تەۋەككۈل يېزىسى

تەۋەككۈل يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خوتەن ۋىلايىتى نىڭ خوتەن ناھىيەسى گە، تەكلىماكان قۇملۇقى نىڭ كىندىكىگە جايلاشقان، شەرق تەرىپى لوپ ناھىيەسى بىلەن تۇتىشىپ تۇرىدۇ، غەربىي تەرىپى سىماۋات يېزىسى بىلەن قوشنا، خوتەن شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 86 كىلومېتىر كېلىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى تەۋەككۈل يېزىسى
دۆلىتى جۇڭگو
تەۋە رايون شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خوتەن ۋىلايىتىنىڭ خوتەن ناھىيەسى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 瓦库勒乡
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
يەر مەيدانى 259.36 كۋادىرات كىلومېتىر

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

مەكتەپتىن كۆرۈنۈشتەۋەككۈل يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خوتەن ۋىلايىتى نىڭ خوتەن ناھىيەسى گە، تەكلىماكان قۇملۇقى نىڭ كىندىكىگە جايلاشقان، شەرق تەرىپى لوپ ناھىيەسى بىلەن تۇتىشىپ تۇرىدۇ، غەربىي تەرىپى سىماۋات يېزىسى بىلەن قوشنا، خوتەن شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 86 كىلومېتىر كېلىدۇ، ئومۇمىي كۆلىمى 259.56 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. يېزا بويىچە قۇرۇلغان ئوتتۇرا مەكتەپ 2 سى، 11 باشلانغۇچ مەكتەپ، بىر يېزىلىق شىپاخانا، رادىئو ئوزىلى، مەدەنىيەت پونكىتى قاتارلىق ئورۇنلار بار. 62 مەسچىت، قارىمىقىدا 18 مەمۇرىي كەنت بار بۇلۇپ، جەمئىي 5990 ئائىلە بار، ئومۇمىي نوپۇسى 25 مىڭ ئادەم، ئاساسلىقى ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان.

رەھبەرلەر سۆھبەتتەيەر شەكلى جەھەتتە شەرق ۋە غەرب قىسمى ئېگىز، جەنۇبىي ۋە شىمالىي قىسمى پەس، ھاۋاسى نەم، قۇم-بوران كۆپ، ئىقتىسادىي زىرائەت تېرىلغۇ كۆلىمى 27 مىڭ 900 گېكتار، كىلىماتى قۇرۇقلۇق تىپىدىكى چۆللۈك كىلىماتىغا كىرىدۇ. يىللىق قىروسىز مەزگىلى 102 كۈن. يىللىق كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈش ۋاقتى 1780 سائەت، يىللىق ھۆل-يېغىن مىقدارى 34.8 مىللىمېتىر. كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ، ئىسسىقلىق بايلىقى مول، قۇمساڭ تۇپراقنى تاللاش، شورلىشىش دەرىجىسى يۇقىرى، چىملىق تۇپراق، شور توپا كۆپرەك بۇلۇپ، باغۋەنچىلىك ماس كېلىدۇ، بۇغداي، قوناق، كېۋەز قاتارلىقلار تېرىلىدۇ. تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 36 مىڭ مو، كىشى بېشىغا 1.5 مودىن يەر توغرا كېلىدۇ، بۇ يېزا دۆلەت دەرىجىلىك نامرات يېزا. يېزا بويىچە تېرىلغان بۇغداي 18 مىڭ 500 مو، كۆممىقوناق 15600 مو، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى بويىچە لاپاس 600 مو، مو بېشى ئىقتىسادىي ئۈنۈمى 3000 يۈەن؛ چىلان تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 28 مىڭ موغا يەتكەن. 2011-يىلى يېزا بويىچە مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 390 مىليون يۈەنگە يېتىپ، دېھقانلارنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 3400 يۈەن بولغان. 

سەنئەت پائالىيەتلىرىبۇ يېزىغا تەۋە 19 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار بۇلۇپ، قاقشال كەنتىى، قارا توغراق كەنتى، يېڭى يەر كەنتى، ھوڭ كەنتى، يەكشەنبە بازار كەنتى، قاسساپئېرىق كەنتى، ئارقا ئۆستەڭ كەنتى، شەھەر بويى كەنتى، بۇرزان كەنتى، توساللا كەنتى، يۇرۇڭقاش كەنتى، يېڭىباغ كەنكتى، تۈز يايلاق كەنتى، ئاتبېشى كەنتى، باكىدۆڭ كەنتى، قاتچى كەنتى، تار ئېفىل كەنتى،قوشنۇر كەنتى، ئاقدۆڭ كەنتى قاتارلىقلار بار.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#