توغراقبوستان كەنتى

توغراقبوستان كەنتى

توغراقبوستان كەنتى شىنجاڭ خوتەن ۋىلايىتى لوپ ناھىيەسى بەشتوغراق يېزىسى نىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكى كەنت بۇلۇپ، يېزىلىق ھۆكۈمەت تۇرۇشلۇق جايىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا 1.8 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان.

ئۇيغۇرچە نامى توغراقبوستان كەنتى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى كەنت
تېلېفۇن رايون نۇمۇرى 0903
باشقا نامى توغراقدۆڭ كەنتى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 托格拉克博斯坦村
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون لوپ ناھىيە بەشتوغراق يېزىسى
ماشىنا كودى 新R

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

توغراقبوستان كەنتى شىنجاڭ خوتەن ۋىلايىتى لوپ ناھىيەسى بەشتوغراق يېزىسى نىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكى كەنت بۇلۇپ، يېزىلىق ھۆكۈمەت تۇرۇشلۇق جايىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا 1.8 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان. قاراشلىق ئۈچ كەنت گۇرۇپپىسى بار. جەمئىي 89 ئائىلە، 361 ئادەم، ئاساسلىقى ئۇيغۇر لارنى ئاساس قىلغان. توغراقبوستان كەنتى ئۇيغۇر تىلىدا «توغراق ئورمان» دېگەن مەنىدە، چۈنكى بۇ كەنتتە توغراق كۆپ بولغاچقا شۇڭا توغراقنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان. بۇرۇنقى نامى توغراقدۆڭ بۇلۇپ، «چىنار قۇم» دېگەن مەنىدە. 

1961-يىلى «قىزىل يۇلتۇز» گۇڭشې بوز يەر دېھقانچىلىق مەيدانىغا، 1971-يىلى «قىزىل يۇلتۇز» گۇڭشې 17-چوڭ ئەترىتى دەپ ئاتالغان؛ 

1981-يىلى بەشتوغراق گۇڭشې 11-چوڭ كەنتى قىلىپ ئايرىلغان؛ 

1983-يىلى توغراقدۆڭ دەپ ئۆزگەرتىلگەن؛ 

1984-يىلى توغراقدۆڭ كەنت ئاھالە كومىتېتى قۇرۇلغان. 

ھازىر كەنت ئاھالە كومىتېتى توغراقبوستان دەپ ئاتىلىدۇ. 

توغراقبوستان كەنتى تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 1696 مو، يىللىق بۇغداي 450 مو، كېۋەز 810 مو، قوناق 450 مو، يىللىق بۇغداي 148 مىڭ كىلوگرام، كېۋەز 89 مىڭ كىلوگرام، قوناق 171 مىڭ كىلوگرام؛ ئىقتىسادىي ئورمان چىلان 885 مو، ئەلا سۈپەتلىك چىلان؛ 

تېرىلغۇ يەرلەر قوشۇمچە بېدە، ياغلىق دان قاتارلىق زىرائەتلەرگە ئىشلىتىلىدۇ؛ 

چارۋىچىلىقمۇ تەرەققىي قىلىغان بۇلۇپ، بېقىلغان چارۋا 1554 تۇياق.

توغراقبوستان كەنتىدە كەنت باشلانغۇچ مەكتەپ، توغراقبوستان كەنتى كەنت شىپاخانىسى، توغراقبوستان كەنت ئاھالە كومتېتى قاتارلىق ئورۇنلار بار. ئاددىي تاشيولى ھەر قايسى كەنتلەرگە يەتكۈزۈلگەن.[0] 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#