭا ئاتالمىش «مەڭگۈ ئۆزگەرمەس» ، «تەلىماتى» مەۋجۇت ئەمەس، دەپ قارىغان. ۋاڭ فۇجى فېئودال پادىشاھلىق مۇستەبىت تۈزۈمىگە قەتئىي قارشى تۇرغان ھەمدە يەر-زېمىن پادىشاھلارنىڭ شەخسىي مۈلكى ئەمەس، بەلكى ئۇ دېھقانلارنىڭ ئىگىدارلىقىدا بولۇشى كېرەك، دەپ قارىغان. ئۇنىڭ تەلىماتلىرى جۇڭگونىڭ يېقىنقى زامان دېموكراتىك ئىنقىلابىغا ناھايىتى زور تەسىر كۆرسەتكەن. 

ۋاڭ فۇجى تاكى ئالەمدىن ئۆتكۈچە، چېچىنى باشتىن-ئاخىر چىڭ سۇلالىسى نىڭ پەرمانى بويىچە ياساتمىغان. ئۇ ئالەمدىن ئۆتۈشتىن ئىلگىرى، قەبرە تېشىغا «مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئەمەلدارى ۋاڭ xx نىڭ قەبرىسى» دېگەن خەتنى يېزىپ، ئۆزىنىڭ مىڭ سۇلالىسى گە بولغان چەكسىز ساداقىتى ۋە ئۆلسىمۇ تىز پۈكمەيدىغان ئىرادىسىنى ئىپادىلىگەن. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#