تەمىرى ھىندى
تەمىرى ھىندى بولسا پۇرچاق ئائىلىسىدىكى دائىم كۆكىرىپ تۇرىدىغان ئۆسۈملۈك بۇلۇپ ،ئادەتتە ياۋا دەرەخزارلىق ۋە ئېتىز قىرلىرىدا ئۆسۈپ قالىدۇ، كۆپىنچە تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ. كۆڭۈل ئېلىشىش ۋە قۇسۇشنى توختىتىش، قان تازىلاش رولىغا ئىگە.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
1. تەمرى ھىندىنى ئەرقى گۈل، ئەرقى بىدىمىشكى، ئەرقى سەندەللەرنىڭ قايسى بىرى بىلـەن بىـرگـە قائىـدە بويىـچـە ئىچىـپ بەرسـە، يۈرەك رىتىمسىزلىقىغا مەنپەئەت قىلىـدۇ.
2. مۇۋاپىـق مىقداردىـكـى تەمـرى ھىندىـنـى سىركـە بىلەـن ئىچىپ بەرسە، زىيادە ئۇسسۇزلۇقنى باسىدۇ، قۇرۇق ھۆنى توختىتىدۇ، قان بېسىمنى چۈشۈرىدۇ.
3. تەمرى ھىندىلارنىڭ نىلۇپەر، گۈلبېنەپشە، چىلان، ھەر بىرىدىن 10 گرامدىن ئېلىپ دەملەپ ئىچىپ بەرسە، ئىسسىقتىن بولغان زۇكامغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
4. لوئۇقى تەمرى ھىندى تەييارلاپ ئىچىپ بەرسە، جىگەر مەنبەلىك ئۇسسۇزلۇقنى باسىدۇ، سەپرانىڭ تېزلىكىنى پەسەيتىدۇ، تەپكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
نوموئى تەمىرى ھىندى، مەتبوخى تەمىرى ھىندى
مېۋىسى تەركىبىدە ھەر خىل قەنتلەر a – تاتىك كىسلاتاسى ( a-Tataric acid )، ئالما كىسلاتاسى (Malic acid)، سىتەرىك كىسلاتا (citric acid )، فورمىك كىسلاتاسى (Formoc acid) قاتارلىق ئورگانىك كىسلاتالار بار.
كېلىش مەنبەسى(ئەسەر)
ئۇيغۇر تېبابىتى خام دورىلار ئىلمى بىرىنچى توم (سىناق نۇسخا) شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.