شىنجاڭ خەلق تىياتىرخانىسى

شىنجاڭ خەلق تىياتىرخانىسى

50-، 60-يىللاردىكى ئۈرۈمچى دىكى چوڭ قۇرۇلۇشلارنىڭ بىرى بولغان خەلق تىياتىرخانىسى نەنمىندىكى چوڭ گۈللۈكنىڭ شەرىق تەرىپىدە؛ ئۇ ئۇيغۇر لارنىڭ ئەنئەنىۋى قۇرۇلۇش ئۇسلۇبى بىلەن غەربنىڭ كىلاسسىك قۇرۇلۇش شەكلى بىرلەشكەن سەنئەت سارىيى بۇلۇپ، ئالتۇن ھەل بېرىلگەن گۈمبەز شەكىللىك.

ئۇيغۇرچە نامى شىنجاڭ خەلق تىياتىرخانىسى
خاراكتېرى جامائەت مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرى
ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 14000 كۋادرات مېتىر
ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن ۋاقت 1957-يىلى
خەنزۇچە نامى 新疆人民剧场
تىپى كىنوخانا ۋە تىياتىرخانا
ئادرېسى ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونى خەلق يولى 17-نومۇر

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

شىنجاڭ خەلق تىياتىرخانىسىشىنجاڭ خەلق تىياتىرخانىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى بىر كىنوخانا ۋە تىياتىرخانا. تىياتىرخانا ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 14000 كۋادرات مېتىر، ئۈچ قەۋەتلىك قۇرۇلۇش كۆلىمى 9,880 كۋادرات مېتىر. 

شىنجاڭ خەلق تىياتىرخانىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئاسىيا مىللەتلىرىنىڭ ئۆزگىچە بىر ئۇلۇغۋار مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى. ھازىر تىياتىرخانىدا شىنجاڭنىڭ ئەڭ ئىلغار كۆپ ئىقتىدارلىق ئۈسكۈنىلەر، كۆپ ئىقتىدارلىق ھەشەمەتلىك كۆڭۈل ئېچىش شەھەرچىسى، مۇھىتى ئازادە، ياخشى، گۈزەل. يېقىن كەلگۈسىدە ئاپتونوم رايوننىڭ مەركىزى تىياتىرخانىسى ھەقىقىي بىر شەھەردىكى چوڭ تىپتىكى مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە مەدەنىيەت-سەنئەت كۆڭۈل ئېچىش مەركىزىدۇر. 

شىنجاڭ خەلق تىياتىرخانىسى 1955-يىلى 8-ئايدا بىڭتۇەن قۇرۇلۇش بىناكارلىق شىسى قۇرۇلۇشىنى باشلىغان، 1956-يىلى 12-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا پۈتكەن، 1957-يىلى 1-ئاينىڭ 7-كۈنى داغدۇغلۇق ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن. ئۇ پۈتۈپ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنى سىياسىي، مەدەنىيەت تۇرمۇشتىكى مۇھىم سورۇنلار بىلەن تەمىنلەيدۇ. 

شىنجاڭ خەلق تىياتىرخانىسىخەلق تىياتىرخانىسى 1955-يىلى ئىش باشلىنىپ 1656-يىلى 12-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرى پۈتكەن، 1957-يىلى 1-ئايىڭ 7-كۈنى داغدۇغلۇق ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن. 1957-يىلىدىن ھازىرغىچە، خەلق تىياتىرخانا يېرىم ئەسىردىن بۇيانقى شانلىق مۇساپىنى بېسىپ ئۆتكەن، ئىلگىرى پارتكوم، ھۆكۈمەت تاپشۇرغان تۈرلۈك مۇھىم ۋەزىپىلەر ياخشى ئورۇنلانغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت-سەنئەت ئىشلىرىنى گۈللەندۈرۈش، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇشى ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشقان. 

شىنجاڭ خەلق تىياتىرخانىسى كۆپ قېتىم رېمونت قىلىنىپ ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، دۆلەت ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىك ئۆلچىمى بويىچە تەلەپنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئوچۇق سىملارنى قالدۇرۇپ قويمىغان، سەھنىدە ھەرقايسى زالىنىڭ يەر يۈزى يوپۇق تام يېنىشقا توسقۇنلۇق قىلغۇچى ماتېرىيال قوللىنىلغان بولۇپ سەھنە  يېڭىلاندى. ئوت ئۆچۈرۈش سۇ پۈركۈش ئۈسكۈنىسى، پۈتۈن مەيداننى كومپيۇتېر بىلەن كۈزىتىش، تىزگىنلەش قۇرۇلمىسى ئورنىتىلغان، ھەر دەرىجىلىك ئوت ئۆچۈرۈش تارماقلىرى، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوندىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن. 

2005-يىلى ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى كۈتۈۋالغاندا شىنجاڭ خەلق تىياتىرخانىسىدا 50 يىللىقى خاتىرلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن، جۇڭگو كىنوسىنىڭ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى ھارپىسىدا ، شىنجاڭ خەلق تىياتىرخانىسىدا كىنو بېلەت كىرىمى يىللىق كىرىمى تۇنجى قېتىم 10 مىليون يۈەندىن ئېشىپ كەتكەن، ئىشقا ئاشۇرۇپ، شىنجاڭ كىنو ۋە خەلق تىياتىرخانىسىدا ئۈچ ئەۋلاد خىزمەتچىلەر نەچچە ئون يىلدىن بۇيانقى بېلەت كىرىمى ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان. 200-يىلى، شىنجاڭ خەلق تىياتىرخانىسىدا يەنە 2005-يىللىق كىنو بېلەت كىرىمى ئومۇمىي كىرىمىنىڭ مۇددەتتىن بۇرۇن 36 كۈن يەنە بىر قېتىم 10 مىليون يۈەن كىنو بېلەت كىرىمى ئومۇمىي كىرىمىنىڭ 1,160 مىڭ يۈەنگە يەتكەن. 

2007-يىلى 7-ئاينىڭ 9-كۈنى خەلق تىياتىرخانىسىدا، شىنجاڭ مۇزىكانتلار جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان «ئېرخۇ چېلىش كېچىلىكى» ئۆتكۈزۈلگەن، ئاپتونوم رايوننىڭ دۆلەت قۇرۇلغاندىن بۇيانقى، تۇنجى قېتىم پائالىيەت باشلىنىشى بولۇپ قالغان. چالغۇچى جاسارىتى بىلەن تالانتى ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار تارماقلارنىڭ رەھبەرلىرى يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەن ھەمدە مۇكەممەل بىر قېتىم تېخىمۇ ئېسىل ئويۇن قۇيۇشقا تەييارلىق كۆرگەن. 

بۈگۈنكى كۈندە شىنجاڭ خەلق تىياتىرخانىسىدا، ماركا، مەھسۇلات، ئىگىلىك باشقۇرۇش ئۈچ بۆسۈش ئۈنۈمى ئىشقا ئاشۇرۇلغان. يېقىندىن بېرى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ «تيانشان رايونلۇق مەنىۋى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىدىكى ئىلغار ئورۇن»، «تەڭرىتاغ رايونى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشتىكى ئىلغار ئورۇن»، «مەدەنىيەت سېستىمىسى بويىچە ئىلغان كوللىكتىپ»، «مەدەنىيەت نازارىتى سىستېمىسى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش خىزمىتىدىكى ئىلغار كوللېكتىپ»، «مەملىكەت بويىچە مائارىپ سىستېمىسىدىكى ئىلغار ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەشكىلاتى»، «مەملىكەت بويىچە ئېلىمىزدە ئىشلەنگەن كىنو قويۇش تۈرىدە مۇنەۋۋەر ئورۇن»، «تۇنجى نۆۋەتلىك شىنجاڭ خەلق سەنئەت تۆھپە مۇكاپاتى» قاتارلىقلار. ھەم 2004-يىلى ئۈرۈمچى شەھەرلىك نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئورنى قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن، 2007-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئورنى قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن. 

ئادرېسى : شىنجاڭ ئۈرۈمچى خەلق يولى 17-نومۇرلۇق 

يول يۈرۈش بەلگىلىمىمىز : خەلق تىياتىرخانىسى كىنو كۆرگىلى بېرىش قاتنىشى قۇلايلىق ھەمدە ھەقسىز ماشىنا توختىتىش مەيدانى بار، ئاممىۋى ئاپتوبۇس: 1، 3، 101، 17، 36، 44، 60، 61، 104، 901، 908، 911، 923 قاتارلىق 20 نەچچە يول ئاپتوبۇسىغا ئولتۇرۇپ، جەنۇبىي دەرۋازىسىنىڭ پونكىتى چۈشسىڭىز بولىدۇ؛ [0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

4 نومۇر (2 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    50%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    50%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#