ئابدۇلخەبىر مۇھەممەد

ئابدۇلخەبىر مۇھەممەد

 ئابدۇلخەبىر مۇھەممەد ئاقسۇ ۋىلايىتى نىڭ كەلپىن ناھىيەسى دە تۇغۇلغان.ئۇ  ئامېرىكا يىپەك يولى HOLD تەربىيەلەش گۇرۇھىنىڭ باش يۈرگۈزگۈچىسى، بېيجىڭ HOLD چەتئەلگە چىقىش مەسلىھەتچىلىك شىركىتىنىڭ باش مەسلىھەتچىسى.  

ئۇيغۇرچە ئىسمى ئابدۇلخەبىر مۇھەممەد
مىللىتى ئۇيغۇر
پۈتتۈرگەن مەكتىپى نيۇ-يورك شىتات ئۇنىۋېرسىتېتى بېنھامتوننىڭ شۆبە مەكتىپى
دۆلەت تەۋەلىكى جۇڭگو
يۇرتى ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ كەلپىن ناھىيەسى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

 

 ئابدۇلخەبىر مۇھەممەد-ئاقسۇ ۋىلايىتى نىڭ كەلپىن ناھىيەسى دە تۇغۇلغان. ئامېرىكا يىپەك يولى HOLD تەربىيەلەش گۇرۇھىنىڭ باش يۈرگۈزگۈچىسى، بېيجىڭ HOLD چەتئەلگە چىقىش مەسلىھەتچىلىك شىركىتىنىڭ باش مەسلىھەتچىسى. ئامېرىكا سودا تەرەققىياتى مەسلىھەتچىلىكى يۆنىلىشى بويىچە MBA(سودا-سانائەت باشقۇرۇش) ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بۇلۇپ، بېيجىڭ لۇخې ئوتتۇرا مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئامېرىكىغا بېرىپ سودا كەسپىنى ئۆگىنىپ، باكلاۋۇرلۇق ۋە MBA(سودا-سانائەت باشقۇرۇش) ماگىستىرلىق ئۇنۋانىنى نيۇ-يورك شىتات ئۇنىۋېرسىتېتى بېنھامتوننىڭ شۆبە مەكتىپىدە تاماملىغان.ئۇ ئىلگىرى يەنە نيۇ-يورك شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ باشقۇرۇش تەپتىش بۆلۈمىدە تەپتىش دىرېكتورى ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن، بېيجىڭ يېڭى شەرق مائارىپ-تېخنىكا گۇرۇھىنىڭ مالىيە بۆلۈمىدە ئىچكى قىسىم ئىقتىسادىي تەپتىشلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن

ئابدۇلخەبىر مۇھەممەدئابدۇلخەبىر مۇھەممەد بېنھامتوندا MBA نىڭ ئەڭ ئاخىرقى يىللىق ئوقۇشىنى ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدە، بېنھامتوننىڭ شەھەرلەر بىرلەشمە ئىتتىپاقىدا سودا مەسلىھەتچىسى بولغان. ئۇ بىر مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچى، نيۇ-يوركتىكى ئۆگىنىش جەريانىدا، «كۆزگە كۆرۈنگەن خەلقئارالىق ئوقۇغۇچى» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، ئۇ يەنە ئامېرىكىدىكى نۇرغۇن ئوخشاش بولمىغان خەۋەر قاناللىرىغا چىققان، بۇنىڭ ئىچىدە «دەۋر ئاگاھلاندۇرغۇچىسى» سىملىق تېلېۋىزىيە خەۋەر قانىلى، بېنھامتون تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ۋە FOX40 WICZ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى قاتارلىقلار بار. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇنىڭ يان تەرەپتىن تارتىلغان سۈرىتى بېنھامتوننىڭ PIPE DREAM ژۇرنىلىنىڭ مۇقاۋىسىغا چىقىرىلغان.

كومپىيوتېر ئالدىدا خىزمەت قىلىشتىن باشقا، ئۇنىڭ يەنە مول ئىشتىن سىرت قىزىقىشلىرى بار بولۇپ، ئۇ پۇتبولنى، بىليارت ئويناشنى، ناخشا ئېيتىش ۋە ئۇسسۇل ئويناشنى ياخشى كۆرىدۇ، يەنە ئەڭ ناچار جۇڭگولۇق سۇ ئۈزۈش ماھىرىغا ئايلىنىپ قالماسلىق ئۈچۈن تىرىشىدۇ.

    ئۇ يۇمۇرىستىك، قىزىقچى بولۇپ، مەيلى خىزمەتتە بولسۇن ياكى تۇرمۇشتا بولسۇن، كىشىلەر بىلەن ناھايىتى تېز چىقىشىپ كېتىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

3 نومۇر (4 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    50%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    50%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#