يېزا ئىگىلىكىنى ماشنىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى

يېزا ئىگىلىكىنى ماشنىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى

2004-يىل 6-ئاينىڭ 25-كۈنى 10-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 10-سانلىق يىغىنىدا ماقۇللانغان.

ئۇيغۇرچە نامى يېزا ئىگىلىكىنى ماشنىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى
خەنزۇچە نامى 中华人民共和国农业机械化促进法

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

يېزا ئىگىلىكىنى ماشنىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى(  2004-يىل 6-ئاينىڭ 25-كۈنى 10-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 10-سانلىق يىغىنىدا ماقۇللانغان)

1-باب ئومۇمىي پرىنسىپ 

1-ماددا بۇ قانۇن دېھقانلارنى ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش–تىجارەت تەشكىلاتلىرىنى ئىلغار، ياراملىق يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ئىشلىتىشكە رىغبەتلەندۈرۈش، يار–يۆلەك بولۇش، يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى بەرپا قىلىش مەقسىتىدە تۈزۈلدى.

2-ماددا بۇ قانۇندا دېيىلگەن يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش يېزا ئىگىلىكىنى ئىلغار، ياراملىق يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى بىلەن قوراللاندۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش–تىجارەت شارائىتىنى ياخشىلاپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش–تېخنىكا سەۋىيىسىنى ۋە ئىقتىسادىي ئۈنۈم، ئېكولوگىيىلىك ئۈنۈمنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش جەريانىنى كۆرستىدۇ.

بۇ قانۇندا دېيىلگەن يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى–ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىغا ھەم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى دەسلەپكى پىششىقلاش قاتارلىق ئالاقىدار يېزا ئىگىلىك ئىشلىرىغا ئىشلىتىلىدىغان ماشىنا، ئۈسكۈنىلەرنى كۆرسىتىدۇ. 

3-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىغا كىرگۈزۈپ، مالىيە جەھەتتىن قوللاش ۋە دۆلەت بەلگىلىگەن باج ئېتىبار بېرىش سىياسىتى ھەم پۇل مۇئامىلە جەھەتتە يار–يۆلەك بولۇشتەك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇشقا بولغان مەبلەغ سېلىنمىسىنى پەيدىنپەي ئاشۇرۇپ، بازار مېخانىزمىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ھەر يەرنىڭ شارائىتىغا بېقىپ ئىش كۆرۈش، تېجەشلىك–ئۈنۈملۈك بولۇش، بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش، مۇھىتنى ئاسراش پرىنسىپى بويىچە، يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشى لازىم. 

4-ماددا دۆلەت دېھقانلار ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش تىجارەت تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلغار، ياراملىق يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ئۆز ئالدىغا تاللىشىغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ ۋە ئۇنى قوللايدۇ. ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ دېھقانلار ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش–تىجارەت تەشكىلاتلىرىنى ئۆزلىرى كۆرسىتىپ بەرگەن يېزا ئىگىلىك ماشىنا مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋىلىشقا مەجبۇرلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. 

5-ماددا دۆلەت تەدبىر قوللىنىپ، يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇشقا دائىر پەن–تېخنىكا بىلىملىرى تەشۋىقاتى ۋە تەربىيىسىنى قانات يايدۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش جەھەتتە كەسىپى ئىختىساس ئىگىلىرىنى تەربىيىلەپ چىقىدۇ، يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش ئۇچۇر مۇلازىمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش سەۋىيىسىنى ئاشۇرىدۇ.

6-ماددا گوۋۇيۈەن يېزا ئىگىلىك مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ۋە يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇشقا ئالاقىدار خىزمەتلەرگە مەسئۇل باشقا تارماقلار ئۆز ئىش تەقسىماتى بويىچە زىچ ماسلىشىپ، ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇشنى ئىگلىرى سۈرۈش خىزمىتىنى ئورتاق ياخشى ئىشلىشى لازىم. 

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل تارمىقى ۋە باشقا ئالاقىدار تارماقلار ئۆز ئىش تەقىسماتى بويىچە زىچ ماسلىشىپ، ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىنى ئورتاق ياخشى ئىشلىشى لازىم.

2-باب ئىلمىي تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ھەم كەشىپ  قىلىش 

7-ماددا ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ھەم ئۇلارنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنى تېخنىكىلىق ئۆتكەلدىن ئۆتۈش، سىناق ئېلىپ بېرىش، ئۈلگە كۆرستىشتەك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئاساس خاراكتېرلىك، ئاچقۇچلۇق، جامائەت پاراۋانلىقى خاراكتېرىدىكى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ئىلمىي تەتقىقاتىنى ۋە ئىلغار، ياراملىق يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تەشكىللىشى لازىم. 

8-ماددا دۆلەت ئالاقىدار ئىلمىي تەتقىقات ئاپپاراتلىرىنىڭ ۋە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش پەن–تېخىنكا تەتقىقاتىنى كۈچەيتىشىنى، ئوخشاش بولمىغان يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش شارائىتى ۋە دېھقانلارنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ئىلغار، ياراملىق يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى تەتقىق قىلىپ، كەشىپ قىلىشىنى قوللايدۇ؛ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى تەتقىق قىلىپ، كەشىپ قىلىشىنى قوللايدۇ؛ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ئىلمىي تەتقىقاتى، ئوقۇتۇشىنى ئىشلەپچىقىرش، ئوموملاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش تەرەققىياتىغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇشىنى قوللايدۇ. 

9-ماددا دۆلەت يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ ئىلغار، ياراملىق يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى كەشىپ قىلىشىنى، ئىلغار تېخنىكا، ئىلغار ھۈنەر–سەنئەت ۋە ئىلغار ماتېرىياللارنى ئىشلىتىپ، يېزائىگىلىك ماشىنا مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتى ۋە سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، سىستېمىلاشقان، ئۆلچەملەشكەن، كۆپ ئىقتىدارلىق، ئەلا سۈپەتلىك، ئېنېرگىيە تېجەيدىغان، باھاسى مۇۋاپىق يېزا ئىگىلىك ماشىنا مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلىشىنى قوللايدۇ. 

10-ماددا دۆلەت ئىلغار يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى، ئاچقۇچلۇق دېتال زاپچاسلىرىنى ۋە تېخنىكىسىنى كىرگۈزۈشنى ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنشىنى قوللايدۇ، چەت ئەل مەبلىغىنى كىرگۈزۈپ، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى تەتقىق قىلىش، كەشىپ قىلىش، ئىشلەپچىقىرىش ۋە تىجارەتكە سېلىشقا ئىلھام بېرىدۇ. 

3-باب سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلىش 

11-ماددا دۆلەت يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇشنىڭ ئۆلچەم سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىدۇ، يېزا ئىگىلىك ماشىنا مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتى، رېمونت قىلىش سۈپىتى ۋە مەشغۇلات سۈپىتى قاتارلىق ئۆلچەملىرىنى تۈزۈپ چىقىدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرىدۇ. يېزا ئىگىلىك ماشىنا مەھسۇلاتلىرى چېتىلىدىغان كىشلەرنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى ۋە مۇھىت ئاسىراشنىڭ تېخنىكىلىك تەلىپىگە نىسبەتەن، ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملار بەلگىلىمىسى بويىچە مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇشنىڭ تېخنىكىلىق قائىدىسىنى تۈزۈپ چىقىشى لازىم. 

12-ماددا مەھسۇلات سۈپىتىنى نازارەر قىلىش تارماقلىرى يېزا ئىگىلىك ماشىنا مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتىنى قانۇن بويىچە نازارەت قىلىشنى تەشكىللەپ، ئارىلاپ تەكشۈرۈشى لازىم. 

سودا–سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى يېزا ئىگىلىك ماشىنا مەھسۇلاتلىرى بازىرىنى نازارەت قىلىش–باشقۇرۇش خىزمىتىنى قانۇن بويىچە كۈچەيتىشى لازىم.

گوۋۇيۈەننىڭ يېزا ئىگىلىك مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ۋە ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل تارمىقى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئىنكاس ئەرز ئەھۋالىغا ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ئىشلىتىلىۋاتقان ئالاھىدە تۈرىدىكى يېزا ئىگىلىك ماشىنا مەھسۇلاتلىرىنىڭ ياراملىق، بىخەتەر ئىشەنچىلىك بولۇشى ۋە سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەت ئەھۋالى ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى تەشكىللىسە ھەمدە تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئېلان قىلسا بولىدۇ. 

13-ماددا يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ئىشلەپچىقارغۇچىلار، ساتقۇچىلار ئۆزلىرى ئىشلەپچىقارغان، ساتقان يېزا ئىگىلىك ماشىنا مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتىگە مەسئۇل بولۇشى ھەمدە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە، دېتال زاپچاسلار بىلەن تەمىنلەش ۋە نۆۋەت بىلەن تەربىيىلەشكە ئوخشاش سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەتچىلىك مەسئۇلىيتىنى ئۈستىگە ئېلىشى لازىم. 

يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ئىشلەپچىقارغۇچىلار دۆلەت ئۆلچىمى، ساھە ئۆلچىمى ۋە كىشىلەرنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش تەلىپى بويىچە، ئۆزلىرى ئىشلەپچىقارغان يېزا ئىگىلىك ماشىنا مەھسۇلاتلىرىغا زۆرۈر بولغان بىخەتەرلىك مۇھاپىزەت قۇرۇلمىسى، ئاگاھلاندۇرۇش بەلگىسى ئورنىتىشى ۋە خەنزۇچە يېزىقتا ئاگاھلاندۇرۇش چۈشەندۈرمىسى بېرىشى لازىم. 

14-ماددا يېزا ئىگىلىك ماشىنا مەھسۇلاتلىرى سۈپەت تەلىپىگە ئۇيغۇن كەلمىسە، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ئىشلەپچىقارغۇچىلار، ساتقۇچىلار رېمونت قىلىپ بېرىشى، ئالماشتۇرۇپ بېرىشى ۋە مالنى قايتۇرۇۋېلىشى؛ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىقا زىيان يەتكۈزگەن ياكى باشقا زىيان يەتكۈزگەن بولسا قانۇن بويىچە زىياننى تۆلەپ بېرىشى لازىم. يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ساتقۇچىدىن ئالدىن تۆلەم تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق. يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ساتقۇچى تۆلەپ بەرگەندىن كېيىن، جاۋابكارلىق يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ئىشلەپچىقارغۇچىدا بولسا، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ئىشلەپچىقارغۇچىدىن تۆلەمنى تۆلەمنى تۆلىتىۋېلىشقا ھوقۇقلۇق. 

يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىدىكى نوقسان تۈپەيلىدىن جىسمانىي ساغلاملىققا، مال–مۈلۈككە زىيان–زەخمەت يەتسە، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ئىشلەپچىقارغۇچى، ساتقۇچى قانۇن بويىچە زىياننى تۆلەپ بېرىشى لازىم. 

15-ماددا قانۇن بويىچە گۇۋاھلىق بېرىش شەرت بولغان مەھسۇلاتلار كاتالوگىغا كىرگۈزۈلگەن يېزا ئىگىلىك ماشىنا مەھسۇلاتلىرى ئىسپات بېرىلمىگەن ھەم ئىسپات بېرىلگەنلىك بەلگىسى ئەسكەرتىلمىگەن بولسا، زاۋۇتتىن چىقىرىش، سېتىش ۋە ئىمپورت قىلىش مەنئى قىلىنىدۇ. 

دۆلەتنىڭ تېخنىكا قائىدىسىدىكى مەجبۇرلاش تەلىپىگە ئۇيغۇن بولمىغان يېزا ئىگىلىك ماشىنا مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش مەنئى قىلىنىدۇ. 

ناچار دېتال–زاپچاسلار ۋە كاردىن چىققان ماشىنا بۆلەكلىرىدىن يېزا ئىگىلىك ماشىنا مەھسۇلاتلىرىنى قۇراشتۇرۇش مەنئى قىلىنىدۇ. 

4-باب ئومۇملاشتۇرۇپ قوللىنىش 

16-ماددا دۆلەت دېھقانلار ئارىسىدا ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش–تىجارەت تەشكىلاتلىرى ئارىسىدا ئىلغار، ياراملىق يېزا ئىگىلىك ماشىنا مەھسۇلاتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇشنى قوللايدۇ. ئومۇملاشتۇرۇلىدىغان يېزا ئىگىلىك ماشىنا مەھسۇلاتلىرى شۇ جاي يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ماسلاشتۇرۇلۇشى ھەمدە يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى ئوموملاشتۇرۇش قانۇنىدىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە، ئومۇملاشتۇرۇلىدىغان رايوندا ئۇنىڭ ئىلغارلىقى ۋە ياراملىقلىقى سىناق ئارقىلىق ئىسپاتلىنىشى كېرەك.

يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ئىشلەپچىقارغۇچىلار ۋە ساتقۇرچىلار يېزا ئىگلىك ماشىنىلىرىنى سىناق قىلىپ باھالىغۇچى ئاپپاراتقان ئۆزلىرى مۇقىم ئىشلەپچىقىرىدىغان ياكى ساتىدىغان يېزا ئىگىلىك ماشىنا مەھسۇلاتلىرىنى ياراملىق بولۇش، بىخەتەر بولۇش ۋە ئىشەنچىلىك بولۇش جەھەتتىن تەكشۈرۈپ، تېخنىكا جەھەتتىن باھا بېرىشنى ھاۋالە قىلسا بولىدۇ. يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى سىناق قىلىپ باھالىغۇچى ئاپپارات يېزا ئىگىلىك ماشىنا مەھسۇلاتلىرىنى ياراملىق بولۇش، بىخەتەر بولۇش ۋە ئىشەنچىلىك بولۇش جەھەتتىن چىقارغان تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئېلان قىلىپ، دېھقانلار ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش–تىجارەت تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلغار، يارملىق يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى تاللاپ سېتىۋېلشى ئۈچۈن ئۇچۇر بىلەن تەمىن ئېتىشى لازىم. 

17-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئوخشاش بولمىغان دېھقانچىلىق رايونلىرىدا يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش بويىچە ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ، ئۈلگە كۆرستىش بازىلىرىنى قۇرسا، ھەمدە يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ئىشلەپچىقارغۇچى، تىجارەتكە سالغۇچى قاتارلىقلارنى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش نوقتىلىرىنى قۇرۇپ، دېھقانلار ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش–تىجارەت تەشكىلاتلىرىنى ئىلغار، ياراملىق يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ئىشلىتىشكە يېتەكلەشكە رىغبەتلەندۈرسە بولىدۇ. 

18-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ يېزا ئىگىلىك مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ مالىيە تارمىقى، ئىقتىسادنى ئۇنىۋېرسال ماكرولۇق تەڭشەش–تىزگىنلەش تارمىقى بىلەن بىر لىكتە، يېزا ئىگىلىك قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنى ئىلگىرى سۈرۈش، تەبىئىي بايلىق ۋە ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى ئاسراش، يېزا ئىگىلىك يېڭى تېخنىكىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى يېڭلاش ئىشىنى تېزلىتىش پرىنسىپىغا ئاساسەن، دۆلەت ئوموملاشتۇرۇشىنى قوللىغان ئىلغار، ياراملىق يېزا ئىگىلىك ماشىنا مەھسۇلاتلىرىنىڭ كاتالوگىنى بېكىتىپ ئېلان قىلىدۇ ھەمدە قەرەللىك تەڭشەپ تۇرىدۇ. ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل تارمىقى تەڭ دەرىجىلىك مالىيە تارمىقى، ئىقتىسادنى مەسئۇل تارمىقى تەڭ دەرىجىلىك مالىيە تارمىقى، ئىقتىسادنى ئۇنىۋېرسال ماكرولۇق تەڭشەش–تىزىگىنلەش تارمىقى بىلەن بىرلىكتە يۇقىرىقى پرىنسىپقا ئاساسەن، ئۆلكە دەرىجلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئومۇملاشتۇرۇشنى قوللىغان ئىلغار، ياراملىق يېزا ئىگىلىك ماشىنا مەھسۇلاتلىرىنىڭ كاتالوگىنى بېكىتىپ، ئېلان قىلىدۇ ھەمدە قەرەللىك تەڭشەپ تۇرىدۇ.

يۇقىرىقى تارماقتا دېيىلگەن كاتالوگقا كىرگۈزۈلىدىغان مەھسۇلاتلارنى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ئىشلەپچىقارغۇچىلار ئىختىيارىي ئىلتىماس قىلىشى ھەم يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى سىناق قىلىپ باھالىغۇچى ئاپپاراتنىڭ ئىلغار بولۇش، ياراملىق بولۇش، بىخەتەر بولۇش ۋە ئىشەنچىلىك بولۇش جەھەتتىن باھالىشىدىن ئۆتكۈزۈشى كېرەك. 

19-ماددا دۆلەت دېھقانلارنىڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ھەمكارلىشىپ ئىشلىتىشىگە، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ۋە مەشغۇلات ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، مەشغۇلات تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىشكە ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ. 

دۆلەت دېھقانلارنىڭ ئائىلە ھۆددىگەرلىكىنى داۋاملاشتۇرۇشى ئاساسىدا، رايونلاشتۇرۇپ، ئۆلچەملەشتۈرۈپ تېرىقچىلىق قىلىشنى ئىختىيارىي تەشكىللەپ، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ مەشغۇلات سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈشىگە مەدەت بېرىدۇ ۋە ئۇنى قوغدايدۇ. ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ رايونلاشتۇرۇپ، ئۆلچەملەشتۈرۈپ تېرىقچىلىق قىلىشنى باھانە قىلىپ، دېھقانلارنىڭ يەر ھۆددىگەرلىك ھوقۇقىغا دەخلى–تەرۇز قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. 

20-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ يېزا ئىگىلىك مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بىلەن ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يېزا ئىگلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل تارمىقى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش، ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىش فاڭجېنى بويىچە، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى بىخەتەر ئىشلىتىشكە دائىر تەشۋىقات، تەربىيىنى ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى لازىم. 

يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ئىشلەتكۈچىلەر مەشغۇلات ئېلىپ بارغان چاغدا، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى بىخەتەر مەشغۇلات ئېلىپ بېرىش قائىدىسى بويىچە ئىشلىتىشى لازىم. ئۇنىڭ خەتەرلىك بۆلەكلىرىگە ۋە مەشغۇلات ئېلىپ بېرىلىدىغان مەيدانغا بىخەتەرلىك مۇھاپىزەت قۇرۇلمىسى ياكى ئاگاھلاندۇرۇش بەلگىسى ئورنىتىشى لازىم. 

5-باب ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمەت 

21-ماددا دېھقانلار، يېزا ئىگىلىك ماشىنا مەشغۇلاتى ئېلىپ بارىدىغان تەشكىلاتلار ئىككى تەرەپ ئىختىيارى قىلىش، باراۋەرلىك ئاساسىدا كېڭىشىش پرىنسىپى بويىچە، ئۆز جايى ياكى سىرتقى جايلاردىكى دېھقانلارغا ۋە دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىش–تىجارەت تەشكىلاتلىرىغا تۈرلۈك يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مەشغۇلاتى بويىچە ھەقلىق مۇلازىمەت قىلسا بولىدۇ. دېھقانچىلىق ماشىنىلىرى بويىچە ئېلىپ بېرىلىدىغان ھەقلىق مەشغۇلات دۆلەت ياكى جايلار بەلگىلىگەن يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ مەشغۇلات ئېلىپ بېرىش سۈپەت ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولۇشى لازىم. 

دۆلەت يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مەشغۇلاتى بويىچە مەمۇرىي رايون ھالقىغان مۇلازىمەتنى قانات يايدۇرۇشقا ئىلھام بېرىدۇ. ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ھەم ئۇلارنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ مەمۇرىي رايون ھالقىپ مەشغۇلات يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ رايون ھالقىپ مەشغۇلات ئېلىپ بېرىشىنى قوللىشى، مەشغۇلات ئېلىپ بېرىش تەرتىپىنى قوغدىشى، ئۇنىڭ ئۈچۈن قولايلىق يارىتىپ بېرىشى ۋە مۇلازىمەت قىلىشى ھەمدە قانۇن بويىچە بىخەتەرلىك ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى يولغا قويۇشى لازىم. 

22-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەدبىر قوللىنىپ، كۆپ خىل شەكىلدىكى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مۇلازىمەت تەشكىلاتلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشقا ئىلھام بېرىپ ۋە يار–يۆلەك بولۇپ، يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇشقا دائىر ئۇچۇر تورى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش مۇلازىمەت سىسىتېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى لازىم. يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مۇلازىمەت تەشكىلاتلىرى دېھقانلار ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش–تىجارەت تەشكىلاتلىرىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىشنى ئومۇملاشتۇرۇش، ئەمەلىي تېخنىكا بويىچە تەربىيىلەش، رېمونت قىلىش، ئۇچۇر يەتكۈزۈش، ۋاستىچىلىككە ئوخشاش ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىشى لازىم. 

23-ماددا دۆلەت تەسىس قىلغان ئاساسىي قاتلام يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى تېخنىكىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئاپپاراتلىرى سىناق قىلىش، ئۈلگە كۆرىسىتىش بازىلىرىغا تايىنىپ، دېھقانلار ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش–تىجارەت تەشكىلاتلىرىنى جامائەت پاراۋانلىق خاراكتېرىنى ئالغان يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى تېخنىكىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش، تەربىيىلەشكە ئوخشاش ھەقسىز مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىشى لازىم.

24-ماددا يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى رېمونت قىلىش بىلەن شۇغۇللىنىش ئۈچۈن، رېمونتچىلىق كەسپىگە دائىر ئەسۋاب–ئۈسكۈنە ۋە يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى رېمونت قىلىش كەسپىي ئىقتىدارىغا ئىگە تېخنىك خادىملارنى ھازىرلاپ، رېمونتچىلىق سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش لازىم. رېمونت قىلغۇچى ھەقسىز قايتىدىن رېمونت قىلىپ بېرىشى؛ جىسمانىي جەھەتتە ياكى مال–مۈلۈك جەھەتتە زىيانغا ئۇچراتقان بولسا، رېمونت قىلغۇچى تۆلەم جاۋابكارلىقىنى قانۇن بويىچە ئۈستىگە ئېلىشى لازىم.

25-ماددا يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ئىشلەپچىقارغۇچىلار، تىجارەت قىلغۇچىلار ۋە رېمونت قىلغۇچىلار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملادىكى بەلگىلىمە بويىچە، ئۆز ئىختىيارى بىلەن كەسىپ جەمئىيىتى قۇرۇپ، ساھە تەلەپچانلىقىنى يولغا قويۇپ، جەمئىيەت ئەزالىرى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىپ، جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق–مەنپەئىتىنى قوغدىسا بولىدۇ. 

6-باب يار-يۆلەك بولۇش تەدبىرلىرى

26-ماددا دۆلەت تەدبىر قوللىنىپ، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ يېڭى مەھسۇلات، يېڭى تېخنىكا ۋە يېڭى ھۈنەر–سەنئەت تەتقىقاتى ۋە تەرەققىياتىغا بولغان سېلىنمىنى كۆپەيتىشىگە ئىلھام بېرىدۇ ۋە مەدەت بېرىدۇ ھەم يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىغا دائىر ئىلمىي تەتقىقات ئېلىپ بېرىش، كەشىپ قىلىش ۋە ياساش جەھەتتە باجدا ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى يولغا قويىدۇ. 

مەركەز ۋە جايلار مالىيىسى خام چوتىدا ئورۇنلاشتۇرۇلغان پەن–تېخنىكا تەرەققىيات مەبلىغىدىن يېزا ئىگىلىك ماشىنا سانائىتىدە تېخنىكىلىق يىڭىلىق يارىتىشقا مەدەت بېرىش لازىم. 

27-ماددا مەركەز مالىيىسى، ئۆلكە دەرىجىلىك مالىيە مەخسۇس تۈر بويىچە ئايرىم–ئايرىم مەبلەغ ئورۇنلاشتۇرۇپ، دېھقانلار ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش–تىجارەت تەشكىلاتلىرىنىڭ دۆلەت ئوموملاشتۇرۇشنى قوللىغان ئىلغار، ياراملىق يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى سېتىۋېلىشىغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىشى لازىم. ئىقتىسادىي مەبلىغىنى ئىشلىتىشتە ئاشكارە بولۇش، ئادىل بولۇش، ۋاقتىدا بولۇش، ئۈنۈملۈك بولۇش پرىنسىپىغا ئەمەل قىلىش لازىم، ئۇنى دېھقانلار ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش-تىجارەت تەشكىلاتلىرىغا تارقاتسىمۇ، ئۆسۈمنى كۆتۈرۈۋېتىش يولى بويىچە، پۇل موئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ دېھقانلار ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش–تىجارەت تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلغار، ياراملىق يېزا ئىگلىك ماشىنىلىرىنى سېتىۋېلىشقا قەرز پۇل بېرىشىنى قوللىسىمۇ بولىدۇ. بۇنىڭ كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ. 

28-ماددا يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ئىشلەپچىقىرىش مەشغۇلاتى بويىچە مۇلازىمەت قىلىش ئارقىلىق ئېرىشكەن كىرىمگە دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە باجدا ئېتىبار بېرىلىدۇ.

دۆلەت يېزا ئىگىلىك ۋە يېزا ئىقتسادىنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ئاساسەن، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش مەشغۇلاتىغا ئىشلىتىلىدىغان يېقىلغۇ مايغا مالىيىدىن ئىقتىسادىي ياردەم ئورۇنلاشتۇرىدۇ. يېقىلغۇ ماي ئۈچۈن بېرىلىدىغان ئىقتىسادىي ياردەم يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مەشغۇلاتى بىلەن بىۋاسىتە شۇغۇللىنىدىغان دېھقانلار ۋە يىزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش–تىجارەت تەشكىلاتلىرىغا بېرىلىشى كېرەك. بۇنىڭ كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ. 

29-ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەدبىر قوللىنىپ، يېزىلاردا تېرىلغۇ ماشىنىلىرى يولىغا ئوخشاش يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى ۋە ئۇنى ئاسراشنى كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىكىنى ماسلاشتۇرۇشقا شەرت–شارائىت يارىتىشى لازىم. sf 

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل تارمىقى يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇشقا دائىر ئۇچۇر يىغىش، رەتلەش ۋە ئېلان قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، دېھقانلار ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش–تىجارەت تەشكىلاتلىرىنى ئۇچۇر مۇلازىمىتى بىلەن ھەقسىز تەمىنلىشى لازىم. 

7-باب قانۇن جاۋابكارلىقى 

30-ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 51-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلغانلارمەھسۇت سۈپىتى قانۇنىنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە جازالىنىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. 

31-ماددا يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ھەيدىگۈچىلەر، ئۇنىڭدا مەشغۇلات ئېلىپ بارغۇچىلار دۆلەت بەلگىلىگەن بىخەتەر مەشغۇلات ئېلىپ بېرىش قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، قائىدىگە خىلاپ مەشغۇلات ئېلىپ بارغانلار تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ، ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە جازالىنىدۇ؛ جىنايەت شەكللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

32-ماددا يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى سىناق قىلىپ باھالىغۇچ ئاپپاراتلاردىن باھالاش خىزمىتىدە يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ئىشلەپچىقارغۇچىلار، ساتقۇچىلارنى بەلگىلىمە بويىچە باھالاش نەتىجسىنى ئويدۇرۇپ چىقىپ، يالغان ئىسپات بىرىپ، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ئىشلەتكۈچىلەرگە زىيان يەتكۈزگەنلەرگە قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. 

32-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ يېزا ئىگىلىك مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ۋە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل تارمىقى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ئىشلەپچىقارغۇچى، ساتقۇچىلارنى ئۆزلىرى ئىشلەپچىقارغان، ساتقان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى باھالىتىشقا مەجبۇرلىغان ياكى باشقىچە يول بىلەن مەجبورلىغان بولسا، يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇل ئورگان ياكى مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنى سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ ھەم بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمغا ۋە بىۋاسىتە جاۋابكار باشقا خادىملارغا مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ.

34-ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 27-28–ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمىلەرگەخىلاپلىق قىلىپ، ئالاقىدار ئىقتىسادىي ياردەم مەبلىغىنى تۇتۇپ قالغان، ئىشلىتىۋالغانلارنى يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇل ئورگان تۇتۇپ قالغان، ئىشلىتىۋالغان شۇ مەبلەغنى سۈرۈك ئىچىدە قايتۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ، قانۇنسىز تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ ھەم يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇل ئورگان، مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنى ياكى ئۆز تۇرۇشلۇق ئورۇن ئۇلارنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمغا ۋە بىۋاسىتە جاۋابكار باشقا خادىملىرىغا مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

8-باب قۇشۇمچە پرىنسىپ 

35-ماددا بۇ قانۇن 2004-يىل 11-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. 


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#