قارامۇچ
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
قارا مۇچقارامۇچ بولسا قارامۇچ ئائىلىسىدىكى ئۇزۇنلىقى بەش مېتىر ئەتراپىدا ئۆسىدىغان ياغاچ غوللۇق، كۆپ يىللىق پىلەكلىك ئۆسۈملۈك قارىمۇچنىڭ مېۋىسى بۇلۇپ، يۇمۇلاق سىرتقى يۈزى قارامتۇل، پۇراقلىق، قارىمۇچ ئەسلىدە شەرقى جەنۇبىي ئاسىيادىن چىقاتتى. ھازىر ئېلىمىزنىڭ گۇاڭدۇڭ، خېنەن، فۇجيەن،تەيۋەن قاتارلىق ئۆلكىلىرىدىنمۇ چىقىدۇ
ھۆل سوغۇق كەيپىياتنى، غەيرى تەبىئىي بەلغەم خىلتنى تەڭشەش، تەرلىتىش، ھەزىمنى ياخشىلاش، يەل تارقىتىش، بەلغەم بوشۇتۇش، پەي – مۇسكۇللارنى چىڭىتىش، چىراينى پارقىرىتىش بەدەننى قىززىتىش، ھۆللۈكنى قۇرۇتۇش، ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش، ئىسسىق ياندۇرۇش، يۈرەكنى قوزغۇتۇش،تېرىنى قىزارتىش ۋە چاچ ئۆستۈرۈش قاتارلىق خۇسۇسىيىتى بار.
مېۋىنـىـڭ تـەركـىـبـىـدە قـارىـمـۇ ئىشـقـارى پېپـرىن (Piperin)كاۋىتسىن (Chavicine) ، پىپرانىن (Piprolene)، پىپرىلىسىن، (Pipryline)، پىپرولېئىن (Piprolene)،ئۇچۇچان ماي قاتارلىقلار بار.
قارا مۇچ1. قارامۇچنى سوقۇپ تالقىنىنى ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇپ يالاپ بەرسە يۆتەلگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
2. قارامۇچنى ۋاسالغۇ بىلەن قوشۇپ چايناپ بەرسەمېڭە ۋە ئاشقازاننىڭ ھۆللۈكىنى قۇرۇتىدۇ.
3. قارىمۇچنى كۆكنار پوستى بىلەن قوشۇپ گولاپقا قاينىتىپ سۈيى بىلەن ئېغىزنى چايقىسا چىش ئاغرىقىنى پەسەيتىدۇ. ياكى قارىمۇچنى گولاپتا ئېرىتىپ چىشقا چاپسىمۇ چىش ئاغرىقىنى يوق قىلىدۇ.
4. قارىمۇچنى سىركىدە ئېزىپ تال ساھەسىگە چاپسا تالدىكى ئىششىقنى ياندۇرىدۇ.
5. قارىمۇچنى تالقان قىلىپ شىكەر ۋە سۈت بىلەن قوشۇپ يىسە باھنى قۇۋۋەتلەيدۇ.
6. قارىمۇچنى يۇمشاق سوقۇپ، توخۇ يېغى، ماش ئۇنى، نۇقۇت ئۇنى قاتارلىقلار بىلەن قوشۇپ بەدەندىكى ئاق كېسەل بار ئورۇنغا چاپسا پايدا قىلىدۇ.
7. قارىمۇچ ۋە توغرىغىنى سوقۇپ سىيادان يېغىدا مەلھەم تەييارلاپ يەرلىك ئورۇنغا چاپسا يەھەقنى يوقىتىدۇ.
8. قارىمۇچنى تالقان قىلىپ پىياز ۋە تۇز بىلەن قوشۇپ يەرلىك ئورۇنغا چاپسا چاچ ئۈندۈرىدۇ. تاماققا سېلىپ ئىشلەتسە بەدەننىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرىدۇ.
ماددە تۇلھايات، بەرششا
ئىشتىھاسىزلىق، ھەزىم ئاجىزلىقى، باش ئاغرىقى، قورساق ئېسىلىش، يۆتەل، نېرۋا ئاجىزلىقى، چىش ئاغرىقى، تال ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىكلەرگە ئىشلىتىلىدۇ.
كېلىش مەنبەسى(ئەسەر)
ئۇيغۇر تېبابىتى خام دورىلار ئىلمى بىرىنچى توم(سىناق نۇسخا) شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.