كېپىللىك قانۇنى

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كېپىللىك قانۇنى

 «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كېپىللىك قانۇنى» 1995-يىل 6-ئاينىڭ 30 -كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 8-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېت يىغىنىدا ئۆزگەرتىلىپ ماقۇللانغان.


ئۇيغۇرچە نامى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كېپىللىك قانۇنى
ئېلان قىلغان ئۇرۇن 8-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى
ئېلان قىلىنغان ۋاقىت 1995-يىلى 6-ئاينىڭ 30-كۈنى
خەنزۇچە نامى 中华人民共和国担保法
يولغا قۇيۇلغان ۋاقتى 1995-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

1 -باب ئومۇمىي پرىنسىپ

1 -ماددا بۇ قانۇن مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنى ۋە تاۋار ئوبوروتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ھەقدارلىقنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا كاپالەتلىك قىلىش، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇش مەقسىتىدە تۈزۈلدى.

2 -ماددا دېبىت-كرېدىت، ئېلىم-سېتىم، مال توشۇش، ھۆددىگە ئېلىپ پىشىقلاپ ئىشلەش قاتارلىق ئىقتىسادىي پائالىيەتلەردە، ھەقدار كېپىللىك ئۇسۇلى بىلەنئۆز ھەقدارلىقىنىڭ ئىشقا ئېشىشىغا كاپالەتلىك قىلىشقا توغرا كەلسە، مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن كېپىللىك تەسىس قىلسا بولىدۇ.

مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن كېپىللىك ئۇسۇللىرى كاپالەتلىك ئۇسۇللىرى كاپالەتلىك قىلىش، رەنە، گۆرۈ، ئەپقېلىش ۋە زاكالەت بېرىشتىن ئىبارەت.

3 -ماددا كېپىللىك پائالىيىتىدە باراۋەر بولۇش، ئىختىيار قىلىش، ئادىل بولۇش، سەمىمىي بولۇش ۋە لەۋزىدە تۇرۇش پرىنسىپىغا ئەمەل قىلىش كېرەك.

4 -ماددا ئۈچىنچى كىشى قەرزدار ئۈچۈن ھەقدارغا كېپىللىك قىلغاندا، قەرزداردىن قارشى كېپىللىك تەلەپ قىلسا بولىدۇ. قارشى كېپىللىككە مۇشۇ قانۇندىكى كېپىللىككە دائىر بەلگىلىمىلەر تەتبىقلىنىدۇ.

5 -ماددا كېپىللىك توختامى ئاساسلىق توختامنىڭ قوشۇمچىسى بولۇپ، ئاساسلىق توختام ئىناۋەتسىز بولسا، كېپىللىك توختامى ئىناۋەتسىز بولىدۇ. كېپىللىك توختامىدا باشقىچە پۈتۈشكەن بولسا، پۈتۈشكىنى بويىچە بولىدۇ.

كېپىللىك توختامى ئىناۋەتسىز دەپ مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەندىن كېيىن، قەرزدار، كېپىل، ھەقدارلاردا سەۋەنلىك ئۆتۈلگەن بولسا، ئۇلار ئۆزىنىڭ سەۋەنلىكىگە ئاساسەن مۇناسىپ ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى لازىم.

2 -باب كېپىللىك

1 -پاراگراف كېپىللىك ۋە كېپىل

6 -ماددا مۇشۇ قانۇندا ئېيتىلغان كېپىللىك كېپىل بىلەن ھەقدار پۈتۈشۈپ، قەرزدار قەرزدارلىق مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغاندا، كېپىلنىڭ پۈتۈشۈم بويىچە قەرزدارلىق مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش ياكى مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشىدىن ئىبارەت ھەرىكەتنى كۆرسىتىدۇ.

7 -ماددا قەرزنى ۋاكالىتەن تۆلەش ئىقتىدارىغا ئىگە قانۇنىي ئىگە، باشقا تەشكىلات ياكى پۇقرالار كېپىل بولسا بولىدۇ.

8 -ماددا دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ كېپىل بولۇشىغا يول قويۇلمايدۇ، لېكىن گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقى بىلەن چەت ئەل ھۆكۈمەتلىرى ياكى خەلقئارا ئىقتىسادىي تەشكىلاتلار بەرگەنقەرز پۇلنى ئىشلىتىش ئۈچۈن قەرز پۇلنى يۆتكەپ بەرگۈچىلەر بۇنىڭ سىرتىدا.

9 -ماددا مەكتەپ، بالىلار باغچىسى، دوختۇرخانا قاتارلىق جامائەت پاراۋانلىقىنى مەقسەت قىلغان كەسپىي ئورۇنلار، جامائەت تەشكىلاتلىرى كېپىل بولسا بولمايدۇ.

10 -ماددا قانۇنىي ئىگە تىپىدىكى كارخانىلارنىڭ تارماق ئاپپاراتلىرى، فۇنكىسىيىلىك تارماقلىرى كېپىل بولسا بولمايدۇ.

قانۇنىي ئىگە تىپىدىكى كارخانىلارنىڭ تارماق ئاپپاراتلىرىغا قانۇنىي ئىگىلەر قەغەز يۈزىدە ھوقۇق بەرگەن بولسا، ھوقۇق بېرىلگەن دائىرىدە كېپىللىك قىلسا بولىدۇ.

11 -ماددا ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ بانكا قاتارلىق پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى ياكى كارخانىلارنى باشقىلار ئۈچۈن كېپىل بولۇشقا مەجبۇرلىشىغا يول قويۇلمايدۇ؛ بانكا قاتارلىق پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى ياكى كارخانىلار ئۆزلىرىنى باشقىلار ئۈچۈن كېپىل بولۇشقا مەجبۇرلاشتەك قىلمىشلارنى رەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

12 -ماددا ئوخشاش بىر قەرزدارلىقتا ئىككىندى ئارتۇق كېپىل بولسا، كېپىللەر كېپىللىك توختامىدا پۈتۈشكەن كېپىللىك ئۈلۈشى بويىچە، كېپىلىك مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. كېپىللىك ئۈلۈشى ئۈستىدە پۈتۈشمىگەن بولسا، كېپىللەر چاتما جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ، ھەقدار ھەرقانداق بىر كېپىلدىن بارلىق كېپىللىك مەسئۇلىيىتىنى ئۆز ئۈستىگە ېلىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. كېپىل بارلىق ھەقدارلىقنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا كېپىللىك قىلىش مەجبۇرىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. كېپىللىك جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالغان كېپىل قەرزنى قەرزداردىن تۆلىتىۋېلىشقا ياكى چاتما جاۋابكارلىقى ئۈستىگە ئالغان باشقا كېپىللەردىن ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك ئۈلۈشنى تۆلەشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

2 -پاراگراف كېپىللىك توختامى ۋە كېپىللىك ئۇسۇلى

13 -ماددا كېپىل بىلەن ھەقدار يازما شەكىلدە كېپىللىك توختامى تۈزۈشى لازىم.

14 -ماددا كېپىل بىلەن ھەقدار يەككە ئاساسىي توختام ئۈستىدە ئايرىم-ئايرىم كېپىللىك توختامى تۈزسە بولىدۇ، ئەڭ يۇقىرى ھەقدارلىق سوممىسى چېكىدە مۇئەييەن مەزگىل ئىچىدە ئۇدا يۈز بېرىدىغان پۇل قەرز ئېلىش توختامى ياكى مەلۇم تۈردىكى تاۋار ئالماشتۇرۇش توختامى ئۈستىدە كېڭىشىپ بىر كېپىللىك توختامى تۈزسىمۇ بولىدۇ.

15 -ماددا كېپىللىك توختامى تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى لازىم:

(1) كېپىللىك قىلىنىدىغان ئاساسلىق ھەقدارلىقنىڭ تۈرى، سوممىسى؛

(2) قەرزدارنىڭ قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش مۇددىتى؛

(3) كېپىللىك ئۇسۇلى؛

(4) كېپىللىك قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش دائىرىسى؛

(5) كېپىللىك مۇددىتى؛

(6) ئىككى تەرەپ پۈتۈشۈش زۆرۈر دەپ قارىغان باشقا ئىشلار.

كېپىللىك توختامىدا ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن مەزمۇنلار تولۇق ھازىرلانمىغان بولسا، تولۇقلاپ تۈزىتىشكە بولىدۇ.

16 - ماددا كېپىللىك ئۇسۇلى مۇنداق:

(1) ئادەتتىكى كېپىللىك؛

(2) چاتما جاۋابكارلىق كېپىللىكى.

17 -ماددا ئالاقىدار تەرەپ كېپىللىك توختامىدا قەرزدار قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغان ئھۋالدا،كېپىل كېپىللىك جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ دەپ پۈتۈشكەن بولسا، بۇ ئادەتتىكى كېپىلىلك بولىدۇ.

ئادەتتىكى كېپىللىكتىكى كېپىل ئاساسىي توختام ماجىراسى سوت قىلىنىش ياكى كېسىم قىلىنىشتىنبۇرۇن ھەمدە قەرزدارنىڭ مال-مۈلكى قانۇن بويىچە مەجبۇرىي ئىجرا قىلىنسىمۇ، قەرزدارلىق مەجبۇرىيىتىنى يەنىلا ئادا قىلغىلى بولمىغان ئەھۋالدا، ھەقدار ئالدىدا كېپىللىك جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشنى رەت قىلسا بولىدۇ.

تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، كېپىلنىڭ ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن ھوقۇقنى يۈرگۈزۈشىگە يول قويۇلمايدۇ:

(1) قەرزدار تۇرالغۇي جاينى ئۆزگەرتىۋىتىپ ھەقدارنىڭ ئۇنىڭدىن قەرزدارلىق مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشنى تەلەپ قىلىشىغا زور قىيىنچىلىق تۇغدۇرغان بولسا؛

(2) خەلق سوت مەھكىمىسى قەرزدارنىڭ ۋەيران بولغانلىق دېلوسىنى قوبۇل قىلىپ ئىجرا قىلىش تەرتىپىنى توختىتىپ قويغان بولسا؛

(3) كېپىل ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن ھوقۇقلىرىدىن يازما شەكىلدە ۋاز كەچكەن بولسا.

18 -ماددا ئالاقىدار تەرەپ كېپىللىك توختامىدا كېپىل بىلەن قەرزدار قەرز مەجبۇرىيىتىدە چاتما جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ دەپ پۈتۈشكەن بولسا، بۇ چاتما جاۋابكارلىق كېپىللىكى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

چاتما جاۋابكارلىق كېپىللىكىدىكى قەرزدار ئاساسىي توختامدا بەلگىلەنگەن قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش مۇددىتى توشۇپ كەتكۈچە قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغان بولسا، ھەقدار قەرزداردىن قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشنى تەلەپ قىلسىمۇ بولىدۇ، كېپىلدىن ئۆزىنىڭ كېپىللىك قىلغان دائىرىسى ئىچىدە كېپىللىك جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشنى تەلەپ قىلسىمۇ بولىدۇ.

19 -ماددا ئالاقىدار تەرەپ كېپىللىك قىلىش ئۇسۇلى ھەققىدە پۈتۈشمىگەن ياكى ئېنىق پۈتۈشمىگەن بولسا، چاتما جاۋابكارلىق كېپىللىكى بويىچە كېپىللىك جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

20 -ماددا ئادەتتىكى كېپىللىك ۋە چاتما جاۋابكارلىق كېپىللىكىدىكى كېپىل قەرزدارنىڭ ئاقلاش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بوىدۇ. قەرزدار قەرزدارلىقتىكى ئاقلاش ھوقۇقىدىن ۋاز كەچسىمۇ، كېپىل يەنىلا ئاقلاشقا ھوقۇقلۇق.

ئاقلاش ھوقۇقى - ھەقدار ھەقدارلىق ھوقۇقىنى يۈرگۈزگەندە، قەرزدارنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن سەۋەبلەرگە ئاساسەن، ھەقدارنىڭ ئۆزىنىڭ مۇراجىئەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزىشىگە قارشىلىق كۆرسىتىش ھوقۇقىنى كۆرسىتىدۇ.

3 -پاراگراف كېپىللىك جاۋابكارلىقى

21 -ماددا كېپىللىككە كاپالەتلىك قىلىش دائىرىسى ئاساسىي ھەقدارلىق ۋە ئۆسۈم، توختامغا خىلاپلىق قىلىش پۇلى، تۆلەمپۇلى ۋە ھەقدارلىقنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش راسخوتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كېپىللىىك توختامىدا ئايرىم پۈتۈشكەن بولسا، شۇ پۈتۈم بويىچە بولىدۇ.

ئالاقىدار تەرەپ كېپىللىككە كاپالەتلىك قىلىش دائىرىسى ئۈستىدە پۈتۈشمىگەن ياكى ئېنىق پۈتۈشمىگەن بولسا، كېپىل بارلىق قەرزدارلىق جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى لازىم.

22 -ماددا كېپىللىك مەزگىلىدە، ھەقدار ئاساسىي ھەقدارلىق ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە ئۈچىنچى كىشىگە ئۆتۈنۈپ بەرگەن بولسا، كېپىل ئەسلىدىكى كېپىللىككە كاپالەتلىك قىلىش دائىرىسىدە كېپىللىك جاۋابكارلىقىنى داۋاملىق ئۈستىگە ئالىدۇ. كېپىللىك توختامىدا ئايرىم پۈتۈشكەن بولسا، شۇ پۈتۈم بويىچە بولىدۇ.

23 -ماددا كېپىللىك مەزگىلىدە، ھەقدار قەرزدارنىڭ قەرزدارلىق مەجبۇرىيىتىنى باشقىلارغا ئۆتۈنۈپ بېرىشىگە يول قويۇشتا، كېپىلنىڭ يازما ماقۇللۇقىنى ئېلىشى لازىم، كېپىل ئۆزىىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ ئۆتۈنۈپ بېرىلگەن قەرزدارلىق ئالدىدا كېپىللىك جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ.

24 -ماددا ھەقدار بىلەن قەرزدار كېڭىشىپ ئاساسىي توختامنى ئۆزگەرتىشتە، كېپىلنىڭ يازما ماقۇللۇقىنى ئېلىشى لازىم، كېپىلنىڭ يازما ماقۇللۇقىنى ئالمىسا، كېپىل كېپىلىك جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ. كېپىلىك توختامىدا ئايرىم پۈتۈشكەن بولسا، شۇ پۈتۈم بويىچە بولىدۇ.

25 -ماددا ئادەتتىكى كېپىللىكتىكى كېپىل بىلەن قەرزدار كېپىللىك مۇددىتىنى پۈتۈشمىگەن بولسا، كېپىللىك مۇددىتى ئاساسىي قەرزدارلىق مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش مۇددىتى توشقان كۈندىن باشلاپ ئالتە ئاي بولىدۇ.

توختامدا پۈتۈشكەن كېپىللىك مۇددىتى ۋە ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن كېپىللىك مۇددىتى ئىچىدە، ھەقدار قەرزدار ئۈستىدىن ئەرز سۇنمىغان ياكى كېسىم قىلىشنى ئىلتىماس قىلمىغان بولسا، كېپىيلنىڭ كېپىللىك جاۋابكارلىقى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ؛ ھەقدار ئەرز سۇنغان ياكى كېسىم قىلىشنى ئىلتىماس قىلغانبولسا، كېپىللىك مەزگىلىگە دەۋا مۆھلىتىنى توختىتىپ قويۇش بەلگىلىمىسى تەتبىقلىنىدۇ.

26 -ماددا چاتما جاۋابكارلىق كېپىللىكىدىكى كېپىل بىلەن ھەقدار كېپىلىك مۇددىتىنى پۈتۈشمىگەن بولسا، ھەقدار ئاساسىي قەرزدارلىق مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش مۇددىتى توشقان كۈندىن باشلاپ ئالتە ئاي ئىچىدە كېپىلدىن كېپىللىك جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

توختامدا پۈتۈشكەن كېپىللىك مۇددىتى ۋە ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن كېپىللىك مۇددىتى ئىچىدە، ھەقدار كېپىلدىن كېپىللىك جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشنى تەلەپ قىلمىغان بولسا، كېپىلىك جاۋابكارلىقىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ.

27 -ماددا كېپىل مۇشۇ قانۇننىڭ 14-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن ئۇدا يۈز بەرگەن ھەقدارلىققا كېپىللىك قىلىپ، كېپىللىك مۇددىتى ھەققىدە پۈتۈشمىگەن بولسا،كېپىل ھەقدارغا كېپىللىك توختامىنى ئاخىرلاشتۇرۇش توغرىسىدا خالىغان ۋاقىتتا يازما ئۇقتۇرۇش قىلسا بولىدۇ، لېكىن كېپىل ھەقدارغا ئۇقتۇرۇش قىلىشتىن بۇرۇن يۈز بەرگەن ھەقدارلىق ئالدىدا كېپىللىك جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

28 -ماددا ئوخشاش بىر ھەقدالىققا ھەم كېپىللىك قىلىنغان، ھەم بۇيۇم بىلەن كېپىللىك قىلىنغان بولسا، كېپىل بويۇم بىلەن كېپىللىك قىلىنغاندىن باشقا ھەقدارلىق ئالدىدا كېپىللىك جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

ھەقدار بۇيۇم بىلەن قىلىنغان كېپىللىكتىن ۋاز كەچسە، كېپىل ھەقدارنىڭ ۋاز كەچكەن ھوقۇق دائىرىسىدە كېپىللىك جاۋابكارلىقىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ.

29 -ماددا قانۇنىي ئىگە تىپىدىكى كارخانىنىڭ تارماق ئاپپاراتلىرى قانۇنىي ئىگە يازما شەكىلدە بەرگەن ھوقۇققا ئىگە بولماي تۇرۇپ ياكى ئۇ بەرگەن ھوقۇق دائىرىسىدىن ھالقىپ ھەقدار بىلەن كېپىللىك توختامى تۈزگەن بولسا، بۇ توختام ئىناۋەتسىز بولىدۇ ياكى بېرىلگەن ھوقۇق دائىرىسىدىن ھالقىغان قىسمى ئىناۋەتسىز بولىدۇ، ھەقدار بىلەن قانۇنىي ئىگە تىپىدىكى كارخانىنىڭ سەۋەنلىكى بولسا، ئۇلارنىڭ ھەرقايسىسى شۇ ئۆتكۈزگەن سەۋەنلىكىگە مۇناسىپ ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى لازىم؛ ھەقدار سەۋەنلىك ئۆتكۈزمىگەن بولسا، قانۇنىي ئىگە تىپىدىكى كارخانا ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

30 -ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، كېپىل ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ:

(1) ئاساسىي توختامدىكى ئالاقىدار ئىككى تەرەپ تىل بىرىكتۈرۈپ كېپىلنى ئالداپ كېپىللىك بەرگۈزگەن بولسا؛

(2) ئاساسىي توختامدىكى ھەقدار ئالداش، تەھدىت سېلىش قاتارلىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، كېپىلنى ھەقىقىي مەقسىتىگە خىلاپ ھالدا كېپىللىك بېرىشكە مەجبۇر قىلغان بولسا.

31 -ماددا كېپىل كېپىللىك جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالغاندىن كېيىن، قەرزداردىن قەرزنى تۆلىتىۋېلىشقا ھوقۇقلۇق.

32 -ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى قەرزدارنىڭ ۋەيران بولغانلىق دېلوسىنى قوبۇل قىلىپ قاراپ چىققاندىن كېيىن، ھەقدار ھەقدارلىقىنى مەلۇم قىلمىغان بولسا، كېپىل ۋەيران بولغان مۈلۈكنى تەقسىملەشكە قاتنىشىپ، تۆلىتىۋېلىش ھوقۇقىنى ئالدىن يۈرگۈزسە بولىدۇ.

3 -باب رەنە

1 -پاراگراف رەنە ۋە رەنىگە قويۇلغان نەرسىلەر

33 -ماددا مۇشۇ قانۇندا ئېيتىلغان رەنە - قەرزدار ياكى ئۈچىنچى كىشى مۇشۇ قانۇننىڭ 34-ماددىسىدا كۆرسىتىلگەن مال-مۈلۈكنى ئىگىلەشنى يۆتكىۋەتمەي، بۇ مال-مۈلۈكنى ھەقدارلىقنىڭ كېپىلى قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. قەرزدار قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغاندا، ھەقدار مۇشۇقانۇندىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن بۇ مال-مۈلۈكنى باھاغا سۇندۇرۇش ياكى بۇ مال-مۈلۈكنى كىمئارتۇق سودىسى قىلىش ۋە سىتىۋېلىش يولى بىلەن كەلگەن مال پۇلىدىن ئالدىن تۆلەم ئېلىشقا ھوقۇقلۇق.

ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن قەرزدار ياكى ئۈچىنچى كىشى رەنىگە قويغۇچى، ھەقدار رەنىگە ئالغۇچى بولىدۇ، كېپىللىك ئۈچۈن بېرىلگەن مال-مۈلۈك رەنىگە قويۇلغان نەرسە بولىدۇ.

34 -ماددا تۆۋەندىكى مال-مۈلۈكنى رەنىگە قويۇشقا بولىدۇ:

(1) رەنىگە قويغۇچىنىڭ ئىگىدارلىقىدىكى ئۆي-جاي ۋە يەر ئۈستىدىكى باشقا مۇقىم مۈلۈكلەر؛

(2) رەنىگە قويغۇچىنىڭ ئىگىدارلىقىدىكى ماشىنا، قاتناش-ترانسىپورت ۋاسىتىلىرى ۋە باشقا مال-مۈلۈكلەر؛

(3) رەنىگە قويغۇچى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولغان دۆلەت ئىلكىدىكى يەرنى ئىشلىتىش ھوقۇقى، ئۆي-جاي ۋە ۇەر ئۈستىدىكى باشقا مۇقىم مۈلۈكلەر؛

(4) رەنىگە قويغۇچى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولغان دۆلەت ئىلكىدىكى ماشىنا، قاتناش-ترانسىپورت ۋاسىتىلىرى ۋە باشقا مال-مۈلۈكلەر؛

(5) رەنىگە قويغۇچى قانۇن بويىچە ھۆددىگە ئالغان ھەمدە ھۆددىگە بەرگۈچى تەرەپنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن، رەنىگە قويغان قاقاس تاغ، قاقاس جىلغا، قاقاس ئېدىر ۋە قاقاس ساھىل قاتارلىق قاقاس يەرلەرنى ئىشلىتىش ھوقۇقى؛

(6) قانۇن بويىچە رەنىگە قويۇشقا بولىدىغان باشقا مال-مۈلۈكلەر.

رەنىگە قويغۇچى ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن مال-مۈلۈكلەرنى بىراقلا رەنىگە قويسا بولىدۇ.

35 -ماددا رەنىگە قويغۇچى كېپىللىك قىلغان ھەقدارلىقنىڭ قىممىتى ئۆزى رەنىگە قويغان نەرسىلەرنىڭ قىممتىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى لازىم.

مال-مۈلۈك رەنىگە قويۇلغاندىن كېيىن، شۇ مال-مۈلۈكنىڭ قىممىتى كېپىللىك قىلغان ھەقدارلىقنىڭ قالغان قىسمىدىن ئېشىپ كەتسە،قايتا رەنىگە قويسا بولىدۇ. ئەمما ئۇنىڭ قالغان قىسىمىدىنئېشىپ كەتمەسلىكى لازىم.

36 -ماددا قانۇن بويىچە ئېرىشكەن دۆلەت ئىلكىدىكى يەر ئۈستىدىكى ئۆي-جاينى رەنىگە قويۇشتا، شۇ ئۆ-جاي ئىگىلىگەن دائىرىدىكى دۆلەت ئىلكىدىكى يەرگە بولغان ئىشلىتىش ھوقۇقىنىمۇ تەڭلا رەنىگە قويۇش كېرەك.

سېتىپ بېرىش يولى بىلەن ئېرىشكەن دۆلەت ئىلكىدىكى يەرنى ئىشلىتىش ھوقۇقىنى رەنىگە قويۇشتا، رەنىگە قويۇلغاندا شۇ دۆلەت ئىلكىدىكى يەر ئۈستىدىكى ئۆي-جاينىمۇ تەڭلا رەنىگە قويۇش لازىم.

يېزا (بازار)، كەنت كارخانىلىرىنىڭ يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ئايرىم رەنىگە قويۇشقا بولمايدۇ. يېزا (بازار)، كەنت كارخانىلىرىنىڭ زاۋۇت بىناسى قاتارلىق قۇرۇلۇشلىرىنى رەنىگە قويۇشتا، ئۇ ئىگىلىگەن دائىرىدىكى يەرنى ئىشلىتىش ھوقۇقىنىمۇ تەڭلا رەنىگە قويۇش كېرەك.

37 -ماددا تۆۋەندىكى مال-مۈلۈكنى رەنىگە قويۇشقا بولمايدۇ:

(1) يەرگە بولغان ئىگىدارلىق ھوقۇقى؛

(2) تېرىلغۇ يەر،ئۆي ئورنى، قالدۇرۇق يەر، قالدۇرۇق تاغ قاتارلىق كوللېكتىپ ئىگخدارلىقىدىكى يەرلەرنى ئىشلىتىش ھوقۇقى، لېكىن مۇشۇ قانۇننىڭ 34-ماددىسىنىڭ)  5 (تارماقچىسى، 36-ماددىسىنىڭ 3 -تارمىقىدا بەلگىلەنگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا؛

(3) مەكتەپ، بالىلار باغچىسى، دوختۇرخانا قاتارلىق پاراۋانلىقنى مەقسەت قىلغان كەسپىي ئورۇنلار، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ مائارىپ مۇئەسسەسەلىرى، داۋالاش-ساقلىقنى ساقلاش مۇئەسسەسەلىرى ۋە باشقا ئىجتىمائىي پاراۋانلىق مۇئەسسەسەلىرى؛

(4) ئىگىدارلىق ھوقۇقى، ئىشلىتىش ھوقۇقى ئېنىق بولمىغان ياكى تالاش-تارتىش بولۇۋاتقان مال-مۈلۈكلەر؛

(5) قانۇن بويىچە پېچەتلەنگەن، تۇتۇپ قېلىنغان، نازارەت ئاستىدا باشقۇرۇلۇۋاتقان مال-مۈلۈكلەر؛

(6) قانۇن بويىچە رەنىگە قويۇشقا يول قويۇلمايدىغان باشقا مال-مۈلۈكلەر.

2 - پاراگراف رەنە توختامى ۋە رەنىگە قويۇلغان نەرسىلەرنى تىزىملاش

38 -ماددا رەنىگە قويغۇچى بىلەن رەنىگە ئالغۇچى يازما شەكىلدە رەنە توختامى تۈزۈشى لازىم.

39 -ماددا رەنە توختامى تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

(1) كېپىللىك قىلىنىدىغان ئاساسىي ھەقدارلىقنىڭ تۈرى، سانى؛

(2) قەرزدارنىڭ قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش مۇددىتى؛

(3) رەنىگە قويۇلغان نەرسىلەرنىڭ نامى، سانى، سۈپىتى، ئەھۋالى، تۇرۇشلۇق جايى، ئىگىدارلىق ھوقۇقىنىڭ تەۋەلىكى ياكى ئىشلىتىش ھوقۇقىنىڭ تەۋەلىكى؛

(4) رەنە كېپىللىكىنىڭ دائىرىسى؛

(5) ئالاقىدار تەرەپ پۈتۈشۈش ۆرۈرىيىتى بار دەپ قارىغان باشقا ئىشلار.

رەنە توختامىدا ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن مەزمۇنلار تولۇق ھازىرلانمىغان بولسا، تولۇقلاشقا بولىدۇ.

40 -ماددا رەنە توختامىنى تۈزگەندە، رەنىگە ئالغۇچى بىلەن رەنىگە قويغۇچىنىڭ توختامدا قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشمۇددىتى توشۇپ رەنىگە ئالغۇچى قەرزنى تۆلىتىۋالمىغاندا رەنىگە قويۇلغان نەرسىنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقى ھەقدارنىڭ ئىگىدارلىقىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدۇ دەپ پۈتۈشۈشىگە يول قويۇلمايدۇ.

41 -ماددا ئالاقىدار تەرەپ مۇشۇ قانۇننىڭ 42-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن مال-مۈلۈكلىرىنى رەنىگە قويغان بولسا، رەنىگە قويۇلغان نەرسىلەرنى تىزىملىتىىشى لازىم، رەنە توختامى تىزىملىتىلغان كۈندىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولىدۇ.

42 -ماددا رەنىگە قويۇلغان نەرسىلەرنى تىزىملايدىغان تارماقلار تۆۋەندىكىچە:

(1) يەر ئۈستىدە مۇقىم مۈلۈكلەر بولمىغان يەرنى ئىشلىتىش ھوقۇقىنى رەنىگە قويۇشتا، يەرئىشلتىش ھوقۇقى گۇۋاھنامىسىنى تەكشۈرۈپ تارقاتقان يەر باشقۇرۇش تارماقلىرى تىزىملايدۇ؛

(2) شەھەر ئۆي-زېمىنى ياكى يېزا (بازار)، كەنت كارخانىلىرىنىڭ زاۋۇت بىنالىرى قاتارلىق ئىمارەتلەرنى رەنىگە قويۇشتا، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى بەلگىلىگەن تارماقلار تىزىملايدۇ؛

(3) ئورماننى رەنىگە قويۇشتا، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئورمان باشقۇرۇشقا مەسئۇل تارماقلار تىزىملايدۇ؛

(4) ئاۋىئاتسىيە ۋاسىتىلىرى، كېمە-پاراخوت، ماشىنىلارنى رەنىگە قيۇشتا، قاتناش ۋاسىتىلىرىنى تىزىملايدىغان تارماقلار تىزىملايدۇ؛

(5) كارخانا ئەسۋاب-ئۈسكۈنىلىرىنى ۋە باشقا كۆچمە مۈلۈكلەرنى رەنىگە قويۇشتا، مال-مۈلۈك تۇرۇشلۇق جايدىكى سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى تىزىملايدۇ.

43 -ماددا ئالاقىدار تەرەپلەر باشقا مال-مۈلكىنى رەنىگە قويۇشتا، رەنىگە قويۇلغان نەرسىلىرىنى تىزىملىتىش رەسمىيىتىنى ئىختىيارىي بېجىرسە بولىدۇ، رەنە توختامى ئىمزا قويۇلغان كۈندىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولىدۇ.

رەنىگە قويغان نەرسىلىرىنى تىزىملاتمىغان ئالاقىدار تەرەپنىڭ ئۈچىنچى كىشى بىلەن قارشىلىشىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئالاقىدار تەرەپ رەنىگە قويغان نەرسىلىرىنى تىزىملاتسا، رەنىگە قويغۇچى تۇرۇشلۇق جايدىكى ھۆكۈمەت گۋاھلىقى تارماقلىرى تىزىملاش ئورنى بولىدۇ.

44 -ماددا رەنىگە قويىدىغان نەرسىلەرنى تىزىملىتىشتا،تىزىملاش تارماقلىرىغا تۆۋەندىكى ھۆججەتلەرنى ياكى ئۇنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىنى تاپشۇرۇش لازىم:

(1) ئاساسىي توختام ۋە رەنە توختامى؛

(2) رەنىگە قويغان نەرسىلەرنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقى ياكى ئىشلىتىش ھوقۇقى گۇۋاھنامىسى.

45 -ماددا تىزىملاش تارماقلىرى تىزىملىغان ماتېرىياللارنى كۆرۈشكە، كۆچۈرۈۋېلىشقا ياكى كۆپەيتىۋېلىشقا رۇخسەت قىلىش كېرەك.

3 -پاراگراف رەنە ئۈنۈمى

46 -ماددا رەنە كېپىللىكىنىڭ دائىرىسى ئاساسىي ھەقدارلىق بىلەن ئۆسۈم، توختامغا خىلاپلىق قىلىش پۇلى، تۆلەم پۇل ۋە رەنە ھوقۇقىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش راسخوتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. رەنە توختامىدا ئايرىم پۈتۈشكەن بولسا، شۇ پۈتۈم بويىچە بولىدۇ.

47 -ماددا قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش مۇددىتى توشۇپ كەتكۈچە قەرزدار قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلماي، رەنىگ ەقويۇلغان نەرسىلەر خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن قانۇن بويىچە تۇتۇپ قېلىنغان بولسا، تۇتۇپ قېلىنغان كۈندىن باشلاپ، رەنە ئالغۇچى رەنىگە قويۇلغان نەرسىدىن ئايرىپ چىقىلغان تەبىئىي كۆپەيمە ئۆسۈم بىلەن رەنىگە قويغۇچى رەنىگە قويغان نەرسىدىن ئالسا بولىدىغان قانۇنلۇق كۆپەيمە ئۆسۈمىنى ئېلىشقا ھوقۇقلۇق. رەنىگە ئالغۇچى رەنىگە قويۇلغان نەرسىلەرنىڭ تۇتۇپ قېلىنغانلىقىدىن ئىبارەت پاكىتنى قانۇندا بەلگىلەنگەن كۆپەيمە ئۆسۈمنى تۆلەيدىغان مەجبۇرىيەتنى ئۆتىگۈچىگە ئۇقتۇرمىغان بولسا، رەنە ھوقۇقىنىڭ ئۈنۈمى شۇ كۆپەيمە ئۆسۈمگە يەتمەيدۇ.

ئالدىنقى تارماقتا ئېيتىلغان كۆپەيمە ئۆسۈمدىن ئالدى بىلەن كۆپەيمە ئۆسۈم يىغىش خىراجىتىنى تۇتۇپ قېلىش لازىم.

48 -ماددا رەنىگە قويغۇچى ئىجارىگە بەرگەن مال-مۈلكىنى رەنىگە قويغان بولسا، ئىجارىگە ئالغۇچىغا يازما ئۇقتۇرۇش قىلىشى لازىم، ئەسلىدىكى ئىجارە توختامى داۋاملىق كۈچكە ئىگە بولىدۇ.

49 - ماددا رەنە مەزگىلىدە، رەنىگە قويغۇچى تىزىملىتىپ بولغان رەنىگە قويغان نەرسىلىرىنى ئۆتۈنۈپ بەرگەن بولسا، رەنىگە ئالغۇچىغا ئۇقتۇرۇپ قويۇشى ھەمدە ئۆتۈنۈپ بېرىلگەن نەرسىنى قوبۇل قىلغۇچىغا شۇ نەرسىلەرنىڭ رەنىگە قويۇلغانلىقىنى ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك؛ رەنىگە قويغۇچى رەنىگە ئالغۇچىغا ئۇقتۇرمىغان ياكى ئۆتۈنۈلگەن نەرسىنى قوبۇل قىلغۇچىغا ئېيتمىغان بولسا، ئۆتۈنۈپ بېرىش ئىشى ئىناۋەتسىز بولىدۇ.

رەنىگە قويغان نەرسىنىڭ ئۆتۈنۈپ بېرىش پۇلى ئۇنىڭ قىممىتىدىن ئېنىق تۆۋەن بولۇپ قالغان بولسا، رەنىگە ئالغۇچى رەنىگە قويغۇچىدىن مۇناسىپ كېپىللىك بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ؛ رەنىگە قويغۇچى كېپىللىك بەرمىسە، رەنىگە قيۇلغان نەرسىلەرنى ئۆتۈنۈپ بېرىشكە بولمايدۇ.

رەنىگە قويغۇچى رەنىگە قويغان نەرسىلىرىنى ئۆتۈنۈپ بېرىپ تاپقان مال پۇلىنى رەنىگە ئالغۇچىغا كېپىللىك قىلغان قەرزنى ئالدىن تۆلەپ تۇرۇشى ياكى رەنىگە ئالغۇچى بىلەن پۈتۈشكەن ئۈچىنچى كىشىگە ساقلاتقۇزۇشى لازىم. قەرزدارلىق سوممىسىدىن ئېشىپ كەتكەن قىسمى رەنىگە قويغۇچىنىڭ ئىگىدارلىقىدا بولىدۇ، يەتمىگەن قىسىمىمى قەرزدار تۆلەيدۇ.

50 -ماددا رەنە ھوقۇقىنى ھەقدارلىقتىن ئايرىپ ئۆز ئالدىغا ئۆتۈنۈپ بېرىشكە ياكى باشقا ھەقدارلىقنىڭ كېپىللىكى قىلىشقا بولمايدۇ.

51 -ماددا تەنىگە قويغۇچىنىڭ قىلمىشى رەنىگە قويغان نەرسىنىڭ قىممىتىنى ئازايتىۋەتكەن بولسا، رەنىگە ئالغۇچى رەنىگە قويغۇچىنىڭ قىلمىشىنى توختىتىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق. رەنىگە قويغان نەرسىنىڭ قىممىتى چۈشۈپ كەتسە، رەنىگە ئالغۇچى رەنىگ ەقويغۇچىدىن رەنىگە قويغان ەنرسىنىڭ قىممىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلىشقا ياكى چۈشۈپ كەتكەن قىممەتكە تەڭ كېپىللىك بېرىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

رەنىگە قويغۇچىدا رەنىگە قويغان نەرسىلەرنىڭ قىممىتىنىڭ ئازىيىپ كېتىشىدە سەۋەنلىكى بولمىسا، رەنىگە ئالغۇچى پەقەت رەنىگە قويغۇچى زىيانغا ئۇچرىغانلىق سەۋەبىدىن ئېرىشكەن تۆلەم دائىرىسىدىلا كېپىللىك بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. رەنىگە قويغان نەرسىنىڭ قىممىتى ئازايمىغان قىسىمى يەنىلا ھەقدارلىقنىڭ كېپىللىكى بولىدۇ.

52 - ماددا رەنە ھوقۇقى ۋە ئۇنىڭغا كېپىللىك بولغان ھەقدارلىق تەڭلا مەۋجۇت بولىدۇ. ھەقدارلىق يوقالسا، رەنە ھوقۇقىمۇ يوقىلىدۇ.

4 -پاراگراف رەنە ھوقۇقىنىڭ ئەمەلىيلىشىشى

53 -ماددا قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش مۇددىتى توشۇپ كەتكۈچە رەنىگە ئالغۇچى قەرزنى تۆلىتىۋالمىغان بولسا، رەنىگە قويىغۇچى بىلەن كېلىشىپ، رەنىگە قويغان نەرسىنى باھاغا سۇندۇرۇش ياكى رەنىگە قويغان نەرسىنى كىمئارتۇق سودىسى قىلىش، سېتىۋېلىش ئارقىلىق تاپقان پۇلدىن تۆلەم ئالسا بولىدۇ؛ كېلىشەلمىسە، رەنىگە ئالغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنسا بولىدۇ.

رەنىگە قويغان نەرسە باھاغا سۇندۇرۇلغان ياكى كىمئارۇق سودىسى قىلىنغان، سېتىۋېلىتلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ پۇلى ھەقدارلىق سوممىسىدىدن ئېشىپ كەتسە، شۇ ئېشىپ كەتكەن قىسمى رەنىگە قويغۇچىنىڭ ئىگىدارلىقىدا بولىدۇ، يەتمىگەن قىسىمىنى قەرزدار تۆلەيدۇ.

54 -ماددا ئوخشاش بىر مۈلۈك ئىككىدىن ئارتۇق ھەقدارغا رەنىگە قويۇلغان بولسا، رەنىگە قويغان نەرسىنى كىمئارتۇق سودىسى قىلىش، سېتىۋېتىش ئارقىلىق تاپقان پۇل تۆۋەندىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن تۆلىنىدۇ:

(1) رەنە توختامىنىڭ تىزىملىتىش ئىشى كۈچكە ئىگە بولغان بولسا، رەنىگە قويغان نەرسىنى تىزىملاشنىڭ ئىلگىرى-كېيىنلىك رېتى بويىچە تۆلىنىدۇ؛ رېتى ئوخشاش بولۇپ قالسا، ھەقدارلىق نىسبىتى بويىچە تۆلىنىدۇ؛

(2) رەنە توختامى ئىمزا قويۇلغان كۈندىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولغا،م رەنىگە قويغان بۇ نەرسىلەر تىزىملىتىلغان بولسا، مۇشۇ ماددىنىڭ )1 ( تارماقچىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە تۆلىنىدۇ؛ تىزىملاتمىغان بولسا، توختام كۈچكە ئىگە بولغان ۋاقىتنىڭ ئىلگىرى-كېيىنلىك رېتىگە ئاساسەن تۆلىنىدۇ، رېتى ئوخشاش بولۇپ قالسا ھەقدارلىق نىسبىتىگە ئاساسەن تۆلىنىدۇ. رەنىگە قويغان نەرسىنى تىزىملاتقانلىرى تىزىملاتمىغانلىرىدىن بۇرۇن تۆلەم ئالىدۇ.

55 -ماددا شەھەر ئۆي-زېمىنىنى رەنىگە قويۇش توختامى ئىمزالانغاندىن كېيىن، يەر ئۈستىگە يېڭىدىن سېلىنغان ئىمارەتلەر رەنىگە قويغان نەرسىلەر قاتارىغا كىرمەيدۇ. رەنىگە قويغان شۇ ئۆي-زېمىننى كىمئارتۇق سودىسى قىلىشقا تەغرا كەلگەندە، قانۇن بويىچە شۇ يەر ئۈستىگە ېيڭىدىن سېلىغان ئىمارەتلەرنى رەنىگە قويغان نەرسىلەر بىلەن بىرلىكتە كىمئارتۇق سودىسى قىلىپ ساتسا بولىدۇ. لېكىن رەنىگە ئالغۇچىنىڭ يېڭىدىن سېلىنغان ئىمارەتلەرنى كىمئارتۇق سودىسى قىلىش ئارقىلىق تېپىلغان تاپاۋەتتىن ئالدىن تۆلەم ئېلىش ھوقۇقى بولمايدۇ.

ھۆددىگە ئالغان بوز يەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ياكى يېزا (بازار)، كەنت كارخانىلىرىنىڭ زاۋۇت بىنالىرى قاتارلىق قۇرۇلۇشلار ئىگىلىگەن دائىرە ئىچىدىكى يەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقىنى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن رەنىگە قويغانلارنىڭ رەنە ھوقۇقى ئەمەلىيلەشكەندىن كېيىن، قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپتىن ئۆتكۈزمەي تۇرۇپ يەرلەرنىڭ كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىنى ۋە يەرلەرنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنىنى ئۆزگەرتىشكە يول قويۇلمايدۇ.

56 -ماددا رەنىگە ئالغۇچى ئاجرىتىپ بېرىلگەن دۆلەت ئىلكىدىكى يەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقىنى كىمئارتۇق سودىسى قىلىش ئارقىلىق تېپىلغان پۇلدىن ئالدىن تۆلەم ئېلىش ھوقۇقىغا، تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك بولغان يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى سېتىپ بېرىش سوممىسىغا باراۋەر كەلگۈدەك پۇلنى قانۇن بويىچە تاپشۇرغاندىن كېيىن ئىگە بولىدۇ.

57 -ماددا قەرزدار ئۈچۈن رەنە كېپىلى بولغان ئۈچىنچى كىشى رەنىگە ئالغۇچىنىڭ رەنە ھوقۇقى ئەمەلىيلەشكەندىن كېيىن، قەرزداردىن قەرزنى تۆلىتىۋېلىشقا ھوقۇقلۇق.

58 -ماددا رەنە ھوقۇقى رەنىگە قويغان نەرسىنىڭ يوقىلىشى بىلەن تەڭ يوقىلىدۇ. يوقاپ كەتكەنلىك تۈپەيلىدىن تۆلىتىلگەن تۆلەم رەنىگە قويۇلغان مال-مۈلۈك قىلىنىشى لازىم.

5 - پاراگراف ئەڭ يۇقىرى نورمىدىكى رەنە

59 -ماددا مۇشۇ قانۇندا ئېيتىلغان ئەڭ يۇقىرى نورمىدىكى رەنە - رەنىگە قويغۇچى بىلەن رەنىگە ئالغۇچى كېڭىشىپ، ئەڭيۇقىرى ھەقدارلىق سوممىسى چېكىدە، رەنىگە قيغان مەلۇم مۇددەت ئىچىدە ئۇدا يۈز بېرىدىغان ھەقدارلىققا كېپىللىك قىلىشنى كۆرسىتىدۇ.

60 -ماددا پۇل قەرز توختامىغا ئەڭ يۇقىرى نورمىدىكى رەنە توختامىنى قوشۇمچە قىلىشقا بولىدۇ.

ھەقدار بىلەن قەرزدار بەلگىلىك مۇددەت ئىچىدە ئۇدا يۈز بېرىدىغان سودا مۇناسىۋىتى بىلەن مەلۇم تاۋار ھەققىدە تۈزگەن توختامغا ئەڭ يۇقىرى نورمىدىكى رەنە توختامىنى قوشۇمچە قىلسا بولىدۇ.

61 -ماددا ئەڭ يۇقىرى نورمىلىق رەنىدىكى ئاساسىي توختام ھەقدارلىقىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشكە بولمايدۇ.

62 -ماددا ئەڭ يۇقىرى نورمىدىكى رەنىگە مۇشۇ پاراگرافتىكى بەلگىلىمىلەر تەتبىقلانغاندىن باشقا، مۇشۇ بابتىكى باشقا بەلگىلىمىلەرمۇ تەتبىقلىنىدۇ.

4 -باب گۆرۈ

1 - پاراگراف كۆچمە مۈلۈك گۆرۈسى

63 -ماددا مۇشۇ قانۇندا ئېيتىلغان كۆچمە مۈلۈك گۆرۈسى _ قەرزدار ياكى ئۈچىنچى كىشى كۆچمە مۈلكىنى ھەقدارنى ڭئىگىدارلىقىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىپ، شۇ كۆچمە مۈلۈكنى ھەقدارلىقنىڭ كېپىللىكى قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. قەرزدار قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغاندا، ھەقدار مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، بۇ كۆچمە مۈلۈكنى باھاغا سۇندۇرۇش ياكى شۇ كۆچمە مۈلۈكنى كىمئارۇق سودىسى قىلىش، سېتىۋېتىش يولى بىلەن تاپقان كۆچمە مۈلۈك پۇلىدىن ئالدىن تۆلەم ئېلىشقا ھوقۇقلۇق.

ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن قەرزدار ياكى ئۈچىنچى كىشى گۆرۈگە بەگۈچى بولىدۇ، ھەقدار گۆرۈگە ئالغۇچى بولىدۇ. ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن كۆچمە مۈلۈك گۆرۈگە قويۇلغان نەرسە بولىدۇ.

64 -ماددا گۆرۈگە بەرگۈچى بىلەن گۆرۈگە ئالغۇچى يازما شەكىلدىكى گۆرۈ توختامىنى تۈزۈشى لازىم. گۆرۈ توختامى گۆرۈگە قويۇلغان نەرسىلەر رەنىگە ئالغۇچىنىڭ ئىگىدارلىقىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەندىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولىدۇ.

65 -ماددا گۆرۈ توختامى تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

(1) كېپىللىك قىلىنغان ئاساسىي ھەقدارلىقنىڭ تۈرى، سانى؛

(2) قەرزدارنىڭ قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش مۇددىتى؛

(3) گۆرۈگە قويۇلغان نەرسىنىڭ نامى، سانى، سۈپىتى، ئەھۋالى؛

(4) گۆرۈ كېپىللىكىنىڭ دائىرىسى؛

(5) گۆرۈگە قويۇلغان نەرسە ئۆتكۈزپۈ بېرىلگەن ۋاقىت؛

(6) ئالاقىدار تەرەپلەر پۈتۈشۈپ قويۇشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان باشقا ئىشلار.

گۆرۈ توختامىدا ئالدىنقى تارماقلاردا بەلگىلەنگەن مەزمۇنلار تولۇق ھازىرلانمىغان بولسا تولۇقلاشقا بولىدۇ.

66 -ماددا گۆرۈگە بەرگۈچى بىلەن گۆرۈگە ئالغۇچىنىڭ توختامدا قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش مۇددىتى توشۇپ، گۆرۈگە ئالغۇچى تۆلەمنى ئالمىغاندا، گۆرۈگە قويۇلغان نەرسىنىڭ ئىگىدارلىقى گۆرۈگە ئالغۇچىنىڭ ئىگىدارلىقىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدۇ دەپ پۈتۈشۈشىگە يول قويۇلمايدۇ.

67 -ماددا گۆرۈ كېپىللىكىنىڭ دائىرىسى ئاساسىي ھەقدارلىق بىلەن ئۆسۈمى، توختامغا خىلاپلىق قىلىش پۇلى، تۆەلم پۇلى، گۆرۈگە قويۇلغان نەرسىلەرنى ساقلاش خىراجىتى ۋە گۆرۈ ھوقۇقىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش راسخوتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. گۆرۈ توختامىدا ئايرىم پۈتۈشكەن بولسا، شۇ پۈتۈم بويىچە بولىدۇ.

68 -ماددا گۆرۈگە ئالغۇچى گۆرۈگە قويۇلغان نەرسىدىن ھاسىل بولغانكۆپەيمە ئۆسۈمنى ئېلىشقا ھوقۇقلۇق. گۆرۈ توختامىدا ئايرىم پۈتۈشكەن بولسا، شۇ پۈتۈمبويىچە بولىدۇ.

ئالدىنقى تارماقتا ئېيتىلغان كۆپەيمە ئۆسۈمدىن ئالدى بىلەن كۆپەيمە ئۆسۈم يىغىش خىراجىتى تۆلىنىشى لازىم.

69 -ماددا گۆرۈگە ئالغۇچىنىڭ گۆرۈگە قويۇلغان نەرسىلەرنى ئوبدان ساقلاش مەجبۇرىيىتى بولىدۇ. ساقلاش ياخشى بولماسلىق تۈپەيلىدىن گۆرۈگە قويۇلغان نەرسىلەر يوقاپ كەتسە ياكى بۇزۇلۇپ كەتسە، گۆرۈگە ئالغۇچى ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

گۆرۈگە ئالغۇچىنىڭ گۆرۈگە قويۇلغان نەرسىلەرنى ئوبدان ساقلىيالماي، يوقىتىپ قويۇش ياكى بۇزۇپ قويۇش ئېھتىمالى بولسا، گۆرۈگە بەرگۈچى گۆرۈگە ئالغۇچىدىن گۆرۈگە قويۇلغان نەرسىلەرنى تۇتۇپ قېلىپ ئامانەتكە قويۇشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ ياكى قەرزنى مۇددەتتىن بۇرۇن تۆلەپ گۆرۈگە قويۇلغان نەرسىلىرىنى قايتۇرۇۋېلىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.

70 -ماددا گۆرۈگە قيۇلغان نەرسىنىڭ بۇزۇلۇش ياكى قىممىتى روشەن تۆۋەنلەپ كېتىش ئېھتىمالى بولۇپ، گۆرۈگە ئالغۇچىنىڭ ھوقۇقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان بولسا، گۆرۈگە ئالغۇچى گۆرۈگە قويۇغۇچىدىن مۇناسىپ كېپىللىك بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. گۆرۈگە بەرگۈچى كېپىللىك بەرمىسە گۆرۈگە ئالغۇچى گۆرۈگە قويۇلغان نەرسىلەرنى كىمئارۇق سودىسىغا سالسا ياكى سېتىۋەتسە بولىدۇ ھەمدە گۆرۈگە بەرگۈچى بىلەن كېڭىشىپ كىمئارتۇق سودىسى قىلىش ياكى سېتىۋېتىش ئارقىلىق تاپقان پۇلنى كېپىللىك قىلغانقەرزنى مۇددەتتىن بۇرۇن تۆلەشكە ئىشلەتسە ياكى گۆرۈگە بەرگۈچى بىلەن پۈتۈشكەن ئۈچىچنى كىشىگە ئامانەتكە بەرسە بولىدۇ.

71 -ماددا قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش مۇددىتى توشۇپ، قەرزدار قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلغان بولسا ياكى گۆرۈگە بەرگۈچى كېپىللىك قىلغان ھەقدارلىقنىڭ قەرزىنى مۇددەتتىن بۇرۇن تۆلىگەن بولسا، گۆرۈگە ئالغۇچى گۆرۈگە قويۇلغان نەرسىلەرنى قايتۇرۇپ بېرىشى لازىم.

قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش مۇددىتى توشۇپ، گۆرۈگە ئالغۇچى تۆلەم ئالمىغان بولسا، گۆرۈگە بەرگۈچى بىلەن كېڭىشىپ گۆرۈگە قويۇلغان نەرسىنى باھاغا سۇندۇرسىمۇ بولىدۇ ياكى ئۇنى قانۇن بويىچە كىمئارۇق سودىسىغا سالسىمۇ، سېتىۋەتسىمۇ بولىدۇ.

گۆرۈگە قويۇلغان نەرسە باھاغا سۇندۇرۇلغان ياكى كىمئارتۇق سودىسى قىلىنغان، سېتىۋېتىلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ مال پۇلىنىڭ ھەقدارلىق سوممىسىدىن ئېشىپ كەتكەن كىسىمى گۆرۈگە بەگۈچىنى ئىگخدارلىقىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدۇ، يەتمىگەن قىسىمىنى قەرزدار تۆلەيدۇ.

72 -ماددا قەرزدار ئۈچۈن گۆرۈپ كېپىلى بولغان ئۈچىنچى كىشى گۆرۈگە ئالغۇچىنىڭ گۆرۈ ھوقۇقى ئەمەلىيلەشكەندىن كېيىن، قەرزداردىن قەرزنى سۈرۈشتۈرۈپ تۆلىتىۋېلىشقا ھوقۇقلۇق.

73 -ماددا گۆرۈ ھوقۇقى گۆرۈگە قويۇلغان نەرسىنىڭ يوقىلىشى بىلەن يوقايدۇ. يوقاپ كېتىش سەۋەبىدىن ئىگە بولغان تۆلەم سوممىسى گۆرۈگە قويۇلغان مۈلۈك قىلىنىشى لازىم.

74 -ماددا گۆرۈ ھوقۇقى بىلەن ئۇ كېپىللىك قىلغان ھەقدارلىق تەڭلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، ھەقدارلىق يوقالسا، گۆرۈ ھوقۇقىمۇ يوقىلىدۇ.

2 -پاراگراف ھوقۇق گۆرۈسى

75 -ماددا تۆۋەندىكى ھوقۇقلارنى گۆرۈگە قويۇشقا بولىدۇ:

(1) پىرېۋوت چېكى، پۇل چېكى، خاس چەك، زايوم، ئامانەت پۇل چېكى، ئامبار تالونى، مال ئېلىش تالونى؛

(2) قانۇن بويىچە ئۆتۈنۈشكە بولىدىغان پاي، پاي چېكى؛

(3) قانۇن بويىچە ئۆتۈنۈشكە بولىدىغان خاس تاۋار ماركىسى ھوقۇقى، پاتېنت ھوقۇقىدىكى ۋە ئەسەر ھوقۇقىدىكى مال-مۈلۈك ھوقۇقى؛

(4) قانۇن بويىچە گۆرۈگە قويۇشقا بولىدىغان باشقا ھوقۇقلار.

76 -ماددا پىرېۋوت چېكى، پۇل چېكى، خاس چەك، زايوم، ئامانەت پۇل چېكى، ئامبار تالونى، مال ئېلىش تالونى قاتارلىقلارنى گۆرۈگە قويغانلار توختامدا پۈتۈشكەن مۇددەت ئىچىدە ھوقۇق دوكومېنتلىرىنى گۆرۈگە ئالغۇچىغا تاپشۇرۇشى كېرەك. گۆرۈ توختامى ھوقۇق دېكومېنتلىرى تاپشۇرۇلغان كۈندىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولىدۇ.

77 -ماددا نەقلەشتۈرۈش ياكى مال ئېلىش ۋاقتى ئوچۇق يېزىلغان پىرېۋوت چېكى، پۇل چېكى، خاس چەك، زايوم، ئامانەت پۇل چېكى، ئامبار تالونى، مال ئېلىش تالونى قاتارلىقلارنى گۆرۈگە قويۇشتا پىرېۋوت چېكى، پۇل چېكى، خاس چەك، زايوم، ئامانەت پۇل چېكى، ئامبار تالونى، مال ئېلىش تالونىنىڭ نەقلەشتۈرۈش ياكى مال ئېلىش ۋاقتى قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش مۇددىتىدىن بۇرۇن بولسا، گۆرۈگە ئالغۇچى قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش مۇددىتى توشۇشتىن بۇرۇن نەقلەشتۈرسە ياكى مالنى ئالسا بولىدۇ ھەمدە گۆرۈگە بەرگۈچى بىلەن كېڭىشىپ نەقلەشتۈراگەن مال پۇلىنى ياكى ئالغان مالنى كېپىللىك قىلغان ھەقدارلىق قەرزنى مۇددەتىن بۇرۇن تۆلەشكە ئىشلەتسىمۇ ياكى گۆرۈگە بەرگۈچى بىلەن پۈتۈشكەن ئۈچىنچى كىشىگە ئامانەت قويسىمۇ بولىدۇ.

78 -ماددا قانۇن بويىچە ئۆتۈنۈپ بېرىشكە بولىدىغان پاي چېكىنى گۆرۈگە قويۇشتا، گۆرۈگە قويۇشتا، گۆرۈگە قويغۇچى بىلەن گۆرۈگە ئالغۇچى يازما توختام تۈزۈشى ھەمدە ئاكسىيە تىزىملاش ئاپپاراتلىرىغا گۆرۈگە قويۇشنى تىزىملىتىشى لازىم. گۆرۈ توختامى تىزىملىتىلغان كۈندىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولىدۇ.

پاي چېكى گۆرۈگە قويۇلغاندىن كېيىن، ئۇنى ئۆتۈنۈپ بېرىشكە بولمايدۇ، لېكىن گۆرۈگە بەرگۈچى بىلەن گۆرۈگە ئالغۇچى كېڭىشىپ قوشۇلغان بولسا ئۆتۈنۈپ بېرىشكە بولىدۇ. گۆرۈگە بەرگۈچى پاي چېكىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش ئارقىلىق تاپقان مال پۇلىنى گۆرۈگە ئالغۇچىغا كېپىللىك قىلغان ھەقدارلىق قەرزنى مۇددەتتىن بۇرۇن تۆلىشى ياكى گۆرۈگە ئالغۇچى بىلەن پۈتۈشكەن ئۈچىنچى كىشىگە ئامانەت قويۇشى لازىم.

چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركتىنىڭ پاي چېكىنى گۆرۈگە قويۇشتا، شىركەت قانۇنىدىكى پاي چېكىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش توغرىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەر تەتبىقلىنىدۇ. گۆرۈ توختامى پاينىڭ گۆرۈگە قويۇلغانلىقى پاي چېكىنىڭ رويخەتكە ئېلىنغان كۈندىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولىدۇ.

79 -ماددا قانۇن بويىچە ئۆتۈنۈشكە بولىدىغان خاس تاۋار ماركىسى ھوقۇقىنى، پاتېنت ھوقۇقىدىكى، ئەسەر ھوقۇقىدىكى مال-مۈلۈكنى گۆرۈگە قويۇشتا، گۆرۈگە بەرگۈچى بىلەن گۆرۈگە ئالغۇچى يازما توختام تۈزۈشى ھەمدە باشقۇرغۇچى تارماقلارغا گۆرۈگە قويۇشنى تىزىملىتىشى لازىم. گۆرۈ توختامى تىزىملىتىلغان كۈندىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولىدۇ.

80 -ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 79-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ھوقۇقلار گۆرۈگە قويۇلغاندىن كېيىن، گۆرۈلۆە بەرلۆۈچىنىڭ ئ،تۈنۈپ بېرىشىلۆە ياكى باشقىلارنىڭ ئىشلىتىشىلۆە رۇۆسەت قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ، لېكىن لۆ،رۈلۆە بەرلۆۈچى بىلەن لۆ،رۈلۆە ئالغۇچى كېڭىشىپ قوشۇلغاندىن كېيىن ئۇنى ئۆتۈنۈپ بەرسە ياكى باشقىلارنىڭ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلسا بولىدۇ. گۆرۈگە بەرگۈچى تاپقان ئۆتۈنۈپ بېرىش ھەققىنى، ئىجازەت ھەققىنى گۆرۈگە ئالغۇچىغا كېپىللىك قىلغان ھەقدارلىق قەرزىنى مۇددەتتىن بۇرۇن تۆلىشى ياكى گۆرۈگە ئالغۇچى بىلەن پۈتۈشكەن ئۈچىنچى كىشىگە ئامانەت قويۇشى كېرەك.

81 -ماددا ھوقۇقنى گۆرۈگە قويۇشقا مۇشۇ پاراگرافتىكى بەلگىلىمىلەر تەتبىقلانغاندىن سىرت، يەنە مۇشۇ بابنىڭ 1-پاراگرافىدىكى بەلگىلىمىلەر تەتبىقلىنىدۇ.

5 -باب ئەپقېلىش

82 -ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان ئەپقېلىش - مۇشۇ قانۇننىڭ 84-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ھەقدار توختامدىكى پۈتۈم بويىچە قەرزدارنىڭ كۆچمە مۈلكىنى ئىگخلىشىنى، قەرزدار توختامدا پۈتۈشكەن مۇددەت ئىچىدە قەرزدارلىق مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىسا، ھەقدار مۇشۇقانۇندىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن شۇ مۈلۈكنى ئەپقېلىشقا شۇ مۈلۈكنى ئەپقېلىشقا، شۇ مال-مۈلۈكنى باھاغا سۇندۇرۇشقا ياكى ئۇنى كىمئارتۇق سودىسى قىلىش، سېتىۋېتىش ئارقىلىق تاپقان مال پۇلىدىن ئالدىن تۆلەم ئېلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

83 -ماددا ئەپقېلىش كېپىللىكىنىڭ دائىرىسى ئاساسىي ھەقدارلىق ۋە ئۆسۈم، توختامغا خىلاپلىق قىلىش پۇلى، تۆەلمپۇلى، ئەپقالغان نەرسىلەرنى ساقلاش خىراجىتى ۋە ئەپقېلىش ھوقۇقىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش راسخوتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

84 -ماددا ساقلاش توختامى، ترانسىپورت توختامى، پىششىقلاپ ئىشلەشنى ھۆددىگە ئېلىش توختاملىرىغا بارلىققا كەلگەن ھەقدارلىقتا، قەرزدار قەرزدارلىق مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىسا، ھەقدار ئەپقېلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولىدۇ.

قانۇندا ئەپقېلىشقا بولىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن باشقا توختاملارغا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمىلەر تەتبىقلىنىدۇ.

ئالاقىدار تەرەپلەر توختامدا ئەپقېلىشقا بولمايدىغان نەرسىلەر ھەققىدە پۈتۈشسە بولىدۇ.

85 -ماددا ئەپقالغان مۈلۈك بۆلگىلى بولىدىغان نەرسە بولسا، ئەپقالغان نەرسىنىڭ قىممىتى قەرز سوممىسىغا باراۋەر بولۇشى كېرەك.

86 -ماددا ئەپقالغۇچىدا ئەپقالغاننەرسىلەرنى ئوبدان ساقلاش مەجبۇرىيىتى بولىدۇ. ياخشى ساقلىيالمىغانلىق تۈپەيلىدىن ئەپقالغان نەرسىلەر يوقاپ كەتكەن ياكى بۇزۇلۇپ كەتكەن بولسا، ئەپقالغۇچى ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى لازىم.

87 -ماددا ھەقدار بىلەن قەرزدار توختامدا ھەقدار مال-مۈلۈكنى ئەپقالغاندىن كېيىن، قەرزدار ئىككى ئايدىن ئاز بولمىغان مۇددەت ئىچىدە قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىدۇ دەپ پۈتۈشۈشى كېرەك. ھەقدار بىلەن قەرزدار توختامدا بۇنى پۈتۈشمىگەن بولسا، ھەقدار قەرزدارنىڭ مال-مۈلكىنى ئەپقالغاندىن كېيىن، ئىككى ئايدىن كۆپرەك مۇددەت بەلگىلەپ، قەرزدارغا شۇ مۇددەت ئىچىدە قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشىنى ئۇقتۇرۇش لازىم.

قەرزدار مۇددەت توشقىچە يەنىلا قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىسا، ھەقدار قەرزدار بىلەنكېڭىشىپ، ئەپقالغان نەرسىلەرنى باھاغا سۇندۇرسىمۇ، ئەپقالغان نەرسىلەرنى قانۇن بويىچە كىمئارتۇق سودىسى قىلسىمۇ، سېتىۋەتسىمۇ بولىدۇ.

ئەپقالغان نەرسىلەرنى باھاغا سۇندۇرغان ياكى كىمئارتۇق سودىسىغا سالغان، سېتىۋەتكەندىدن كېيىن، ئۇنىڭ مال پۇلىنىڭ ھەقدارلىق سوممىسىدىن ئېشىپ كەتكەن قىسىمى قەرزدارنىڭ ئىگىدارلىقىغا قايتۇرۇپ بېرىلىدۇ، يەتمىگەن قىسىمىنى قەرزدار تۆلەيدۇ.

88 -ماددا ئەپقېلىش ھوقۇقى تۆۋەندىكى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن يوقايدۇ:

(1) ھەقدارلىق يوقالسا؛

(2) قەرزدار باشقىدىن كېپىللىك بەرسە ھەمدە ئۇنى ھەقدار قوبۇل قىلغان بولسا.

6 -باب زاكالەت

89 -ماددا ئالاقىدار تەرەپلەر بىر تەرەپ قارشى تەرەپكە زاكالەت تۆلەپ، ئۇنى ھەقدارلىقنىڭ كېپىللىكى قىلىدۇ دەپ پۈتۈشسە بولىدۇ. قەرزدار قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئاداقىلغاندىن كېيىن، زاكالەت مال پۇلى قىلىنىدۇ ياكى قايتۇرۇۋېلىنىدۇ. زاكالەت تۆلىگەن بىر تەرەپ پۈتۈشۈكەن قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغان بولسا، زاكالەتنى قايتۇرۇۋېلىشنى تەلەپ قىلىش ھوقۇقى بولمايدۇ؛ زاكالەتنى قوبۇل قىلغان بىر تەرەپ پۈتۈشكەن قەرز مەجبۇرىيتىىنى ئادا قىلمىغان بولسا، زاكالەتنى قوشلاپ قايتۇرۇشى كېرەك.

90 - ماددا زاكالەت ھەققىدىكى پۈتۈم يازما شەكىلدە بولۇشى لازىم. ئالاقىدار تەرەپلەر زاكالەت توختامىدا زاكالەتنى تاپشۇرۇش مۇددىتىنى پۈتۈشۈشى لازىم. زاكالەت توختامى زاكالەتنى ئەمەلىيەتكە تاپشۇرغان كۈندىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولىدۇ.

91 - ماددا زاكالەت سوممىسىنى ئالاقىدار تەرەپلەر پۈتۈشىدۇ، لېكىن ئۇنىڭ سوممىسى ئاساسىي توختام نىشانىدىكى سوممىنىڭ 20 پىرسەنتىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى لازىم.

7 - باب قوشۇمچە پرىنسىپ

92 - ماددا مۇشۇ قانۇندا ئېيتىلغان كۆچمەس مۈلۈك-يەر ۋە ئۆي-جاي، ئورمان قاتارلىق يەر ئۈستىدىكى مۇقىم مۈلۈكنى كۆرسىتىدۇ.

مۇشۇ قانۇندا ئېيتىلغان كۆچمە مۈلۈك-كۆچمەس مۈلۈكتىن باشقا مۈلۈكلەرنى كۆرسىتىدۇ.

93 - ماددا مۇشۇ قانۇندا ئېيتىلغان كېپىللىك توختامى، رەنە توختامى، گۆرۈ توختامى، زاكالەت توختامى ئايرىم تۈزسە بولىدىغان يازما توختام بولۇپ، ئالاقىدار تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدىكى كېپىللىك خاراكتېرىگە ئىگە بولغان خەت-چەك، فاكس قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

94  - ماددا رەنىگە قويۇلغان نەرسىلەرنى، گۆرۈگە قويۇلغان نەرسىلەرنى ۋە ئەپقالغان نەرسىلەرنى باھاغا سۇندۇرۇشتا ياكى سېتىۋېتىشتە، بازار باھاسىدىن پايدىلىنىش لازىم.

95 - ماددا دېڭىز سودىسى قانۇنى قاتارلىق قانۇنلاردا كېپىللىككە ئالاھىدە بەلگىلىمە بەلگىلەنگەن بولسا، شۇ بەلگىلىمىلەر بويىچە بولىدۇ.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#