مايمۇن شاپتۇلى

مايمۇنشاپتۇلى

مايمۇنشاپتۇلنىڭ ئادەتتە قوي شاپتۇلى، پېلەكلىك نەشپۈت، ئەۋلىيا شاپتۇلى دەيدىغان باشقىچە ناملىرىمۇ بار. ئۇ مايمۇنشاپتۇلى ئائىلىسىگە تەۋە بولغان يوپۇرماق تاشلايدىغان ياغاچلاشقان پېلەك غوللۇق ئۆسۈملۈكتۇر. ئۇنىڭ تارقىلىشى كەڭ، مەھسۇلاتى يۇقىرى، مېۋىسى چوڭ، سۈپىتى(تەركىبى) ياخشى بولۇپ، ئۆسۈملۈك تۈپى ئۈزۈم پېلىكىگە ئوخشايدۇ.

ئۇيغۇرچە ئىسمى مايمۇنشاپتۇلى
تەۋەلىكى ئۈسۈملۈكلەر دۇنياسى
سىنىپى قوش پەللىلىك ئۈسۈملۈكلەر سىنىپى
ئائىلىسى مايمۇنشاپتۇلى ئائىلىسى
خەنزۇچە ئىسمى 猕猴桃
تىپى ئۇرۇقلۇق ئۈسۈملۈكلەر تىپى
تۈركۈمى سېرىقچاي تۈركىمى
ئۇرۇقداشلىرى مايمۇنشاپتۇلى ئۇرۇقدېشى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مايمۇنشاپتۇلى خەلقئارادا يېڭىدىن تونۇلۇۋاتقان دەرىجىدىن تاشقىرى مېۋە بولۇپ قالدى. ئۇ ئېلىمىزدىكى بىر خىل پېلەكلىك ياۋا ئۆسۈملۈكتىن چۈشىدىغان مېۋە بولۇپ، شەكلى نەشپۈتكە، رەڭگى شاپتۇلغا ئوخشايدىغان، شۇنداقلا ماكاكا مايمۇنلىرى ناھايىتى ياخشى كۆرۈپ يەيدىغان بولغاچقا، «جۇڭخۇا مايمۇنشاپتۇلى» دەپ ئاتالغان. ئېلىمىزدە مايمۇنشاپتۇلىنىڭ بايقىلىش ۋە ئۆستۈرۈلۈش تارىخى 1000 يىلدىن ئاشىدۇ.

1847 ~ 1900-يىللىرى ئەنگلىيە ئېلىمىزدىن ئەڭ بۇرۇن ياۋا مايمۇنشاپتۇلىنى كىرگۈزگەن بولۇپ، ئۇنى «جۇڭگو غاز بۆلجۈرگىنى» دەپ ئاتىغان. مايمۇنشاپتۇلنىڭ شەكلى يېڭى زېلاندىيىنىڭ دۆلەت قۇشى − كېۋىگە ناھايىتى ئوخشىشىپ كېتىدىغان بولغاچقا، 1906-يىلىدىن باشلاپ يېڭى زېلاندىيىمۇ مايمۇنشاپتۇلى كىرگۈزۈپ ئۆستۈرۈشكە باشلىغان ھەم ئۇنىڭغا «كېۋى مېۋىسى» دەپ نام بەرگەن. ھازىر ئۇ يېڭى زېلاندىيىدىكى ئاساسلىق مېۋە دەرەخلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، مەھسۇلاتى خەلقئارا بازارلارنى مونوپول قىلىش دەرىجىسىگە يەتتى. 

مايمۇنشاپتۇلنىڭ ئادەتتە قوي شاپتۇلى، پېلەكلىك نەشپۈت، ئەۋلىيا شاپتۇلى دەيدىغان باشقىچە ناملىرىمۇ بار. ئۇ مايمۇنشاپتۇلى ئائىلىسىگە تەۋە بولغان يوپۇرماق تاشلايدىغان ياغاچلاشقان پېلەك غوللۇق ئۆسۈملۈكتۇر. ئۇنىڭ تارقىلىشى كەڭ، مەھسۇلاتى يۇقىرى، مېۋىسى چوڭ، سۈپىتى(تەركىبى) ياخشى بولۇپ، ئۆسۈملۈك تۈپى ئۈزۈم پېلىكىگە ئوخشايدۇ. ئاتىلىق ۋە ئانىلىق گۈللىرى ئايرىم تۈپتە بولۇپ، يازدا چېچەكلەيدۇ. گۈلى ناھايىتى پۇراقلىق بولۇپ، كېپىنەكلەرنى جەلپ قىلىپ چاڭلىشىدۇ. ھەسەل بېزى ناھايىتى تەرەققىي قىلغان، چېچەكلەش مەزگىلى 4 ~6 ئايغىچە بارىدىغان بولغاچقا، كۆڭۈلدىكىدەك ھەسەل مەنبەسى ئۆسۈملۈكى ھېسابلىنىدۇ. شىرنىلىك مېۋىسى تۇخۇم شەكىللىك ياكى سىلىندىر شەكىللىك بولۇپ، 9-ۋە 10-ئايلاردا پىشىدۇ. بىر تال مېۋىنىڭ ئېغىرلىقى تەخمىنەن 50 گرام ئەتراپىدا بولۇپ، ئەڭ چوڭلىرىنىڭ ئېغىرلىقى 170 گرامغا يېتىدۇ. مېۋە ئېتى ئاق سېرىق ياكى يېشىل رەڭدە بولۇپ، ئىچىدە قارا ياكى قوڭۇر رەڭلىك كۈنجۈتسىمان ئۇرۇقلىرى بولىدۇ. ئۇرۇقىنىڭ سانى 500 ~1200 تالغىچە بولۇپ، ئۇرۇقى ئارقىلىق كۆپىيىدۇ. 

مايمۇنشاپتۇلىنىڭ ھەممىلا يېرى ئەتىۋارلىق. ئۇنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى مول بولۇپ، تەركىبىدە %4 ~%14 قەنت، %4.1 ~ %2 مېۋە كىسلاتاسى،% 12 ~ %18 ئېرۇچان قاتتىق ماددىلار ھەمدە ئۇنىڭدىن باشقا كۆپ خىل ئامىنو كىسلاتالىرى بولىدۇ. ھەر 100 گرام يېڭى مېۋە ئېتىدە ۋىتامىن C نىڭ مىقدارى 150 ~420 مىللىگرام ئەتراپىدا بولۇپ، ئاپېلسىن ۋە ماندارىنلارنىڭكىگە سېلىشتۇرغاندا 5 ~10 ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ. يېڭى(ھۆل) مېۋىسىنىڭ چۈچۈمەل ۋە تاتلىقلىق دەرىجىسى مۇۋاپىق بولۇپ، پۇراقلىق ۋە مەززىلىك كېلىدۇ. چەت ئەللەردە مايمۇنشاپتۇلىنى تولىمۇ ئەتىۋارلايدىغان بولغاچقا، زىياپەت ئۈستەللىرىگە تىزىپ قويۇلسا ناھايىتى قارشى ئېلىنىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مايمۇنشاپتۇلى يەنە ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ تاماق تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلىدىغان بولدى. 

مايمۇنشاپتۇلىنى پىششىقلاپ كونسېرۋا، مېۋە شەربىتى، مۇراببا، مېۋە ئۇيۇتمىسى، مېۋە قېقى قاتارلىق كۆپ خىل يېمەكلىكلەرنى ياساشقا بولىدۇ. شەنشىنىڭ شياڭنەن ناھىيىسى ئىشلەپچىقارغان «مايمۇنشاپتۇلى مۇرابباسى(مىتاۋجياڭ) » ، سىچۇەن گۇەن ناھىيىسىنىڭ مايمۇنشاپتۇلىدىن ئىشلىگەن «ماۋلى ھارىقى(ماۋلىجۇ) » قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى داڭلىق بولۇپ، چەت ئەللەرگە تونۇلغان. 

ئەڭ يېڭى تەتقىقاتلاردىن قارىغاندا، مايمۇنشاپتۇلى شىرنىسى تەركىبىدە ئىككى خىلدىن ئارتۇق ئاكتىپلىققا ئىگە يېڭى ماددا بولۇپ، ئۇلار راك پەيدا قىلغۇچى ماددا نىتروزامىننىڭ ئادەم تېنىدە سىنتېزلىنىشىنى توسىدىغان بولغاچقا، خەلقئارا ئۆسمە كېسەللىكلىرى تەتقىقات ئورنىنىڭ دىققەت-ئېتىبارىنى قوزغىغان. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

خەتكۈچلەر:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (3 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#