لىيۇكسېمبۇرگ

لىيۇكسېمبۇرگ شەھىرى

لىيۇكسېمبۇرگ-ياۋروپا قىتئەسىنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان، شەرقتە گېرمانىيە، جەنۇبتا فىرانسىيە بىلەن قوشنا كېلىدۇ، غەربى ۋە شىمالى بېلگىيە بىلەن تۇتىشىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى لىيۇكسېمبۇرگ
قىسقارتىلغان نامى 卢森堡
پايتەختى لىيۇكسېمبۇرگ شەھىرى
سىيسى تۈزۈلمىسى پارلامېنت تۈزۈمى ، پادىشاھلىق ئاساسىي قانۇن تۈزۈمى
يەر مەيدانى 25 مىڭ 863 كۋادرات كىلومېتىر
خەنزۇچە نامى 卢森堡大公国
قىتئە تەۋەلىكى ياۋروپا قىتئەسى
دۆلەت شېئىرى بىزنىڭ ۋەتىنىمىز
نوپۇسى 560 مىڭ ( 2014 - يىلى )
دۆلەت بايرىمى 6-ئاينىڭ 23-كۇنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

لىيۇكسېمبۇرگ شەھىرى  يەر مەيدانى 25 مىڭ 863 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، نوپۇسى 441 مىڭ 300 بولۇپ، لىيۇكسېمبۇرگلىقلار %64.4 نى، باشقىلار %35.6 نى تەشكىل قىلىدۇ. ئۇلار ئاساسلىقى گېرمانىيە، ئامېرىكا، بېلگىيە، فىرانسىيە، ئىتالىيە، سابىق يۇگوسلاۋىيە، گوللاندىيە، پورتۇگالىيەلىك مۇھاجىرلار. ھۆكۈمەت تىلى فىرانسۇز تىلى، نېمىس تىلى، لىيۇكسېمبۇرگ تىلى. فىرانسۇز تىلى مەمۇرىيەت، ئەدلىيە ۋە دىپلوماتىيە ئىشلىرىدا ئىشلىتىلىدۇ. نېمىس تىلى گېزىت–ژۇرنال، نەشرىيات ئىشلىرىدا ئىشلىتىلىدۇ. لىيۇكسېمبۇرگ تىلى ئەل ئىچىدىكى ئېغىز تىلى.%97 ئاھالە كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. پايتەختى-لىيۇكسېمبۇرگ شەھىرى. ھەر يىلى 6-ئاينىڭ 23-كۈنى دۆلەت بايرىمى. كىنەز ھىنرى 2000-يىلى 10-ئايدا قەسەم بېرىپ، رەسمىي ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالغان. لىيۇكسېمبۇرگنىڭ لىيۇكسېمبۇرگ، دېكىرش، گرېۋنېماخېردىن ئىبارەت ئۈچ ئۆلكىسى بار، ئۆلكە قارمىقىدا 12 مەخسۇس رايون ۋە 118 شەھەر-بازار بار. ئۆلكە، شەھەر، بازار باشلىقلىرىنى كېنەز تەيىنلەيدۇ.

لىيۇكسېمبۇرگ شەھىرى مىلادىدىن ئىلگىرىكى 50-يىلى بۇ يەر گېملارنىڭ ئولتۇراق جايى ئىدى. مىلادى 400-يىلىدىن كېيىن، ئىريان قەبىلىسى بۇ يەرگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن، بۇ يەر ئىلگىرى–كېيىن بولۇپ فرانىك پادىشاھلىقى ۋە چارمان ئىمپېرىيەسىنىڭ بىر قىسمى بولغان. مىلادى 963-يىلى ئورتاق گەۋدە بولۇپ شەكىللەنگەن. 15-ئەسىردىن 18-ئەسىرگىچە ئىلگىرى–كېيىن بولۇپ، ئىسپانىيە، فىرانسىيە، ئاۋسترىيەنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولغان. 1815-يىلى ياۋروپادا ئېچىلغان ۋىنا يىغىنى لىيۇكسېمبۇرگنى «لىيۇكسېمبۇرگ كېنەزلىكى» قىلىپ بېكىتكەن ۋە گوللاندىيە پادىشاھى كېنەزلىك ۋەزىپىسىنى قوشۇمچە ئۆتەيدىغان بولغان. لىيۇكسېمبۇرگ كېنەزلىكى شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، گېرمانىيە ئىتتىپاقىنىڭ ئەزاسى بولغان. 1839-يىلى لوندون كېلىشىمىدە لىيۇكسېمبۇرگنىڭ مۇستەقىل دۆلەت ئىكەنلىكى ئېتىراپ قىلىنغان. 1866-يىلى گېرمانىيە ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىققان. 1867-يىلى بىتەرەپ دۆلەت بولغان. 1868-يىلى پادىشاھ قانۇن تۇرغۇزۇش تۈزۈمىنى يولغا قويغان. 1890-يىلى گوللاندىيە پادىشاھلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن ئۈزۈل-كېسىل قۇتۇلغان. ئىككى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشىدا گېرمانىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا ئۇچرىغان. 1948-يىلى بىتەرەپلىك سىياسىتىدىن ۋاز كەچكەن. سىياسىي جەھەتتە : لىيۇكسېمبۇرگدا كېنەز دۆلەت باشلىقى، قوراللىق قىسىمنىڭ باش قوماندانى، قانۇن چىقىرش ھوقۇقىغا ۋە مەمۇرىي ھوقۇققا ئىگە. ئەمەلىيەتتە پارلامېنت قانۇن چىقىرىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدۇ، ھۆكۈمەت مەمۇرىي ھوقۇق يۈرگۈزىدۇ ھەمدە پارلامېنتقا مەسئۇل بولىدۇ. پارلامېنت بىر پالاتا تۈزۈملۈك بولۇپ، ئالىي قانۇن چىقىرىش ئورگىنى. 60 پارلامېنت ئەزاسى بار. ئۇلارنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى بەش يىل. 2005-يىلى 7-ئايدا لىيۇكسېمبۇرگ ئومۇم خەلق ئاۋازغا قويۇپ «ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئاساسى قانۇن شەرتنامىسى»نى ماقۇللىدى.

لىيۇكسېمبۇرگ شەھىرى    لىيۇكسېمبۇرگ ئىقتىسادى تەرەققى قىلغان كاپىتالىستىك دۆلەت. لىيۇكسېمبۇرگنىڭ تەبىئىىي بايلىقى كەمچىل، بازىرى كىچىك. ئىقتىسادىنىڭ سىرتقا تايىنىشچانلىقى زور. پولات-تۆمۈر سانائىتى، پۇل–مۇئامىلە كەسپى ۋە رادىيو-تېلېۋىزىيە ليۇكسېمبۇرگ ئىقتىسادىنىڭ ئۈچ چوڭ تۈۋرۈكى. پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئورمان كۆلىمى 90 مىڭ گىكتار بولۇپ، دۆلەت زېمىنىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدۇ. لىيۇكسېمبۇرگ پولات-تۆمۈرنى ئاساس قىلغان، خىمىيە-سانائەت، ماشىنىسازلىق، كاۋچۇك، يېمەكلىك سانائىتىمۇ بىر قەدەر زور تەرەققىي قىلغان. سانائەت ئىشلەپچىقىرىشى مەملىكەت ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %30 نى ئىگىلەيدۇ. بۇنىڭ بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئىشقا ئورۇنلاشقۇچىلارنىڭ %40 نى ئىگىلەيدۇ. لىيۇكسېمبۇرگنىڭ ئەزەلدىن «پولات-تۆمۈر پادىشاھى» دېگەن نامى بار، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان پولات ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى تەخمىنەن 5.8 توننا بولۇپ، دۇنيادا بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. يېزا ئىگىلىكى، چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلغان. ئاشلىقتا ئۆزىنى قامدىيالمايدۇ. دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلات قىممىتى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ تەخمىنەن %1 نى ئىگىلەيدۇ. تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 125 مىڭ گېكتار كېلىدۇ. دېھقانلار پۈتۈن مەملىكەت نوپۇسىنىڭ %4 نى تەشكىل قىلىدۇ. ئاساسلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىدىن ئارپا، قارا بۇغداي ۋە بۇغداي، كۆممىقوناق بار.

لىيۇكسېمبۇرگ شەھىرى  كۈندىلىك گېزىتتىن ئالتىسى بار بولۇپ، بەشى نېمىس يېزىقىدىكى گېزىت. كۈندىلىك تارقىتىلىش مىقدارى جەمئىي تەخمىنەن 130 مىڭ پارچە. ئۇنىڭ ئىچىدە «لىيۇكسېمبۇرگ گېزىتى» نېمىس يېزىقىدا كۈنىگە 75 مىڭ پارچىدىن كۆپرەك تارقىتىلىدۇ. نېمىس يېزىقىدىكى «كۈندىلىك گېزىت»نىڭ تارقىتىلىش مىقدارى 25 مىڭدىن كۆپرەك. «گرىن جۇمھۇرىيەت گېزىتى» فىرانسۇز يېزىقىدا كۈنىگە 20 مىڭدىن كۆپرەك تارقىتىلىدۇ. لىيۇكسېمبۇرگ تېلېۋىزىيە ئستانسىسى فىرانسۇز، نېمىس، لىيۇكسېمبۇرگ تىلىدا ئاڭلىتىش بېرىدۇ ھەمدە ھەر يەكشەنبە كۈنلىرى ئىتالىيان تىلىدا پىروگراممىلىرى بار. لىيۇكسېمبۇرگ رادىيو ئستانسىسى فىرانسۇز، ئىنگلىز، لىيۇكسېمبۇرگ تىلى، پورتۇگال تىلى قاتارلىق كۆپ خىل تىللاردا ئاڭلىتىش بىرىدۇ.

لىيۇكسېمبۇرگ شەھىرى   لىيۇكسېمبۇرگنىڭ جۇغراپىيەلىك ئۈستۈنلۈكى شۇكى، شىمالى ئېگىز، جەنۇبى پەس. شىمالىدىكى ئادىن ئېگىزلىكىنىڭ ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 400-500 مېتىر كىلىدۇ. بورگپۇلاز چوققىسىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 550 مېتىر بولۇپ، مەملىكەت بويىچە ئەڭ ئېگىز چوققا ھېسابلىنىدۇ. جەنۇبىدا گۈتلان تۈزلەڭلىكى بار.

لىيۇكسېمبۇرگ شەھىرى  لىيۇكسېمبۇرگنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەتتە رىئايە قىلىدىغان پىرىنسىپى: باراۋەر بولۇش، قورال كۈچى ۋە قورال تەھدىتى ئىشلەتمەسلىك، ھەربىي ھازىرلىقلار مۇسابىقىسىگە قارشى تۇرۇش، خەلقئارا قانۇنغا بويسۇنۇش، كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش، كىچىك دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئەتىگە ھۆرمەت قىلىشتىن ئىبارەت. لىيۇكسېمبۇرگ 1972-يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى ئېلىمىز بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان. 2004-يىلى باش ۋەزىر رۇڭك ئېلىمىزدە زىيارەتتە بولغان.

لىيۇكسېمبۇرگ شەھىرى   ئۇنىڭدىن باشقا، يەر شارىدىكى «ئەڭ بىخەتەر شەھەرلەر» تىزىملىكىدە لىيۇكسېمبۇرگ كىنەزلىكىنىڭ پايتەختى لىيۇكسېمبۇرگ ئالدىنقى قاتاردا تۇرغان. كىشىنى ئەڭ ھەيران قالدۇرىدىغىنى، پايتەختتە 80 مىڭدىن كۆپرەك نوپۇس بار.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

بەيدۇ قامۇسى 

http://baike.baidu.com/view/1.htm

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/1.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#