ئېكۋاتور گېۋىنىيەسى

ئېكۋاتور گۋېنىيەسى

ئېكۋاتور گۋېنىيەسىنىڭ كۆلىمى  28051  كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، ئافرىقا قىتئەسىنىڭ ئوتتۇرا غەربىي قىسىمىدىكى گۋىنېئا قولتۇقىغا جايلاشقان. قۇرۇقلۇقتىكى مۇنى دەرياسى رايونى ۋە گىۋىنىيە قولتۇقىدىكى بىئوكو ، ئاننوبون ، كورىسكو قاتارلىق ئاراللاردىن ھاسىل بولغان دۆلەتتۇر. مۇنى دەرياسى رايونى غەربتە ئاتلانتىك ئوكيانغا يېقىن، شىمالدا كامېرۇن بىلەن تۇتىشىدۇ، شەرق ۋە جەنۇبتا گابون بىلەن چېگراداش.

ئۇيغۇرچە نامى ئېكۋاتور گۋىنىيەسى جۇمھۇرىيىتى
قىسقارتىلغان نامى ئېكۋاتور گېۋىنىيەسى 赤道几内亚ياكى 赤几
ۋاقىت رايونى UTC+1
دۆلەت تىلى ئىسپان تىلى، فىرانسوز تىلى
نوپۇسى 845 مىڭ (2015-يىلى)
خەنزۇچە ئاتىلىشى 赤道几内亚共和国
قىتئە تەۋەلىكى ئافرىقا قىتئەسى
پايتەختى مالابو
سىياسى تۈزۈلمىسى زۇڭتۇڭلۇق تۈزۈمى جۇمھۇرىيەت تۈزۈمى
نوپۇس زىچلىقى 24.1 ئادەم / كىۋادرات كىلومېتىر

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئېكۋاتور گۋېنىيەسىئېكۋاتور گۋىنىيەسى جۇمھۇرىيىتى (The Republic of Equatorial Guinea) قىسقارتىلىپ ئېكۋاتور گۋىنىيەسى دىيىلىدۇ. ئېكۋاتور گۋېنىيەسىنىڭ كۆلىمى  28051  كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، ئافرىقا قىتئەسىنىڭ ئوتتۇرا غەربىي قىسىمىدىكى گۋىنېئا قولتۇقىغا جايلاشقان. قۇرۇقلۇقتىكى مۇنى دەرياسى رايونى ۋە گىۋىنىيە قولتۇقىدىكى بىئوكو ، ئاننوبون ، كورىسكو قاتارلىق ئاراللاردىن ھاسىل بولغان دۆلەتتۇر. مۇنى دەرياسى رايونى غەربتە ئاتلانتىك ئوكيانغا يېقىن، شىمالدا كامېرۇن بىلەن تۇتىشىدۇ، شەرق ۋە جەنۇبتا گابون بىلەن چېگراداش. ئېكۋاتور گۋېنىيەسىنىڭ ئاھالىسى 845 مىڭ (2015-يىلى). قۇرۇقلۇقتا ئولتۇراقلاشقان فاڭ مىللىتى ئۇمۇمى نوپۇسنىڭ %85 نى، بىئوكو ئارىلىغا ئولتۇراقلاشقان بۇبى مىللىتى %7 نى ئىگەللەيدۇ. ھۆكۈمەت تىلى ئىسپان تىلى (دۆلەتنىڭ مائارىپ تىلى ئاھالىسىنىڭ %63 سۆزلىشەلەيدۇ) ۋە فرانسۇز تىلى (دۆلەتنىڭ دىپلوماتىيە، ئىقتىساد تىلى ۋە ئىككىنچى مائارىپ تىلى %24 ئاھالە قوللىنىدۇ)، يەرلىك تىلىدىن ئاساسلىق فاڭ مىللىتىنىڭ بانتۇ تىلى ۋە بۇبى تىلى بار. %82 ئاھالسىى كاتولىك دىنىغا، %5 ئاھالىسى ئىسلام دىنىغا، %3 ئاھالىسى پروتېستانت دىنىغا باشقىلار ئىپتىدائى دىنلارغا ئېتىقاد قىلىدۇ.

پايتەختى مالابو بىئوكو ئارىلىغا جايلاشقان، ئاھالىسى 265 مىڭ .

مۇستەقىللىق كۈنى 10 ـ ئاينىڭ 12 ـ كۈنى ، دۆلەت بايرىمى كۈنى 10 ـ ئاينىڭ 12 ـ كۈنى. 

ئېكۋاتور گۋېنىيەسى  15 ـ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى پورتۇگالىيە مۇستەملىكىچىلىرى گۋىنىيە قولتۇقىنىڭ دېڭىز ئەتراپىدىكى رايونلىرىغا ۋە بىئوكو، كرىسكو، ئاننوبون قاتارلىق ئاراللارغا بېسىپ كىرگەن. ئىسپانىيە 1778 يىلى بىئوكو ئارىلىنى، 1843 ـ يىلى مۇنى دەرياسى رايونىنى بېسىۋالغان، 1845 ـ يىلى مۇستەملىكە ھۆكۈمرانلىقى قۇرۇلغان.  ئېكۋاتور گىۋىنىيەسى تارىختا ئىسپانىيەگە قاراشلىق گىۋىنىيە ياكى ئىسپانىيە گىۋىنىيەسى دەپ ئاتالغان بولۇپ، 1964 ـ يىلى 12 ـ ئاينىڭ 12 ـ كۈنى مۇستەقىللىقىنى جاكارلاپ، دۆلەت نامىنى ئېكۋاتور گىۋىنېيەسى قىلىپ بېكىتكەن.

ئېكۋاتور گۋېنىيەسىئېكۋاتور گۋېنىيەسىنىڭ كۆلىمى  28051  كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، ئافرىقا قىتئەسىنىڭ ئوتتۇرا غەربىي قىسىمىدىكى گۋىنېئا قولتۇقىغا جايلاشقان. قۇرۇقلۇقتىكى مۇنى دەرياسى رايونى ۋە گىۋىنىيە قولتۇقىدىكى بىئوكو ، ئاننوبون ، كورىسكو قاتارلىق ئاراللاردىن ھاسىل بولغان دۆلەتتۇر. مۇنى دەرياسى رايونى غەربتە ئاتلانتىك ئوكيانغا يېقىن، شىمالدا كامېرۇن بىلەن تۇتىشىدۇ، شەرق ۋە جەنۇبتا گابون بىلەن چېگراداش. دڭىز قىرغىقى لىنىيەسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 482 كىلومېتىر. دېڭىز ياقىسى تار ۋە ئۇزۇن تۈزلەڭلىك بولۇپ، سۇ فىرونتى تۈز، قولتۇق ئاز. ئىچكى قۇرۇقلۇقى ئېگىزلىك بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 500-1000 مېتىر ئەتراپىدا، ئوتتۇرا قىسىمىدىكى تاغ تىزمىلىرى مۇنى دەرياسىنى رايوننى شىمال ۋە جەنۇبتىن ئىبارەت ئىككى دەريا رايونىغا ئايرىپ تۇرىدۇ. مەملىكەت بويىچە ئەڭ ئېگىز نۇقتا بولغان ئوتتۇرا قىسمىدىكى ستىبېل چوققىسىنىڭ دېڭىز يۈزىدىكى ئېگىزلىكى 3007 مېتىر. ئاساسلىق دەرياسى مېنى دەرياسىدۇر. ئېكۋاتور گۋىنېيەسى يامغۇرلۇق ئورمان ئىقلىمىغا تەۋە. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 25 سېلسىيە گرادۇس.

بايرىقى

ئېكۋاتور گۋېنىيەسىئېكۋاتور گۋېنىيەسىنىڭ دۆلەت بايرىقى بايراق سېپى تەرىپى كۆك رەڭلىك تەڭ يانلىق ئۈچ بۇلۇڭ، ئوك تەرىپى يېشىل، ئاق ۋە قىزىل رەڭلىك ئۈچ توغرا بەلدەمدىن تاركىب تاپقان تىڭ تۆت بولۇڭ شەكىللىك بايراق بولۇپ، ئوتتۇرىسىغا دۆلەت گېربىنىڭ نۇسخسى چۈشۈرۈلگەن. يېشىل رەڭ بايلىققا، ئاق رەڭ تىنچلىققا، قىزىل رەڭ مۇستەقىللىق ئۈچۈن كۈرەش قىلىش روھىغا، كۆك رەڭ دېڭىز ـ ئوكيانغا سىمۋول قىلىنغان.

گېربى

ئېكۋاتور گۋېنىيەسىئېكۋاتور گۋېنىيەسىنىڭ ئاق رەڭلىك دۆلەت گېربى يۈزىگە مەزمۇت قەد كۆتۈرۈپ ترۇغان رىزوفورا دەرىخىنىڭ نۇسخىسى چۈشۈرۈلگەن، بۇ بىر خىل نەم جايدا ئۆسىدىغان ئىسسىق بەلباغ دەرىخىدۇر، دۆلەت گېربىنىڭ ئۈستى تەرىپىدە ئالتە دانە سېرىق رەڭلىك ئالتە بۇرجەكلىك يۇلتۇز بار، بۇ ئېكۋاتور گۋېنىيەسىنىڭ ئىلگىرىكى ئالتە رايونىغا سىمۋول قىلىنغان، ئاستى تەرىپىدىكى لېنتىغا ئىسپان يېزىقىدا «ئىتتىپاقلىق ، تىنچلىق، ئادالەت» دېگەن خەت يېزىلغان. 

ھـاكىمىيـەت تۈزۈلمىسى

ئېكۋاتور گۋېنىيەسىئېكۋاتور گۋىنىيىسى ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسى كابېنت تۈزۈمىگە ئۆزگەرتكەن . ئوبياڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەندىن بۇيان ، مۇقىملىقنى قوغداش ۋە ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن پائال تىرىشماقتا . ئۇنىڭ رەھبەرلىك دېموكراتلار ئىلگىرى 1993 - ، 1999 - يىلى , 2004 - يىلى ۋە 2008 - يىلى 4 - قېتىملىق پارلامېنت سايلىمىدا مۇتلەق كۆپ سانلىق ئورۇنغا ئېرىشكەن . 2010 ـ يىلىدىن بۇيان ئوبياڭ داۋاملىق مىللىي يارىشىش ۋە سىياسىي كۆپ مەنبەلىك سىياسەت ، ئىچكى كابىنېتنى ئۆزگەرتىپ تەشكىللەش, قاتتىق جازالاپ ، چىرىكلىك, ئەمەلدارلار خىزمىتىنى تەرتىپكە سېلىش , ئاممىۋى مەمۇرىيەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش . ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تېزلەتتى , يېزا ئىگىلىك كېڭەيتىش ، مائارىپ ۋە داۋالاش سېلىنمىسىنى كۆپەيتىش لازىم دەپ يولغا قويغان. 2013 ، - ئاينىڭ 26 - كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن پارلامېنت سايلىمى ئىككى كەلتۈرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى .

ئاساسىي قانۇن

ئېكۋاتور گۋېنىيەسىئاساسىي قانۇن 1982-يىلى تۈزۈلۈپ،1991 -يىلى قايتا تۈزىتىلگەن ، 2011-يىلى يەنە بىر قېتىم تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن . ئاساسىي قانۇندا ئىككى جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىنى يەنى: بىرى مۇستەقىل، يەنە بىرى دىموكراتىيە بىرلىككە كەلگەن دۆلەت تۈزۈمىنى يولغا قويغان. قانۇن چىقىرىش، ئەدلىيە ، مەمۇرىيەتتىن ئىبارەت ئۈچ ھوقۇقنى ئايرىۋېتىش . جۇمھۇرىيەت زۇڭتۇڭى دۆلەت باشلىقى ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرىنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەمدە دۆلەتكە ۋاكالىتەن ئومۇمىي خەلق بىۋاستە سايلاپ چىقىدۇ ، ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى يەتتە يىل بولۇپ ، ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر نۆۋەتلا ۋەزىپە ئۆتەيدۇ . 

پارلامېنت

خەلق ۋەكىللەر پالاتاسى دۆلەتنىڭ ئەڭ ئالىي قانۇن چىقىرىش ئورگىنى . بۇ نۆۋەتلىك خەلق ۋەكىللەر پالاتاسى 2008 - يىلى بارلىققا كەلگەن . پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى بەش يىل بولىدۇ . ھاكىمىيەت يۈرگۈزىۋاتقان دىمۇكراتلار پارتىيىسى ۋە ئۇنىڭ سايلام رىقابىتى ئىتتىپاقىنىڭ ئورنى 100 ئورۇننىڭ 99 ىنى ئىگىلىگەن. 

ئەدلىيە

خەلق سوت مەھكىمىسى ، باش تەپتىش مەھكىمىسى ، نارازىلىق ئەرزى سوت مەھكىمىسى ، دەسلەپتە قاراپ چىققۇچى سوت ، بازار سوت مەھكىمىسى ۋە ئەڭ ئالىي ھەربىي سوتى تەشكىل تاپقان . ئالىي سوت مەھكىمىسى مەملىكەتلىك ئالىي سوت قىلىش ئورگىنى ، ئۇنىڭ قارمىقىدا ھەق تەلەپ ، جىنايى ئىشلار ، مەمۇرىي ۋە ئادەت قانۇنى، باش تەپتىش مەھكىمىسى دۆلەتنىڭ قانۇن نازارەتچىلىك ئورگىنى ۋە دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتى مەسلىھەت بېرىش ئاپپاراتى قاتارلىقلار بار. 

جۇڭگو بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى

ئېكۋاتور گۋېنىيەسى1970 ـ يىلى 10 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنى ئېكۋاتور گۋىنىيەسى ئېلىمىزجۇڭگو بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان. 2005 ـ يىلى 10 ـ ئايدا ئېكۋاتور گۋېنىيەسى زۇڭتۇڭى ئېلىمىزدە زىيارەتتە بولغان، بۇ ئېكۋاتور گۋېنىيەسى زۇڭتۇڭىنىڭ 1984 ـ يىلى 8 ـ ئاي ، 1990 ـ يىلى 4 ـ ئاي ، 1996 ـ يىلى 9 ـ ئاي ۋە 2001 ت يىلى 11 ـ ئايدىكى زىيارىتىدىن كېيىنكى ئېلىمىزدە قىلغان بەشىنچى قېتىملىق زىيارىتىدۇر.

ئېكۋاتور گۋېنىيەسىتېخى 10 يىل ئاۋال ئېكۋاتور گىۋىنىيەسى ئافرىقا قىتئەسى بويىچە ئەڭ نامرات دۆلەتلەرنىڭ بىرى ئىدى. ئەمما دۆلەتكە تەۋە دېڭىز قولتۇقىدا مول نېفىت بايلىقىنىڭ بايقىلىشى دۆلەتنى پارتىلاش خاراكتىرلىك ئىقتىسادى مەنپەئەتكە ئىگە قىلىپ ئېكۋاتور گىۋىنىيەسىنى كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمى 38مىڭ دوللارغا يېتىدىغان، ئافرىقا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان باياشات دۆلەتكە ئايلاندۇردى. نۆۋەتتە ئېكۋاتور گىۋىنىيەسىنىڭ 93% دۆلەت كىرىمى نېفىت ئىكىسپورتىدىن كىرىدۇ.  2010-يىلى9-ئايدا  ئېكۋاتور گىۋىنىيەسىنىڭ ئالدىنقى يىللىق مىللى ئىشلەپچىقىرىش دارامىتى 23مىلىيارد دوللار بولغان بولۇپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن 21% ئاشقان. 2010-يىلى 9-ئايدىكى سىتاتىسكىدا يەنە  ئېكۋاتور گىۋىنىيەسىدە مۇقىم تېلپون ئابونتى 10مىڭ، يانفون ئابونتى 380مىڭ، ئىنتېرنېت ئىشلەتكۈچىسى 12مىڭ بولغان. ئېكۋاتور گىۋىنىيەسى ئوتتۇرا ئافرىقا ئىقتىسادى گۋدىسىنىڭ ئەزاسى بولۇپ، كامېرون، چاد، ئوتتۇرا ئافرىقا، كونگو جۇمھۇرىيتى (بىراززاۋىل)، گابونلار بىلەن بىرلىكتە ئوتتۇرا ئافرىقا فىرانىكىنى ئورتاق قوللىنىدۇ.[1][0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

1.

ئوكيان قامۇس تورى 

http://qamus.okyan.com/index.php?doc-view-3057

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#