بېزەكلىك مىڭئۆيى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
تۇرپاندىكى بېزەكلىك مىڭئۆيى قوچۇ ئۇيغۇر بەگلىكى دەۋرىدە بىنا قىلىنغان مىڭئۆي توپى بولۇپ دۇنياغا داڭلىق. بۇ مىڭئۆي ئۇيغۇر بۇددىزم سەنئىتىدىكى ئەڭ مۇھىم، مىڭئۆي سانى ئەڭ كۆپ، ساقلىنىشى ئەڭ مۇكەممەل، قۇرۇلۇش شەكلى ھەر خىل، جايلىشىشى ئەڭ رەتلىك ۋە ھەيۋەتلىك بولغان ئەڭ ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە سەنئەت خەزىنىسى.
بۇ مىڭئۆي 5-ئەسىردىكى قوچۇ بەگلىكىدىن 8-ئەسىردىكى ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرلىرىگە تەۋە بۇددا ساڭرامى خارابىسى بولۇپ، تۇرپان شەھىرىنىڭ شەرقىي قىسمىغا 57 كىلومېتىر كېلىدىغانمۇرتۇق جىلغىسىدىكى يارداڭلىققا جايلاشقان. ئۇ نۇرغۇن تالان-تاراج ۋە بوران-چاپقۇنغا ئۇچراپ، يەنىلا ئەسلى ھالىتىنى يوقاتمىغان بولسىمۇ، بىراق بەزى نەپىس بۇيۇملار بىر ئەسىر ئىلگىرى تالان-تاراج قىلىنغان.
ھازىرغىچە ساقلىنىپ قالغانلىرى بادەت غارى، دىيان غارى، راھىبلار ھۇجرىسى ۋە خاتىرە غارىدىن ئىبارەت 83 ى بولۇپ، بۇنىڭ 77 سىگە نومۇر قويۇلغان. 1200 كۋادرات مېتىر كۆلەمدىكى 40 تىن كۆپرەك مىڭئۆينىڭ تام سىزمىلىرىنىڭ مەزمۇنى ئىنتايىن مول. بۇ مىڭئۆيدىكى بۇددا دىنىغا ئائىت تام سىزمىلىرىدا قەدىمكى زاماندىكى ئۇيغۇر خانى، خانىش ۋە ھەرقايسى قاتلامدىكىكىشىلەرنىڭ ئوخشىمىغان ھالىتى ۋە قەدىمكى زامان ئۇيغۇرلىرىنىڭ قىسمەن تۇرمۇش كارتىنىلىرى، قەدىمكى ئۇيغۇر، خەنزۇ ۋە بىراھمى يېزىقىدىكى بېغىشلىمىلارنى كۆرگىلى بولىدۇ.
بۇ مىڭئۆيدىن نۇرغۇن مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى تېپىلغان بولۇپ، ئۇلار شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەر، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ يېزىقى ۋە تارىخىنى تەتقىق قىلىشنى قىممەتلىك ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلەيدۇ.
بۇ مىڭئۆي 1982-يىلى مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنى قىلىنغان. [0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
ياردەم تورى
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.