جاۋ شۇلى

جاۋ شۇلى (1906-1970-يىللار) ئىسمى-جىسمىغا لايىق دېھقان يازغۇچى، ئۇ دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، ئۇزاق مەزگىل يېزىدا ياشىغان، يازغان ئەسەرلىرىنىڭ دېھقانلار ئاممىسىنىڭ تۇرمۇشى ۋە ئىدىيىۋى كەيپىياتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ھەم بەدىئىي جەھەتتە مىللىيلىققا، ئاممىۋىلىققا ئىگە.

ئۇيغۇرچە ئىسمى جاۋ شۇلى
باشقا نامى 赵树礼
مىللىتى خەنزۇ
تۇغۇلغان ۋاقتى 1906-يىل
كەسپى يازغۇچى
خەنزۇچە ئىسمى 赵树理
دۆلەت تەۋەلىكى جۇڭگو
يۇرتى سەنشى ئۆلكىسى
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1970-يىل
ۋەكىل خارەكتىرلىك ئەسەرلىرى «كىچىك ئېرخەينىڭ ئۆيلىنىشى، لى يۇسەينىڭ ناخشا-قوشاقلىرى، سەنلىۋەن»

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

جاۋ شۇلى (1906-1970-يىللار) ئىسمى-جىسمىغا لايىق دېھقان يازغۇچى. ئۇ دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، ئۇزاق مەزگىل يېزىدا ياشىغان، يازغان ئەسەرلىرىنىڭ ھەممىسىدىلا يېزىلاردىكى تۈرلۈك ئۆزگىرىشلەر، دېھقانلار ئاممىسىنىڭ تۇرمۇشى ۋە ئىدىيىۋى كەيپىياتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ھەم بەدىئىي جەھەتتە مىللىيلىققا، ئاممىۋىلىققا ئىگە بولۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ، بولۇپمۇ دېھقانلارنىڭ زوقلىنىش ئادىتىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ.

جاۋ شۇلىنىڭ مەشھۇر ئەسەرلىرىدىن «كىچىك ئېرخەينىڭ ئۆيلىنىشى، لى يۇسەينىڭ ناخشا-قوشاقلىرى، سەنلىۋەن» قاتارلىقلار بار.

«كىچىك ئېرخەينىڭ ئۆيلىنىشى» دا، ياپونغا قارشى بازىدىكى بىر جۈپ يىگىت-قىزنىڭ نىكاھ ئەركىنلىكىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن مۇستەبىت زومىگەر كۈچلەر ۋە فېئوداللىق ئىدىيىلەر بىلەن قەتئىي كۈرەش قىلغانلىقى، دېموكراتىك ھاكىمىيەتنىڭ قوللىشى بىلەن غەلىبە قىلغانلىقى ھېكايە قىلىنىدۇ.

 «لى يۇسەينىڭ ناخشا-قوشاقلىرى» دا، دېموكراتىك ھاكىمىيەت يېڭى قۇرۇلغان چاغدا دېھقانلارنىڭ پومېشچىك-زومىگەرلەرگە قارشى ئېلىپ بارغان ئەگرى-توقاي، مۇرەككەپ كۈرەشلىرى تەسۋىرلەنگەن. ھېكايىدە زومىگەر پومېشچىك يەن خېڭيۈەننىڭ رەزىل ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ يېزىدىكى ھاكىمىيەتنى پەردە ئارقىسىدا تۇرۇپ باشقۇرۇپ، ئىجارە-ئۆسۈمنى كېمەيتىشكە قارشى تۇرغانلىقى، دېھقانلارنىڭ ئىتتىپاقىنى پارچىلاپ، سىياسەت، ئەمر-پەرمانلارغا بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقى پاش قىلىنغان، لى يۇسەيگە ئوخشاش ئەقىل-پاراسەتلىك، يۇمۇرلۇق، قىزىقچى يېڭى دېھقاننىڭ بەدىئىي ئوبرازى يارىتىلغان ھەم لى يۇسەينىڭ ئەتراپىغا توپلانغان «كىچىك» ئەۋلادلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانى تەسۋىرلەنگەن. 

جاۋ شۇلى ھېكايىلىرىدە ئېلىمىزنىڭ قەدىمكى زامان ئەدەبىياتى ۋە خەلق ئەدەبىيات-سەنئىتىنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىلىرىنى قوبۇل قىلغان، ھېكايىلىق خۇسۇسىيىتى ناھايىتى كۈچلۈك، كىشىنى مەپتۇن قىلىۋالىدۇ. باش-ئاخىرى ماسلاشقان، سۇژىتنىڭ تەرەققىيات جەريانى ناھايىتى ئېنىق بېرىلگەن، شۇنداقلا چوڭ ھېكايىنىڭ ئىچىدىن كىچىك ھېكايە چىقىرىلىپ، ھالقىلار زىچ باغلانغان. تىلى ئىندىۋىدۇئاللاشقان، پېرسوناژلارنىڭ سالاھىيىتى، قىياپىتى ۋە پسىخىكىسىغا لايىق كېلىدۇ ھەم ئىنتايىن يۇمۇرلۇق تۇيغۇ بېرىدۇ. 

[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

2 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    0%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    100%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#