يەرشارى پىلانىتى 2
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
«پىلانىت يەرشارى2» بولسا ئەنگىلىيە BBC رادىيو-تېلىۋېزىيە ئىستانسىسى ئىشلىگەن يۈرۈشلۈك ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ 2- بۆلۈمى بولۇپ، فىلىمگە ھازىرقى زاماندىكى ئەڭ ئىلغان 4K لىق سۈرەتكە ئېلىش ئاپاراتى ئىشلىتىلگەن . تەبىئەت دۇنياسىنىڭ ۋە ھايۋاناتلارنىڭ ئەڭ يېقىن ئارلىقتىن سۈرەتكە ئېلىنىشى ئىشقا ئاشۇرۇلغان. سۈزۈكلۈك دەرىجىسى ئىنتايىن يوقۇرى ۋە سۈرەتكە ئېلىش تېخنىكىسى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكەن ھۆججەتلىك فىلىملەرنىڭ بىرى. ئۇنىڭ IMDB دىكى نومۇرىمۇ 9.6 بولۇپ تولۇق نومۇرغا يېقىنلىشىدۇ. بۇ فىلىمنىڭ ھوزۇرلىنىش دائىرىسى ئىنتايىن كەڭرى. فىلىمدىكى سۈرەتلەرنىڭ ئىنتايىن يېقىن ۋە سۈزۈك تارتىلغىنىدىن سىرىت يەنە سۈرەتكە ئالغۇچىلارنىڭ قانچىلىك تەۋەككۇلچىلىك بىلەن كەڭ تەبىئەت دۇنياسىنىڭ ھازىرقى سىرى ۋە ئومۇمىي ئەھۋالىنى بىزگە ئېچىپ بەرگەنلىكىنى كۆرىۋالالايمىز.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.