سۇ ئاستى پاراخوتى

سۇ ئاستى پاراخوتى

سۇ ئاستى پاراخوتى سۇ ئاستىدا جەڭ قىلىدىغان پاراخوت بولۇپ، 1-دۇنيا ئۇرۇشىدا ئىزنالىرى كۆرۈلگەن.

ئۇيغۇرچە نامى سۇ ئاستى پاراخوتى
چەتئەلچە نامى Submarine
خەنزۇچە نامى 潜艇
تۈرى چوڭ تىپتىكى ( ئاساسلىق ھەربىي ئۈچۈن ) ، ئوتتۇرا تىپتىكى ياكى كىچىك تىپتىكى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

سۇ ئاستى پاراخوتىسۇ ئاستى پاراخوتى سۇ ئاستىدا جەڭ قىلىدىغان پاراخوت بولۇپ، 1-دۇنيا ئۇرۇشىدا ئىزنالىرى كۆرۈلگەن. 2-دۇنيا ئۇرۇشىدا سۇ ئاستى پاراخوتلىرى غايەت زور جەڭگىۋارلىقىنى نامايان قىلىپ، 300 دىن ئارتۇق چوڭ-ئوتتۇرا تىپتىكى پاراخوتنى چۆكتۈرۈۋەتكەن، شۇنىڭ بىلەن بىللە، تەخمىنەن5000 ترانسپورت پاراخوتىنى چۆكتۈرۈپ، تېز پەيدا بولۇپ، تېز غايىب بولىدىغان سۇدىكى ئەجدىھا دەپ ئاتالغان.

سۇ ئاستى پاراخوتى ئاساسلىقى، كېمە گەۋدىسى، باشقۇرۇش سىستېمىسى، ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسى، قورال سىستېمىسى، يول باشلاش سىستېمىسى، تەكشۈرۈش سىستېمىسى، خەۋەرلىشىش ئۈسكۈنىسى، سۇ ئاۋازى ئارقىلىق قارشىلىق كۆرسىتىش ئۈسكۈنىلىرى، قۇتقۇزۇش ئۈسكۈنىسى ۋە ئولتۇراق تۇرمۇش ئەسلىھەلىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 

سۇ ئاستى پاراخوتىسۇ ئاستى پاراخوتىنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدا ئىككى قەۋەت قېپى بولۇپ، تاشقى قېپى مۇقىم قەۋەت دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇ يۇمىلاق تۈۋرۈكسىمان كاناي بولۇپ، سۇ ئاستىدا ئاساسەن دېڭىز سۈيىنىڭ بېسىمىغا تاقابىل تۇرىدۇ. ئىچكى قېپى ئايرىغۇچى تاختاي ئارقىلىق ئايرىۋېتىلگەن بولۇپ، قوماندانلىق بۆلمىسى، باشقۇرۇلىدىغان بومبا بۆلمى، تورپېدا بۆلمىسى، ئەسكەرلەر بۆلمىسى قاتارلىق نۇرغۇن بۆلمىلەرگە ئايرىلىدۇ، ئىچكى قېپىنىڭ ئىككى بېشى ھىملاقلىق بولۇپ، ھىملانغان ئۇزۇن سىلىندىرنى شەكىللەندۈرىدۇ. سۇ ئاستى پاراخوتى دېڭىز ئاستىدا يۈرۈشتە رول قانىتىغا تايىنىدۇ، بۇ ئۆرلەش-چۆكۈش رولى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇ سۇ ئاستى پاراخوتىنىڭ ئۆرلىشى-چۆكۈشىنى كونترول قىلىپ، سۇ ئاستى پاراخوتىنىڭ سۇدىكى چوڭقۇرلۇقىنى ساقلايدۇ ياكى ئۆزگەرتىدۇ. سۇ ئاستى پاراخوتىنىڭ يەنە قۇيرۇق قىسمىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان رولى بولۇپ، بېلىقنىڭ قۇيرۇقىغا ئوخشاش، پاراخوتنىڭ ھەرىكەت يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىدۇ ياكى ساقلايدۇ. ئادەتتە سۇ ئاستى پاراخوتلىرى دىزېل ماتور، ئېلېكتر ماتورنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىدۇ، تېخىمۇ ئىلغارلىرىدا يادرو ئېنېرگىيىسى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىنىدۇ.

سۇ ئاستى پاراخوتىسۇ ئاستى پاراخوتىغا سەپلىنىدىغان ياراغلار، ئاساسەن، سۇ مىناسى، تورپېدا ياكى باشقۇرۇلىدىغان سىنارەددۇر. جەڭدە ئاساسەن قۇرۇقلۇقتىكى مۇھىم نىشانلارغا ھۇجۇم قىلىدۇ، چوڭ-ئوتتۇرا تىپتىكى پاراخوت ۋە ترانسپورت پاراخوتلىرىغا زەربە بېرىدۇ، سۇ ئاستى پاراخوتىغا زەربە بېرىش ۋەزىپىسىنى ئورۇندايدۇ. سۇ ئاستى پاراخوتى يەنە مىنا تازىلاش، رازۋېدكا قىلىش، ترانسپورت ۋە دېڭىزدا قۇتقۇزۇش قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

 ئۇنىڭ ئىقتىدارى دۈشمەن ھەربىي پاراخوت ياكى سۇ ئاستى كېمىسىگە ھۇجۇم قىلىش، قىرغاققا يېقىن جايدا قوغدىلىدۇ، قامالنى بۆسۈپ ئۆتۈش، ئالاھىدە قىسمى قارشى تەرەپنىڭ ھەرىكىتىنى رازۋېدكا قىلىش قاتارلىقلار. ئۇنىڭ ئاساسلىق ھۇجۇم قىلىش ئوبيېكتى دۈشمەننىڭ ترانسپورت كېمىسى ياكى سودا كېمىسى، ئاۋىياماتكا، چوڭ ھەربىي پاراخوت، كرېيسېر قاتارلىق چوڭ تىپتىكى سۇ ئۈستى كېمىسى، بولغاچقا كۆپ قىسمى قاتناشنى قوغداش ھەربىي پاراخوت ۋە ئايروپىلان قوغداشقا ئىگە، ھۇجۇم خەۋپ – خەتىرى چوڭراق بولىدۇ. سۇ ئاستى كېمىسى شۇنداقلا غەيرىي ھەربىي ئىشلىتىلىش ئورنىدا كۆپ ئىشلىتىلىدۇ، مەسىلەن، دېڭىز - ئوكيان پەن تەتقىقاتى، مال - مۈلۈكلەرنى قۇتقۇزۇش،  چارلاش، قېزىش، ئىلمىي تەكشۈرۈپ ئۆلچەش، قوغداش ئۈسكۈنىسى، ئىزدەپ قۇتقۇزۇش ھەركىتى، دېڭىز ئاستى كابېلىنى رېمونت قىلىپ، سۇ ئاستىدا ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىنى ئىلمىي تەكشۈرۈش قاتارلىقلار. 

سۇ ئاستى پاراخوتىئىنسانلار خېلى بۇرۇنلا ھەر خىل سۇغا شۇڭغۇچلارنى ياسىغان، لېكىن ھەقىقىي سۇ ئاستى كېمىسى ⅡⅤⅩ ئەسىردە ئاندىن كەشىپ قىلىنغان، ئەينى چاغدا، گوللاندىيىلىك كەشپىياتچى درېبىل ياغاچتىن كىچىك بىركېمە ياساپ، سىرتىنى كالا خۇرۇم بىلەن قاپلاپ، كالا خۇرۇمىنىڭ ئۈستىگە سۇ ئۆتكۈزمەيدىغان مايلارنى سۈرگەن. بۇ سۇ ئاستى كېمىنىڭ ئىچىدە بىر قانچە تۇلۇم بولۇپ، تۇلۇملارغا سۇ قاچىلىغاندا، كېمە سۇغا چۆكەتتى؛ ئەگەر تۇلۇمدىكى سۇنى سىقىپ چىقىرىۋەتسە، كېمە سۇ يۈزىگە لەيلەپ چىقاتتى. دۇنيا بويىچە ئەڭ بۇرۇن ياسالغان بۇ سۇ ئاستى كېمىسىگە 12 ئادەم سىغاتتى، ئەينى چاغدا، درېبىل قاتارلىقلار بۇ كېمىگە ئولتۇرۇپ سۇغا بەش مېتىر چوڭقۇرلۇقتا چۆككەن ھەممە ئادەم كۈچى بىلەن پارلاق ئۇرۇپ، بىر نەچچە سائەت يۈرگەن.

سۇ ئاستى پاراخوتىسۇ ئاستى پاراخوتلىرى ئاساسلىقى سۇ ئاستىدا ھەرىكەت قىلىدىغانلىقتىن ھەم «ئوغرىلىقچە ھۇجۇم قىلىش» شەكلىدە ھۇجۇم قوزغايدىغانلىقتىن، ھەربىي پاراخوتلارنىڭ ئەڭ پەۋقۇلئاددە بىر خىلى ھېسابلىنىدۇ.

1776-يىلى، ئامېرىكا مۇستەقىللىق ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ئامېرىكا ئارمىيىسى بىرلا ئادەم چىقىدىغان «دېڭىز تاشپاقىسى» ناملىق سۇ ئاستى كېمىنى كەشىپ قىلدى، ئۇنىڭ شەكلى يوغان بىر دانە غاز توخۇمغىلا ئوخشايتتى. ئەينى چاغدا، ئامېرىكا ئارمىيىسىدىكى بىر ئەسكەر «دېڭىز تاشپاقىسى» ناملىق سۇ ئاستى كېمىسىگە چىقىپ، ئەنگىلىيىنىڭ ھەربىي كىېملىرىگە سۇ ئاستىدىن ھۇجۇم قىلماقچى بولدى. گەرچە بۇ قېتىملىق ھۇجۇم مۇۋەپپەقىيەتلىك بولمىغان بولسىمۇ، بىراق، بۇ سۇ ئاستى كېمىنىڭ تۇنجى قېتىم ھەربىي ۋەزىپە ئىجرا قىلىشى كېرەك. 

سۇ ئاستى پاراخوتى1800-يىلىنىڭ ئالدى-كەينىدە، ئامېرىكىلىق فوۋلدون سىرتىغا مىس قاپلانغان «شاتۇتى قۇلۇلىسى» ناملىق سۇ ئاستى كېمىسىنى لايىھىلەپ ياساپ چىقتى، ئۇنىڭ سۇغا چۆكۈشىنى تىزگىنلەيدىغان سۇ باكى ۋە گۇرىزونتال رولى بولۇپ، سىرتقى شەكلى ھازىرقى سۇ ئاستى پاراخوتلىرىغا ئوخشىتىپ كېتەتتى. ⅨⅩ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا، بېنزىن ماتورلۇق سۇ ئاستى پاراخوتى مەيدانغا كەلدى. بۇ خىل سۇ ئاستى پاراخوتنىڭ سۇغا چۆكۈش جەھەتتىكى لايىھىلىنىشى ۋە ئىقتىدارى كۆپ ياخشىلىنىپلا قالماي، بەلكى يەنە تورپېدا قويۇپ بېرىش تۇرۇبىسى ھەم ئالدى-كەينىگە بىردىن زەمبىرەك ئورنىتلىپ، ھەقىقىي جەڭگىۋار سۇ ئاستى پاراخوتىغا ئايلاندۇرۇلغانىدى. 

ئىككى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشىدا ئۆز كارامىتىنى كۆرسەتكەن سۇ ئاستى پاراخوتلىرى ئەمدى كۈچلۈك «دۈشمەن» − سۇ ئاستى پاراخوتىغا قارشى ئايروپىلانغا دۇچ كەلدى.

سۇ ئاستى پاراخوتىغا قارشى ئايروپىلان تېز، ھەرىكەتچان بولۇپ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە يۇقىرىدا تۇرۇپ چوڭ دائىرىدە ئاختۇرالايدۇ ۋە ئىنتايىن ئەپچىللىك بىلەن سۇ ئاستى پاراخوتىغا قارشى بومبا قويۇپ بېرىدۇ ياكى تاشلايدۇ، ھەتتا ئەڭ يېڭى تىپتىكى يادرو تورپېداسىنى قويۇپ بېرىدۇ.

تۈرلۈك سۇ ئاستى پاراخوتلىرىغا قارشى ئايروپىلانلارنىڭ تاشقى شەكلى ئوخشاش ئەمەس، ئۇلارنىڭ سۇ ئاستى پاراخوتلىرىغا تاقابىل تۇرۇشتا ئۆزلىرىگە خاس «ئاجايىپ ھۈنەر» لىرى بار. سۇ ئاستى پاراخوتىغا قارشى سۇ ئۈستى ئايروپىلانلىرى سۇ ئاستى پاراخوتلىرىغا قارشى ئەسكىرىي كۈچنىڭ بىرى. ئۇ تۆۋەن بوشلۇقتا ئاستا ئۇچۇپ دېڭىزنى چارلايدۇ، سونار، رادار قاتارلىق سۇ ئاستى پاراخوتىنى ئىزدەش ئۈسكۈنىلىرىدىن پايدىلىنىپ ئۇنى ئىزدەيدۇ، بايقىغان ھامان دەرھال ئۆزى ئېلىپ ماڭغان تورپېدا، چۆكمە بومبا قاتارلىق سۇ ئاستى پاراخوتىغا زەربە بېرىش ياراغلىرىدىن پايدىلىنىپ ھۇجۇم باشلايدۇ. 

سۇ ئاستى پاراخوتىغا قارشى تىك ئۇچار ئايروپىلانلار، ئاساسەن، ئاسما سونار قاتارلىق سۇ ئاستى پاراخوتلىرىنى ئىزدەش ئۈسكۈنىلىرى ۋە سۇ ئاستى پاراخوتىغا قارشى تورپېدا قاتارلىق ھۇجۇم ياراغلىرىنى ئېلىپ يۈرەلەيدۇ، بوشلۇقتا توختاپ تۇرالايدىغان ماھارىتىدىن پايدىلىنىپ، ئاسما سونارنىڭ ئېنېرگىيە ئالماشتۇرغۇچىسىنى سۇنىڭ مەلۇم چوڭقۇرلۇقىغا سېلىپ، دۈشمەن سۇ ئاستى پاراخوتىنى ئىزدەيدۇ ھەم مۇۋاپىق پەيتتە، تورپېدا بىلەن ھۇجۇم قىلىدۇ. 

قىرغاقتىن قويۇپ بېرىلىدىغان سۇ ئاستى پاراخوتىغا قارشى ئايروپىلان سۇ ئاستى پاراخوتلىرىغا قارشى بارلىق ئايروپىلانلار ئىچىدىكى ئاجايىپ ماھارەتلىك ئايروپىلان بولۇپ، ئۇنىڭ ئەڭ يۇقىرى سائەتلىك سۈرئىتى500 −800 كىلومېتىردىن ئاشىدۇ، نىشان رايونىغا تېزدىن ئۇچۇپ بېرىش، تۆۋەن بوشلۇقتا ئاستا ئۇچۇپ نىشاننى ئىزدەش ماھارەتلىرى بار، سۇ ئاستى پاراخوتىنى بالدۇر بايقىيالايدۇ، ئۇزاق ۋاقىت كۆزىتەلەيدۇ ۋە ئۇدا ئىز قوغلىيالايدۇ، ھەرقانداق ھاۋا شارائىتىدا جەڭ قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە.

پاراخوتقا سېلىنىدىغان سۇ ئاستى پاراخوتىغا قارشى ئايروپىلان − سۇ ئاستى پاراخوتىغا قارشى جەڭ قىلىشتىكى زەربىدار كۈچ. ئۇنى ئاۋىئاماتكا بازىدىن يىراق ئوكيانغا ئېلىپ بېرىپ، سۇ ئاستى پاراخوتىغا قارشى جەڭ قىلىدۇ. ئايروپىلانغا سونار لەيلىمە بەلگىسى، رادار، ماگنىتلىق تەكشۈرۈش ئەسۋابى، ئىنفرا قىزىل نۇرلۇق تەكشۈرۈش ئەسۋابى قاتارلىق سۇ ئاستى پاراخوتلىرىغا قارشى ئۈسكۈنىلەر ئورۇنلاشتۇرۇلغان، ئۇنىڭدىن باشقا تورپېدا، سۇ مىناسى ۋە سۇ ئاستى پاراخوتىغا ھۇجۇم قىلىدىغان پەۋقۇلئاددە ياراغلار سەپلەنگەن. ئۇنىڭ ئۇچۇش، تۆۋەنلەش سۈرئىتى تېز، سۇ ئاستى پاراخوتىغا توساتتىن زەربە بېرىشى ئاسان بولغاچقا، سۇ ئاستى پاراخوتى قارشىلىشىشقا ئۈلگۈرەلمەي قالىدۇ.

يادرو سۇ ئاستى پاراخوتىيادرو سۇ ئاستى پاراخوتىغا يادرو يىقىلغۇ قىلىنغانلىقتىن ، بىرقىتىم يىقىلغۇ قاچىلىۋالسا ، دېڭىزدا ئۇدا 100 مېڭمىل يۇرەلەيدۇ . پەقەت تەمىنات بويۇملىرى يىتەرلىك بولسىلا ، دېڭىز ئاستىدا ئۇدا 60 - 90 كۈن يۇرەلەيدۇ ، سۇ ئاستى پاراخوتى 

يوشۇرنۇش ئىقتىدارى ئىنتايىن كۈچلۈك ، تۇيۇقسىز سەربە بېرەلەيدىغان ئارتۇقچىلىقلارغا ئېگە ، ئۇنىڭ ئۈستىگە يادرو سۇ ئاستى پاراخوتى بۇنداق ئەۋزەللىكلەرنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرالايدۇ . زامانىۋى يادرو سۇ ئاستى پاراخوتى دېڭىز ئاستىغا 900 مېتىر چوڭقۇرلۇقتا چۆكەلەيدۇ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە سىلكىنىشنى پەسەيتىش ۋە ئاۋاز يوقىتىش سىستىمىسى ئورنىتىلغانلىقتىن ، دېڭىز ئوكيانلارنىڭ ئاستىدا ئۇزاق يوشۇرنالايدۇ. 

زامانىۋى يادرو سۇ ئاستى پاراخوتىغا ، كۈچكۈك ھۇجۇم قىلىش قوراللىرى ئورنىتىلغان بولۇپ ، بۇلار نەچچە ئون دانە سۇ ئاستى پاراخوتلىرىغا قارشى تۇرىدىغان سىنارەد ، چارلىغۇچى باشقۇرىلىدىغان سىنارەد ، تورپىدا ۋە نۇرغۇن سۇ مىناسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ، سۇ ئاستى ، سۇ ئۈستى ۋە قۇرۇقلۇقتىكى نۇرغۇن نىشانلارغا ھۇجۇم قىلالايدۇ ، ھەتتا توغرا زەربە بېرەلەيدىغان قوراللار ۋە ھاۋا مۇداپىيە باشقۇرىلىدىغان سىنارەدلەرنى قويۇپ بېرەلەيدۇ ، ھۇجۇم قىلىش ئارلىقى 1000 مېتىردىن ئاشىدۇ ، ئۇنىڭغا يەنە نازۇك ئۆلچەش ، قوماندانلىق قىلىش سىستىمىسى ئورنىتىلغان بولۇپ ئومومىيۇزلۈك ھۇجۇم - مۇداپىيە ئىقتىدارىغا ئىگە . 

بۇنىڭدىن سىرىت ، يادرو سۇ ئاستى پاراخوتلىرىنى ئادەتتىكى سۇ ئاستى پاراخوتلىرىغا سىلىشتۇرغاندا ، ئۇنىڭ تونناژى يۇقىرى ، سۈرئىتى تېخىمۇ تېز . نۆۋەتتە يادرو سۇ ئاستى پاراخوتلىرىنىڭ سۇ ئاستىدىكى تېزلىكى سائىتىگە 45 مىلغا يىتىدىغان بولۇپ ، ھەر قانداق ئادەتتىكى سۇ ئاستى پاراخوتلىرى ۋە تورپىلاردا ئۇنى قوغلاپ يىتەلەيدۇ . 

سۇ ئاستى پاراخوتىھازىرقى سۇ ئاستى پاراخوتلىرىغا ئوكسگېن ھاسىللاش قۇرۇلمىسى ئورنىتىلغان بولۇپ، بۇلار سۇنى ئېلېترولىزلاپ ئوكسېگىن ھاسىللاش قۇرۇلمىسى، ئوكسېگىن بالونى، سۇيۇق ئوكسېگىن باكى قاتارلىقلارنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ، سۇيۇق ئوكسېگىن باكىدىن قويۇپ بېرىلگەن ئوكسېگىنلا پاراخوتتىكى بارلىق خادىملارنىڭ ئۈچ ئاي نەپەسلىنىشىگە يېتىدۇ. سۇ ئاستى پاراخوتىدا يەنە ھەمىشە بىر خىل «ئوكسىگېن ھاسىل قىلىدىغان شام» ئىشلىتىلىدۇ، ئۇ ئالاھىدە خىمىيىلىك ماتېرىياللاردىن ياسالغان بولۇپ، شەكلى شامغا بەك ئوخشىشىدۇ، ياندۇرغاندىن كېيىن كۆپ مىقداردا ئوكسىگېن ھاسىل قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا پاراخوت ئىچىگە يەنە كاربون(Ⅳ) -ئوكسىدىنى سۈمۈرۈۋېلىش قۇرۇلمىسى ۋە ھاۋا تازىلاش قۇرۇلمىسى ئورنىتىلغان بولۇپ، ئۇلار گەرچە ئوكسىگېن ھاسىل قىلمىسىمۇ، بىراق پاراخوت ئىچىدىكى ھاۋا تەركىبىدىكى ئارىلاشما ماددىلار ۋە زىيانلىق گازلارنى بىر تەرەپ قىلىپ، ھاۋانىڭ ساپلىقىنى ساقلايدۇ؛ ھاۋا تەڭشەش ئۈسكۈنىلىرى پاراخوت ئىچىنىڭ نەملىكى ۋە تېمپېراتۇرىسىنى تىزگىنلەپ، ياخشى تۇرمۇش ۋە خىزمەت مۇھىتىنى ساقلايدۇ.

ئۇنىڭدىن سىرت، سۇ ئاستى پاراخوتىغا يەنە ھاۋا ئۆتۈشتۈرۈش تۇرۇبىسى ئورنىتىلغان، مۇۋاپىق شارائىتتا، سۇ ئاستى سۇ يۈزىگە بىر نەچچە مېتىردىن ئون نەچچە مېتىرغىچىلىك قالغان ئارىلىققىچە كۆتۈرۈلۈپ، ھاۋا ئۆتۈشتۈرۈش تۇرۇبىسىنى سۇ يۈزىگە چىقىرىدۇ، ساپ ھاۋانى سۈمۈرۈپ، پاراخوت ئىچىدىكى پاسكىنا ھاۋانى سىرتقا چىقىرىۋېتىدۇ.

سۇ ئاستى پاراخوتى1620-يىلى ،گوللاندىيىلىك بىر فىزىكا ئالىمى ئىنسانىيەت تارىخىدا تۇنجى سۇ ئاستىغا چۆكەلەيدىغان پاراخۇتنى ياساپ چىقتى . بۇ پاراخۇتنىڭ گەۋدىىسى چوڭ ياغاچ ئىشكاپقا ئوخشايدۇ ، سىرتىنى مايلىق كالا تېرىسى قاپلاپ تۇرىدۇ ، پاراخۇت ئىچىگە تۇلۇم ئورنىتىلغان بولۇپ، سۇ ساندۇقى قىلىنغان سۇ توشقۇزۇلغاندا ، پاراخوت چۆكىدۇ ؛ تۇلۇمدىكى سۇ چىقىرۋېتىلىپ ، ئىچىگە ھاۋا توشقۇزۇلغاندىن كېيىن ، پاراخوت لەيلەيدۇ. يوغان ياغاچ ساندۇققا ئوخشاپ كېتىدىغان بۇ پاراخۇت نۇرغۇن پالاق ئارقىلىق ھەرىكەتلەندۈرىلىدۇ ، ئىچىگە 12ئادەم سىغىدۇ ، سۇغا 3~5مېتىرغىچە چۆكەلەيدۇ . ئۇ سۇ ئاستى پاراخوتىنىڭ ئىپتىدائىي شەكلى دەپ قارىلىدۇ .


سۇ ئاستى پاراخوتىخاتىرىلىنىشىچە، 1800-يىلى ياسالغان «شاتۇتى قۇلۇلىسى» ناملىق سۇ ئاستى پاراخوتىنىڭ ئىچىدىكى ھاۋا پەقەت تۆت كىشىنىڭ ئاران ئۈچ سائەت نەپەسلىنىشىگە يېتىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئىككى تاللا شامنى ياندۇرغىلى بولىدىكەن. ئەمما زامانىۋى سۇ ئاستى پاراخوتلىرىغا ھەر خىل ئۈسكۈنىلەر ئورنىتىلغان بولۇپ، بۇلار پاراخوت ئىچىدىكى ئوكسېگىننىڭ يېتەرلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.

17-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، گوللاندىيىلىك فىزىك نىللىس درېيېر دۇنيا بويىچە تۇنجى سۇ ئاستى پاراخوتىنى لايىھىلەپ چىققان. ئىككى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، سۇ ئاستى پاراخوتى ناھايىتى تېز تەرەققىي قىلدى ھەم دائىمىي ئېنېرگىيىسى يادرو ئېنېرگىيىسىگە ئۆزگەرتىلدى ھازىر30 نەچچە دۆلەتتە سۇ ئاستى پاراخوتى بولۇپ، يادرو ئېنېرگىيىلىك سۇ ئاستى پاراخوتى بارلار ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فرانسىيە، روسىيە قاتارلىقلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ جەمئىي200 دىن ئارتۇق يادرو ئېنېرگىيىلىك سۇ ئاستى پاراخوتى بار. سۇ ئاستى پاراخوتىنىڭ بويى پاكار ھەم كىچىك بولۇپ، سۇدا ھەم كىتقا، ھەم دېلفىنغا ئوخشاش بىمالال يۈرەلەيدۇ.

1939-1945-يىلىغىچە بولغان ئۇرۇش مەزگىلدە، ئەنگلىيىنىڭ H,M,S ستىرىلىڭ بەلگىلىك ھەربىي پاراخوتى فرېدېرىك ۋالكېرنىڭ قوماندانلىقىدا 13 سۇ ئاستى پاراخوتىنى غەرق قىلىۋەتكەن. بۇ، دۇنيا بويىچە سۇ ئاستى پاراخوتىنى ئەڭ كۆپ غەرق قىلغان ھەربىي پاراخوت ھېسابلىنىدۇ.

پاراخوت باشلىقى ۋالكېر قوماندانلىقىدىكى ھەربىي پاراخوت 1941-يىلدىن 1944-يىلى 7-ئاينىڭ 9-كۈنى ئۇ ۋاپات بولغانغا قەدەر جەمئىي 25 سۇ ئاستى پاراخوتىنى غەرق قىلغان.

1944-يىلى 5-ئاينىڭ 18-كۈنىدىن 30-كۈنىگىچە بولغان ئارىلىقتا ئامېرىكىنىڭ «ئەنگلىيە» ناملىق ھەربىي پاراخوتى تېنچ ئوكياندا ياپونىيىنىڭ 6 سۇ ئاستى پاراخوتىنى غەرق قىلغان.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#