نىيە بازىرى

نىيە بازىرى

نىيە بازىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خوتەن ۋىلايىتى نىيە ناھىيەسى گە قاراشلىق مەمۇرىي بازار، ناھىيە بازىرىدىكى ناھىيەلىك ھۆكۈمەت تۇرۇشلۇق جاينىڭ شەرق تەرىپىگە جايلاشقان. يېزا ئىگىلىكىدە بۇغداي، قوناق، كېۋەز، ياغلىق داننى ئاساس قىلىدۇ. چارۋىچىلىقىدا قوي بېقىش، كالا بېقىش ئاساس قىلىنىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى نىيە بازىرى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى بازار
يەر مەيدانى 14.3 كۋادرات كىلومېتىر
كىلىماتى مۆتىدىل بەلباغ چۆل كىلىماتى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 尼雅镇
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون خوتەن ۋىلايىتى نىيە ناھىيەسى
نوپۇسى 10441 ئادەم
تېلېفون رايون نۇمۇرى 0903

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

نىيە بازىرىنىيە ناھىيەسىنىڭ نىيە بازىرى 1984-يىلى تەسىس قىلىنغان، ئورنى نىيە دەرياسى شەرقىي قىرغىقى، ناھىيەلىك ھۆكۈمەتنىڭ شەرقىي شىمالىغا 3 كىلومېتىر كېلدىغان جايغا  جايلاشقان. بازارلىق ھۆكۈمەت تۇرۇشلۇق جاي نىيە ناھىيەسى بوستان يولى 10 نومۇردا. شەرق، غەرب، شىمالىي نىيە يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، جەنۇبتا يېيىق يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. 315-دۆلەت يولى لىنىيەسى ئوتتۇرا تارىم قۇملۇق تاشيولى جەنۇبىي چىقىش ئېغىزىدا. شەرقتە چەرچەن ناھىيە بازىرى بىلەن ئارىلىقى 360 كىلومېتىر، غەربتە كېرىيە ناھىيە بازىرى بىلەن ئارىلىقى 125 كىلومېتىر، شىمال تەرىپى بۈگۈر ناھىيە بازىرى بىلەن ئارىلىقى 579 كىلومېتىر. پۈتۈن بازاردىكى يەر كۆلىمى 14.3 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. 

نىيە بازىرىنىيە بازىرىنىڭ يەر تۈزۈلۈشى جەنۇبى ئېگىز، شىمالى پەس بولغان تۈزلەڭلىك بەلباغ. چۆل تۇپراق ۋە سېرىق قۇم تۇپراق ئاساسەن تىنما سۇغىرىش، تۇپراق سۈپىتى ناچار، قۇملۇق خۇسۇسىيىتى يۇقىرى بولۇپ، يېپىشقاق دانچە ئاز، سۇ ۋە ئوغۇت ساقلاش ئىقتىدارى ناچار. بەلباغنىڭ قۇرۇقلۇق تىپىدىكى قۇرغاق كىلىماتىغا كىرىدۇ، سۇ مەنبەسى كەمچىل، پارغا ئايلىنىش كۈچلۈك ياز پەسلىدە قاتتىق ئىسسىق، كۈزدە تۆۋەنلىشى تېز، قىراۋ چۈشۈشى بالدۇر.

ئاساسلىق يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەردىن ئاق قاڭالتىر، توغراق، يۇلغۇن، قومۇش دېگەنگە ئوخشاشلاردىن ئىبارەت. 

ئاساسلىق ياۋايى ھايۋانلاردىن تۈلكە، ياۋا توڭگۇز ياۋا توشقان قاتارلىقلار بار.

نىيە بازىرى نىيە بازىرى نوپۇس 10441 ئادەم، 3349 ئائىلە، ئۇيغۇر ۋە خەنزۇ مىللىتى توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان. بازارغا قاراشلىق ئۈچ شەھەر ئاھالە كومىتېتى، ئىكىكى مەمۇرىي كەنت (جەمئىي 10 مەمۇرىي كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى) ئىككى مەمۇرىي كەنىتتە جەمئىي 1069 ئائىلە، 1874 ئادەم، ئۈچ ئاھالە كومىتېتى جەمئىي دائىمىي تۇرۇشلۇق ئاھالە تۇرۇشلۇق جايىغىچە 2380 ئائىلە، 8567 ئادەم، بۇلار ئىچىدە غەيرىي يېزا ئىگىلىك نوپۇسلىرى 2055 ئائىلە، 7265 ئادەم، يېزا ئىگىلىك نوپۇسى 325 ئائىلە، 1302 ئادەم؛ كۆچمە نوپۇس 316 ئادەم.

نىيە بازىرى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، ئورمانچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ.  

دېھقانچىلىقتا تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 8518.8 مو، زىرائەت كۆلىمى 5040.4 مو، بۇلار ئىچىدە بۇغداي تېرىلغۇ كۆلىمى 1415 مو، ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارى 37.5 توننا؛ قوناق 1315 مو، ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارى 749 توننا؛ كېۋەز 285 مىڭ مو، ئومۇمىي مەھسۇلاتى (ساپ پاختا) 37.5 توننا؛ كۆكتات پارنىكى 275، مېۋىلىك دەرەخ پارنىكى 95، مەھسۇلات قىممىتى 890 مىڭ يۈەن؛ 1700 مو ئىقتىسادىي ئورمان باغۋەنچىلىك كىرىمى 291 مىڭ 700 يۈەن؛ ئىھاتە ئورمىنى 140 مو، خوتەن چوڭ يوپۇرماقلىق سۆسۈن چېچەك بېدىسى 236 مىڭ موغا يەتكەن.

نىيە بازىرىچارۋىچىلىقتا قولدا قالغان چارۋا 15689 تۇياق (دانە)، چىقىم قىلىنغان چارۋا 7700 تۇياق (دانە). يىل ئاخىرىدا يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 3 مىليون 939 مىڭ 700 يۈەن، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمى 1472.15 يۈەن. 

نىيە بازىرى 2008-يىلى كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ساپ كىرىمى 3129.93 يۈەن، 57.10 يۈەن ئاشۇرۇلغان؛ 

بىرىنچى، ئەمگەك كۈچى چىقىرىش كىرىمى 1 مىليون 294 مىڭ 700 يۈەن، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمى 530.18 يۈەنگە يەتكەن؛ 

ئىككىنچى، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى كىرىمى 1مىليون 241 مىڭ 800 يۈەن، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمى 508.5 يۈەنگە يەتكەن. 

ئۈچىنچى، مەھسۇلات مىقدارى20.21 توننا، 257 مىڭ 250 يۈەن كىرىم قىلىپ، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمى 105.34 يۈەنگە يەتكەن. 

تۆتىنچى، باغۋەنچىلىك ئومۇمىي كىرىمى 162 مىڭ 300 يۈەن، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمى 66.46 يۈەنگە يەتكەن. 

بەشىنچى، چارۋىچىلىقتىن 873 مىڭ 400 يۈەن كىرىم قىلىپ، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمى 580 يۈەنگە يەتكەن. 

ئالتىنچى، 3-كەسىپنىڭ كىرىم 1 مىليون 600 مىڭ 400 يۈەن، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمى 655.37 يۈەنگە يەتكەن. 

يەتتىنچى، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرالايدىغان ئۆي سېلىش ۋەزىپىسى 107 گە يەتكەن. پۈتكەن ئۆي ئىمارەت كۆلىمى 1 مىڭ بۇلۇپ، لاياقەتلىك بولۇش نىسبىتى %100 كە، ئەلا سۈپەتلىك بولۇش نىسبىتى %95 كە يەتكەن.

سەككىزىنچى، پاتقاق گازى قۇرۇلۇشى پىلانى 90 ئائىلە بۇلۇپ، ئاللىبۇرۇن 93 ئائىلىگە پاتقاق گازى قۇرۇلۇشى قۇرۇلغان بولۇپ، پىلانى %103 ئورۇندالغان.

نىيە بازىرىنىيە ناھىيەسىنىڭ نىيە بازىرى خىزمەت ئاپپاراتى: 4 ئىشخانا بىر بۆلۈم» يەنى: پارتىيە، ھۆكۈمەت پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىشخانىسى، يېزا ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىشخانىسى، ھەر تەرەپلىمە تۈزەش، بىرلىك سەپ (دىن ئىشلىرى) ئىشخانىسى قاتارلىقلار. 

بازارلىق پارتكوم ئۆزىگە قاراشلىق ئۈچ پارتىيە ياچېيكىسى، پارتىيە ئەزالىرى 141 ئادەم؛ ئىتتىپاق كومىتېتى بىر، ئۈچ ئاساسىي قاتلام ئىتتىپاق يەچىكىسى 141 ئادەم؛ پارتىيە-گۇرۇھلارنىڭ نىسبىتى 1:1.06. بازاردىكى مەمۇرىي كادىر 40 ئادەم، ھەر خىل كەسپىي تېخنىكا خادىمى 385 ئادەم، كەنت كادىرلىرى 13 ئادەم.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#