لاپلاتا دەرياسى

لاپلاتا دەرياسى جەنۇبىي ئامېرىكىدىكى پارانا دەرياسى بىلەن ئوروگۋاي دەريالىرى قوشۇلۇپ دېڭىزغا قۇيۇلۇشقا قەدەر بولغان قىسمى بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 320 كىلومېتىر كېلىدۇ .

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

لاپلاتا دەرياسى جەنۇبىي ئامېرىكىدىكى پارانا دەرياسى بىلەن ئوروگۋاي دەريالىرى قوشۇلۇپ دېڭىزغا قۇيۇلۇشقا قەدەر بولغان قىسمى بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 320 كىلومېتىر كېلىدۇ، دەريا ئاغزىنىڭ ئەڭ كەڭ جايى 223 كىلومېتىرغا يېتىدۇ. كۆلىمى 35 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئۇ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ دەريا ئېغىزلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. دەريانىڭ غەربىي شىمال قىسمىغا دەرياسۈيى قۇيۇلۇپ تۇرغانلىقتىن سۈيى تاتلىق كېلىدۇ، شەرقىي جەنۇب قىسمى دېڭىز سۈيىنىڭ تەسىرىدىن تۇزلۇق كېلىدۇ. ئېقىن مىقدارى تەخمىنەن 42 مىڭ كۇب مېتىر سېكۇنتقا يېتىدۇ. پارانا، ئوروگۋاي دەريالىرى ھەر يىلى ئۆزى بىلەن بىللە كۆپ مىقداردا لاتقىلارنى ئېقىتىپ كېلىپ تۇرغانلىقتىن، سۈيى لاي بولىدۇ. دەريا قېنىدا قۇم دۆۋىلىرى كۆپ بولىدۇ. بۇ قاتناشقا دەخلى قىلىدۇ، بىراق يەنىلا ئوكيان پاراخوتلىرى قاتناپ تۇرىدۇ. دەريا بويىدا بوئىنوس-ئايرىس(ئارگېنتىنا) ، مۇنتىۋېدېئو ئوروگۋاي، لاپلاتا(ئارگېنتىنا) قاتارلىق چوڭ شەھەرلەر بار. دەريادىن بېلىق ناھايىتى كۆپ تۇتۇلىدۇ.


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#