ما خۇاتېڭ

ماخۇاتىڭ

ما خۇاتېڭ-تېڭشۈن شىركىتىنىڭ ئاساسلىق بەرپاچىلىرىنىڭ بىرى، «تېڭشۈن» شىركىتى پاي كونترول مۇدىرىيىتىنىڭ رەئىسى، قوشۇمچە باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى، مەملىكەتلىك ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى. ئۇنىڭ تېڭشۈن شىركىتىدە ھازىر جەمئىي 25 مىڭدىن ئارتۇق خىزمەتچى بار.

ئۇيغۇرچە ئىسمى ما خۇاتېڭ
دۆلەت تەۋەلىكى جۇڭگو
يۇرتى گۇاڭدوڭ ئۆلكىسى شەنتوۋ شەھىرى
كەسپى كارخانىچى
ۋەزىپىسى تېڭشۈن گورۇھى باش لىدىرى
خەنزۇچە ئىسمى 马化腾
مىللىتى خەنزۇ
تۇغۇلغان ۋاقتى 1971-يىلى 10-ئاي
پۈتتۈرگەن مەكتىپى شىنجىن ئۇنۋىرسىتىتى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

شەخىسما خۇاتېڭ 1971-يىلى 10-ئاينىڭ 29-كۈنى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى شەنتوۋ شەھىرى خۇنەن رايونى چېڭتيەن بازىرىدا تۇغۇلغان. بالىلىق مەزگىللىرىدە، ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى دوڭفاڭ ناھىيەسى (ئەسلىدە گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىگە تەۋە ئىدى، كېيىن خەينەن ئۆلكىسىگە تەۋە بولغان)دە خىزمەت قىلاتتى، 1984-يىلى 13-ياشلىق ما خۇاتېڭ تولۇقسىز 2-يىللىقتا ئوقۇۋاتقاندا ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىرلىكتە خەينەندىن شېنجېنغان كۆچۈپ بارىدۇ. كېيىن شېنجېن ئۇنىۋېرسىتېتى كومپيۇتېر فاكۇلتېتى كومپيۇتېر كەسپىدە ئوقۇغان.

ما خۇاتېڭ-تېڭشۈن شىركىتىنىڭ ئاساسلىق بەرپاچىلىرىنىڭ بىرى، «تېڭشۈن» شىركىتى پاي كونترول مۇدىرىيىتىنىڭ رەئىسى، قوشۇمچە باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى، مەملىكەتلىك ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى. ئۇنىڭ تېڭشۈن شىركىتىدە ھازىر جەمئىي 25 مىڭدىن ئارتۇق خىزمەتچى بار.

تېڭشۇن1993-يىلى، كومپيۇتېر كەسپىنى تاماملىغان ما خۇاتېڭ شېنجېن رۇنشۈن ئالاقە تەرەققىيات شىركىتىگە كىرىپ، پىروگرامما ئىنژېنېرى بولۇپ، مەخسۇس چاقىرغۇ دېتالى تەتقىق قىلىدۇ، كېيىن شىركەت تەرەققىيات بۆلۈمىنىڭ مەسئۇللۇقىغا ئۆستۈرۈلىدۇ. بۇ جەرياندا ما خۇاتېڭ يۇمشاق دېتال ئىشلەشنىڭ ئەھمىيىتىنىڭ ئۇنىڭ ئەمەلىي قوللىنىلىشىدا ئىكەنلىكىنى بىلىپ يېتىدۇ. شىركەت ما خۇاتېڭنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرىدۇ ھەمدە ئۇنىڭغا باشقۇرۇش قاتلىمىدىن قولايلىق يارىتىپ بېرىدۇ.

1998-يىلى، ئەمەلىي قوللىنىشچان يۇمشاق دېتال ئۇقۇمى ما خۇاتېڭنىڭ سەزگۈر يۇمشاق دېتال بازىرىغا بولغان چۈشەنچىسىنى ئاشۇرۇپلا قالماستىن، يەنە ئۇنى خېلى نەپكە ئېرىشتۈرگەن. ما خۇاتېڭ بىر مەھەل بازىرى چىققان پاي مونوپول كارتىسىنىڭ ئىجادچىلىرىنىڭ بىرى ئىدى. ئۇ دوستى بىلەن ھەمكارلىشىپ تەتقىق قىلغان پاي مونوپول كارتىسى شېنجېن «سەيگې» ئېلېكترون بازىرىدا يامان ئەمەس سېتىلىدۇ. ما خۇاتېڭ يەنە داۋاملىق تۈردە دوستىنىڭ شىركىتىنىڭ يۇمشاق دېتال مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشىپ بېرىدۇ. بۇ ئىشلار ئۇنىڭ چەمبىرىكى دائىرىسىدە نامىنى چىقىرىپلا قالماستىن، يەنە ئۇ نۇرغۇن تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەيدۇ.

ئەمما ئۇنىڭ ھەقىقىي مەنىدىكى تۇنجى پايدىسى پاي بازىرىدىن كەلگەن. ئۇ بىر قېتىم 100 مىڭ يۈەننى ئايلاندۇرۇپ يۈرۈپ، 700 مىڭ يۈەن پايدا تاپىدۇ. بۇ ما خۇاتېڭنىڭ مۇستەقىل ئىگىلىك تىكلەش يولىغا مېڭىشىغا ئاساس سېلىپ بەرگەن.

1998-يىلى، ما خۇاتېڭ ساۋاقدېشى جاڭ جىدۇڭ بىلەن بىرلىكتە ھەمكارلىشىپ مەبلەغ سېلىپ شېنجېن تېڭشۈن كومپيۇتېر سىستېمىسى چەكلىك شىركىتىنى تىزىمغا ئالدۇرىدۇ. كېيىن يەنە زېڭ لىچىڭ، شۈ چېنيې، چېن يىدەن ئۈچەيلەن پايچىك بولۇپ كىرىدۇ. خېيىم-خەتەرسىز مەبلەغ بىلەن قۇرۇلغان يۇمشاق دېتال شىركىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، دەسلەپتىكى تاپقان پۇللار ما خۇاتېڭ بىلەن ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنى قاتتىق ھەيران قالدۇرىدۇ.

OICQ (ھازىرقى QQ) نى تەتقىق قىلىدىغاندا، ئەينى چاغدا دۆلەت ئىچىدە ئىككى شىركەت ئالدىدا كېتىۋاتقان بولۇپ، مەھسۇلاتلىرىمۇ تېڭشۈننىڭكىدىن تېخىمۇ بازارلىق ئىدى. ما خۇاتېڭ ئارتۇق ئويلاپ ئولتۇرمايدۇ، چۈنكى بۇ مەھسۇلاتلار شىركەتنىڭ ئاساسىي تۈر تەرەققىيات كەسپىي كۆچمە ئىدارىسى، چاقىرىش سۇپىسى، سىمسىز چاقىرغۇ لايىھەسىنى باشقا تۈرلەر بىلەن ئۆزئارا ئىلگىرى سۈرگەندىن باشقا، يەنە ئەينى چاغدىكى فېيخۇا، جۇڭخۇا تورى قاتارلىق نۇرغۇن تور شىركەتلىرىمۇ تېز ئالاقە تۈرىگە مايىل بولۇپ، بازاردىكى تەرەققىيات ئىستىقبالىمۇ پارلاق ئىدى.

دەسلەپكى تەرەققىيات جەريانىدا، تېڭشۈن بىر مۇھىم تۆلەم ئەرزىگە چېتىلىپ قالىدۇ: 1999-يىلىدىن 2000 يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا، تېز ئالاقە يۇمشاق دېتالى بولغان ICQ غا ئاساسەن ياسالغان OICQ (ھازىرقى QQ) ICQ نىڭ نۇرغۇن ئابۇنتلىرىنى تارتىپ كېتىدۇ، بولۇپمۇ جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىدا تېخىمۇ شۇنداق بولىدۇ، كېيىن ICQ شىركىتى قانۇنىي يول ئارقىلىق تېڭشۈن شىركىتىنى مەغلۇب قىلىپ، OICQ دېگەن بۇ نامنى ئىشلىتىشتىن توختىتىۋېتىدۇ ھەمدە OICQ نامىنى ICQ شىركىتىگە قايتۇرۇپ بېرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە، تېڭشۈن شىركىتى بەلگىلىك تۆلەم تۆلەيدۇ. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن تېڭشۈن شىركىتى QQ دېگەن بۇ نامنى ئىشلىتىشكە باشلايدۇ.

ئىگىلىك تىكلەشنىڭ دەسلىپىدە، ما خۇاتېڭ ئۆز كوللېكتىپىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، تور بەت ياساش، سىستېما توپلاشتۇرۇش، پىروگرامما لايىھەلەش قاتارلىقلارنى قىلىدۇ. ئەمما بازار ئەھۋالىنى چۈشەنمىگەنلىكتىن، تېڭشۈننىڭ مەھسۇلاتلىرى ئانچە ياخشى سېتىلمايدۇ. ئەمدىلا ئىگىلىك تىكلىگەن باشقا شىركەتلەرگە ئوخشاشلا، مەبلەغ ۋە تېخنىكا تېڭشۈن شىركىتىنىڭ ئەڭ چوڭ قىيىنچىلىقى ئىدى.

1999-يىلى 2-ئايدا، تېڭشۈن شىركىتى تۇنجى بولۇپ «جۇڭگوچە» ICQ نى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىدۇ، بۇ يۇمشاق دېتال OICQدىن كېيىن ئابونتلارنىڭ ئىنتايىن ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىپ، تىزىملىتىدىغانلارنىڭ سانىمۇ شىددەت بىلەن ئېشىپ، قىسقىغىنە ۋاقىتتىلا ئابۇنت سانى نەچچە ئون مىڭدىن ئېشىپ كېتىدۇ. ئادەم سانىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ، مۇلازىمىتىرلارمۇ ئۈزلۈكسىز تولۇقلىنىدۇ، ئەمما ئۇ چاغدا بىر-ئىككى مىڭ يۈەنلىك مۇلازىمىتىرلارنىڭ ھاۋالىلىك باشقۇرۇش ھەققى شىركەتكە ئانچە ئېغىر بېسىم بولمايدۇ.

2000-يىلى، تۇنجى قېتىم مازغاپ تورلار پۈتۈن جۇڭگونى بىر ئالىدۇ، تېڭشۈن شىركىتى بۇ چاغدا ئەڭ قىيىن مەزگىلگە كىرىدۇ، مۇشۇنداق قىيىن شارائىتتا، ئۆزلىرى تەتقىق قىلىپ چىققان ICQ نى 600 مىڭ يۈەنلىك باھا بىلەن شېنجېن تېلېگراف سانلىق مەلۇمات ئىدارىسىغا ساتماقچى بولىدۇ، بىراق كېيىن سودا ئەمەلدىن قالىدۇ.

يۇمشاق دېتالنى ساتالمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئابۇنتلىرىنىڭ سانى شىددەت بىلەن ئېشىپ، QQ غا كېتىدىغان مەبلەغمۇ بارغانسېرى كۆپىيىشكە باشلايدۇ، ما خۇاتېڭ ھەرتەرەپكە قاتراپ يۈرۈپ مەبلەغ توپلايدۇ، ئۇ ئالتە نۇسخا 20 نەچچە بەتلىك سودا پىلانىنى ئېلىپ ئۆزگەرتىپ، چەت ئەللەردىن تەۋەككۇل مەبلىغى ئىزدەيدۇ، ئاخىرىدا ئامېرىكا خەلقئارا سانلىق مەلۇمات گۇرۇھى (IDG) بىلەن شياڭگاڭ يىڭكې تېلېگرامما شىركىتىنىڭ زور مەبلىغىنى قولغا كەل تۈرىدۇ. شۇنداق قىلىپ، تېڭشۈننىڭ تەرەققىياتىمۇ ئاستا-ئاستا بىر ئىزىغا چۈشىدۇ.

نەتىجىلىرى2004-يىلى 6-ئاينىڭ 16-كۈنى، ما خۇاتېڭ باشچىلىقىدىكى تېڭشۈن شىركىتى شياڭگاڭ بىرژىسىدا ۋىۋىسكا ئېسىپ پېيىنى بازارغا سالىدۇ.

2015-يىلى 7-ئايدا، مەملىكەتلىك ياشلار بىرلەشمىسى 12-نۋەتلىك ئومۇمىي ئەزالار يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى، ما خۇاتېڭ 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە سايلانغان.

2015-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى، ما خۇاتېڭ 2-نۆۋەتلىك دۇنيا ئېنتىرنېت قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان.

2016-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، تېڭشۈن شىركىتى مۇدىرىيىتىنىڭ رەئىسى، قوشۇمچە باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ما خۇاتېڭ 2016-يىللىق «ئىككى يىغىن»غا بەش تۈرلۈك تەكلىپ لايىھەسى ئېلىپ كەلگەن. ئۇلار «ئىنتېرنېت +»نى بارلىققا كەلتۈرۈش تەدبىرلىرى، ئىقتىسادتىن ھەمبەھرلىنىش، ئېنتىرنېتتا داۋالاش، رەقەملەشكەن مەزمۇن كەسپى ۋە ئېنتىرنېت ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكى قاتارلىقلارغا چېتىلىدۇ.

2016-يىلى 6-ئاينىڭ 16-كۈنى، جۇڭگو «ئىنتېرنېت +» ئۇچرىشىشى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. ما خۇاتېڭ يىغىندا مۇنداق كۆرسەتتى: ھەربىر كەسىپكە نىسبەتەن ئىنتېرنېت پەقەت بىر يېڭى ئىقتىساد، يېڭى ساھە بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ھەممەيلەننىڭ كەسپى بىلەن ئىنتايىن زىچ مۇناسىۋەتلىك، شۇڭا ئۇنىڭغا باغرىمىزنى ئېچىشىمىز كېرەك. ئۆتكەنكى بىر يىلدا، «ئىنتېرنېت +» ئۇچۇر ئېنېرگىيەسىنىڭ غايەت زور يوشۇرۇن كۈچى بىلەن، ئالاقە، پۇل مۇئامىلە، پارچە سېتىش، O2O، قاتناش قاتارلىق ساھەلەردە غايەت زور ئاكتىپ ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلدى.

ما خۇاتېڭنىڭ ئىنتېرنېت ساھەسىدە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى ھازىرغىچە جۇڭگو ۋە خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق تاراتقۇ ۋە مەتبۇئاتلاردا كۆپ قېتىم تونۇشتۇرۇلدى.

ما خۇاتېڭ 2004-يىلى مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تەرىپىدىن «جۇڭگو ئىقتىسادىدىكى يىللىق شەخس مۇكاپاتى»، ئامېرىكا «دەۋر ھەپتىلىك ژۇرنىلى» تەرىپىدىن دۇنيادىكى 2004-يىللىق ئەڭ تەسىر كۈچكە ئىگە سودا ئەربابى، جۇڭگو شياڭگاڭ 4-نۆۋەتلىك سېرىش گۈلى لوڭقىسى كۆزگەن كۆرۈنگەن كارخانىچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 2006-يىلى، خەلقئارا ئىقتىساد تەشكىلاتى، دائۇس ئىقتىساد مۇنبىرى تەرىپىدىن دۇنيادىكى ياش باشلامچى بولۇپ باھالانغان، شەندۇڭ ئۆلكىلىك پارتكوم تەرىپىدىن 8-نۆۋەتلىك «گۇاڭدۇڭ ياشلار 4-ماي مېدالى»غا ئېرىشكەن، 2006-يىللىق 4-نۆۋەتلىك «جۇڭگو IT ساھەسىدىكى 10 چوڭ مالىيە-ئىقتىساد ئەربابى ۋە 10 مۇنەۋۋەر بازار پىلانلىغۇچى»نىڭ بىرى، «جۇڭگو كارخانىچىلىرى» ژۇرنىلى تەرىپىدىن ئەڭ تەسىر كۈچكە ئىگە كارخانىچى بولۇپ باھالانغان. 2007-يىلى، «جۇڭگو ئىقتىساد ھەپتىلىك ژۇرنىلى» تەرىپىدىن جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىلگەن 30 يىللىق ئىقتىسادىدىكى يۈز داڭلىق شەخس تەرتىپىگە كىرگۈزۈلگەن، 2007-يىلى ئامېرىكا «بايلىق» ژۇرنىلى تەرىپىدىن جۇڭگودىكى ئەڭ تەسىر كۈچكە ئىگە سودا باشلامچىسى، 2008-يىلى جۇڭگودىكى ئەڭ تەسىر كۈچكە ئىگە 25 نەپەر سودا ئەربابىنىڭ 11-سى بولۇپ باھالانغان، 2009-يىلى مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تەرىپىدىن جۇڭگو ئىقتىسادىدىكى يىللىق شەخس بولۇپ باھالانغان. 2009-يىلى، ئامېرىكا «بايلىق» ژۇرنىلى تەرىپىدىن جۇڭگودىكى ئەڭ تەسىر كۈچكە ئىگە 25 نەپەر سودا ئەربابىنىڭ 8-سى، 2010-يىلى، ئامېرىكا «بايلىق» ژۇرنىلى تەرىپىدىن جۇڭگودىكى ئەڭ تەسىر كۈچكە ئىگە 25 نەپەر سودا ئەربابىنىڭ 3-سى، 2011-يىلى، ئامېرىكا «بايلىق» ژۇرنىلى تەرىپىدىن جۇڭگودىكى ئەڭ تەسىر كۈچكە ئىگە 50 نەپەر سودا ئەربابىنىڭ 8-سى بولۇپ باھالانغان. 2012-يىلى، ئامېرىكا «فوربېس» ژۇرنىلى تەرىپىدىن 2012-يىللىق «جۇڭگو خەير-ساخاۋەت تەرتىپى»دە 11-ئورۇندا تۇرغان، 2012-يىلى، ئامېرىكا «بايلىق» ژۇرنىلى تەرىپىدىن جۇڭگودىكى ئەڭ تەسىر كۈچكە ئىگە 50 نەپەر سودا ئەربابىنىڭ 5-سى بولۇپ باھالانغان. ئامېرىكا «فوربېس» ژۇرنىلى تەرىپىدىن 2013-يىللىق «جۇڭگو خەير-ساخاۋەتچىلەر تەرتىپى»دە 6-ئورۇندا تۇرغان، «خۇرۈن» بايلار تىزىملىكىدىكى «2013-يىللىق جۇڭگودىكى 10 چوڭ كارخانىچى»نىڭ 2-سى، «خۇرۈن» بايلار تىزىملىكىدىكى «2013-يىللىق خۇرۈن IT ۋە كۆڭۈل ئېچىش ساھەسىدىكى بايلار تىزىملىكى»دە 1-ئورۇندا تۇرغان. 2013-يىلى، ئامېرىكا «باررونس ھەپتىلىك ژۇرنىلى» تەرىپىدىن دۇنيادىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر 30 نەپەر باش ئىجرائىيە ئەمەلدارلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن، ئامېرىكا «بايلىق» ژۇرنىلى تەرىپىدىن 2013-يىللىق دۇنيا «سودا ساھەسىدىكى داڭدار شەخسلەر تىزىملىكى»دە 3-ئورۇندا تۇرغان، 2013-يىلى، ئامېرىكا «دەۋر» ژۇرنىلى تەرىپىدىن 2014-يىللىق «تەسىر كۈچكە ئىگە 100 شەخس»نىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان، 2014-يىلى، ئامېرىكا «فوربېس» ژۇرنىلى تەرىپىدىن «ئەڭ نوپۇزلۇق شەخسلەر تىزىملىكى»گە كىرگۈزۈلگەن، 2014-يىلى، ئامېرىكا «بايلىق» ژۇرنىلى تەرىپىدىن 2014-يىللىق «جۇڭگودىكى ئەڭ تەسىر كۈچكە ئىگە 50 نەپەر سودا ئەربابى» تىزىملىكىدە 1-ئورۇندا تۇرغان، 2015-يىلى، ئامېرىكا «بايلىق» ژۇرنىلى تەرىپىدىن 2015-يىللىق «جۇڭگودىكى ئەڭ تەسىر كۈچكە ئىگە 50 نەپەر سودا ئەربابى» تىزىملىكىدە 2-ئورۇندا تۇرغان، 2015-يىلى جۇڭگودىكى IT شەخسلىرى ئىچىدە 2-باي بولۇپ باھالانغان.

ما خۇاتېڭنىڭ «خۇرۇن» بايلار تىزىملىكىدە ئاشكارىلانغان بايلىقى تۆۋەندىكىچە:

2005-يىلى، بايلىقى 1 مىليارد 900 مىليون يۈەن بولۇپ، 82-ئورۇندا تۇرغان.

2006-يىلى، بايلىقى 4 مىليارد يۈەن بولۇپ، 56-ئورۇندا تۇرغان.

2007-يىلى، بايلىقى 12 مىليارد يۈەن بولۇپ، 50-ئورۇندا تۇرغان.

2008-يىلى، بايلىقى 12 مىليارد 500 مىليون يۈەن بولۇپ، 32-ئورۇندا تۇرغان.

2009-يىلى، بايلىقى 24 مىليارد 500 مىليون يۈەن بولۇپ، 16-ئورۇندا تۇرغان.

2010-يىلى، بايلىقى 32 مىليارد يۈەن بولۇپ، 11-ئورۇندا تۇرغان.

2011-يىلى، بايلىقى 34 مىليارد يۈەن بولۇپ، 13-ئورۇندا تۇرغان.

2012-يىلى، بايلىقى 41 مىليارد يۈەن بولۇپ، 7-ئورۇندا تۇرغان.

2013-يىلى، بايلىقى 62 مىليار يۈەن بولۇپ، 3-ئورۇندا تۇرغان.

2014-يىلى، بايلىقى 84 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، 7-ئورۇندا تۇرغان.

2015-يىلى، بايلىقى 120 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، 4-ئورۇندا تۇرغان.

ما خۇاتېڭنىڭ «فوربېس» ژۇرنىلى جۇڭگولۇق بايلار تىزىملىكىدە ئاشكارىلانغان بايلىقى تۆۋەندىكىچە:

2003-يىلى، بايلىقى 100 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، 99-ئورۇندا تۇرغان.

2004-يىلى، بايلىقى 141 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، 99-ئورۇندا تۇرغان.

2005-يىلى، بايلىقى 2 مىليارد 90 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، 68-ئورۇندا تۇرغان.

2006-يىلى، بايلىقى 4 مىليارد 300 مىليون يۈەن بولۇپ، 35-ئورۇندا تۇرغان.

2007-يىلى، بايلىقى 10 مىليارد 190 مىليون يۈەن بولۇپ، 40-ئورۇندا تۇرغان.

2008-يىلى، بايلىقى 10 مىليارد 740 مىليون يۈەن بولۇپ، 9-ئورۇندا تۇرغان.

2009-يىلى، بايلىقى 25 مىليارد 940 مىليون يۈەن بولۇپ، 7-ئورۇندا تۇرغان.

2010-يىلى، بايلىقى 29 مىليارد 400 مىليون يۈەن بولۇپ، 9-ئورۇندا تۇرغان.

2011-يىلى، بايلىقى 27 مىليارد 490 مىليون يۈەن بولۇپ، 13-ئورۇندا تۇرغان.

2012-يىلى، بايلىقى 40 مىليارد 320 مىليون يۈەن بولۇپ، 4-ئورۇندا تۇرغان.

2013-يىلى، بايلىقى 62 مىليارد 200 مىليون يۈەن بولۇپ، 5-ئورۇندا تۇرغان.

2014-يىلى، بايلىقى 88 مىليارد 130 مىليون يۈەن بولۇپ، 3-ئورۇندا تۇرغان.

2015-يىلى، بايلىقى 17 مىليارد 600 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، 3-ئورۇندا تۇرغان.

ما خۇاتېڭ بىر QQ ئىمپېرىيەسىنى بەرپا قىلىپ، جۇڭگولۇقلارغا يىپيېڭى بىر ئالاقە ئۇسۇلىنى يارىتىپ بەردى. (خەلق تورى)

ئىنتېرنېت ساھەسىدىكى يېڭى چىراي ما خۇاتېڭ بىر SNS پاراڭلىشىش قورالىدىن ئىجتىمائىي ئالاقىدە كەم بولسا بولمايدىغان QQ نى روياپقا چىقىرىپ، «تېڭشۈن»نى ئىنتېرنېت سودا ئىمپېرىيەسىگە ئايلاندۇردى. بۇنىڭ بىلەن ما خۇاتېڭ ئىنتېرنېتنىڭ ئورتاق دۈشمىنى دەپ ئاتالدى. تېڭشۈن قۇرۇلغان 10 يىلدا ما خۇاتېڭ ئۈزلۈكسىز تۈردە دۈشمەنلىرىنى كۆپەيتىپ، ئاخىرىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا «پۈتۈن خەلقنىڭ ئورتاق دۈشمىنى» بولۇپ گىردابىغا كېلىپ قالدى. («دەۋر ھەپتىلىك ژۇرنىلى»نىڭ باھاسى)

ئۇ مۇلايىم، ئېغىر-بېسىق، ئەمما ھەقىقىي بىر چولپان. ئۇ 1998-يىلى قۇرغان شىركەت ھازىر تەرەققىي قىلىپ بىر يۈكسەك پەللە ياراتتى، ئەمما ئۇ پەقەتلا بىر مۇۋەپپەقىيەت قازانغان كارخانىچى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە جۇڭگونىڭ ئۆزىگە خاس مەدەنىيىتى ئارقا كۆرۈنۈشىدە، يالغۇز پەرزەنتلىك ئائىلىلەرنى ۋە غايەت زور كۆچمە ئالاقە تورىغا ئىگە نوپۇسنى بىر يەرگە جەملىيەلىدى. («دەۋر ھەپتىلىك ژۇرنىلى»نىڭ باھاسى)

ئۇ جۇڭگودىكى ئەڭ باي كىشىنىڭ بىرى، ئەمما يەنە ئەڭ كەمتەر باينىڭ بىرى. ئۇ جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ تور شىركىتىنى بەرپا قىلدى. («بايلىق» ژۇرنىلىنىڭ باھاسى)[1][0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

1.

بەيدۇ قامۇسى  

http://baike.baidu.com/view/2365.htm

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/2365.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (6 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    66.7%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    33.3%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#