كۆيۈك

بۇ كېسەللىك، كۆيدۈرگۈچى ئامىللار كۆيدۈرۈشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان ئېغىر-يەڭگىللىكىگە قاراپ ئۈچ دەرىجىگە بۆلۈنىدۇ. بىرىنچى دەرىجىلىك كۆيۈكتە تېرە قىزىرىپ ئىششىش؛ ئىككىنچى دەرىجىلىك كۆيۈكتە، تېرىدە سۇلۇق قاپارتما پەيدا بولۇش، بۇ ئىككىسىدە قاتتىق ئاغرىش؛ ئۈچىنچى دەرىجىلىك كۆيۈكتە، تېرە زەخىملىنىشى ئېغىر، ئەمما ئاغرىش سېزىمى يەڭگىل بولۇش ئالامىتى بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىكتۇر. 

غەرب تېبابىتى نامى كۆيۈك
كېسەللىك سەۋەبى كۆيدۈرگۈچى ئامىللار
تەۋە بۆلۈم شەكىل تۈزەش تاشقى بۆلۈمى
كېسەللىك ئورنى تېرە
ئاساسلىق ئالامىتى تېرە قىزىرىپ ئىششىش،سۇلۇق قاپارتما پەيدا بولۇش
خەنزۇچە نامى 烧伤
يۇقۇملىنىشى يۇقمايدۇ
ئىنگلىزچە نامى burn

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

كۆيۈكسەۋەبى: بۇ كېسەللىك، كۆيدۈرگۈچى ئامىللار (ئوت، قىزىق ياغ، قايناق سۇ، كۈن نۇرى، توك، چاقماق، خىمىيەۋى ماددىلار) كۆيدۈرۈشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

ئالامىتى: ئېغىر-يەڭگىللىكىگە قاراپ ئۈچ دەرىجىگە بۆلۈنىدۇ. بىرىنچى دەرىجىلىك كۆيۈكتە تېرە قىزىرىپ ئىششىش؛ ئىككىنچى دەرىجىلىك كۆيۈكتە، تېرىدە سۇلۇق قاپارتما پەيدا بولۇش، بۇ ئىككىسىدە قاتتىق ئاغرىش؛ ئۈچىنچى دەرىجىلىك كۆيۈكتە، تېرە زەخىملىنىشى ئېغىر، ئەمما ئاغرىش سېزىمى يەڭگىل بولۇش ئالامىتى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

1-رېتسېپ

تەركىبى: قۇرۇتۇلغان ھەمىشىباھار يوپۇرمىقى 50 گىرام، زەيتۇن يېغى مۇۋاپىق مىقداردا.

تەييارلاش ئۇسۇلى: ھەمىشىباھار يوپۇرمىقىنى يۇمشاق سوقۇپ، گۈل يېغى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ مەلھەم تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە 2 ~ 3 قېتىم كۆيگەن ئورۇنغا چېپىلىدۇ.

2-رېتسېپ

تەركىبى: ئاق لەيلىگۈلنىڭ گۈلى 30 گىرام، توخۇ يېغى مۇۋاپىق مىقداردا.

تەييارلاش ئۇسۇلى: ئاق لەيلىگۈلنى يۇمشاق ئېزىپ، توخۇ يېغى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ مەلھەم تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە 2 ~ 3 قېتىم يەرلىك ئورۇنغا چېپىلىدۇ.

3-رېتسېپ

تەركىبى: قۇرۇتۇلغان ئاچچىق ئانار يىلتىزى 50 گىرام، ھەسەل مۇۋاپىق مىقداردا.

تەييارلاش ئۇسۇلى: ئانار يىلتىزىنى يۇمشاق سوقۇپ، ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ مەلھەم تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە 3 ~ 4 قېتىم يەرلىك ئورۇنغا چېپىلىدۇ.

باشقائۇسۇللار

كۆيۈكماتېرىيالى: سۈتلۈك چوكا مۇز 3 دانە  ،6 ۋاراق گۈرۈچ قەغىزى 云米纸 تۇخۇم ئېقى 3 دانە، قۇرۇق كىراخمال 50 گىرام، ياغ يېتەرلىك .

تەييارلاش ئۇسۇلى : 

1. تۇخۇم ئېقىغا قۇرۇق كىراخمال قوشۇپ ئارىلاشتۇرۇپ ئۇماچ قىلىسىز .

2. گۈرۈچ قەغىزىنى 8 سانتا چوڭلۇقتا چاسا قىلىپ توغرىۋالىسىز  .

3. قازانغا ماي قۇيۇپ قىزدۇرۇپ تەييارلاپ قويۇسىز.

4. چوكا مۇزنى تېزلىك بىلەن چاسا قىلىپ توغراپ، گۈرۈچ قەغىزىگە ئوراپ، تۇخۇم ئېقى ئومىچىغا چىلاپ دەرھال قىزىق مايغا سېلىپ سىرتىنى قاتۇرۇپ تەخسىگە ئالىسىز .

5. ئۇنى ئىچىدىكى «  شىپايى مۇز-مۇز»  ئېرىپ بولغىچە دەرھال كۆيۈك ئوتىدا ئىڭراپ ياتقان بىمارنىڭ ئاغزىغا سالىسىز .

ئالاھىدىلىكى :  تېشى قىزىق ئىچى مۇزدەك بولۇپ ھەرقانداق كۆيۈككە مەنپەئەت قىلىدۇ. يۈرەكتىكى ئوتنى دەرھال باسىدۇ .   بۇنى داۋاملىق ئىستېمال قىلىپ بەرسە بىر ئۆمۈر ھېچكىم ئۇنى كۆيدۈرەلمەيدۇ! [1]

كۆيۈك يارىسىنى يەرلىك ئۇسۇلدا داۋالاش

ئوت ياكى قايناقسۇدا كۆيۈپ قالغان كۆيۈك يارىسىنى داۋالاشتا: بىر نەچچە تال سازاڭنى شېكەر قويۇلغان تەخسە ئۈستىگە قويۇپ بەرسە، سازاڭنىڭ ئۇياق-بۇياققا مېڭىشى بىلەن تەخسىدىكى شېكەر سۇيۇقلۇققا ئايلىنىدۇ، بۇ سۇيۇقلۇقنى كۆيۈك يارىسىغا بىر قانچە قېتىم سۈركىسە يارا تېزلا ساقىيىدۇ.

تېرە تاسادىپىي كۆيۈپ قېلىپ قاپارتقۇ ئۆرلىگەندە دەرھال ئاق ئۇن بىلەن شىلىم ئېتىپ، سوۋۇغاندىن كېيىن جاراھەتكە سۈرتسە بولىدۇ. تاڭمىسىمۇ ئاغرىق دەرھال توختايدۇ. بۇ ئۇسۇلدا بىر قانچە كۈن ئىچىدە قاپارتمىلار ئۆزلۈكىدىن يېنىپ، تېرە تەدرىجىي ئەسلىگە كېلىدۇ.

كۆيگەن جايغا دەرھال خام كالا سۈتىنى ئۈستى-ئۈستىگە سۈرۈپ بەرسە، 7-8 قېتىم سۈركىگەندىن كېيىنلا قىزىپ ئاغرىش توختايدۇ ھەم ھېچقانداق سۇلۇق قاپارتما پەيدا بولمايلا ساقىيىپ كېتىدۇ. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

1.

ئاشپەز تورىدىن ئېلىندى 

http://www.axpaz.cn/bbs/thread-209-1-1.html

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

ئاشپەز تورىدىن ئېلىندى

http://www.axpaz.cn/bbs/thread-209-1-1.html

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#