ئېدىنبۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتى

ئېدىنبۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتى

ئېدىنبۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتى بولسا سكوتلاندنىڭ پايتەختى ئېدىنبورگ شەھىرىگە جايلاشقان بولۇپ، 1583-يىلى قۇرۇلغان ھۆكۈمەت قارمىقىدىكى تەتقىقات تىپىدىكى مەكتەپ. ئېدىنبۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتى سكوتلانددىكى تۆتىنچى يەنى ئىنگلىز تىلى قوللىنىدىغان مەكتەپلەر ئىچىدىكى ئالتىنچى ئورۇندىكى ئۇنىۋېرسىتېت .

ئۇيغۇرچە نامى ئېدىنبۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتى
قۇرۇلغان ۋاقتى 1583-يىلى
مەكتەپ مۇدىرى Peter McColl
ئېنگىلىزچە ئىسمى University of Edinburgh
خەنزۇچە ئاتىلىشى 爱丁堡大学
مەكتەپ تۈرى ھۆكۈمەت قارمىقىدىكى مەكتەپ
توربېكىتى www.ed.ac.uk

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئېدىنبۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتىئېدىنبۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتى سكوتلاندنىڭ پايتەختى ئېدىنبورگ شەھىرىگە جايلاشقان بولۇپ، 1583-يىلى قۇرۇلغان ھۆكۈمەت قارمىقىدىكى تەتقىقات تىپىدىكى مەكتەپ. ئېدىنبۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتى سكوتلانددىكى تۆتىنچى يەنى ئىنگلىز تىلى قوللىنىدىغان مەكتەپلەر ئىچىدىكى ئالتىنچى ئورۇندىكى ئۇنىۋېرسىتېت، ھەر يىلى 47 مىڭ پارچە ئىلتىماس تاپشۇرۇۋالىدۇ، ئەنگلىيە بويىچە ئۈچىنچى ئورۇندىكى قارشى ئېلىندىغان ئۇنىۋېرسىتېتىت 2013-يىلى QS دۇنيادىكى ئۇنىۋېرسىتېتلارنى دەرىجىگە تۇرغۇزىشىغا ئاساسلانغاندا، ئېدىنبۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتى سكودلاند بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا، ئەنگلىيە بويىچە 5-ئورۇندا، دۇنيا بويىچە 17-ئورۇندا تۇرىدۇ. 2012~2013-يىللىرى تامېس ئۇنىۋېرسىتېتلارنى دەرىجىگە تۇرغۇزىشىدا ئىجتىمائىي پەنلەر بويىچە دۇنيا بويىچە 11-ئورۇندا تۇرغان. ئۇ سكوتدلانددىكى  بىردىنبىر كويمبرا گۇرۇھى (Coimbra Group)، رۇسسېل گۇرۇھى (The Russell Group) ۋە ياۋرۇپا تەتقىقات تىپىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلار ئىتتىپاقىغا ئەزا بولغان ئۇنىۋېرسىتېت. ئۇنىڭدىن باشقا دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار ئىلىم-پەن ئورگانلىرى ئالاقە ئورناتقان.

ئوقۇغۇچى سانى: 31 مىڭ 323

تولۇق كورس ئوقۇغۇچىلىرى: 20 مىڭ 507

ئاسپرانتلار: 10 مىڭ 816

ئېدىنبورگ ئونىۋېرسىتېتى ياۋروپادىكى ئاقارتىش دەۋرىدە مۇھىم يېتەكچى ئورۇندا تۇرغان، ئېدىنبورگ  شەھىرىنى ئەينى ۋاقىتتىكى ئاقارتىش مەركىزىگە ئايلاندۇرۇپ، «شىمالدىكى ئافىنا» دېگەن نامغا ئىگە بولغان. بۇ مەكتەپنى پۈتتۈرگەن داڭلىق كىشىلەردىن تەبىي پەنلەر ئالىمى چارلېس روبېرت دارۋىن (Charles Robert Darwin)، فىزىكا ئالىمى جامېس كلېرك مەكىسۋېل (James Clerk Maxwell)، پەيلاسوپ داۋىد خۇم (David Hume)، ماتىماتىكا ئالىمى توماس بايېس (Thomas Bayes)، يازغۇچى ئارزېر ئىگناتىيۇس كونان دويلې (Sir Arthur Ignatius Conan Doyle)، كەشپىياتچى ئالېكساندېر گراخام بېل (Alexander Graham Bell)، ئەنگلىيەنىڭ سابىق باش ۋەزىرى جامېس گوردون بروۋن (James Gordon Brown). ئېدىنبۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتىدا جەمئىي توققۇز نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى، بىر ئابېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى بار. ئەنگلىيە خان جەمەتى بىلەن مۇناسىۋىتى ياخشى، شاھزادە فىلىپ 1953-يىلىدىن 2010-يىلىغىچە مەكتەپ نازارەتچىلىكىنى ئۈستىگە ئالغان، 2010-يىلىدىن بۈگۈنگە قەدەر  بۇ ۋەزىپىنى چوڭ مەلىكە ئاننا (The Princess Anne) ئۆتەۋاتىدۇ.

ئېدىنبۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتىئېدىنبۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قۇرغۇچىسى ئوركنېي تاقىم ئارىلى (the Orkney Islands) نىڭ مەركىزى كىرىك ۋول (Kirkwall) دىكى ست ماگنۇس كازېدرال چوڭ چېركاۋى (St MagnusCathedral) نىڭ ئېپىسكوپى بىشوپ روبېرت رېيد (Bishop Robert Reid)، ئۇ 1558-يىلى ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن بايلىقىنى مەكتەپنىڭ ئەڭ دەسلەپكى قۇرۇلۇشىغا ئىئانە قىلىشقا قالدۇرغان ھەمدە ئېدىنبۇرگ شەھەرلىك پارلامېنتى تەرىپىدىن ئەمىلىيلەشتۈرۈلگەن، ئاخىرى كۆپ تەرەپنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىلىق 1582-يىلى جامېس VI (James VI) خان جەمەتى نىزامنامىسىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن قۇرۇلغان. ئەڭ دەسلەپتىكى نامى «Tounis College» بولۇپ، 1617-يىلى نامىنى پادىشاھ جامېس ئۇنىۋېرسىتېتى (King James's College) غا ئۆزگەرتكەن. 1583-يىلىنىڭ دەسلىپىدە بىر ساينت ئاندرېۋسنىڭ مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىسى روبېرت روللوك (Robert Rollock) نىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدا دەرس ئۆتكەن. بۇ ئەينى چاغدىكى تۆتىنچى سكوتلاند ئۇنىۋېرسىتېتى، شۇ دەۋردە ئېنگلانددا ئوكسفورد ۋە كامبرىجدىن ئىبارەت ئىككىلا ئۇنىۋېرسىتېت بار ئىدى. 18-ئەسىردە ئاقارتىش ھەركىتىنىڭ مەركىزىگە ئايلانغان.

1789-يىلى بۇرۇنقى ئىنستىتۇتنى قۇرۇشقا كىرىشتىن ئىلگىرى مەكتەپنىڭ ئۆزىگە تەۋە مەكتەپ قورۇسى يوق ئىدى، بۈگۈنكى كۈندە بۇ قۇرۇرۇش يەنىلا جەنۇبىي كۆۋرۈك كوچىسى (South Bridge) ۋە پالاتا كوچىسى (Chamber Street) كېسىشكەن ئورۇندا قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ؛ ئۇنىڭ ئەينى چاغدىكى لايىھىلىگۈچىسى روبېرت ئادام (Robert Adam). ھازىر قانۇن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاساسىي بىناسى. 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە بۇرۇنقى ئىنستىتۇت ئەينى چاغدىكى نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلارنى سىغدۇرۇشقا ئامالسىز قالغانلىقتىن، روبېرت ئادام يەنە تېببىي ئىنستىتۇتنىڭ بىناسىنى لايىھەلەشكە تەكلىپ قىلىندى. 19-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرى مكئېۋان زالى (McEwan Hall) قۇرۇلۇپ، مەكتەپنىڭ مۇھىم بولغان مۇراسىم زالىغا ئايلاندى. ئېدىنبۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يېڭى ئىنستىتۇتى 1840-يىللىرى بىر ئاممىۋىي چېركاۋ ئاساسىدا كېڭەيتىپ قۇرۇلغان، 1920-يىلى باشلاپ دىنىي ئىنستىتۇتنىڭ ئاساسىي بىناسى قىلىنغان. 400 يىلدىن كۆپرەك تەرەققىيات جەريانىدا، ئېدىنبۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قۇرۇلۇشلىرى ئېدىنبۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا تارقالدى.

ئېدېنبۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى 1884-يىلى قۇرۇلغان، دۇنيا بويىچە ئەڭ قەدىمكى مەخسۇس ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى ئۈچۈن قۇرۇلغان بىناغا Teviot Row House غا جايلاشقان.

2002-يىلى، ئۇنىۋېرسىتېت قايتىدىن پىلانلىنىپ، توققۇز فاكۇلتىتېت بىرلەشتۈرۈلۈپ بىر ئىنستىتۇت قىلىپ قۇرۇلدى، ھەر بىر ئىنستىتۇت يەنە ئوخشاش بولمىغان كىچىك ئىنستىتۇتلارغا ئايرىلدى. بىراق ئېدىنبۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتى كامبرىج، ئوكسفوردلارغا ئوخشاش ئىنستىتۇت تۈزۈلمىسىدىكى ئۇنىۋېرسىتىتېت ئەمەس.  ئۈچ چوڭ ئۇنىۋېرسىتىتېت: ئىجتىمائىي پەنلەر ۋە جەمئىيەت پەنلىرى ئىنستىتۇتى (Colleges of Humanities and Social Sciences)، تېببىي ئىلىم ۋە مال دوختۇرلۇق ئىلمى ئىنستىتۇتى (College of Medicine & Vet Medicine) ۋە پەن-تېخنىكا ۋە قۇرۇلۇش ئىنستىتۇتى (College of Science & Engineering).

2011-يىلى، 1907-يىلى قۇرۇلغان ئېدىنبۇرگ سەنئەت ئىنستىتۇتى (Edinburgh College of Art) ئېدىنبۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتىغا قوشۇۋېتىلىپ، ئۇنىۋېرسىتىتېتتىكى ئەسلىدىكى  سەنئەت، مەدەنىيەت ۋە مۇھىت ئىنستىتۇتى بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈپ يېڭى بىر ئېدىنبۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتى سەنئەت ئىنستىتۇتى قىلىپ قۇرۇلدى.

ئېدىنبۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ھەر قايسى مەكتەپ رايونلىرى پۈتۈن ئېدىنبۇرگ شەھىرىگە تارقالغان:

مۇدىر بىناسى (Chancellor's Building): 2002-يىلى 8-ئاينىڭ 12-كۈنى مەكتەپ نازارەتچىسى شاھزادە فىلىپ لېنتا كەسكەن.

جورج مەيدانى (George Square): شەھەر مەركىزىنىڭ جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان، تارىخى ئەڭ ئۇزۇن بولغان مەكتەپ رايونى بولۇپ، ئۇچۇر ئىنستىتۇتى، سەنئەت ئىنستىتۇتى، جەمئىيەت پەن-تېخنىكىسى ئىنستىتۇتى، تېببىي ئىنستىتۇت، قانۇن ئىنستىتۇتى ۋە ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئاساسىي كۇتۇپخانىسى جايلاشقان. ئەتراپىدا EUSA (ئېدىنبۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى) ئاساسىي قۇرۇلىشى Potterrow، Teviot Row House ۋە the Pleasance Societies Centre بار.

خان جەمەتى مال دوختۇرلۇق ئىنستىتۇتى (Royal (Dick) School of Veterinary Studies): East Bushقا جايلاشقان. داڭلىق روسلىن تەتقىقات مەركىزى (Roslin Institute) مۇ مۇشۇ يەرگە جايلاشقان، دۇنيا بويىچە تۇنجى كىلون قويمۇ مۇشۇ يەردە يېتىشتۈرۈلگەن.

خانلىق بىناسى (Kings Buildings): 2012-يىلى قۇرۇلغان، شەھەرنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان، تەبىئىي پەن ۋە قۇرۇلۇش ئىنستىتۇتى مۇشۇ يەردە. ھاياتلىق ئىلمى ئىنستىتۇتى (ئېرسىيەت ئىلمى خەلقئارا بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا)، سكوتلاند يېزائىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە ئەنگلىيە گېئولوگىيە تەتقىقات مەركىزىمۇ مۇشۇ مەكتەپ رايونىدا.

يېڭى ئىنستىتۇت (New College): دىنىي ئىنستىتۇت مۇشۇ يەردە بولۇپ، تاغقا جايلاشقان.

مورېي مائارىپ ئىنستىتۇتى (Moray House School of Education): Royal Mile غا يېقىن.

پولوك ياتاق بىناسى (Pollock Halls): ئاساسلىق بىرىنچى يىللىقنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە ئاسپرانتلارنى ياتاق بىلەن تەمىنلەيدۇ.

ئېدىنبۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتىئېدىنبۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتى كۆزگە كۆرۈنگەن ھەم كۆپ خىللاشقان ئوقۇتۇشى ۋە تەتقىقاتلىرى بىلەن دۇنياغا داڭلىق. ئۇنىۋېرسىتېتدا ئۈچ چوڭ ئىنستىتۇت بار بولۇپ، ئۇلار ئىجتىمائىي پەنلەر ۋە جەمئىيەت پەنلىرى ئىنستىتۇتى، تېببىي ئىلىم ۋە مال دوختۇرلۇق ئىلمى ئىنستىتۇتى ۋە پەن-تېخنىكا ۋە قۇرۇلۇش ئىنستىتۇتىدىن ئىبارەت. بۇ ئۈچ چوڭ ئىنستىتۇتتا 24 كىچىك ئىنستىتۇت تەسىس قىلىنغان.

ئىجتىمائىي پەنلەر ۋە جەمئىيەت پەنلىرى ئىنستىتۇتى: 11 ئىنستىتۇت تەسىس قىلىنغان، قانۇن ئىنستىتۇتى، دىنىي ئىنستىتۇت، ئىقتىساد ئىنستىتۇتى، سەنئەت ئىنستىتۇتى، بىناكارلىق ۋە مەنزىرە ئىنستىتۇتى، پەلسەپە ۋە پىسخىكا ئىنستىتۇتى قاتارلىق ئىنستىتۇتلار بار، دېدىنبۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ، تەتقىقات ساھەسى ئەڭ كەڭ ئىنستىتۇت، ئۇنىڭ شانلىق تارىخى، داڭقى ۋە شەرەپلىك ئەنئەنىسى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى نۇرغۇنلىغان ئوقۇغۇچىلارنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ. 400 يىلدىن كۆپرەك تارىخىي جەرياندا، ئۇ نۇرغۇنلىغان دۇنيانىڭ مەدەنىيەت تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسەتكەن شەخسلەرنى تەربىيىلەپ چىقتى.

تېببىي ئىلىم ۋە مال دوختۇرلۇق ئىلمى ئىنستىتۇتى: ئېدىنبۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتى تېببىي ئىنىستىتۇتى 1726-يىلىدىن باشلاپ قۇرۇلغان بولۇپ، دۇنيادىكى داڭلىق تېببىي ئىلىم  تەربىيىلەش مەركەزلىرىنىڭ بىرى.

پەن-تېخنىكا ۋە قۇرۇلۇش ئىنستىتۇتى: شەھەرنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى خانلىق ئولتۇراق رايونىغا جايلاشقان. بۇ ئىنستىتۇتتا يەتتە كىچىك ئىنستىتۇت تەسىس قىلىنغان بولۇپ، خىمىيە ئىنستىتۇتى، سانائەت ئىنستىتۇتى، ماتىماتىكا ئىنستىتۇتى، بىئولوگىيە ئىنستىتۇتى، ئۇچۇر ئىنستىتۇتى، يەر شارى پەن-تېخنىكىسى ئىنستىتۇتى، فىزىكا ۋە ئاسترونومىيە ئىنستىتۇدىن ئىبارەت. بۇ ئىنستىتۇت ئالتە نوبېل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى ۋە ئىككى نوبېل خىمىيە مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىنى تەربىيىلەپ چىققان.

[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#