كېپلېر

پلانېتلار ھەرىكىتى قائىدىسىنى كەشپ قىلغۇچى كېپلېر 1571-يىلى گېرمانىيە نىڭ ۋيېلې دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان، ئۇ تۇغۇلغان كۈنى دەل كوپېرنىكنىڭ قۇياش مەركەز تەلىماتى توغرىسىدىكى ئەسىرى ئېلان قىلىنغانلىقىغا 28 يىل بولغانىدى. كېپلېر تۇبېنگېن داشۆسىگە كىرىپ، كوپېرنېكنىڭ قوياش مەركەز تەلىماتىغا قەتئىي ئىشىنىدىغان پروفېسسور M. 

ئۇيغۇرچە ئىسمى كېپلېر
باشقا نامى Johannes Kepler
تۇغۇلغان ۋاقتى 1571-يىلى
قان تىپى O
خەنزۇچە ئىسمى 约翰尼斯·开普勒
دۆلەت تەۋەلىكى گىرمانىيە
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1630-يىلى
كەسپى ئاستىرنومىيە ئالىمى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

كېپلېرپلانېتلار ھەرىكىتى قائىدىسىنى كەشپ قىلغۇچى كېپلېر 1571-يىلى گېرمانىيە نىڭ ۋيېلې دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان، ئۇ تۇغۇلغان كۈنى دەل كوپېرنىكنىڭ قۇياش مەركەز تەلىماتى توغرىسىدىكى ئەسىرى ئېلان قىلىنغانلىقىغا 28 يىل بولغانىدى. كېپلېر تۇبېنگېن داشۆسىگە كىرىپ، كوپېرنېكنىڭ قوياش مەركەز تەلىماتىغا قەتئىي ئىشىنىدىغان پروفېسسور M. مېسترىندىن ئاسترونومىيە دەرسىنى ئاڭلىغان، شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە گەرچە نۇرغۇن ئالىملار قۇياش مەركەز تەلىماتىغا قارشى تۇرغان بولسىمۇ لېكىن كېپلېر كوپېرنىكنىڭ سادىق ئېتىقادچىسى بولۇپ قالغانىدى. 

1594-يىلى، كېپلېر داشۆسىنىڭ تۇنۇشتۇرۇشى بىلەن، تۇبېنگېن داشۆسىدىكى تىنولوگىيە دەرسىنى توختىتىپ، ئاۋسترىيىنىڭ گراز دېگەن يېرىدىكى لۇد مەزھىبىدىكى ئالىي مەكتەپتە ماتېماتىكا دەرسى ئۆتكەن. 1596-يىلى ئۇ ئۆزىنىڭ تۇنجى ئاسترونومىيە ئەسىرى «ئالەمنىڭ سىرى» دېگەن كىتابنى نەشىر قىلغۇزغان. كىتابتا ئالەمنىڭ گارمونىكىلىقى توغرىسىدىكى ئىدىيىسى تونۇشتۇرۇلغان بولۇپ، شۇ چاغدا ئاسترونوم دېگونىڭ ئېتىبارىغا ئېرىشكەن. 1600-يىلى 1-ئايدا، كېپلېر تەكلىپىگە بىنائەن پراگانىڭ ئەتراپىدىكى بىنېتاك رەسەتخانىسىغا بېرىپ دېگوغا ياردەمچى بولغان. 

ئىككىنچى يىلى دېگو ئالەمدىن ئۆتكەن. كېپلېر دېگونىڭ كۆپ يىللاردىن بۇيان توپلاپ كەلگەن يۇلتۇزلار تۈركۈمى توغرىسىدىكى خاتىرىسىگە ۋارسلىق قىلغان؛ دېگو ئاسترونومىك تېلىسكوپ كەشپ قىلىنشتىن ئىلگىرى ئەڭ ئاخىرقى ئالىم ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇنىڭ كۆزۈتۈش خاتىرىسى بىباھا گۆھەر بولۇپ ھېسابلىناتتى. 

كېپلېركېپلېر ئاخىرقى ھېسابتا ئۆزى ۋە كوپېرنىك، دېگو، شۇنىڭدەك ئاتاقلىق ئاسترونوملارنىڭ خاتالىقىنى تېپىپ چىققان. چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەممىسى پلانېتلارنىڭ قوياشنى مەركەز قىلىپ ئايلىنىش ئوربىتىسى چەمبىرەك شەكلىدە بولىدۇ، دەپ قارىغان، ئەمەلىيەتتە، چەمبىرەك شەكلىدە بولماي، ئېلىپىس شەكلىدە بولغان. 

ئاساسلىق مەسىلە ھەل بولغاندىن كېيىن، كېپلېر بىر نەچچە ئاي ۋاقىت سەرپ قىلىپ، مۇرەككەپ ھېسابلاش ئىشىنى ئېلىپ بارغان. مەزكۇر كىتابتا كېپلېر يۇلتۇزلارنىڭ ھەرىكىتى توغرىسىدىكى ئىككى چوڭ قائىدىنى ئوتتۇرىغا قويغان: بىرىنچى، پلانېتلار ئېلپىس شەكىللىك ئوربىتا بويىچە قوياشنى مەركەز قىلىپ ئايلىنىدىغانلىقىنى شەرھىلىگە؛ ئىككىنچى، پلانېتلار ھەر قېتىم قوياشقا يېقىنلاشقاندا، ئۇلارنىڭ سۈرئىتىنىڭ تېزلىشىدىغانلىقىنى شەرھىلىگەن. ئۈچ يىلدىن كېيىن، كېپلېر يەنە ئۆزىنىڭ ئۈچىنچى، قائىدىسىنى ئېلان قىلىپ، پلانېتلارنىڭ ئايلىنىش دەۋرىنىڭ كۋادراتى ئوربىتا يېرىم ئۇزۇن ئوقىنىڭ كوپىغا تەڭ بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

كېپلېرنىڭ پلانېتلارنىڭ ھەرىكىتى توغرىسىدىكى ئۈچ چوڭ قائىدىسى پلانتېتلارنىڭ قوياشنى مەركەز قىلغان ھالدا ئايلىنىش ھەرىكىتى ئەھۋالىنى ئىنچىكە، ئېنىق بايان قىلىپ ئاسترونومىيىدىكى ئاساسلىق قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ بەردى. گەرچە كېپلېر پلانېتلارنىڭ ئۆز ئوربىتىسىدا ھەرىكەت قىلىش مەسىلىسىنى ھەل قىلالمىغان بولسىمۇ، بۇ مەسىلە شۇ ئەسىردە ياشىغان نيۇتون تەرىپىدىن ھەل قىلىندى. بىراق، كېپلېرنىڭ پلانېتلار ھەرىكىتى توغرىسىدىكى ئۈچ چوڭ قائىدىسىنىڭ كەشپ قىلىنىشى كېيىنكى ۋاقىتلاردا نيۇتوننىڭ ئالەمنىڭ تارتىش كۈچى دېگەن ئۇقۇمىنىڭ بارلىققا كېلىشىگە ئاساس يارىتپ بەردى. نيۇتون «ئەگەر مېنى باشقىلارغا قارىغاندا يىراقنى كۆرەلىدى دېسە، بۇنى چوقۇم گىگانتنىڭ مۈرىسىگە دەسسەپ تۇرغانلىقىمنىڭ نەتىجىسى دەپ قاراش كېرەك» دېگەنىدى. شەك-شۈبھىسزكى، كېپلېر دەل نيۇتون كۆرسىتىپ ئۆتكەن گىگانتلارنىڭ بىرىدۇ.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#