رۇسۇت

رۇسۇت  بولسا  زىرىقنىڭ مېۋىسىدىن سىقىپ چىقىرىلغان شىرنىنىڭ قۇرۇتۇلغان ئۇسارىسىدىن ئىبارەت،ئىششىق ياندۇرۇش قاتارلىق خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە.

ئۇيغۇرچە نامى رۇسۇت
ئەرەبچە نامى ئوسارى زىرىق، ھوزوز
ئىنگلىزچە Barbarry, Berberis Extract
شەكلى رەڭگى بېغىر رەڭگە مايىل
تەبىئىتى ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق سوغۇق
خەنزۇچە ئاتىلىشى 小檗浸膏
پارسچە نامى ھوزوز ھىندى
ئوردۇچە نامى رۇسۇت
تەمى چۈچۈمەل بولىدۇ

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

رۇسۇترۇسۇت  بولسا زىرىق ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈك بۇلۇپ، زىرىقنىڭ مېۋىسىدىن سىقىپ چىقىرىلغان شىرنىنىڭ قۇرۇتۇلغان ئۇسارىسىدىن ئىبارەت . تىبابەتتە «ئۇسارى زىرىق» ، «رۇسۇت» ، «ھۇزۇز» دېگەن ناملار بىلەن دورىغا ئىشلىتىلىدۇ .رەڭگى بېغىر رەڭگە مايىل ،چۈچۈمەل بولىدۇ زىرىقنىڭ مېۋىسى تولۇق پىشقاندىن كېيىن يىغىۋىلىندۇ، مەملىكىتىمىزنىڭ شىمالىدىكى كۆپ قىسىم جايلىرىدىكى تاغلىق رايونلاردىن چىقىدۇ.

ئېغىز بوشلۇقىدىكى ئەزالارنى قۇۋۋەتلەش قان تازىلاش ، يەل تارقىتىش ، ياللۇغ قايتۇرۇش ، ئىچى سۈرۈشنى توختىتىش ، ئىششىق ياندۇرۇش قاتارلىق خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە .

خاس تەسىرى

 ئېغىز بوشلۇقىدىكى ئەزالارنىقۇۋۋەتلەش، ياللۇغ قايتۇرۇش، ماددا ئالمىشىشنى ياخشىلاش.

ئەكىس تەسىرى

تالغا ، بۆرەككە زىيان قىلىدۇ.

رۇسۇتئىشتىھا ئېچىش ، ئۈچەي ، ئاشقازان ياللۇغى ، ئىچى سۈرۈشنى داۋالاش ، قىزىتما قايتۇرۇش تەسىرى بار .

 زىرىق مېۋىسىدەberberine  ، گىلوكوزا ، مېۋە قەنتى ، ئالما كىسلاتاسى ، ۋىتامىن C، كاروتىن ، رەڭ پىگمىنتى قاتارلىق ماددىلار بار .

رۇسۇت1.رۇسۇت ، موزا ، يۇمغاقسۈت ئۇرۇقى قاتارلىقلاردىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ ، ئېزىپ تالقانلاپ ، ئېغىز بوشلۇقىدىكى ياللۇغلارغا زىماد قىلسا ئىششىق ياندۇرۇپ ئاغرىق پەسەيتىدۇ .

2. رۇسۇت بىلەن ئانار گۈلىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئىلىپ ، سۇبۇپ تەييارلاپ ، سوغۇق سۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە ئۈچەي ئاشقازان ياللۇغلىرىغا شىپا قىلىدۇ .

3. رۇسۇت بىلەن گۈلناردىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، سوقۇپ تالقانلاپ بۇرۇنغا پۈركۈسە، بۇرۇن قاناشقا شىپا بولىدۇ.

4. رۇسۇت فۇپەل، موزا، گۈلنار، يۇمغاقسۈت ئۇرۇقىدىن تەڭ مىقداردا ئېلىپ سوقۇپ تالقانلاپ، چىش تۈۋىگە باسسا، چىش مىلىكى بوشاپ كېتىش، قاناشقا شىپا بولىدۇ.

5.پاقا يوپۇرمىقى ئۇرۇقى، رۇسۇت، تاباشىر 3 گرامدىن، تۆمۈر داغمال سۈيىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، قائىدە بويىچە قاينىتىپ تەييارلاپ ئىچىپ بەرسە، قان ۋە سەپرادىن بولغان ئىسھالغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

6. رۇسۇتنى تالقانلاپ قېتىق بىلەن ئىستىمال قىلسا ئىسسقتىن بولغان ئىچ سۈرۈشكە شىپا قىلىدۇ 

دورىلىق ئورنى

زىرىقنىڭ مېۋىسىدىن سىقىپ چىقىرىلغان شىرنىنىڭ قۇرۇتۇلغان ئۇسارىسى،

مىقدارى

1~3 گىرامغىچە

ساقلاش

سىقىپ ، سۈيىنى تولۇق قۇرۇتۇپ ، قۇرۇق قاچىلاردا  سالقىن ، ساپ جايلاردا ساقلىنىدۇ.

تۈزەتكۈچىسى

رۇمبەدىيان ، مەستىكى

ئورۇنباسارى

ھەلىيلە ، فۇپەل، سەندەل 

ھەببى رۇسۇت ، ھەببى بوۋاسىر

قىزىتما ، ھەرخىل ئىششىقلار، ئىچ سۈرۈش ، ئېغىز بوشلۇقى ياللۇغى ،چىش مىلىكى بوشاپ كېتىش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=2&contentNameId=261

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#