ئاپتاپپەرەس گۈلى

ئاپتاپپەرەس گۈلى

ئاپتاپپەرەس گۈلى   ئاپتاپپەرەسنىڭ گۈلى بولۇپ، «ئاپتاپپەرەس گۈلى» نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.ھامىلە چۈشۈرۈش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

ئۇيغۇرچە نامى ئاپتاپپەرەس گۈلى
ئەرەبچە نامى زەھرود دەۋۋارىش شەمىس، ھەتۋە
ئىنگلىزچە Sunflow
تەبىئىتى بىرىنچى دەرىجىدە ھۆل ئىسسسىق
خەنزۇچە نامى 向日葵花
پارسچە نامى گۈلى ئاپتاپپەرەس
ئوردۇچە نامى سۇۋرەج موكى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئاپتاپپەرەس گۈلىئاپتاپپەرەس گۈلى بولسسا مۇرەككەپ گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غولۇق ئۆسۈملۈك ئاپتاپپەرەسنىڭ گۈلى بولۇپ، «ئاپتاپپەرەس گۈلى» نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.مەملىكىتىمىزنىڭ جۈملىدىن شىنجاڭنىڭ ھەممە جايلىرىدىن چىقىدۇ.

ئشلىتىلىشى

يۇقىرى قان بېسىم كېسىلى ، سۈيدۈك ۋە ھەيىز راۋان بولماسىلىق ، قىيىن تۇغۇت، باش ئاغرىقى، چىش ئاغرىقى، كىچىك بالىلاردىكى تۇتقاقلىق كېسىلى، قورساق ئاغرىقى، بويۇن بەز سىلى، ھەيىز كەلمەسلىك، مۇپاسىل، يانپاش ئاغرىقى، يەرقان ، بوۋاسىر قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

خۇسۇسيىتى

قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىش ، سۈيدۈك ۋە ھەيىزنى راۋانلاشتۇرۇش، ئىششىق تارقىتىش، مېڭە ۋە جىگەرنىڭ توسالغۇلىرىنى ئېچىش، ئاغرىقىنى توختىتىش، جىگەرنى قۇۋۋەتلەش، مېڭە ۋە جىگەرنىڭ توسالغۇلىرىنى ئېچىش، ئاغرىق توختىتىش ، جىگەرنى قۇۋۋەتلەش، ھامىلە چۈشۈرۈش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

خىمىيىلىك تەركىبى

گۈلـىنىـڭ تەركـىبىـدە، ئاپـتاپـپـەرەس سـاپونـى c، b،a (Heliantosid,d,a)قاتارلىقلار بار .خىمىيىلىك تەركىبى

ئەكىس تەسىرى

ھامىلدار ئاياللارغا بېرىلمەيدۇ.

فارماكولوگىيىلىك تەسىرى

گۈلنىڭ سۇدىكى ئېرىتمىسىنى توشقاننىڭ قۇلىقىغا تېمىتسا، قان تومۇرنى كېڭەيتىش تەسىرىنى بېرىدۇ. مۈشۈكنىڭ تېرە ئاستىغا ئوكۇل قىلىنسا قان بېسىمنى چۈشۈرىدۇ، توشقان ۋىناسىغا ئوكۇل قىلىنسا نەپەسنى قوزغىتىدۇ، قان بېسىمىنى چۈشۈرىدۇ، كىچىك ئۈچەينىڭ قىسقىرىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، ئۇنىڭ تىنكتۇرسى (ئىسپىرتلىق چىلانمىسى) قىزىتمىنى قايتۇرىدۇ.

ئاپتاپپەرەس گۈلى1. ئاپتاپپەرەس گۈلىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ ، يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، مۇپاسىل ، يانپاش ئاغرىقى ، خانازىر قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ. 2. گۈلى سوسەن ، ھەمىشىباھار، ئاپتاپپەرەس قاتارلىقلارنىڭ ھۆل گۈلىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ ، ئېزىپ يەرلىك ئورۇنغا چاپسا ، مۇپاسىل ، يانپاش ئاغرىقى، خانازىرغا مەنپەئەت قىلىدۇ. 3. زاراڭزا گۈلى ، ئاپتاپپەرەس گۈلى ، چىلان، ئاق سەندەل قاتارلىقلارنىڭ ھەر بىرىدىن 10 گرامدىن ئېلىپ ، 7 گرام بىنەپشە بىلەن مۇۋاپىق مىقداردىكى قايناق سۇدا 10 ~ 20 مىنۇت دەملەپ ئىچىپ بەرسە يۇقىرى قان بېسىمغا پايدا قىلىدۇ. 4. ئاپتاپپەرەس گۈلى، زاراڭزا گۈلىدىن 100 گرام ، كۈنجۈتتىن 20 گرام ، سانادىن 15 گىرام ، بىنەپشىدىن 10 گرام ئېلىپ، قائىدە، بويىچە دەملەپ ، كۈندە ئىككى قېتىم ، ھەر قېتىمىدا 100 مىللىلىتىردىن ئىچىپ بەرسە ، ھەيىز نى راۋان قىلىدۇ. ھامىلە چۈشۈرىدۇ.

مىقدارى

6 ~ 3 گرام 

ساقلاش

9 – ئايدا گۈلى يىغىۋېلىنىپ ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ ساقلىنىدۇ.

ئورۇنباسارى

زەپەر ،زاراڭزا گۇلى .

ھەيىزنى راۋانلاشتىرۇش شەربىتى. [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=2&contentNameId=503

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#