ما يۈننىڭ ئىگىلىك تىكلەش توغرىسىدىكى نۇتۇقى

ما يۈننىڭ ئىگىلىك تىكلەش توغرىسىدىكى نۇتۇقى

«ئالى بابا» گۇرۇھىنىڭ ئاساسلىق بەرپاچىسى مايۈن نىڭ ئىگىلىك تىكلەش توغرىسىدىكى نۇتۇقى.

ئۇيغۇرچە نامى ما يۈننىڭ ئىگىلىك تىكلەش توغرىسىدىكى نۇتۇقى
نۇتۇق سۆزلىگۈچى ما يۈن
خەنزۇچە نامى 马云创业演讲

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ما يۈننىڭ ئىگىلىك تىكلەش توغرىسىدىكى نۇتۇقىبىز چوقۇم ھەر كۈنى تىرىشىپ بۈگۈنگە يۈزلىنىشىمىز كىرەك، بىر ئىگىلىك تىكلىگۈچى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ئالدى بىلەن ئۆزىمىزنىڭ ئېنىق نىشانىمىز بولۇشى كىرەك. 95-يىلى بىر كۈتۈلمىگەن پۇرسەتتە ئامرىكىغا بېرىپ قالدىم. ھەم شۇ يەردە ئىنتىرنىت تورىنىڭ سودا ساھەسىدىكى يوشۇرۇن ئېچىش كۈچى بارلىقىنى بايقىدىم.

قايتىپ كەلگەندىن كىيىن، مەن ئۆزۈمنىڭ يېقىن ئۆتىدىغان 24 دوستۇمنى ئۆيۈمگە چاقىرىپ، ئۇلارغا ئالى مەكتەپتىكى خىزمىتىمدىن ئىستىپا بىرىپ، بىر تور بىكەت قۇرۇش نىيىتىم بارلىىقىنى ئېيىتتىم. ئىككى سائەتتەك بەس-مۇنازىرىدىن كىيىن، بىز بىلەت تاشلاپ ئىپادە بىلدۇردۇق. 23 ئادەم قارشى بىلەت تاشلىدى. پەقەت ۋە پەقەت بىر بىلەت مىنىڭ بۇقارارىمنى قوللايتى.

كۆپچىلىك بۇ ئىشنى بەكمۇ ئىشەنچىسز كۆرەتتى. ئۇلار ماڭا، بۇ ئىشنى قىلما، سەن يا كومپىيۇتىرنى راۋۇرۇس چۈشەنمىسەڭ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تور سودىسى ئىبارەت بۇ نەرسە ئەسلىدىنلا مەۋجۇت ئەمەس تۇرسا دەپ نەسىھەت قىلاتتى. لىكىن بىر ئاخشام قاتتىق ئويلىنىشتىن كىيىن، ئەتىسى ئەتىگەندە مەن يەنىلا ئالى مەكتەپتىكى خىزمىتىمدىن ئىستىپا بىرىپ، ئۆز غايەم ئۈچۈن تىرىشش يولىغا قەدەم قويدۇم. نىمىشقا بۇنداق قىلدىم؟ ھازىر ئويلاپ باقسام، مەن ئەتراپىمدا نۇرغۇن بىر-بىرىدىن ئىلغار، مۇنەۋەر ياشلارنى بايقىدىم. ئۇلارمۇ ھەر كۈنى كەچتە نۇرغۇن خىياللارنى قىلىدۇ، لىكىن ئەتىسى ئەتىگەندە ئويغانغاندىن كىيىن يەنىلا ئۆزىنىڭ نەچچە ۋاقىتتىن بۇيانقى مېڭىپ كىلىۋاتقان يولى بىلەن داۋاملىق مېڭىۋىرىدۇ. كەچتە ئىشىكتىن كىرگۈچە مەن ئەتە مۇنداق مۇنداق ئىشلارنى قىلىمەن دەيدۇ، لىكىن ئەتىسى ئىشىكتىن چىقىپلا يەنە ئالدىنقى كۈندىكىگە ئوخشاش. مۇشۇنداق خىياللا بولۇپ ئەمىلى ھەرىكەت بولمىغاندا، ئۆز غايەڭ ئۈچۈن بىر ئەمىلىيەت پۇرسىتى بەرمىگنىڭدە، ساڭا مەڭگۈ پۇرسەت بولمايدۇ. مەن مانا مۇشۇنداق ھاماقەتلەرچە ئىگىلىك تىكلەش يولىغا كىرىپ كەتتىم.

مەن ئۆزۈمنى قارىغۇ يولۋاسنىڭ ئۈستىدىكى ئەمادەك ھىس قىلاتتىم. چۈنكى مەن كىيىن يەنە نىمە ئىشلار بولىدۇ ئويلاپ يىتەلمەيتىم. لىكىن بىر نۇقتا كاللامدا ئىنتايىن ئېنىق ئىدى. ئۇ بولسىمۇ ئىنتىرنىت يىراق بولمىغان كەلگۈسىدە ئىنسانلار تۇرمۇشىغا چوڭ تۆھپىلەرنى قوشىدۇ. 95-يىللىرى ئىنتىرنىتقا ئىشىنىدىغانلار يوق دىيەرلىك. ھەم ھېچكىممۇ ئىنتىرنىتنىڭ كىشىلەر تۇرمۇشىغا چوڭ ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كىلىدىغانلىقىنى ئويلاپ يىتەلمەيتى. شۇڭا مەن بىلگەيتىسنىڭ ئىسمىنى قوللىنىپ، ئىنتىرنىت تورى ئىنسانلار تۇرمۇشىنىڭ ھەممە تەرىپىگە تەسىر كۆرسىتدۇ دىدىم.

لىكىن مەن مايۈن، ئىنتىرنىت تورى ئىنسانلار تۇرمۇشىنىڭ ھەممە تەرىپىگە تەسىر كۆرسىتدۇ دېدى دىگەن بولسام ھىچكىم ئىشەنمىگەن بولاتتى. شۇڭا مەن بىلگەيتىس ئىنتىرنىت تورى ئىنسانلار تۇرمۇشىنىڭ ھەممە تەرىپىگە تەسىر كۆرسىتدۇ دېدى دىۋىدىم نۇرغۇن ئاخبارات ۋاستىلىرى بۇنى تارقاتتى. ئەمىلىيەتتە بۇ گەپنى مەن دېگەن.

95-يىللىرى بىلگەيتىس تېخى ئىنتىرنىت تورىغا قارشى ئىدى. غايە بولغاندىن كىيىن، مىنىڭچە مۇھىمى ئۆز-ئۆزىگە لەۋزى قىلىش. ئۆزى باشلىغان بۇ ئىشنى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇشقا ۋەدە بىرىشى كىرەك. لىكىن نۇرغۇن يېڭىدىن ئىگىلىك تىكلۈگۈچىلەر ھېلى ئۇنى ھېلى بۇنى باھانە قىلىدۇ. ھە دىسىلا شارائىت تېخى ھازىرلانمىدى دەپ قارايدۇ. ئۇنداقتا قانداق قىلىش كىرەك؟ مىنىڭچە بولغاندا ئىگىلىك تىكلەش ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى ئۆزى ئۈچۈن شەرت-شارائىت ھازىرلاش. ئەگەر پۇرسەت تېخىچە پىشىپ يىتىلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا نۆۋەتنىڭ بىزگە كىلىشى ناتايىن.

شۇڭا ئادەتتە كۆپچىلىك ئورتاق ھالدا ياخشى پۇرسەت، پىشىپ يىتىلگەن پۇرسەت دەپ قارىغان پۇرسەتنىڭ بىزگە نىسبەتەن ھەقىقى پۇرسەت ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەيمەن. ئۆزۈڭنى توختىتىپ ئىشنى باشلىغان ۋاقتىڭدا ئۆز-ئۆزۈڭگە شۇنداق لەۋزى قىلشىڭ كىرەك، مەن بۇ ئىشنى بەش يىل داۋاملاشتۇرىمەن ياكى ئون يىل داۋاملاشتۇرىمەن. لەۋزى قىلغان ئىكەنسەن ئۇنى قىلىشىڭ كىرەك. مۇشۇنداق قىلالىساڭ، ئىشىنىمەنكى، چوقۇم ئۆزۈڭ ئويلىغاندىنمۇ ئۇزۇن قىلالايسەن.

يەتتە سەككىز يىلنىڭ ئالدىدا ئەلى بابانىڭ نامى يوق، مىنىڭ نەخ پۇلۇممۇ يوق. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇچاغلاردا كىشىلەرمۇ ئىكتىرونلۇق سودىغا ئانچە ئىشەنمەيدىغان. ئۇ چاغلاردا ئادەم قوبۇل قىلىشمۇ ئىنتايىن تەس، ئېلىپ قېلىش ئۇنىڭدىنمۇ تەس چاغلار. مەن چاقچاق قىلىپ، كوچىدا مېڭىۋاتقان ئادەم بولسىلا، مېيىپ بولمىسىلا، ماڭالىسىلا ھەممىنى قوبۇل قىلىمىز. مانا مۇشۇنداق قىلىپ، بەش ئالتە يىلدىن كىيىن بىز قوبۇل قىلغان كىشىلەرنىڭ خېلى كۆپ پۇلىمۇ بار بولدى. ھەم ئۆزىگە نىسبەتەن مۇۋاپىقىيەت تۇيغۇسىمۇ بولدى. نىمە ئۈچۈن؟ چۈنكى مەن بىز ھەممىمىزنىڭ ئوخشاش ئادەتتىكى ئەدەملەردىن ئىكەنلىكىمىزگە ئىشىنەتتىم. ھەم بىز بىللە قىلىۋاتقان ئىشىمىزغا ئىشىنەتتىم. شۇڭا مىنىڭچە بولغاندا، ئىگىلىك تىكلۈگۈچىنىڭ تىرىشىش نىشانى بولۇشى، ئۆزىگە ۋەدە بىرىشى، داۋاملاشتۇرالىشى ئىنتايىن مۇھىم دەپ قارايمەن.

ئۇنىڭدىن باشقا، ئىگىلىك تىكلۈگۈچنىڭ كاللىسىدا تۆۋەندىكى ئۈچ مەسلە ئېنىق بولۇشى كىرەك. سەن نىمە ئىش قىلىسەن؟ ئاتا-ئاناڭ سىنى نىمە ئىش قىلدۇرماقچى ئەمەس، باشقىلار سىنى نىمە ئىش قىلدۇرماقچى ئەمەس، ياكى سەن نىمە قىلىشىڭ كىرەك ئەمەس، بەلكى سەن ئۆزۈڭ زادى نىمە ئىش قىلماقچى؟ سەن نىمە ئىش قىلىدىغىنىڭنى ئېنىق ئويلاپ بولغاندىن كىيىن، مەن نىمە قىلىشىم كىرەك دىگەننى ئويلىىشڭ كىرەك، ھەرگىزمۇ مەن نىمە قىلالايمەن دىگەننى ئەمەس. ئىگىلىك تىكلەشتىن بۇرۇن، نۇرغۇن ئادەم مىنىڭ ئۇ نىمەم بار مىنىڭ بۇ نىمەم بار، مەن ئۇنى قىلالايمەن، مەن بۇنى قىلالايمەن. شۇڭا مەن باشقىلاردىنمۇ ياخشى قىلىشىم كىرەك دەپ ئويلايدۇ.

مەن قەتئى ئىشىنىمەنكى، بۇ دۇنيادا سەندىنمۇ قابىلىيەتلىك، سەندىنمۇ ياخشى شارائىتى بارلار بەك كۆپ. لىكىن سەن بۇ ئىشنى ھەقىقى ياخشى قىلىشنى ئويلايدىغان ئادەم دۇنيادا پەقەت مەن بىر دەپ تۇرۇپ قىلغىنىڭدا سەن چوقۇم ئۇتىسەن. شۇڭا ئاۋال نىمە قىلىشنى ياخشى ئويلاش، ئاندىن نىمىنى قىلىش بىلەن بىرگە نىمىنى قىلماسلىقنىمۇ ياخشى ئويلاش كىرەك. ئىگىلىك تىكلەش جەريانىدىكى تۆت بەش يىل جەرياندا، مەن ئىشىنىمەن ھەرقانداق بىر شىركەت چوقۇم ھەرخىل پۇرسەت ۋە تاللاشلارغا دۇچ كىلىدۇ.

ھەربىر تاللاش ۋە پۇرسەت جەريانىدا چوقۇم ئۆزۈڭنىڭ ئەڭ دەسلەپكى نىشانىڭنى ئىسىڭدىن چىقىرىپ قويماسلىقىڭ كىرەك. قائىدە پىرىنسىپىڭ ئالدىدا چىڭ تۇرالامسەن يوق، ھەرخىل ئازدۇرۇشلار ئالدىدا تەۋرەنمەي تۇرالامسەن يوق، ھەر خىل بېسىملارغا بەرداشلىق بىرەلەمسەن يوق؟ ئەڭ ئاخرىدا نىمە ئىش قىلماقچى بولىسەن؟ قانچىلىك ۋاقىت داۋاملاشتۇرالايسەن؟ توققۇز يىللىق ئىگىلىك تىكلەش كەچۈرمۈشۈم ماڭا شۇنى ھىس قىلدۇرۇدى: شارائىت بولمىسا شارائىت ھازىرلىشىمىز كىرەك. سىنىڭ تەۋرەنمەس غايەڭ ۋە قابىل قوشۇنىڭ بولىدىكەن، قەتئى ھالدا ئىجرا قىلدىغانلا بولساڭ ئۆزۈڭ كۆزلىگەن قىرغاق سەندىن يىراقتا ئەمەس.

ھازىر ئەلى بابا قانداق قىلىپ مۇۋاپىقىيەت قازانغان دىگەندەك كىتاپلار نۇرغۇن. راسىتنى ئېيىتسام، ئۇ كىتاپلاردىن بىرنىمۇ كۆرۈپ باققان ئەمەسمەن، ھەم ئۆزۈم يازغانمۇ ئەمەس. بىر قېتىم ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ۋاقتىمدا، كىيىنچە ئەلى بابانىڭ مىڭ بىر خاتالىقى دەپ بىر پارچە كىتاپ يېزىش ئويۇم بارلىقىنى ئېيتىقانىدىم.

چۈنكى بىزنىڭ خاتالاشقان جايلىرىمىز بەكمۇ كۆپ. ئەڭ ئاخىرىدا مىنىڭ ئىگىلىك تىكلىگەن ۋە ئىگىلىك تىكلەشكە تەييارلىنىۋاتقان دوستلار بىلەن ئورتاقلاشماقچى بولغىنىم، يەنىلا ئاشۇ ھەركۈنى ئۆزۈمگە دەيدىغان بىر ئېغىز گەپ. بۈگۈن ئىنتايىن گۈزەل، ئەتە بەكمۇ شەپقەتسىز، لىكىن ئۆگۈن تېخىمۇ گۈزەل. كۆپ ساندىكى كىشىلەر ئەتىكى كەچتە ئۆلىدۇ. شۇڭا بىز ھەركۈنى تىرىشىپ بۈگۈنگە يۈزلىنىشمىز كىرەك. كۆپچىلىككە رەھمەت.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#