بوز تىكەن

بوز تىكەن

بوز تىكەن ئاغرىق پەسەيتىش ،زەھەر قايتۇرۇش، سېرىقلىقنى يوقىتىش، توسالغۇلارنى ئېچىش،كۆزنى رۇشەنلەشتۈرىش، سۈيدۈك ھەيدەش، يارىلارنى ئېغىز ئالدۇرۇپ ساقايتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە

ئۇيغۇرچە نامى بوز تىكەن
ئىنگلىزچە Dahurian Patrinia Herb
تەبىئىتى ئىككىنچى دەرىجىدە ھۆل سوغۇق
خەنزۇچە نامى 败酱草 bai jiang cao
چىقىش ئورنى تۇپرىقى نەم يەرلەردىن چىقىدۇ.
باشقا نامى ئىزمۇق

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بوز تىكەنسامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بوزتىكەن (ئىزمۇق) نىڭ پۈتۈن چۆپى بولۇپ،«بوزتىكەن» نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.

ئائىلىسى

مۇرەككەپ گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك.

ئۆسۈملۈك بوزتىكەننىڭ پۈتۈن چۆپى

دورىلىق تەركىبى

بوز تىـكەن گـلۇكـوزىـدى(patrinoside)، لـوگانىـن (loganin)، ئىنسـىتـول (linositol)، پالمـاتىك كىسلاتاسى قاتارلىقلار بار.

ئاغرىق پەسەيتىش ،زەھەر قايتۇرۇش، سېرىقلىقنى يوقىتىش، توسالغۇلارنى ئېچىش،كۆزنى رۇشەنلەشتۈرىش، سۈيدۈك ھەيدەش، يارىلارنى ئېغىز ئالدۇرۇپ ساقايتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

پۇت يارىسى، ئۆتكۈر سېرىقلىق چۈشۈش خاراكتېردىكى يۇقۇملۇق جىگەر ياللۇغى، يارا، غەلۋىرەك، سۈيدۈك تۇتۇلۇش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

تىنچلاندۇرۇش، ئاغرىق توختىتىش، قان توختىتىش، ئىممۇنىت كۈچىنى ئاشۇرۇش، جىگەرنى قۇۋۋەتلەش، ئۆسمىگە قارشى تۇرۇش تەسىرى بار.

خاس تەسىرى

تىنچلاندۇرغۇچى،مەست قىلغۇچى، ئاغرىق پەسەيىتكۈچى دورا.

ئورۇنباسارى

كاكىنەچ

ئەكىس تەسىرى

بۆرەككە زىيان قىلىدۇ.

تۈزەتكۈچىسى

كەتىرا

1.شاھتەررە چىنىدىن10گرام، بوزتىكەندىن 1 گرام، دورىلارنى سوقۇپ، سىماب مەلھىمىگە ئارىلاشتۇرۇپ غەلۋىرەككە سىرتتىن چاپسا مەنپەئەت قىلىدۇ.

2. بابۇنە، ئىزخىر، كاۋاۋىچىن، مامرانچىنلاردىن 10گرامدىن، بوزتىكەندىن 3 گرام ئېلىپ، قائىدە بويىچە قايناتما تەييارلاپ ئىچسە، جىگەر توسالغۇلىرىنى ئېچىپ، سېرىقلىقنى يوقىتىدۇ.

3. بوزتىكەندىن 3گرام، تەرخەمەك ئۇرۇقى، تاۋۇز ئۇرۇقى، كاكىنەچ قاتارلىقلاردىن 10گرامدىن ئېلىپ، قائىدە بويىچە قاينىتىپ ئىچسە، سۈيدۈكنى راۋان قىلىدۇ.

يىغىش

7-،8-ئايلارداگۇلى ئىچىلىشتىن بۇرۇن پۈتۈن ئۆسۈملىكى يىلتىزى بىلەن بىرگە يىغىۋىلىنىدۇ.

ساقلاش 

قۇرۇتۇپ ساقلىنىدۇ.[0]



كاكىنەچ

كەتىرا

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتى دورىگەرلىكىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=2&contentNameId=401

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#