رۇم بەدىيان

رۇم بەدىيان

رۇم بەدىيان   بولسا ئۆسۈملۈك ئۇرۇقى بۇلۇپ سۈت كەلتۈرۈش، ئارتۇق ھۆللۈكنى قۇرۇتۇش خۇسۇسىيىتى بار.

ئۇيغۇرچە نامى رۇم بەدىيان
ئەرەبچە نامى ئەنسۇن
ئىنگلىزچە Anesi Seed
تونۇش ئۆسۈملۈك ئۇرۇقى
تەبىئىتى 2 – دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق
خەنزۇچە ئاتىلىشى 洋茴香
پارسچە نامى بەدىيان رۇمى
ئوردۇچە نامى سۇنۇف زۇمى
تەمى ئاچچىقراق، خۇشبۇي

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

رۇم بەدىيانرۇم بەدىيان   بولسا بۇ كۇللۇكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك 35 سانتىمېتىر ئېگىزلىكتە ئۆسىدۇ. تېنى چاسا قىرلىق، ئىنچىكە، يوپۇرمىقىمۇ ئىنچىكە، گۈلى ئاققا مايىل سېرىق، ئۇرۇقى كۆكۈش ئۈچ بۇرجەك غىلاپنىڭ ئىچىدە بولىدۇ. ئارپا بەدىياندىن سەل كىچىكرەك . تەمى ئاچچىقراق، خۇشبۇي،. 7-، 8-ئايلاردا يېغۋىلىندۇ. شىنجاڭنىڭ خوتەن، يەكەن قاغىلىق قاتارلىق جايلاردىن ھەم ئامرىكا، گرمانىيە، ئىسپانىيە، ئوتتۇرا شەرىق قاتارلىق جايلاردىنمۇ چىقىدۇ.

سوغۇق كەيپىياتنى تەڭشەش، غەيرى تەبىئىي بەلغەم خىلتىنى پىشۇرۇش، توسالغۇلارنى ئېچىش، ئاشقازان–ئۈچەينى قۇۋۋەتلەش، ماددىلارنى يۇمشۇتۇش، يەل تارقىتىش، تېرىنى پارقىرىتىش ئاغرىق توختىتىش، زەھەر قايتۇرۇش، تۇتۇش، سۈيدۈك ۋە ھېيىزنى ماڭدۇرۇش، سۈت كەلتۈرۈش، ئارتۇق ھۆللۈكنى قۇرۇتۇش خۇسۇسىيىتى بار.

خاس تەسىرى

خىلىتسىز ھۆل سوغۇق كەيپىياتنى تەڭشىگۈچى دورىلار. 

ئەكىس تەسىرى

ئىسسقتىن بولغان باش ئاغرىقى ۋە ئۈچەي كېسەللىكلىرىگە زىيان قىلىدۇ.

رۇم بەدىيان ئالدىھىدى – ئەنېز ئالدىھىدى سىل كېسىلىنى داۋالايدۇ. ھەم ئاز مىقداردا ھېدروكىن سىتروپتومىتسىننىڭ ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.

رۇم بەدىياننىڭ تەركىبىدە ئۇچۇچان ماي بولىدۇ. بۇ ماينىڭ ئاساسلىق تەركىبى (Anisaldehyde) ئاتىسدوم ئەنىزىكوم (Anisic acid) روم بەدىيان ئېتېرى (ئەنېتول anetihole) قاتارلىقلار بار. ئۇنىڭدىن باشقا فىلاۋونىلار، كۆپ خىل ئامىنو كىسلاتاسى ۋە مايلىق ياغ قاتارلىقلار بار

رۇم بەدىيان1) بەدىياننى قاينىتىپ سۇزۇپ 30 گرام ھەسەل بىلەن ئىچسە مەس قىلغۇچى دورىلارنىڭ زەھىرىنى قايتۇرىدۇ.

2) روم بەدىيان 5 گرام، ئۇبىھەلدىن 10 گرام، خيارشەنبەر 20 گرام ئېلىپ چالا سوقۇپ قايناقسۇغا بىر كېچە چىلاپ قويۇپ ئىچىپ بەرسە ھېيىزنى راۋانلاشتۇرىدۇ.

3) رۇم بەدىيان 5 گرام، سېرىق چېچەك 1 گرام ئېلىپ قاينىتىپ تەرلەنسە تەر تۆشۈكلىرىنى ئېچىپ، زۇكامغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

4) رۇم بەدىيان 5 گرام، بادام مېغىزى 10 گرام ئېلىپ تالقان قىلىپ ئىستېمال قىلسا سۈت كۆپىيىدۇ.

دورىلىق ئورنى

ئۆسۈملۈك ئۇرۇقى

مىقدارى

3 ~ 5 گرامغىچە

ساقلاش

قۇرۇتۇپ ساقلىنىدۇ

ئورۇنباسارى

ئارپا بەدىيان، سېرىق چېچەك، زىرە

تۈزەتكۈچىسى

سىركەنجىۋىل

مەجۇنى ئەنسون، شەربىتى روم بەدىيان

ئاشقازان تۆۋەنلەش،ھەزىم ناچارلىشىش، بۆرەك، دوۋساق تاش كېسەللىكى، سۈت، مەنئىي كەملىك، پالەچ، لەقۋا، سوغۇقتىن بولغان باش ئاغرىقى، شەقىقە،باش قېيىش، قۇلاق غۇڭۇلداش، سۈيدۈك ھېيىز تۇتۇلۇش، قورساق ئاغرىقى، بۆرەك ئاغرىقى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

كېلىش مەنبەسى(ئەسەر)

ئۇيغۇر تېبابىتى خام دورىلار ئىلمى بىرىنچى توم (سىناق نۇسخا)  شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=2&contentNameId=31

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=2&contentNameId=31

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#