ھېرتس

ئېلېكتر ماگنىت دولقۇنىنى گېرمانىيەلىك فىزىك ھېرتس (1857-1894) بايقىغان. 1868-يىلى فىزىكا پىرى ماكسىۋېل ئېلېكتر ماگنىت دولقۇنىنىڭ مەۋجۇتلۇقى توغرىسىدا نەزەرىيە جەھەتتىن بېشارەت بەرگەندىن كېيىن، ئالىملار بۇ بېشارەتنىڭ توغرا-خاتالىقىنى تەجرىبىلەر ئارقىلىق ئىسپاتلاش ئۈچۈن، تىرىشىپ ئىزدەنگەن.

ئۇيغۇرچە ئىسمى ھېرتس
باشقا نامى Heinrich Rudolf Hertz،赫兹
تۇغۇلغان ۋاقتى 1857-يىلى
كەسپى فىزىك
خەنزۇچە ئىسمى 海因里希·鲁道夫·赫兹
دۆلەت تەۋەلىكى گېرمانىيە
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1894-يىلى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ھېرتسدۇنيادا ئېلېكتر ماگنىت دولقۇنى بولمىغىنىدا، سىمسىز تېلېگراف بولمىغان بولاتتى، بۈگۈنكى رادىئو-تېلېۋىزىيىمۇ بولمىغان بولاتتى، ئېلېكتر ماگنىت دولقۇنىنى گېرمانىيە لىك فىزىك ھېرتس (1857 -1894) بايقىغان. 1868-يىلى فىزىكا پىرى ماكسىۋېل ئېلېكتر ماگنىت دولقۇنىنىڭ مەۋجۇتلۇقى توغرىسىدا نەزەرىيە جەھەتتىن بېشارەت بەرگەندىن كېيىن، ئالىملار بۇ بېشارەتنىڭ توغرا-خاتالىقىنى تەجرىبىلەر ئارقىلىق ئىسپاتلاش ئۈچۈن، تىرىشىپ ئىزدەنگەن. 1886-يىلى 10-ئايدا، ھېرتس ئېلېكتر كاتۇشكىسىدىن پايدىلىنىپ ئۇچقۇنلۇق زەرەت قويۇپ بېرىش تەجرىبىسى ئىشلەپ، زەرەت قويۇپ بېرىش كاتۇشكىسىغا يېقىن جايدىكى يەنە بىر ئىزولياتسىيىلەنگەن ئوچۇق كاتۇشكىدا ئۇچقۇن پەيدا بولغانلىقىنى توساتتىن بايقىغان. ھېرتس بۇ جەھەتتىكى تەتقىقاتىنى پىلانلىق ھالدا ئىنتايىن سەزگۈرلۈك بىلەن ئېلىپ بارغان. 1888-يىلىغىچە بولغان بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىچىدە، ئۇ كۆپ قېتىم تەجرىبە ئىشلىگەن؛ ئۆتكۈزگۈچنىڭ شەكلى، چوڭ-كىچىكلىكى، ۋاسىتىچى ماددا، زەرەت قويۇپ بەرگۈچى كاتۇشكا بىلەن ئىندۇكسىيە كاتۇشكىسى ئوتتۇرىسىدىكى ئارىلىق. . . قاتارلىقلارنى تەكرار-تەكرار ئۆزگەرتىپ، ئاخىرى، ئېلېكتر ماگنىت دولقۇنىنىڭ ھەقىقەتەن مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى دەلىللىگەن ۋە ئۇنىڭ خۇسۇسىيىتىنى بايقىغان.

ھېرتس ئىنسانلار 20 نەچچە يىل كۈتكەن ئېلېكتر ماگنىت دولقۇنى ئاخىر ھېرتسنىڭ قولىدا ئۇچقۇن پەيدا قىلغان. ئەينى چاغدا، ھېرتس بۇ بايقاشنىڭ ئىنسانلارنىڭ ئېلېكتر ماگنىت دولقۇنى بايلىقىنى ئېچىش ۋە پايدىلىنىش يېڭى دەۋرىنى ياراتقانلىقىنى ھېس قىلمىغان.

كېيىن، ھېرتس يەنە بىر قاتار تەجرىبىلەرنى ئىشلىگەن. ئۇ ئۇلترا بىنەپشە نۇرنىڭ ئۇچقۇنلۇق زەرەت قويۇپ بېرىشكە بولغان تەسىرىنى تەتقىق قىلىپ، فوتو ئېلېكتر ئېففېكتى، يەنى ماددىلارنىڭ نۇر تەسىرىدە ئېلېكترون قويۇپ بېرىش ھادىسىسىنى بايقىغان. بۇ بايقاش ئېينىشتېين نىڭ فوتون نەزەرىيىسىنى بەرپا قىلىشىدا تەجرىبە ئاساسى بولۇپ قالغان. ھېرتس يەنە تەجرىبە ئارقىلىق ئېلېكتر ماگنىت دولقۇنىنىڭ توغرا دولقۇن ئىكەنلىكىنى، تۈز سىزىق بويىچە تارقىلىدىغانلىقى، ئۇنىڭ قايتىشى، سۇنۇشى ۋە ئېغىشى قاتارلىق ئوپتىك خۇسۇسىيەتلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن ۋە ئىككى يۈرۈش ئېلېكتر ماگنىت دولقۇنىنىڭ ئىنتېرفېرېنسىيەسىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ماكسۋېلنىڭ ئېلېكتر ماگنىت نەزەرىيىسىنىڭ توغرىلىقىنى تولۇق دەلىللەپ، ماكسۋېل تەڭلىمىسىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۇنى تېخىمۇ كۆركەم، ماس ھالەتكە كەلتۈرۈپ، ماكسۋېل تەڭلىمىسىنىڭ ھازىرقى زامان شەكلىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. 

ھېرتس ئىنسانلار مەدەنىيىتى ئۈچۈن ئىنتايىن زور تۆھپىلەرنى قوشقان، ئىنسانلار ئۇنىڭدىن تېخىمۇ زور ئۈمىدلەرنى كۈتۈۋاتقىنىدا، 1894-يىلى يېڭى يىلدا زەھەرلىنىش سەۋەبىدىن ۋاپات بولغان، بۇ چاغدا ئۇ 36 ياش ئىدى. فىزىك پلانك ھېرتسنى خاتىرىلەش نۇتقىدا، ئالەم بىلەن بالدۇر ۋىدالاشقان فىزىكنى «ئىلىم-پەن داھىيلىرىمىزنىڭ بىرى ئىدى» دېگەن. ئۇنىڭ تۆھپىلىرىنى تەقدىرلەش ئۈچۈن، تۈرلۈك دولقۇنلارنىڭ چاستوتا بىرلىكىگە «ھېرتس» دېگەن نام بېرىلگەن. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

خەتكۈچلەر:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#