كۆممىقوناق دىگەن سۆزلۈك كۆپ خىل مەنە تۈرىنى ئىپادىلىگەن، تۆۋەندىكى مەنە تۈرلىرى بويىچە كۆرۈڭ:
  1. كۆممىقوناق (خام دورا)
  2. كۆممىقوناق ()
خام دورا

كۆممىقوناق

كۆممىقوناق

كۆممىقوناق باشاقلىقلار ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق، كۆممىقوناققا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، سۈيدۈك ھەيدەش، ئۆت يولىنى راۋانلاشتۇرۇش، قان بېسىمىنى چۈشۈرۈش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

ئۇيغۇرچە نامى كۆممىقوناق
چىقىش ئورنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 玉米
تەبىئىتى ھۆل سوغۇق

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

كۆممىقوناقكۆممىقوناق باشاقلىقلار ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق، كۆممىقوناققا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، غولى 2 ~ 3 مېتىر ئەتراپىدا ئۆسىدۇ. يوپۇرمىقى ئۇزۇن ھەم چوڭ، گۈلى ئاق جىنىسلىق، ئاتىلىق-ئانىلىقى بىر تۈپتە بولىدۇ. دېنى سېرىق پۇرچاقنىڭكىدىن سەل چوڭراق بولۇپ، مۇھىم ئاشلىقلاردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ.

سۈيدۈك ھەيدەش، ئۆت يولىنى راۋانلاشتۇرۇش، قان بېسىمىنى چۈشۈرۈش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

دورىلىق قىسمى

كۆممىقوناقنىڭ ساقىلى، يىلتىزى ۋە يوپۇرمىقى دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.

تەبىئىتى

ھۆل سوغۇق.

ئىشلىتىش مىقدارى

ئەھۋالغا قاراپ 15 ~ 30 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.

بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى پىشقاندا ساقىلىنى يىغىۋېلىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ؛ ئاندىن يوپۇرمىقى ۋە يىلتىزىنى يىغىۋېلىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى نىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ.

كۆممىقوناقكۆممىقوناق ساقىلىدىن 35 گرام، ئارپا قىلتىرىقىدىن سەككىز گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئۆتكۈر، سوزۇلما خاراكتېرلىك بۆرەك ياللۇغى ۋە سۈيدۈك ئازىيىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.

35 گرام كۆممىقوناق ساقىلىنى 30 گرام سۆگەت يوپۇرمىقى، 35 گرام قىزىل ماش، 20 گرام كۆك سېغىز بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، دوۋساق تاش كېسەللىكىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.

كۆممىقوناق ساقىلىدىن 35 گرام، قىل يوپۇرماقلىق ئەمەندىن 20 گرام، جىنتىيانادىن 12 گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئۆت خالتا ياللۇغى، ئۆت يولى تېشى ۋە سېرىقلىق چۈشۈش تىپىدىكى يۇقۇملۇق جىگەر ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

كۆممىقوناق ساقىلىدىن 35 گرام ئېلىپ سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، يۇقىرى قان بېسىمىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

مۇۋاپىق مىقداردىكى كۆممىقوناق ساقىلىنى دەملەپ، چاي ئورنىدا ئىچىپ بەرسە، قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىدۇ. 

كۆممىقوناقنىڭ ھۆل يىلتىزى ياكى يوپۇرمىقىدىن 35 گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، سۈيدۈك يول تېشى كېسەللىكىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#